جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى

 

     (1994 – يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2006 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 – يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 – ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ مالىيە – ئىقتىساد تەرتىپىنى ساقلاش، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلدى. 2 – ماددا دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىد ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قۇرۇلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارماقلىرىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە كارخانا – كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمى شۇنىڭدەك مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدىغان باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەپتىش نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مالىيە كىرىم – چىقىمىنىڭ چىن، قانۇنلۇق ۋە ئۈنۈملۈك بولغان – بولمىغانلىقىنى قانۇن بويىچە تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 3 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى ۋە تەرتىپ بويىچە تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە باھالاپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە ئىقتىسادىي تەپتىش قارارى چىقىرىدۇ. 4 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ھەر يىلى دوكلات قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى زۆرۈر تاپقاندا ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتى ھەققىدە قارار چىقارسا بولىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. 5 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، باشقا مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. 6 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئىشلىرىدا ئادىل، راستچىل، پاك – دىيانەتلىك بولۇشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى كېرەك. 2 – باب ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرى 7 – ماددا گوۋۇيۈەندە ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى قۇرۇلىدۇ، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. باش مۇپەتتىش ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىدۇر. 8 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىدە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 9 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. 10 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىك باشقۇرۇش دائىرىسىدە ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرسا بولىدۇ. ۋاكالەت ئاپپاراتى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەيدۇ. 11 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كېتىدىغان خىراجەت مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلۈشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 12 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرى ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە لايىق كەسپىي بىلىمىگە ۋە كەسپىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. 13 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىدىن ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئىشلىرىنى بېجىرىشتە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئىشلىرىنى بېجىرىشتە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ياكى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك. 14 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتىنى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار. 15 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى قانۇن قوغدايدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشىغا، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىدىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى قانۇندا بەلەىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى مەسئۇللىرىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ئەھۋالى ياكى ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە توشمايدىغان باشقا ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىرىنى خالىغانچە قالدۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى، بىر دەرىجە يۇقىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك. 3 – باب ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتى 16 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك تارماقلار (جۈملىدىن بىۋاسىتە قاراشلىق ئورانلار) تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە نەق چوتى شۇنىڭدەك باشقا مالىيە كىرىم – چىقىم ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 17 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەز خام چويىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىغا دوكلات قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شۇ دەرىجىلىك خام چوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ، نەتىجىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا دوكلات قىلىدۇ. 18 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى مەركىزىي بانكىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ مۈلكى، قەرزى، پايدا – زىيان ئەھۋالىنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 19 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى دۆلەتنىڭ كەسپىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىدىغان باشقا كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 20 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلكى، قەرزى، پايدا – زىيان ئەھۋالىنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 21 – ماددا دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول قىلىدىغان ياكى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىشنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 22 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ۋە ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئاساس قىلىنغان قۇرۇلۇش خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە نەق چوتىنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 23 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ھۆكۈمەت تارماقلىرى باشقۇرغان ۋە باشقا ئورۇنلار ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باشقۇرىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى، ئىجتىمائىي ئىئانە – ھەدىيە مەبلىغى ۋە باشقا ئالاقىدار فوند، مەبلەغنىڭ كىرىم – چىقىمىنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 24 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ياردەم بەرگەن، قەرز پۇل بەرگەن تۈرلەرنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 25 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي نازارەتچىلىكى قىلىش ئوبيېكتىغا كىرىدىغان باشقا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە، شۇ رايون، شۇ تارماق ياكى شۇ ئورۇننىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمى ۋە ئالاقىدار ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردىكى ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق ئەھۋالىنى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 26 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشلاردىن سىرت باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەپتىش قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلارنى مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىدۇ. 27 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئالاقىدار مۇئەييەن ئىشلارنى ئالاقىدار جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارغا بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوكلات قىلىدۇ. 28 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىقتىسادىي باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ مالىيە تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ياكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىگە قاراپ بېكىتىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئارا تالاش – تارتىشتا قالغان ئىقتىسادىي تەپتىش باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۇلارغا بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى بېكىتىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18 ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىن 25 – ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەنلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا ھوقۇق بەرسە بولىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى تەپتىش قىلىنىدىغان چوڭ – چوڭ ئىشلارنى بىۋاسىتە تەپتىش قىلسا بولىدۇ، لېكىن زۆرۈر بولمىغان تەكرار تەپتىش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 29 – ماددا قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەپتىش نازارەتچىلىكى ئوبيېكتى ھېسابلىنىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىچكى ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ئۇلار ئىچكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكى ۋە نازارەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىشى كېرەك. 30 – ماددا جەمئىيەتتىكى ئقتىسادىي تەپتىش ئاپپاراتى تەپتىش قىلىدىغان ئورۇن قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەپتىش نازارەتچىلىكى ئوبيېكتى ھېسابلانسا، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، جەمئىيەتتىكى شۇ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. 4 – باب ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى 31 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇنلاردىن خام چوت ياكى مالىيە كىرىم – چىقىم پىلانى، خام چوتىنىڭ ئىجراسى، نەق چوت، مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتى، كومپيۇتېردا ساقلانغان، بىر تەرەپ قىلىنغان مالىيە كىرىم – چىقىمىنىڭ ئېلىكترونلۇق سانلىق مەلۇماتى ۋە كومپيۇتېر تېخنىكا ئارخىپى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا ئىسچوت ئېچىش ئەھۋالى، جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئاپپاراتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى، شۇنىڭدەك مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئالاقىدار باشقا ماتېرىياللارنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېرىشنى تەلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق،ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن رەت قىلماسلىقى، ئارقىغا سۆرىمەسلىكى، يالغان مەلۇم قىلماسلىقى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئۆز ئورنىنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنىڭ چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكىگە مەسئۇل بولىدۇ. 32 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتى، مالىيە كىرىم – چىقىمىنىڭ ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتىنى كومپيۇتېردا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى شۇنىڭدەك مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئائىت باشقا ماتېرىيال ۋە مۈلۈكنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن رەت قىلسا بولمايدۇ. 33 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىش قىلغاندا تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشلارغا ئائىت مەسىلىلەرنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئېنىقلاشقا ھەمدە ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ خىزمىتىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىكى ئىسچوتىنى ئېنىقلاشقا ھوقۇقلۇق. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى شەخسنىڭ نامىدا ئامانەت قويغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتقا ئېرىشسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا شەخسىي نامىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. 34 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىش قىلغاندا، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇنلارنىڭ بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتى شۇنىڭدەك مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئائىت باشقا ماتېرىياللارنى يۆتكىۋېتىشىگە، يوشۇرۇپ قويۇشىغا، ئۆزگەرتىۋېتىشىگە، يوقىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېرىشكەن مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىشىگە ۋە يۇشۇرۇپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىقتىسادىي قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشىنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن مۈلۈكنى پېچەتلەشكە ھوقۇقلۇق؛ بۇنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ئامانەت قويغان پۇلىنى توڭلىتىشقا توغرا كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن سادىر قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشىنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق؛ توسقىلى بولمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، مالىيە تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ،الىيە دۆلەتنىڭ كىرىم – چىقىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان پۇلنى بېرىشنى توختىتىپ تۇرۇشنى، ئاجرىتىپ بېرىلگەنلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ تۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. ئىقتىسادىي ئورگىنى ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەدبىرلەرنى قوللىنىشتا، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ قانۇنلۇق كەسپىي پائالىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ. 35 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ئىجرا قىلىنغۇچى ئورۇن ئىجرا قىلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئائىت بەلگىلىمىسىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا زىت دەپ قارىسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا تۈزەتمىسە، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورگانغا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك. 36 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىش نەتىجىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى خەۋەرلەندۈرسە ياكى جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىش نەتىجىسىنى خەۋەر قىلىش ياكى ئېلان قىلىشتا، دۆلەت مەخپىيىتىنى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ سودا مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. 37 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىش نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مەمۇرىي تەپتىش، مالىيە، باج، تاموژنا، باھا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 5 – باب ئىقتىسادىي تەپتىش تەرتىپى 38 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىش تۈرى پىلانىدا تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشلارغا قاراپ ئىقتىسادىي تەپتىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىشى ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي تەپتىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىپ بىۋاسىتە تەپتىش قىلسا بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىشى ھەمدە زۆرۈر خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 39 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرى بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە – بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشلارغا دائىر ھۆججەت، ماتېرىياللارنى كۆرۈش، نەق پۇل، ماددىي بۇيۇم، ئاكسىيە قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئەھۋال ئىگىلەشكە ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىدۇ ھەمدە ئىسپات ماتېرىيالى ئالىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە، ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. 40 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش گۇرۇپپىسى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشلارنى تەپتىش قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا تەپتىش دوكلاتى يوللىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەپتىش دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا يوللاشتىن بۇرۇن، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئىقتىسادىي تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە، يازما پىكرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش گرۇپپىسىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش گۇرۇپپىسى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچىنىڭ يازما پىكرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا بىللە يوللىشى كېرەك. 41 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تەپتىش قىلىش دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەپتىش دوكلاتى ھەققىدىكى پىكرىنى بىللە مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەپتىش دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە جازالاشقا تېگىشلىكلىرى ھەققىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە ئىقتىسادىي تەپتىش قارارى چىقىرىدۇ ياكى ئالاقىدار مەسئۇل ئورگانغا بىر تەرەپ قىلىش، جازالاش پىكرى بېرىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئۆزىنىڭ تەپتىش دوكلاتى ۋە قارارىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قارارىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىغۇچى ئورۇن ۋە ئالاقىدار مەسئۇل ئورگانغا، ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. تەپتىش قارارى يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 42 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەپتىش قارارىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ دەپ قارىسا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى بىۋاسىتە قارار قىلسىمۇ بولىدۇ. 6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى 43 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئقتىسادىي تەپتىش قىلىنىدىغان ئىشقا ئائىت ماتېرىياللارنى بەرمىگەن ياكى بېرىشنى ئارقىغا سۆرىگەن ياكى بەرگەن ماتېرىيالى چىن، مۇكەممەل بولمىغان ۋە ياكى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان، توسقانلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلسا، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرسە بولىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 44 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتى شۇنىڭدەك مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئائىت باشقا ماتېرىياللارنى يۆتكىۋەتسە، يوشۇرۇپ قويسا، ئۆزگەرتىۋەتسە، يوق قىلىۋەتسە ياكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېرىشىۋالغان مۈلكىنى يۆتكىۋەتسە، يوشۇرۇپ قويسا، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈش تەكلىپى بېرىشى كېرەك، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە نەتىجىسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 45 – ماددا شۇ دەرىجىلىك تاماقلار (جۈملىدىن بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار) ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردە خام چوتقا خىلاپ قىلمىشتىن ياكى دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار كۆرۈلگەندە، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى، خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، تۆۋەندىكى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ: (1) تاپشۇرىدىغان پۇلنى سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇش؛ (2) ئىگىلىۋالغان دۆلەت مۈلكىنى سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇش؛ (3) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇش؛ (4) دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇش؛ (5) باشقا بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى. 46 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇندا دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلگەندە، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى، خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە جازا بەرسە بولىدۇ. 47 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە چىقارغان تەپتىش قارارىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ئىقرا قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇننى تاپشۇرىدىغان پۇلنى تاپشۇرۇشقا قانۇن بويىچە بۇيرۇغاندا، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن تاپشۇرمىسا، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق پۇلنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلەىلىمە بويىچە تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇشى ياكى باشقا بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە نەتىجىسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 48 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇنلاردىن ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئائىت ئىقتىسادىي تەپتىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇنلاردىن ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ مالىيە كىرىم – چىقىمىغا ئائىر ئىقتىسادىي تەپتىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە كېسىم قىلىشنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئاخىرقى قارار بولىدۇ. 49 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن مالىيە كىرىم – چىقىمىدا دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسىگە خىلاپلىق قىلغاندا، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈش كېرەك، دەپ قارىسا، چارە كۆرۈش تەكلىپى بېرىشى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇن ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە نەتىجىسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 50 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلنغۇچى ئورۇنلاردىن مالىيە كىرىم – چىقىمىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 51 – ماددا ئۆچ ئېلىپ ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلغانلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 52 – ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان ياكى بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتىنى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 53 – باب جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە دائىر بەلگىلىمىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ. 54 – ماددا بۇ قانۇن 1995 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1988 – يىل 11 – ئاينىڭ 30 كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ. "

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 222 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01