جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى

 
 
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى> غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ
 
دىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەسىينى ئالماشتۇرۇۋېلىش لازىم. 14 - ماددا ئۆگەي ئاتا ياكى ئۆگەي ئانا ئۆگەي بالىنى ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بېقىۋالسا بولىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 4 - ماددا 3 - تارماقچىسى، 5 - ماددا 3 - تارماقچىسى، 6 - ماددىسىدىكى چەكلىمىگە ۋە بېقىۋېلىنغۇچى 14 ياشقا توشمىغان بولۇش ھەم بىرلا بالا بېقىۋېلىش دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. 15 - ماددا بېقىۋېلىشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملىتىش لازىم. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى تىزىمغا ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلىدۇ. ئۆز ئاتا - ئانىسى تېپىلمىغان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە بالىنى بېقىۋېلىشتا، تىزىملىغۇچى خەلق ئىشلىرى تارمىقى تىزىملاشتىن بۇرۇن ئېلان چىقىرىشى كېرەك. بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى بېقىۋېلىش كېلىشىمى تۈزۈشنى خالىسا، بېقىۋېلىش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ. بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى ياكى ئۇلاردىن بىرى بېقىۋېلىشنى قانۇنىي گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، گۇۋاھلىق رەسمىيىتى بېجىرىلىشى كېرەك. 16 - ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسزلىكى تارمىقى بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ نوپۇس رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك. 17 - ماددا يېتىم بالىنى ياكى ئۆز ئاتا - ئانىسى باقالمىغان بالىنى ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرى، دوستلىرى باقسا بولىدۇ. باققۇچى بىلەن بېقىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىگە باقسا بولىدۇ. 18 - ماددا جورىلەردىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەندە، يەنە بىرى قۇرامىغا يەتمىگەن بالسىنى باقتۇرماقچى بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئالدى بىلەن بېقىش ھوقۇقىغا ئىگە. 19 - ماددا باقتۇرغۇچى بالسىنى بېقىۋېلىشقا بېرۋېتىشنى باھانە قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا يەنە پەرزەنت كۆرسە بولمايدۇ. 20 - ماددا بالىلارنى ئېلىپ سېتىش ياكى بېقىۋېلىش نامى بىلەن ئېلىپ سېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 21 - ماددا چەت ئەللىكلەر مۇشۇ قانۇن بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بالا بېقىۋالسا بولىدۇ. چەت ئەللىكەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بالا بېقىۋالماقچى بولسا، ئۆز دۆلىتىدىكى مەسئۇل ئورگانغا شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە تەكشۈرتۈشى لازىم. بېقىۋالغۇچى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى بەرگەن بېقىۋالغۇچىنىڭ يېشى، نىكاھلىنىشى، كەسپى، مال - مۈلكى، سالامەتلىكى، جىنايى جازاغا تارتىلغان - تارتىلمىغانلىقىغا دائىر ئىسپات ماتېرياللارنى كۆرسىتىشى، بۇ ئىسپات ماتېرىياللار شۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئورگىنى ياكى دىپلوماتىيە ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇشى كېرەك. بېقىۋالغۇچى باقتۇرغۇچى بىلەن يازما كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بىۋاستە تىزىملىتىشى كېرەك. بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى ياكى ئۇلاردىن بىرى بېقىۋېلىشنى قانۇنىي گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن تاشقى گۇۋاھلىق بېجىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا بېرىپ بېقىۋېلىش ئىشىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. 22 - ماددا بېقىۋالغۇچى ۋە باقتۇرغۇچى بېقىۋېلىش مەخپىيىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلسا، باشقىلار ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. 3 - باب بېقىۋېلىشنىڭ قانۇن كۈچى 23 - ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان كۈندىن باشلاپ، بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق - مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى قانۇندىكى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنت مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ؛ بېقىۋېلىنغان پەرزەنت بىلەن بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق - مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى قانۇندىكى پەرزەنت بىلەن ئاتا - ئانىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسى، ھەمدە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق - مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن ئۈزۈلىدۇ. 24 - ماددا بېقىۋېلىنغان پەرزەنت بېقىۋالغان ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار بىردەك كېلىشىپ، ئەسلىي فامىلىسنى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدۇ.
 
نىڭ 55 - ماددىسىغا ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بېقىۋېلىش ھەرىكىتى باشلانغان ۋاقىتتىن تارتىپلا قانۇن كۈچكە ئىگە ئەمەس. 4 - باب بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى 26 - ماددا بېقىۋېلىنغۇچى قۇرامىغا يەتمىگۈچە، بېقىۋالغۇچىنىڭ بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. لېكىن بېقىۋالغۇچى بىلەن باقتۇرغۇچىنىڭ كېلىشىم بىلەن بىكار قىلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بېقىۋېلىنغان پەرزەنت 10 ياشتىن ئاشقاندا ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم. بېقىۋالغۇچى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، خورلاش، تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزسە، باقتۇرغۇچى بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باقتۇرغۇچى بېقىۋالغۇچى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 27 - ماددا بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانا بىلەن قۇرامىغا يەتكەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلىشىپ، بىللە ئۆتۈشكە ئامالسىز قالسا، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى كېلىشىم بىلەن بىكار قىلسا بولىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 28 - ماددا ئالاقىدارلار بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بېرىپ بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى تىزىملىتىشى لازىم. 29 - ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنلا، بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ بېقىۋالغان ئاتا - ئانىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق - مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ، ئۆز ئاتا - ئانىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق - مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، بىراق مۇرامىغا يەتكەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت بىلەن ئۆز ئاتا - ئانىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - كەلتۈرمەسلىك كېڭىشىپ بېكىتىلسە بولىدۇ. 30 - ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانا باققان قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەر ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، تۇرمۇش مەنبەسىمۇ بولمىغان بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانىسىغا تۇرمۇش خىراجىتى بېرىشى كېرەك. بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانىسىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغان بولسا، بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانا بېقىۋېلىنغان پەرزەنتتىن بېقىۋېلىش مەزگىلىدە چىقىم قىلغان تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيىلەش خىراجىتىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۆز ئاتا - ئانىسى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىسلا، بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانا بالىنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسىدىن بېقىۋېلىش مەزگىلىدە چىقىم قىلغان تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيىلەش خىراجىتىنى مۇۋاپىق تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بىراق، بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئابا بېقىۋالغان پەرزەنتنى خورلاش، تاشلىۋېتىش تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغىنى بۇنىڭ سىرتىدا. 5 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى 31 - ماددا بالىلارنى بېقىۋېلىش نامى بىلەن ئالداپ ساتقانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بوۋاقلارنى تاشلىۋەتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئۆز پەرزەنتىنى ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنىايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 6 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ 32 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇندىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. 33 - ماددا گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. 34 - ماددا بۇ قانۇن 1992 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. "
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 218 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01