جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى

 

   (1995 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 -كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - يىغىنىداماقۇللانغان، 2002 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 - يىغىنىنىڭ <>جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتوغرىسىدىكى قارارى> غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 1- باب ئومۇمىي پرىنسپى

 1 - ماددا بۇقانۇن سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سۇغۇرتا پائالىيىتىئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەتقىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدەچىقىرىلدى.

 2 - ماددا بۇقانۇندا ئېيتىلغان سۇغۇرتا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدىكى پۈتۈن بويىچە سۇغۇرتىچىغاسۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغان، سۇغۇرتىچى توختامدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار، دەپپۈتۈشكەن ھادىسە تۈپەيلىدىن مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغاندا، سۇغۇرتا تۆلەمجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ياكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، زەخمىلىنىپمېيىپ بولغاندا، كېسەل بولۇپ قالغاندا ۋە ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ياشقا كەلگەندە،مۆھلەت توشقاندا سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان سوداسۇغۇرتا ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

 3 - ماددا بۇقانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

 4 - مادداسۇغۇرتا پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىيئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، ئىختىيارىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش شەرت.

 

 5 - مادداسۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتاسەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

 6 - ماددا سوداسۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان سۇغۇرتاشىركەتلىرى بولۇشى شەرت. باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سودا سۇغۇرتا كەسپى بىلەنشۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 7 - ماددا جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن چېگرائىچىدە سۇغۇرتىلىتىدىغانلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى سۇغۇرتاشىركەتلىرىگە سۇغۇرتىلىتىشى كېرەك.

 8 - مادداسۇغۇرتا شىركەتلىرى كەسپىي ئىشلاردا ئادىل رىقابەتلىشىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى،ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك.

 9 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەتقىلىپ باشقۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. 2 - باب سۇغۇرتا توختامى 1 -پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

 10 - مادداسۇغۇرتا توختامى - سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھوقۇق - مەجبۇرىيەتمۇناسىۋىتىنى پۈتۈشكەن كېلىشىمدۇر. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتاتوختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا توختامى بويىچەسۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىچىسۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكىبېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.

 11 - مادداسۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، ئادىل بولۇش، ئۆز ئارامەنپەئەت يەتكۈزۈش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈزۈشپرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. قانۇن،مەمۇرىي نىزاملاردا سۇغۇرتىلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،سۇغۇرتا شىركىتى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ باشقىلارنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكەمەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 12 - مادداسۇغۇرتا نىشانىدا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا مەنپەئىتى بولۇشى لازىم. سۇغۇرتانىشانىدا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا مەنپەئىتى بولمىسا، سۇغۇرتا توختامى كۈچكەئىگە بولمايدۇ. سۇغۇرتا مەنپەئىتى - سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىدىكى قانۇنجەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنغان مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتا نىشانى سۇغۇرتا ئوبيېكتىقىلىنغان مال - مۈلۈك ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەنپەئەت ياكى ئادەمنىڭ ئۆمرى ۋەتېنىنى كۆرسىتىدۇ.

 13 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچىسۇغۇرتىلىشنى تەلەپ قىلىپ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلغان ھەمدە توختامماددىلىرى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندا سۇغۇرتا توختامى ۋوجۇدقا كېلىدۇ.سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتلىرىنىۋاقتىدا بېرىشى ھەمدە سۇغۇرتا تالونى ۋە باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتلىرىغا ئالاقىدارئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن توختام مەزمۇنىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك. سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەنسۇغۇرتىچى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا يازماكېلىشىم ئارقىلىق سۇغۇرتا توختامى تۈزسىمۇ بولىدۇ.

 14 - مادداسۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققىتاپشۇرىدۇ؛ سۇغۇرتىچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ.

15 - ماددا بۇ قانۇندا ئايرىمبەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى ياكى سۇغۇرتا توختامىدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقائالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا توختامىنىبىكار قىلسا بولىدۇ.

 16 - ماددا بۇقانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى ياكى سۇغۇرتا توختامىدا ئايرىمپۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن،سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 17 - مادداسۇغۇرتا تۈزۈشتە سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلارنىڭمەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ  ھەمدەسۇغۇرتا نىشانى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈسە بولىدۇ.سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىشى كېرەك. سۇغۇرتىلاتقۇچى پاكىتنىقەستەن يوشۇرۇپ، ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى سەۋەنلىكتۈپەيلىدىن ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتىچىنىڭسۇغۇرتىلىشىغا قوشۇلۇش - قوشۇلماسلىق ياكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش -قوشۇلماسلىق ياكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش - ئۆستۈرمەسلىكنى قارارقىلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى قەستەن ئادا قىلمىغان بولسا،سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدەسۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەمدە سۇغۇرتاھەققىنى قايتۇرمايدۇ. سۇۇرتىلاتقۇچى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەينەن ئېيتىپ بېرىشمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئاساسلىق سەۋەبچىبولغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەنسۇغۇرتا ھادىسىدىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەينەنئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگەئاساسلىق سەۋەبچى بولغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇنيۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرسا بولىدۇ. سۇغۇرتا ھادىسىسىسۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدىكى ھادىسىلەرنىكۆرسىتىدۇ.

18 - ماددا سۇغۇرتا توختامىداسۇغۇرتىچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئائىت ماددىلار بولسا، سۇغۇرتىچىسۇغۇرتا توختامى تۈزگەندە سۇغۇرتىلاتقۇچىغا ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ، ئېنىقچۈشەندۈرمىسە، بۇ ماددا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

 

 19 - مادداسۇغۇرتا توختامى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) سۇغۇرتىچىنىڭ نامى ۋەتۇرۇشلۇق جايى؛ (2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچىنڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى،شۇنىڭدەك جىسمانىي سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتدارىنىڭ نامى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى؛ (3)سۇغۇرتا نىشانى؛ (4) سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى؛(5) سۇغۇرتا مۇددىتى ۋە سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى؛ (6) سۇغۇرتاقىممىتى؛ (7) سۇغۇرتا سوممىسى؛ (8) سۇغۇرتا ھەققى ۋە ھەق تاپشۇرۇش چارىسى؛ (9)سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش چارىسى؛ (10) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاش -تارتىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى؛ (11) توختام تۈزگەن يىل، ئاي، كۈن.

 

 20 - مادداسۇغۇرتىغا ئالدۇرغۇچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى ئالدىنقى ماددىدابەلگىلەنگەن سۇغۇرتا توختامىدىكى ئىشلاردىن باشقا، سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئىشلارتوغرىسىدا پۈتۈشسە بولىدۇ.

 21 - مادداسۇغۇرتا توختامى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچىكېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، سۇغۇرتا توختامىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتسەبولىدۇ. سۇغۇرتا توختامىنى ئۆزگەرتىشتە، سۇغۇرتىچى ئەسلىي سۇغۇرتا تالونى ياكىباشقا سۇغۇرتا دوكومېنتىغا ئىزاھلاپ قويۇشى ياكى تەستىق قەغىزى قوشۇپ قويۇشى ۋەياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق يازما كېلىشىم تۈزۈشىلازىم.

 22 - مادداسۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسىدىن خەۋەرتاپقاندىن كېيىن، سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. سۇغۇرتىلانغۇچى مال -مۈلۈك ياكى تېنى سۇغۇرتا توختامىدا كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان سۇغۇرتا پۇلى تەلەپقىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىبولسا بولىدۇ. مەنپەئەتدار جىسمانىي سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكىسۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتكەن سۇغۇرتا پۇلىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغۇچىنىكۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى مەنپەئەتدار بولىدۇ.

 23 - مادداسۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا توختامىغا ئاساسەن، سۇغۇرتىچىدىنسۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچىياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، زىياندەرىجىسى قاتارلىقلارنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپبېرىشى كېرەك. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئالاقىدار ئىسپات ۋەماتېرىياللار مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكىمەنپەئەتدارغا ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇشىكېرەك.

 24 - مادداسۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بېكىتىشى ھەمدە بېكىتىش نەتىجىسىنىسۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغاياتسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار بىلەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشكېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئون كۈن ئىچىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتا سوممىسى تۆلەش ياكىبېرىش مۆھلىتى پۈتۈشۈلگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشۈلگىنى بويىچەسۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتىچى ئالدىنقىتارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىنسىرت، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىياننى تۆلىشىكېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قانۇنسىز ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ،سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش ھوقۇقىنى چەكلىشىگىمۇ يولقويۇلمايدۇ. سۇغۇرتا سوممىسى - سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەڭ يۇقىرى سوممىنى كۆرسىتىدۇ.

 

25 - ماددا سۇغۇرتىچىسۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش ھەققىدىكىئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا ياتمىسا،سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتوغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدۇ.

 

 26 - مادداسۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش ئىلتىماسىنى ۋە ئالاقىدار ئىسپات،ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 60 كۈن ئىچىدە تۆلەيدىغان ياكى بېرىدىغان سۇغۇرتاپۇلىنىڭ سوممىسىنى بېكىتەلمىسە، بار ئىسپات ۋە ماتېرىيالغا ئاساسەن بېكىتەلەيدىغانئەڭ تۆۋەن سان بويىچە ئالدىن بېرىپ تۇرسا بولىدۇ. سۇغۇرتىچى تۆلەيدىغان ياكىبېرىلىدىغان سۇغۇرتا سوممىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، كېمىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.

 27 - ماددا ئۆمۈرسوغۇرتىسىدىن باشقا سۇغۇرتىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتىچىدىنسۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن كۈندىنباشلاپ ئىككى يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسە يوقىلىدۇ. ئۆمۈر سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانسۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىسۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسەيوقىلىدۇ.

 28- مادداسۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا سۇغۇرتاھادىسىسى يۈز بەردى، دەپ يالغان ئېيتىپ، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى  تۆلەش ياكى بېرىشنىتەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە سۇغۇرتاھەققىنى قايتۇرمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتاھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقاھوقۇقلۇق، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بۇقانۇننىڭ

 28 - ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا ئايرىم بەلگىلەنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا ھەققىمۇقايتۇرۇلمايدۇ. سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى،سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالاقىدار ئىسپات - ماتېرىيال ياكى باشقادەلىل - ئىسپاتلارنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ، ھادىسە سەۋەبىنى ئويدۇرغانلىرى ياكىزىياننى كۆپتۈرگەنلىرىگە سۇغۇرتىچى ساختا مەلۇم قىلىنغان قىسىمىغا سۇغۇرتا پۇلىتۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچىياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالدىنقى ئۈچ تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىرقىلىپ، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى ياكى خىراجەت ئېلىۋالغانلار قايتۇرۇشى ياكىتۆلىشى كېرەك.

 29 - مادداسۇغۇرتىچىنىڭ ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنىڭ بىر قىسمىنى پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش شەكلىبىلەن باشقا سۇغۇرتىچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قايتا سۇغۇرتىلاش ھېسابلىنىدۇ. قايتاسۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالغانجاۋابكارلىق ۋە ئەسلىدىكى سۇغۇرتىغا ئالاقىداار ئەھۋاللارنى قايتاسۇغۇرتىلاتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

 30 -ماددا قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا ھەققىتەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ياكىمەنپەئەتدارنىڭ قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنى سۇغۇرتاجاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي سۇغۇرتىدىكىجاۋابكارلىقىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشىغا ياكى كېچىكتۈرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

 31 -ماددا سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارئوتتۇرىسىدا سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلار توغرىسىدا تالاش - تارتىش كۆرۈلگەندە،خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېىسىم ئورگىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغاپايدىلىق ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

32 - ماددا سۇغۇرتىچى ياكىقايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدا بىلگەن سۇغۇرتىلاتقۇچى،سۇغۇرتىلانغۇچى، مەنپەئەتدار ياكى قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ كەسىپ ۋە مال - مۈلۈكئەھۋالى شۇنىڭدەك شەخسىيىتىگە دائىر مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار. 2 -پاراگراف مال - مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى

33 - ماددا مال - مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى مال- مۈلۈك ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەنپەئەتلەر سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتاتوختامىدۇر. بۇ پارگرافتىكى مال - مۈلۈك سۇغۇرتا توختاملىرىنىڭ ئالاھىدەكۆرسىتىلگەلىرىدىن باشقىلىرى قىسقارتىپ توختام دېيىلىدۇ.

 

 14 –ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىدا رەئىس قويۇلىدۇھەمدە بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن رەئىس قويۇلسا بولىدۇ. رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەرنىشۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئىچىدىن سايلاپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشمۇددىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەنئوخشاش بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى،مۇئاۋىن رەئىسلىرى دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىسە، شۇ دەرىجىلىكخەلق قۇرۇلتىيىغا رەئىسلىك، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك.يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىنرەئىسلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە باغلاش، ۋەكىللەرنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقائۇيۇشتۇرۇش ھەمدە ۋەكىللەر ۋە ئاممىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگەبەرگەن تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئىنكاس قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

 15 –ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە،ھەيئەت رىياسەت سايلاپ چىقىلىدۇ، يىغىنغا ھەيئەت رىياسەت رىياسەتچىلىك قىلىدۇ  ھەمدە شۇ دەرىجىلىكخەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىييېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەيئەت رىياسەتئەزاسى بولىدۇ.

 16 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك 1 – يىغىنىنى شۇنۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە،ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ياكى يېزىلىق،بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ھەيئەت رىياسىتى چاقىرىدۇ. 17 –ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىتەركىبىدىكى خادىملار، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭباش تەپتىشى ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باشقائالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىنقاتناشسا بولىدۇ.

 18 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە،  ھەيئەت رىياسەت،دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېتلار ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىكخەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ،ئۇنى  ھەيئەت رىياسەت خەلق قۇرۇلتىيىيىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى بەلگىلەيدۇ ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتىنىڭقاراپ چىقىپ دوكلات سۇنۇشىغا تاپشۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنى  ھەيئەت رىياسەت قاراپ چىقىپ، چوڭ يىغىندائاۋازغا قويۇشنى قارار قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىكخەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئوندىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، يېزىلىق، مىللىييېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ بەشتىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزاقويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغانتەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش –كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپچىقىشىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇلاريىغىننىڭ قارالمىلىرىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىك  ھەققىدىكى پىكرىنىقويغاندىن كېيىن، ئاندىن  ھەيئەترىياسەت ئۇنى يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش – كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. تەكلىپبەرگۈچىلەر يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپلىرىنى چوڭ يىغىندا ئاۋازغاقويۇلۇشتىن بۇرۇن قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، يىغىننىڭ بۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىشىھەيئەت رىياسەتنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن دەرھال توختىتىلىدۇ.

 19 –ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىۋەكىللىرىنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا  ھەر قايسى ساھەلەرنىڭخىزمەتلىرى  ھەققىدە  بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىدۋە پىكىرلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىشئاپپاراتى ئالاقىدار ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغاۋە مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاپ بېرىشىگە  تاپشۇرىدۇ.يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ شۇ دەرىجىلىكخەلق قۇرۇلتىيىغا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە بەرگەن تەۋسىيە ،تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپقىلىشىغا ۋە مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاپ بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ.

 20 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈشى ۋە قارارماقۇللىشى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بولىدۇ.

 21 –ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭدائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭرەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئۆلكىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئاپتونومرايوننىڭ رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، شەھەرنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى،ئوبلاستنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ھاكىم ۋە مۇئاۋىن ھاكىملار، رايوننىڭباشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، بازارنىڭباشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىشمەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنىڭ نامزاتلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئەترىياسىتى ياكى ۋەكىللىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلىشىپ كۆرسىتىدۇ.ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ 30دىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىقخەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ناھىيەدەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئوندىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇدەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ، خەلق ھۆكۈمىتىرەھبەرلىرىنىڭ، خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باشتەپتىشنىڭ نامزاتىنى كۆرسەتسە بولىدۇ. يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ ئوندىن ئارتۇق ۋەكىلى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭنامزاتىنى كۆرسەتسە بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سايلام رايونى ياكى سايلىغۇچىئورۇندىن سايلانغان ۋەكىللەر نامزاتلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىرلىشىپ كۆرسەتسەبولىدۇ. ھەيئەت رىياسەت كۆرسەتكەن نامزات سانىمۇ، ھەربىر ۋەكىل باشقاۋەكىللەربىلەن بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزات سانىمۇ سايلىنىدىغانلار سانىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىكېرەك. نامزات كۆرسەتكۈچىلەر كۆرسەتكەن نامزاتنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن تونۇشى كېرەك.

 22 –ماددا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، باش كاتىپى، يېزىلىق، مىللىييېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىپىسىدىكىرەھبىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تىپتىشىنىسايلاشتا ئومۇمەن، بىر نامزاتنى ئارتۇق بېكىتىپ، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈشلازىم؛ بىرلا نامزات كۆرسىتىلگەن بولسا، تەڭ نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇبولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يېزىلىق، مىللىييېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭمۇئاۋىن رەھبەرلىرىنىڭ نامزات سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن بىردىن ئۈچكىچە ئارتۇقبولۇش، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنىڭ سانى سايلىنىدىغانلارسانىنىڭ ئوندىن بىردىن بەشتىن بىرگىچە ئارتۇق بولۇش، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىسايلىنىدىغانلارنىڭ سانىغا قاراپ، سايلام چارىسىدە كونكرېت پەرق ساننى بېكىتكەندىنكېيىن ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈش لازىم. كۆرسىتىلگەن نامزات سانى سايلامچارىسىدە بېكىتىلگەن پەرق سانغا ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت  ۋەكىللەرنىڭ مۇھاكىمىسىۋە مۇزاكىرىسىگە قويغاندىن كېيىن، تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈپ، تەييارلىق سايلامدائېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز – كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن، سايلام چارىسىدەبېكىتىلگەن پەرق سان بويىچە رەسمىي نامزات ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، سايلام ئۆتكۈزۈشكېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى نۆۋەتئالماشتۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلايدىغان چاغدا،نامزات كۆرسىتىش، نامزاتلار ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋاقتى ئىككى كۈندىن كەمبولماسلىقى كېرەك.

 23 –ماددا سايلامدا يۇشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىنىدۇ. ۋەكىللەر بېكىتىلگەننامزاتلارغا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاز بەرسىمۇ، باشقا ھەرقانداق ۋەكىلياكى سايلىغۇچىنى سايلىسىمۇ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

 24 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭرەھبەرلىرىنى سايلىغاندا تەڭدىن تولا ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزاتلارنىڭ سانىسايلىنىدىغانلار سانىدىن ئېشىپ كەتسە، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلىرى سايلىنىدۇ. ئاۋازسانى تەڭ چىقىپ قېلىپ، سايلانغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ئاۋاز سانى تەڭ چىقىپقالغان نامزاتلارغا قايتا بېلەت تاشلىنىدۇ، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكىنى سايلىنىدۇ.تەڭدىن تولا ئاۋازغا ئېرىشىپ سايلانغانلارنىڭ سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن ئازبولۇپ قالسا، كەم قالغان سان ئۈچۈن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. قايتا سايلامئۆتكۈزگەندە، نامزاتلار تۇنجى قېتىم بېلەت تاشلانغاندا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز– كۆپلۈك تەرتىپىگە ئاساسەن تەرتىپ بويىچە باشقىدىن كۆرسىتىش يولى بىلەنبېكىتىلسىمۇ بولىدۇ. شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى بىلەن، كەم ساننىتولۇقلايدىغان سايلام شۇ قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلسىمۇ، كېلەرقېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنى، ئەزالىرىنى، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىقخەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، خەلق  ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، خەلقھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەھبەرلىرىنى قايتا سايلاشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 22 -  ماددىسى 1 –تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، پەرق سان بېكىتىپ، ئارتۇق نامزاتلىق سايلامئۆتكۈزۈلىدۇ.

 25 –ماددا يەرلىك  ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى،باش كاتىپى، ئەزا لىرىنى، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭرەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، ئۆلكىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە ئاپتونومرايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى، شەھەرنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى،ئوبلاستنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، يېزىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىنباشلىقلىرىنى، ۋە بازارنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭباشلىقى، ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى تولۇقلاپ سايلىغاندا، نامزاتسانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن كۆپ بولسىمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەڭ بولسىمۇ بولىدۇ، سايلامچارىسىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەلگىلەيدۇ.

 26 –ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىنئاچقاندا، ھەيئەت رىياسەت، دائىمىي كومىتېت ياكى ۋەكىللەرنىڭ ئوندىن بىرىدىنكۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭتەركىبىدىكى خادىملارنى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، خەلقھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى، خەلقتەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسەبولىدۇ، ئۇنى ھەيئەت رىياسەت قۇرۇلتاينىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ. يېزىلىق، مىللىييېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئاچقاندا،  ھەيئەت رىياسەت ياكى ۋەكىللەرنىڭ بەشتىنبىرىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىنرەئىسلىرىنى، يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى، بازارنىڭ باشلىقى ۋەمۇئاۋىن باشلىقلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنىھەيئەت رىياسەت قۇرۇلتاينىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشتەكلىپىگە قالدۇرۇش سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىلىدىغان كىشىھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ياكى قۇرۇلتاي قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا  ئاقلاش پىكرى بېرىشكەياكى يازما ئاقلاش پىكرى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.  ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا رىياسەت يىغىنىغابېسىپ تارقىتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتايلىرىغا سۇنۇلغان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى ھەيئەت رىياسەت يىغىننىڭقاراپ چىقىشىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ ياكىھەيئەت  رىياسەتنىڭتەكلىپى، ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارى بىلەن، تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللىنىدۇ، ئۇنى شۇدەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغائاساسەن قاراپ چىقىپ بەلگىلەيدۇ.

 27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، خەلق سوتمەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى شۇ دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتىيىدىن ئىستېپا سورىسا بولىدۇ. ئىستېپا قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى قۇرۇلتايقارار قىلىدۇ؛ قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىدىن ئىستېپا سورىسا بولىدۇ، ئىستېپانى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى دائىمىيكومىتېت قارار قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت ئىستېپانى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغاندىنكېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭباش تەپتىشىنىڭ ئىستېپاسى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىئارقىلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. يېزىلىق،مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى،يېزىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، بازارنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقىلىرىشۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن ئىستېپا سورىسا بولىدۇ، ئىستېپانى قوبۇل قىلىش –قىلماسلىقنى قۇرۇلتاي قارار قىلىدۇ.

 28 –مادا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەندە، ئوندىن ئارتۇقۋەكىل بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكىخىزمەت تارماقلىرىغا شۇنداقلا خەلق سوت مەھكىمىسىگە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگەيازما سۈرۈشتۈرمە سۇنسا بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى، سۈرۈشتۈرۈلىدىغانمەسىلە ۋە مەزمۇن ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. ھەيئەت رىياسەت سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭسۈرۈشتۈرمىگە  ھەيئەترىياسەت يىغىنىدا، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىدا ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلاريىغىنىدا ئاغزاكى ياكى يازما جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلىدۇ.  ھەيئەت رىياسەتيىغىنىدا ياكى مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاب بېرىلىدىغانلىرىدا، سۈرۈشتۈرمەسۇنغان ۋەكىللەر يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ۋە پىكىر بېرىشكە  ھوقۇقلۇق؛ ھەيئەترىياسەت زۆرۈر تاپقاندا، سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنىيىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە ئاغزاكى جاۋاب بېرىلىدىغانبولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى يىغىنغا كېلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك؛سۈرۈشتۈرمىگە يازما جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا؛ سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلىئۇنىڭغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسەت ئۇنى يىغىنغا ياكى سۈرۈشتۈرمەسۇنغان ۋەكىللەرگە بېسىپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

 29 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى تەكلىپلەرگە قاراپ چىققاندا،ۋەكىللەر ئالاقىدار يەرلىك دۆلەت ئورگىنىغا سوئال قويسا بولىدۇ، بۇنىڭغا ئالاقىدارئورگان ئادەم ئەۋەتىپ ئىزاھات بېرىدۇ.

 30 –ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونومئوبلاستلىق، رايون بار شەەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، قانۇنچىلىق(سىياسىي قانۇن) كومىتېتى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت– سەھىيە كومىتېتى قاتارلىق مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. مەخسۇسكومىتېتلار شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ؛ قۇرۇلتاي يېپىقمەزگىلدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى ھەيئەترىياسەت ۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىدۇ، ئۇنى قۇرۇلتاي ماقۇللايدۇ. قۇرۇلتاي يېپىقمەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئايرىم مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە قىسمەنئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىسە ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرسا بولىدۇ، ئۇلارنى مۇدىرلاريىغىنى كۆرسىتىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ماقۇللايدۇ. مەخسۇس كومىتېتلار شۇدەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالاقىدارتەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ، قاراپ چىقىدۇ ۋە تەييارلايدۇ؛ شۇ دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتىيىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە ئۆزكومىتېتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ۋە تەۋسىيە بېرىدۇ.

 

31 – ماددا ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئالاھىدە مەسىلىلەرنىتەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللىسە بولىدۇ. ھەيئەت رىياسەت ياكى ۋەكىللەرنىڭ ئوندىنبىرىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاھىدەمەسىلىلەرگە دائىر تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللەش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ،ئۇنى ھەيئەت رىياسەت ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتىمۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىلار ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، نامزاتلارنى ھەيئەت رىياسەتۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈشھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇشى كېرەك. خەلققۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلاش ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭدائىمىي كومىتېتىغا بەرسە بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت مۇناسىپ قارار چىقىرىپ، خەلققۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنغا ئەنگەئالدۇرسا بولىدۇ.

 32 –ماددا يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 –يىغىنىدا ماقۇللانغان ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئۆزىنىڭ خىزمەت  ھوقۇقىنى شۇ نۆۋەتلىكخەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقانغا قەدەر يۈگۈزىدۇ.

 33 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ھەرنۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن تارتىپ،كېيىنكى نۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەربولىدۇ.

 34 –ماددا يەرلىك  ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ خەلققۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنلىرىدا سۆزلىگەن سۆزى ۋە بەرگەن ئاۋازى قانۇنداسۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

 35 –ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭۋەكىللىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، قۇرۇلتاييېپىق مەزگىلىدە، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رۇخسىتىسىزقولغا ئېلىنمايدۇ ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە سوت قىلىنمايدۇ. ئۇلار نەق جىنايەتئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان بولسا، تۇتۇپ تۇرغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكىئورگىنى دەرھال شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىگە ياكى دائىمىيكومىتېتىغا دوكلات قىلىشى لازىم.

 36 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خەلق قۇرۇلتىيىيىغىنلىرىغا قاتناشقان ۋە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، دۆلەت ئۇلارغائېھتىياجىغا قاراپ بېرىش – كېلىش يول خىراجىتى بېرىدۇ ۋە ماددىي جەھەتتىن زۆرۈرقولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ياكى ياردەم پۇل بېرىدۇ.

 37 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچى ئورۇن ياكىسايلىغۇچىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى تەشۋىققىلىشى، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەمكارلىشىشىھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا، خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاممىنىڭپىكىر  ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاسقىلىپ تۇرۇشى لازىم. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك،ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايونلۇق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزىنىسايلىغان ئورۇننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. ناھىيىلىك،ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق،مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىش تەقسىماتى بويىچەسايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، ئۈچتىن ئارتۇق ۋەكىل بار ئاھالە رايونلىرىداياكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىپ، شۇ دەرىجىلىكخەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەمكارلاشسا بولىدۇ.

 38 –ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونومئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلىغۇچىئورۇننىڭ نازارىتىدە بولىدۇ؛ ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك،شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق، يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭۋەكىللىرى سايلىغۇچىلارنىڭ نازارىتىدە بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىغان ئورۇنلار ۋە سايلىغۇچىلار ئۆزلىرى سايلىغانۋەكىللەرنى ھەر ۋاقىت ۋەكىللىكتىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ۋەكىللەرنى ۋەكىللىكتىنقالدۇرۇشتا، سايلىغۇچى ئورۇندىكى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش ياكى سايلىغان رايوندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم.

 39 –ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى مەلۇم سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالسا، سايلىغۇچى ئورۇن ياكى سايلامرايونىدىكى سايلىغۇچى ئورۇن ياكى سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلار تولۇقلاپسايلايدۇ. 3 – باب ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى.

 40 –ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونومئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇقخەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرىيەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىملىق ئورگانلىرى بولۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىداجاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

 41 –ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونومئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى شۇدەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەر ئىچىدىن سايلانغان مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار،باش كاتىپ ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىزشەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى شۇدەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەر ئىچىدىن سايلانغان مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلارۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار دۆلەتنىڭمەمۇرىي ئورگانلىرىدا، سوت ئورگانلىرىدا ۋە تەپتىش ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىسەبولمايدۇ، يۇقىرىقى ئورگانلاردا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولسا، دائىمىي كومىتېتقادائىمىي كومىتېتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېتتەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانى: (1) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىقشەھەرلەردە 35 كىشىدىن 65 كىشىگىچە بولىدۇ، ئاھالىسى 80 مىليوندىن ئاشىدىغانئۆلكىلەردە 85 كىشىدىن ئاشمايدۇ؛ (2) رايونلۇق شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستلاردا 19كىشىدىن 41 كىشىگىچە بولىدۇ، ئاھالىسى 8 مىليوندىن ئاشىدىغان رايونلۇق شەھەرلەردە51 كىشىدىن ئاشمايدۇ؛ (3) ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونسىز شەھەر ۋە شەھەرگەقاراشلىق رايونلاردا 15 كىشىدىن 27 كىشىگىچە بولىدۇ، ئاھالىسى 1 مىليوندىنئاشىدىغان ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، رايونسىز شەھەر ۋە شەھەرگە قاراشلىقرايونلاردا 35 كىشىدىن ئاشمايدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىقشەھەرلىك ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭسانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلققۇرۇلتايلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاھالىسىنىڭ ئاز – كۆپلىكىگەقاراپ بېكىتىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، شەھەرلىك،شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق ھەر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىتەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىقشەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمەبويىچە، ئاھالىسىنىڭ ئاز -  كۆپلىكىگەقاراپ بېكىتىدۇ.  ھەرنۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانىبېكىتىلگەندىن كېيىن، شۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدەئۆزگەرتىلمەيدۇ. 42 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇ دەرىجىلىكخەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، ئۇخىزمەت ھوقۇقىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى دائىمىيكومىتېتىنى سايلاپ چىققانغا قەدەر يۈرگۈزىدۇ.

 43 –ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە،ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاساسىيقانۇن، قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كەلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىكنىزاملارنى تۈزۈپ چىقسا ۋە ئېلان قىلسا بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇقخەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق شەھەرلەر ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چوڭراق شەھەرلەرنىڭ خەلققۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، ئۆزشەھىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن،قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار ۋە ئۆز ئۆلكىسى، ئۆز ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىكنىزاملىرىغا زىت كەلمەسلىك شەرتى ئاستىدا، يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، ئۆلكىلىك،ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغاقويسا بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگەئالدۇرىدۇ.

 44 –ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭدائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: (1) ئۆز مەمۇرىي رايونىتەۋەسىدە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىش ھەم ئۇنى ئىجراقىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ (2) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشقارەھبەرلىك قىلىدۇ ياكى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ (3) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىيىغىنىنى چاقىرىدۇ؛ (4) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم– پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش، خەلقئىشلىرى، مىللەتلەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلارنىمۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە بەلگىلەيدۇ؛ (5) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگەئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىيتەرەققىيات پىلانىنى ۋە خام چوتىنى قىسمەن ئۆزگەرتىشنى بەلگىلەيدۇ؛ (6) شۇدەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭخىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقەباغلايدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورگانلار ۋە دۆلەت خادىملىرىئۈستىدە بەرگەن ئەرز ۋە پىكىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (7) بىر دەرىجە تۆۋەن خەلققۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامۇۋاپىق قارارلىرىنى ئەمەلدىنقالدۇرىدۇ؛ (8) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلىرىنى ۋەبۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ (9) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىقمەزگىلدە، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇئاۋىنشەھەر باشلىقى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، مۇئاۋىن  ھاكىم ۋە مۇئاۋىن رايون باشلىقلىرىدىن ئايرىمكىشىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئۆلكە باشلىقى،ئاپتونوم رايون رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاست باشلىقى، ھاكىم، رايون باشلىقى ۋەخەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى مەلۇمسەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى ئۆتەلمىسە، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق سوتمەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى ئىچىدىن مۇۋەققەت ۋەزىپەئۆتىگۈچىلەرنى بەلگىلەيدۇ؛ مۇۋەققەت باش تەپتىشنى بەلگىلەشتە بىر دەرىجە يۇقىرىخەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋە خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشكېرەك؛ (10) ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايون رەئىسى، شەھەر باشلىقى، ئوبلاستباشلىقى،  ھاكىم،رايون باشلىقىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى،نازىر، ئىدارە باشلىقى، كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، بۆلۈم باشلىقلىرىنى ۋەزىپىگەتەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلقھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ (11) خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋەخەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، خەلق سوتمەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئاۋىنباشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە سوتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋەۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى،تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە تەپتىشلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىنقالدۇرىدۇ، بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىگەتەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەستىقلايدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭكۆرسىتىشىگە ئاساسەن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ۋىلايەتلەر بويىچە تەسىسقىلىنغان ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا خەلق سوتمەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنىبەلگىلەيدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىشمەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبەتەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنىبەلگىلەيدۇ؛ (12) شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مۇئاۋىن ئۆلكەباشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇئاۋىنئوبلاست باشلىقى، مۇئاۋىن  ھاكىم ۋەمۇئاۋىن رايون باشلىقلىرىدىن ئايرىم كىشىلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنىبەلگىلەيدۇ؛ ئۆزى تەيىنلەنگەن شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى باشقاخادىملارنى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت كوللېگىيىسىنىڭباشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە سوتچىلارنى، خەلقتەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ۋەتەپتىشلەرنى، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبەتەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى بەلگىلەيدۇ؛ (13)شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭكەم قالغان ۋەكىللىرىنى تولۇقلاپ سايلايدۇ ۋە ئايرىم ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىكتىنقالدۇرىدۇ؛ (14) يەرلىك پەخرىي نام بېرىشنى بەلگىلەيدۇ.

 45 –ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى مۇدىر  چاقىرىدۇ،بۇ يىغىن كەم دېگەندە ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. دائىمىي كومىتېتىنىڭقارارى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەنماقۇللىنىدۇ.

 46 –ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلار يىغىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىيكومىتېتىغا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنىبەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىقىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىنيۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇسكومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دائىمىي كومىتېتىنىڭخىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، ئۇنى مۇدىرلاريىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى ياكى ئاۋۋال ئالاقىدارمەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلار دوكلات سۇنغاندىن كېيىن،ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى بەلگىلەيدۇ. ئۆلكىلىك،ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بارشەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملاردىن بەشتىن ئارتۇقكىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىتەركىبىدىكى خادىملاردىن ئۈچتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىكدائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغانتەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ، مۇدىرلار يىغىنى ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپچىقىشقا سۇنۇش -  سۇنماسلىقنىبەلگىلەيدۇ ياكى ئاۋۋال ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇپ،ئۇلار دوكلار سۇنغاندىن كېيىن، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقاسۇنۇش – سۇنماسلىقنى بەلگىلەيدۇ.

 47 –ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتەقاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملاردىن بەشتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزاقويۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملاردىنئۈچتىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا شۇ دەرىجىلىك خەلقھۆكۈمىتى، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈستىدە يازما سۈرۈشتۈرمەسۇنسا بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلگۈچى، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇنئېنىق يېزىلىشى كېرەك. سۈرۈشتۈرمىنى مۇدىرلار يىغىنى سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭدائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ياكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا ئاغزاكىياكى يازما جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ. مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاببېرىلىدىغانلىرىدا، سۈرۈشتۈرمە سۇنغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملاريىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ مۇدىرلاريىغىنى زۆرۈر تاپقاندا، سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنىيىغىنغا بېسىپ تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ. سۈرۈشتۈرمىگە ئاغزاكى جاۋاب بېرىلىدىغانبولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى يىغىنغا كېلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ سۈرۈشتۈرمىگەيازما جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى ئىمزاقويغاندىن كېيىن مۇدىرلار يىغىنى ئۇنى يىغىنغا ياكى سۈرۈشتۈرمە سۇنغان دائىمىيكومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىدۇ.

 48 –ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، ئاپتونومئوبلاستلىق، رايون بار شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىدامۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلار ۋە باش كاتىپتىن مۇدىرلار يىغىنى تەشكىل قىلىنىدۇ؛ناھىيىلىك، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇقخەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىدا مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇدىرلاريىغىنى تەشكىل قىلىنىدۇ. مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كۈندىلىك مۇھىمخىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

 49 –ماددا دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن خىزمەتئىشلىيەلمىسە ياكى ئورنى بوش قالسا، دائىمىي كومىتېت مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن بىرىنىمۇۋەققەت مۇدىرلىققا كۆرسىتىدۇ، مۇۋەققەت مۇدىر خىزمەتنى مۇدىرنىڭ سالامەتلىكىئەسلىگە كەلگۈچە ياكى خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى مۇدىر سايلاپ چىققۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

 50 –ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭدائىمىي كومىتېتلىرىدا ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەسىس قىلىنىدۇ.ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋەئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتتەركىبىدىكى خادىملار ئىچىدىن كۆرسىتىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ماقۇللايدۇ.

 51 –ماددا ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى ۋەكىللەرنىڭ سايلىنىشىنىڭ قانۇندىكىبەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ.

 52 –ماددا مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ بەشتىنبىرىدىن ئارتۇقراقى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىغا ئالاھىدە مەسىلىلەرگە دائىر تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللەش توغرىسىداتەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى ئومۇمىي يىغىن بەلگىلەيدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى مۇدىر،مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتتەركىبىدىكى خادىملار ۋە باشقا ۋەكىللەر ئىچىدىن كۆرسىتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىغا تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭدوكلاتىغا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.

 53 –ماددا دائىمىي كومىتېت خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ۋە باشقاخىزمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ۋىلايەتلەردە خىزمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلسابولىدۇ. 4 – باب يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى

 54 –ماددا يەرلىك  ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەرلىك  ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ يەرلىك  ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىيئورگىنى.

 

 

 

 

30 - ماددا شەخسلەر شېرىكچىلىكى ئىككىدىنئارتۇق پۇقرانىڭ كېلىشىم بويىچە مەبلەغ، ماددىي نەرسە، تېخنىكا ۋە شۇنىڭغائوخشاشلارنى چىقىرىپ شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشىنى، بىللە ئەمگەك قىلىشىنىبىلدۈرىدۇ.

 31 -ماددا شېرىكلەشكۈچىلەر قانچىلىك مەبلەغ قوشۇش، ئاشقان پايدىنى تەقسىم قىلىش،قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش، شېرىكچىلىككە قاتنىشىش، شېرىكچىلىكتىن چىقىپ كېتىش،شېرىكچىلىكنى توختىتىش قاتارلىق ئىشلار بويىچە يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك.

 32 -ماددا شېرىكلەشكۈچىلەر قوشقان مال - مۈلۈكنى شېرىكلەر بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋەئىشلىتىدۇ. شېرىكچىلىك تىجارىتىدىن يىغىلغان مال - مۈلۈككە شېرىكلەشكۈچىلەر تەڭئىگە بولىدۇ.

 33 -ماددا شەخسىي شېرىكچىلىكى ئۆزىگە ئىسىم قويۇپ، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ تىزىمغائالدۇرغاندىن كېيىن تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسى ئىچىدەتىجارەت قىلسا بولىدۇ.

34 - ماددا شەخسلەر شېرىكلىشىپ ئېلىپبارىدىغان تىجارەت پائالىيەتلىرىنى شېرىكلەشكۈچىلەر بىرلىكتە قارار قىلىدۇ،شېرىكلەشكۈچىلەر ئۇنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.شېرىكلەشكۈچىلەر مەسئۇل كىشى قويسا بولىدۇ. شېرىكچىلىككە مەسئۇل بولغان كىشىنىڭ ۋەباشقا خادىملارنىڭ تىجارەت پائالىيىتى ئۈچۈن شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 35 -ماددا شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى شېرىكلەر ئۆزلىرىقوشقان مەبلەغنىڭ نىسبىتىگە قاراپ ياكى كېلىشىمىگە ئاساسلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مال -مۈلىكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. شېرىكلەشكۈچىلەر شېرىكچىلىكنىڭ قەرزى ئۈچۈن چاتماجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.شېرىكلەشكۈچىلەرنىڭ قەرزىنى ئۆزىگە تېگىشلىكىدىن ئارتۇق تۆلىگەن شېرىك ئۇنى باشقاشېرىكلەردىن ئۇندۈرۈۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 3 - باب قانۇنىي ئىگە 1 - بۆلۈم ئومۇمىيبەلگىلىمە

36 - ماددا قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ ئىشلىرىداھوقۇق سالاھىيىتىگە ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولىدىغان ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىلئۈستىگە ئالدىغان تەشكىلاتتۇر. قانۇنىي ئىگىنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھوقۇقسالاھىيىتى ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتى قانۇني ئىگە ۋۇجۇدقا كەلگەندە بارلىققا كېلىدۇ،قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا يوقىلىدۇ.

 37 -ماددا قانۇنىي ئىگىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك: (1) قانۇنبويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇشى لازىم؛ (2) زۆرۈر مال - مۈلكى ياكى خىراجىتى بولۇشىلازىم؛ (3) نامى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئورنى بولۇشى لازىم؛ (4) ھەق تەلەپمەجبۇرىيىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشى لازىم. 38 - ماددا قانۇنبويىچە ياكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تەشكىلىي نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇنىيئىگىگە ۋاكالىتەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان مەسئۇل كىشى قانۇنىي ئىگىنىڭقانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.

 39 -ماددا قانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاينى ئۆزىنىڭتۇرۇشلۇق ماكانى قىلىدۇ.

 40 -ماددا قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا، قانۇن بويىچە ھېساب - كىتاب قىلىشى، ھېساب- كىتاب دائىرسىگە كىرمەيدىغان پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك. 2 - بۆلۈمكارخانا تىپىدىكى قانۇنني ئىگە

 41 -ماددا مەبلەغ مىقدارى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەشكىلىينىزامنامىسى، تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئورنى بولغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىمۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار ۋەكوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار مەسئۇل ئورگانغا تەستىقلىتىپ تىزىمغائالدۇرغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە قۇرۇلغان جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ،جۇڭگو - چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ ۋە چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغانكارخانىلارنىڭ قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرى قانۇن بويىچە سودا -سانائەت مەمۇرىيىتى ئورگىنىغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكىقانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

 42 -ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەتدائىرىسىدە تىجارەت ئېلىپ بېرىشى لازىم.

 43 -ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋە باشقا خىزمەتچىخادىملىرىنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.

 44 -ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۆلۈنسە، بىرلەشسە ياكى ئۆزىدە باشقا مۇھىمئۆزگىرىشلەر بولسا، تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشىلازىم. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە بۆلۈنسە، بىرلەشسە ئۆزگىرىش بولغاندىنكېيىنكى قانۇنىي ئىگە ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتىنىئۈستىگە ئالىدۇ. 45 - ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنىڭبىرى كۆرۈلسە ئىشتىن توختايدۇ: (1) قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛ (2)تارقىلىپ كەتكەن بولسا؛ (3) قانۇن بويىچە ۋەيران بولغان كارخان دەپ جاكارلانغانبولسا؛ (4) باشقا سەۋەبلەر بولسا.

 46 -ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغاندا تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپتىزىمدىن ئۆچۈرگۈزۈۋېتىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى لازىم.

 47 -ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تارقىتىلغاندا، ھېسابات قىلىش تەشكىلاتىنىقۇرۇپ، ھېساب - كىتاب قىلىشى لازىم. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئەمەلدىنقالدۇرۇلغاندا ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا، مەسئۇل ئورگانلار ياكى  خەلق سوت مەھكىمىسىئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئالاقىدار خادىملاردىن ھېسابات قىلىش تەشكىلاتى قۇرۇپ،ھېساب - كىتاب قىلىشى لازىم.

 48 -ماددا ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن مال - مۈلۈك بىلەنئۈستىگە ئالىدۇ. كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەقتەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئىلىكىدىكى مال - مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگو -چەت ئەل شېرىكچىلىك كارخانىسى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، جۇڭگو - چەت ئەل ھەمكارلىقكارخانىسى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخاناتىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئىلىكىدىكى مال - مۈلۈك بىلەنئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

 49 -ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە،قانۇنىي ئىگە جاۋابكارلىققا تارتىلغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىگە مەمۇرىيجازا بېرىلسە، جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇنبويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) تىزىملاش ئورگىنى تىزىمغا ئېلىپ بېكىتىپبەرگەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ، قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇلانغان بولسا؛ (2)ھەقىقىي ئەھۋالنى تىزىملاش ئورگىنىدىن ۋە باج ئورگىنىدىن يوشۇرۇپ ساختىپەزلىكقىلغان بولسا؛ (3) مەبلىغىنى تىقىپ قويۇپ، مال - مۈلكىنى يوشۇرۇپ، قەرزمەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسا؛ (4) تارقىتىلغان، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋەۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، مال - مۈلكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلغان بولسا؛ (5) ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئىشتىن توختىغاندا ۋاقتىداتىزىمغا ئالدۇرماي ۋە ئېلان چىقارماي، مەنپەئەتدار كىشىلەرنى زور زىيانغائۇچراتقان بولسا؛ (6) قانۇندا چەكلەنگەن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنىڭمەنپەئىتىگە ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا. 3 - بۆلۈم قانۇنىيئىگە بولغان ئورگان، كەسپىي ئورۇن ۋە جامائەت تەشكىلاتى 50 - ماددا مۇستەقىل راسخوتىبولغان ئورگان قۇرۇلغان كۈنىدىن ئېتىبارەن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگەبولىدۇ. قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان كەسپىي ئورۇن ۋە جامائەتتەشكىلاتىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە بولۇپ، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسىمۇبولىدىغانلىرى قۇرۇلغان كۈنىدىن ئېتىبارەن قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگەبولىدۇ؛ قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە بولۇپ، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكەتېگىشلىك بولغانلىرى تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، قانۇنىي ئىگىلىكسالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 4 - بۆلۈم بىرلەشمە تىجارەت

51 - ماددا كارخانا بىلەن كارخانا ياكىكارخانا بىلەن كەسپىي ئورۇن بىرلىشىپ تىجارەت قىلىپ، يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدە ھاسىلقىلغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالغان، قانۇنىي ئىگە بولۇششەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، باشقۇرۇش ئورگىنىغا تەستىقلىتىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىنكېيىن، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

 52 -ماددا بىرلىشىپ ۋە ئورتاقلىشىپ تىجارەت قىلغان كارخانا بىلەن كارخانا ياكى كارخانابىلەن كەسىپىي ئورۇن قانۇنىي ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، بىرلىشىپتىجارەت قىلغان ھەر قايسى تەرەپ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆزلىرى قوشقانمەبلەغنىڭ نىسبىتىگە قاراپ ياكى كېلىشىمىگە ئاساسلىنىپ، ئۆز ئىلىكىدىكى ياكىئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مال - مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمەياكى كېلىشىم بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 53 -ماددا بىرلىشىپ تىجارەت قىلغان كارخانا بىلەن كارخانا ياكى كارخانا بىلەن كەسپىيئورۇن توختام بويىچە ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توختامدا بەلگىلىنىدۇ، ھەر قايسىسى ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى ئۆز ئالدىغا ئۈستىگە ئالىدۇ. 4 - باب ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكىقانۇنىي ھەرىكەت ۋە ۋاكالەتلىك 1 - بۆلۈم ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت

 54 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت پۇقرالارنىڭ ياكى قانۇنىي ئىگىلەرنىڭھەق تەلەپ ھوقۇقى ۋە ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش،توختىتىش جەھەتتىكى قانۇنلۇق ھەرىكىتىدۇر.

 55 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توغرا كېلىشىلازىم: (1) ھەرىكەت قىلغۇچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا مۇناسىپ ھەرىكەت سالاھىيىتىگەئىگە بولغان بولۇشى لازىم؛ (2) مەقسەتنى ئەينەن ئۇقتۇرالايدىغان بولۇشى لازىم: (3)قانۇنغا ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ كەلمەيدىغان بولۇشى لازىم.

 56 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت يازما ۋە ئاغزاكى يول بىلەن ئېلىپبېرىلسا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. قانۇندا ئالاھىدە شەكىلبىلەن ئېلىپ بېرىش بەلگىلەنگەنلىرى قانۇندىكى شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىلازىم.

 57 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپقانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆز ھەرىكىتىنى قانۇندىكىبەلگىلمىگە خىلاپ ھالدا ياكى قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

 58 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەر ئىناۋەتسىز ھەرىكەت بولىدۇ:(1) ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق كىشىنىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرى؛ (2)ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىنىڭ قانۇن بويىچە مۇستەقىلئېلىپ بارسا بولمايدىغان ھەرىكەتلىرى؛ (3) بىر تەرەپنىڭ ئالداش، تەھدىت سېلىشۋاستىلىرىنى قوللىنىشى ياكى خەلقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىئارقىسىدا يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا قىلغانھەرىكەتلىرى؛ (4) يامان غەرەز بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى؛ (5) قانۇنغا ياكىجامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەر؛ (6) دۆلەتنىڭ بۇيرۇق خاراكتېرلىكپىلانىغا خىلاپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي توختامغا دائىر ھەرىكەتلەر؛ (7) قانۇنغا زىتمەقسەتنى قانۇنىي شەكىل بىلەن يېپىش ھەرىكەتلىرى. ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىرئىناۋەتسىز ھەرىكەت باشلانغان ۋاقتىدىن ئېتىبارەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگەبولمايدۇ.

 59 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ خەلق سوتمەھكىمىسىنىڭ ياكى كېسىم ئورگىنىنىڭ ئۆزگەرتىشى ياكى بىكار قىلىشى توغرىسىدا تەلەپقويۇشقا ھوقۇقلۇق: (1) ھەرىكەت قىلغۇچى ھەرىكەت مەزمۇنىنى توغرا چۈشەنمەي قاتتىقئۇقۇشماسلىق ئارقىسىدا قىلغان ھەرىكەتلەر؛ (2) ئاپئاشكارا ئادالەتسىز ھەرىكەتلەر.بىكار قىلىنغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەت باشلانغان ۋاقتىدىن تارتىپلائىناۋەتسىز.

 60 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا، دائىر ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى ئىناۋەتسىز بولۇپ، قالغانقىسمىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمىسە، قالغان قىسمى ئىناۋەتلىك بولىۋېرىدۇ.

 61 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەت ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ياكىبىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپ شۇ ھەرىكىتى بىلەن ئىگە بولغان مال -مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپكە قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگۈچىتەرەپ قارشى تەرەپنىڭ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تارتقان زىينىنى تۆلەپ بېرىشى، ھەر ئىككىتەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا، ھەر ئىككى تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا، ھەرئىككى تەرەپ ئۆزىگە تېگىشلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئىككى تەرەپ ھەقتەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەتنى يامان غەرەز بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ،دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا،شۇ ئىككى تەرەپ ئىگە بولغان مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭئىختىيارىغا ئېلىش ياكى ئۈچىنچى كىشىگە قايتۇرۇپ بېرىش لازىم.

 62 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەتتە قوشۇمچە شەرت قويۇشقا بولىدۇ،قوشۇمچە شەرت قويۇلغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەت شۇ شەرتكە ئۇيغۇنكەلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 2 - بۆلۈم ۋاكالەتلىك 63 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىيئىگىلەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەتنى ۋاكالەتچى ئارقىلىق ئېلىپ بارسابولىدۇ. ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەتنى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدائىرىسىدە ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. ۋاكالەتلىكقىلىنغۇچى ۋاكالەتچىنىڭ ۋاكالەتلىك قىلىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ياكى ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭپۈتۈمى بويىچە، ھەر كىم ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە ئۆزى ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىكبولغان قانۇنىي ھەرىكەتلەر ۋاكالەتچى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسا بولمايدۇ.

 64 -ماددا ۋاكالەتلىك ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتلىك، قانۇنىي ۋاكالەتلىك ۋە بەلگىلەنگەنۋاكالەتلىك دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاۋالە بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچىۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يۈرگۈزىدۇ، قانۇنىيۋاكالەتچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزىدۇ، بەلگىلەنگەنۋاكالەتچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى بەلگىلىگۈچى ئورۇننىڭبەلگىلگىنى بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

 65 -ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھەرىكەتنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىش ئىشىيېزىقچە ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئاغزاكى ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. قانۇندا يېزىقچە ئېلىپبېرىش بەلگىلەنگەنلىرى يېزىقچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ۋاكالەتچىگە يېزىقچە ھاۋالەقىلغۇچىلارنىڭ ھاۋالە قەغىزىگە ۋاكالەتچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى،ۋاكالەتلىك قىلىدىغان ئىشلىرى، ھوقۇقى دائىرىسى ۋە مۇددىتى ئېنىق يېزىلىشى ھەمدەھاۋالە قىلغۇچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. ھاۋالە قەغىزىدە بېرىلىگەنھوقۇق ئېنىق ئىزھار قىلىنمىغان بولسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئۈچىنچى كىشىنىڭئالدىدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ۋاكالەتچى چاتما جاۋابكارلىقنىئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

 66 -ماددا ۋاكالەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان، ۋاكالەتلىكھوقۇقىدىن ھالقىپ ئېلىپ بېرىلغان ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى توختىغاندىن كېيىن ئېلىپبېرىلغان ھەرىكەتنى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇ ئاشۇھەرىكەتكە دائىر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېتىراپ قىلىنمىغانھەرىكەتكە دائىر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىبىلىپ تۇرۇپ، ئىنكار قىلىش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىسە، قوشۇلدى دەپ قارىلىدۇ. بۇرچىنىئادا قىلماي ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەن ۋاكالەتچى ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ۋاكالەتچى ئۈچىنچى كىشى بىلەن تىلبىرىكتۈرۈپ، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا،ۋاكالەتچى بىلەن ئۈچىنچى كىشى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى كىشىھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى يوقلۇقىنى، ۋاكالەتلىك قىلىش ھوقۇقىدىن ھالقىپكەتكەنلىكىنى ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى توختىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنىڭبىلەن ھەق تەلەپ ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۈچىنچىكىشى بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچى چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ

 67 -ماددا ۋاكالەتچى ئۆزىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇرۇپ ۋاكالەتلىك قىلىۋەرسە ياكى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ۋاكالەتچى ۋاكالىتەن ئېلىپبارغان ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرمىسا،ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى بىلەن ۋاكالەتچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 68 -ماددا ھاۋالە بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدەتۇتۇپ، ۋاكالەتلىكنى باشقا كىشىگە ھاۋالە قىلىشنى زۆرۈر تاپسا، ئاۋۋال ۋاكالەتلىكقىلىنغۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغان بولسا، كېيىن ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىغا ۋاقتىدائۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك، ئەگەر ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى قوشۇلمىسا، ۋاكالەتچى ئۆزىھاۋالە قىلغان كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ئەمما جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش يۈزسىدىنۋاكالەتلىكنى باشقا كىشىگە ھاۋالە قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

 69 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتلىك توختايدۇ:(1) ۋاكالەتلىك قىلىش مۇددىتى توشقان ياكى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ئىش ئورۇندىلىپبولغان بولسا؛ (2) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ھاۋالىسىنى بىكار قىلسا ياكى ۋاكالەتچىھاۋالىدىن يالتىيىۋالسا؛ (3) ۋاكالەتچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛ (4) ۋاكالەتچى ھەقتەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت سالاھىيىتىنى يوقاتقان بولسا؛ (5) ۋاكالەتچىلىكقىلىنغۇچى ياكى ۋاكالەتچى بولغان قانۇنىي ئىگە ئىشتىن توختىغان بولسا.

 70 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، قانۇنىي ۋاكالەتلىك ياكى بەلگىلەنگەنۋاكالەتلىك توختايدۇ: (1) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەتسالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولسا ياكى ئۇنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەتسالاھىيىتى ئەسلىگە كەلگەن بولسا؛ (2) ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋاكالەتچى ئۆلۈپكەتكەن بولسا؛ (3) ۋاكالەتچى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت سالاھىيىتىنى يوقاتقانبولسا؛ (4)ۋاكالەتچىنى بەلگىلەپ بەرگەن خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى ۋاكالەتچىنىبەلگىلىگەن ئورۇن ئۆز بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسا؛ (5) ۋاكالەتلىكقىلىنغۇچى بىلەن ۋاكالەتچى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەسىيلىك مۇناسىۋەت باشقا سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن يوقالغان بولسا. 3 - باب ھەق تەلەپ ھوقۇقى 1 - بۆلۈم ئىگىدارلىق ھوقۇقىۋە ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا دائىر مال - مۈلۈك ھوقۇقى

 71 -ماددا ئىگىدارلىق ھوقۇقى مۈلۈك ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز مال - مۈلۈكىگەئىگىدارلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، تاپاۋەت قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ.

 72 -ماددا مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىش قانۇنىدىكىبەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كەلمەسلىكى كېرەك. توختام بويىچە ياكى باشقا قانۇنىي يوللاربويىچە مال - مۈلۈككە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى مال - مۈلۈك ئۆزىگە تەگكەنۋاقىتتىن ئېتىبارەن قولىغا ئۆتىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدارتەرەپلەرنىڭ باشقىچە پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

 73 -ماددا دۆلەت مۈلكى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. دۆلەت مۈلكى مۇقەددەس ۋەدەخلىسىزدۇر، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، بۇلاپكېتىشى، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىشى، سۇقۇۋېلىشى ۋە بۇزۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

 74 -ماددا ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ تەشكىلاتىغا تەۋە مال - مۈلۈك ئەمگەكچىلەرئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلىكىدۇر، ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) قانۇنداكوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن يەر ۋە ئورمان، تاغ، يايلاق، بوزيەر، سازلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار؛ (2) كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مال -مۈلۈكلىرى؛ (3) كوللكېتىپ ئىگىدارلىقىدىكى بىنالار، سۇ ئامبارلىرى، ئېتىز - ئېرىقسۇ ئىنشائاتلىرى ۋە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئەسلىھەرلىرى ۋەباشقا ئەسلىھەلەر؛ (4) كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى باشقا مال - مۈلۈكلەر. قانۇن بويىچەكوللېكتىپ ئىگىدارلىقدىىكى يەر كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدابولىدۇ، ئۇنى كەنت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى قاتارلىق يېزا ئىگىلىككوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ياكى مەھەللە كومىتېتلىرى باشقۇرىدۇ. يېزا (بازار)لاردىكى دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ،قالغانلىرى يېزا (بازار) لاردىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولسابولىدۇ. كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلۈك قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداقتەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، بۇلاپ كېتىشى، يەڭ ئىچىدەبۆلۈشۈۋېلىشى، بۇزۇشى ياكى قانۇنسىز يول بىلەن پېچەتلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپقويۇشى ۋە مۇسادىرە قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

 75 -ماددا پۇقرالارنىڭ شەخسىي مۈلكى پۇقرالارنىڭ قانۇنىي دارامىتىنى، ئۆي -ئىمارەتلىرىنى، ئامانەت قويغان پۇللىرىنى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى، ئاسارئەتىقىلىرىنى، كىتاب - ماتېرىياللىرىنى، دەل - دەرەخلىرىنى، چارۋا ماللىرىنى،شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ ئىگە بولۇشىغا قانۇن يول قويغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىۋە باشقا قانۇنىي مۈلۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇقرالارنىڭ قانۇنىي مۈلكى قانۇنبىلەن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ياكى شەخسنىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشى، بۇلاپكېتىشى، بۇزۇشى ياكى قانۇنسىز يول بىلەن پېچەتلىشى، تۇتۇپ قېلىشى، توڭلىتىپ قويۇشىۋە مۇسادىرە قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

 76 -ماددا پۇقرالار قانۇن بويىچە مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەنبولىدۇ.

 77 -ماددا جامائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۈملىدىن دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي مۈلكى قانۇنبىلەن قوغدىلىدۇ.

 78 -ماددا مۈلۈكنى ئىككىدىن ئارتۇق پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە تەڭ ئىگىلەشكە بولىدۇ. تەڭئىگىلەش ئۈلۈش بويىچە ئىگىلەش ۋە ئورتاقلىشىپ ئىگىلەش دەپ ئايرىلىدۇ. ئۈلۈش بويىچەئىگىلىگۈچىلەر ئۆز ئۈلۈشىگە قاراپ، تەڭ ئىگىلىگەن مۈلۈككە دائىر تېگىشلىك ھوقۇقتىنبەھرىمەن بولىدۇ، تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئورتاقلىشىپئىگىلىگۈچىلەر ئورتاقلىشىپ ئىگىلىگەن مۈلۈككە دائىر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ،مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈلۈش بويىچە تەڭ ئىگىلىگەن مۈلۈكنىڭ ئىگىلىرى ئۆزئۈلۈشىنى ئايرىۋېلىشقىمۇ، ئۆتۈنۈشكىمۇ ھوقۇقلۇق. ئەمما ساتماقچى بولسا، تەڭئىگىلىگۈچىلەرنىڭ قالغانلىرى ئوخشاش شارائىت ئاستىدا ئاۋۋال سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

 79 -ماددا ئىگىسى نامەلۇم بولغان كۆمۈلمە مال، يوشۇرۇن مال دۆلەت ئىختىيارىغائېلىنىدۇ. ئۇنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئورۇن شۇ نەرسىلەرنى يوقىرىغا تاپشۇرغان ئورۇن ياكىشەخسلەرنى تەقدىرلىشى ياكى ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلىشى لازىم. يىتكەن نەرسىلەرنى،ئېقىپ كەتكەن نەرسىلەرنى ياكى قولدا بېقىلغان ھايۋانلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىرىنىتېپىۋالغانلار ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولغانچىقىمنى مالنىڭ ئىگىشى تۆلەيدۇ.

 80 -ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكىئورۇنلار ئىشلەتسە بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ قانۇن بويىچە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىكىئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېكىتىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ، دۆلەت ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ۋەتاپاۋەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقۇرۇش، قوغداش ۋەمۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پۇقرالارنىڭ، كوللېكتىپنىڭكوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ياكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، كوللېكتىپئىشلىتىۋاتقان يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.ھۆددىگە بەرگۈچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى قانۇن بويىچە ھۆددىگەرلىكتوختامىدا بەلگىلىنىدۇ. يەرنى ئېلىپ - سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە، گۆرۈگە قويۇشقاياكى باشقاشەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

 81 -ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، سازلىق يەر، سۇ يۈزىقاتارلىق ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۇ قانۇن بويىچە كوللېكتىپمۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېكىتىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ، دۆلەت ئۇلارنىڭئىشلىتىش، تاپاۋەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ؛ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقۇرۇش، قوغداشۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى كانبايلىقلىرىنى قانۇن بويىچە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇنلار ۋە كوللېكتىپمۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇنلار ئاچسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە پۇقرالار ئاچسىمۇ بولىدۇ.دۆلەت قانۇنلۇق كان ئېچىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. پۇقرالارنىڭ كوللېكتىپنىڭ كوللېكتىپئىگىدارلىقىدىكى ياكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، كوللېكتىپ ئىشلىتىۋاتقانئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر، سازلىق يەر ۋە سۇ يۈزىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇشھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. ھۆددىگە بەرگۈچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقىۋە مەجبۇرىيىتى قانۇن بويىچە ھۆددىگەرلىك توختامىدا بەلگىلىنىدۇ. دۆلەتئىگىدارلىقىدىكى كان بايلىقلىرىنى ۋە سۇلارنى، دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولغان ۋەقانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ئورمان، تاغ، يايلاق، بوزيەر ۋە سازلىق يەرلەرنى ئېلىپ - سېتىشقا، ئىجارىگە بېرىشكە، گۆرۈگە قويۇشقا ياكىباشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

 82 -ماددا ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلار دۆلەت تەرىپىدىن ئۆزىنىڭباشقۇرۇشىغا بېرىلگەن مۈلۈكنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇ قانۇنبىلەن قوغدىلىدۇ.

 83 -ماددا كۆچمەس مۈلۈككە تۇتاش قوشنىلار سۇ توسۇش، توختام سۇنى چىقىرىۋېتىش، قاتناش،ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يورۇق چۈشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوشنىدارچىلىقمۇناسىۋىتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدا يەتكۈزۈش، تۇرمۇشقا قولايلىق تۇغدۇرۇش،ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەملىشىش، ئادىل، مۇۋاپىق ئىش قىلىش روھى بويىچە توغرابىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قوشنىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلغانلار ياكى زىيانيەتكۈزگەنلەر دەخلى - تەرۇزنى توختىتىشى، توسالغۇلارنى تۈگىتىشى، زىياننى تۆلەپبېرىشى كېرەك. 2 - بۆلۈم ھەقدارلىق

 84 -ماددا ھەقدارلىق توختامدىكى پۈتۈمگە ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن،ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان مۇئەييەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتىكىمۇناسىۋەتتۇر. ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى ھەقدار، مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغانكىشى قەرزداردۇر. ھەقدار قەرزدارنىڭ توختامىدىكى پۈتۈن بويىچە ياكى قانۇندىكىبەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىيەت ئۆتىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

 85 -توختام ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش،ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىش كېلىشىمىدۇر. قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن توختاملارقانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

 86 -ماددا ھەقدار ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، ئۇلار مۇئەييەن ئۈلۈشى بويىچە تېگىشلىكھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. قەرزدار ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، تېگىشلىكمەجبۇرىيەتنى مۇئەييەن ئۈلۈشى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

 87 -ماددا ھەقدار ياكى قەرزدار تەرەپ ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بولسا، قانۇندىكى بەلگىلىمەبويىچە ياكى ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈمى بويىچە، چاتما ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەر بىرھەقدار قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ چاتمامەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەر بىر قەرزداردا بارلىق قەرزنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىبولىدۇ. مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان كىشى چاتما مەجبۇرىيىتى بولغان باشقا كىشىلەرنىڭزىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قەرزنى تۆلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

 88 -ماددا توختام تۈزۈشكەن تەرەپلەر توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇقئادا قىلىشى كېرەك. توختامدا سۈپەت، مۆھلەت، ئورۇن ياكى مال پۇلى ئېنىقبەلگىلەنمىگەن بولۇپ، ئۇنى توختامنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەزمۇن بويىچەبەلگىلەش مۇمكىن بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاقىدار تەرەپلەر كېڭىشىش ئارقىلىق ئۇھەقتە بىر يەرگە كېلەلمىسە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىق قىلىنىدۇ: (1) سۈپەتتەلىپى ئېنىق بولمىغان بولسا، سۈپەت جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىبويىچە ئادا قىلىنىدۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمى بولمىسا، ئادەتتىكى ئۆلچەمبويىچە ئادا قىلىنىدۇ. (2) مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش مۆھلىتى ئېنىق بولمىغان بولسا،قەرزدار ھەقدار ئالدىدا ھەر قاچان مەجبۇرىيەت ئادا قىلسا بولىدۇ، ھەقدارمۇقەرزدارنىڭ مەجبۇرىيەت ئادا قىلىشىنى ھەر قاچان تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىنقەرزدارنىڭ تەييارلىق كۆرۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك ۋاقىت بېرىشى كېرەك. (3) مەجبۇرىيەتنىئادا قىلىدىغان ئورۇن ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، پۇل تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىتاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئادا قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نىشانلار ئۈستىدىكىمەجبۇرىيەت مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئادا قىلىنىدۇ. (4) مال پۇلىئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسا، باھا جەھەتتىكى مەجبۇرىيەت دۆلەت بەلگىلىگەن باھابويىچە ئادا قىلىنىدۇ؛ دۆلەت بەلگىلىگەن باھا بولمىسا، مەجبۇرىيەت بازار باھاسىغاياكى ئوخشاش تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسىغا ياكى شۇ تىپتىكى ئەمگەك مۇلازىمەتچىلىكھەققىنىڭ ئۆلچىمىگە قاراپ ئادا قىلىنىدۇ. توختامدا پاتېنت تەلەپ قىلىش ھوقۇقىبەلگىلەنمىگەن بولسا، ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئالاقىدار تەرەپپاتنېت تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. توختامدا پەن - تېخنىكامۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭھەممىسى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق بولىدۇ.

 89 -ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پۈتۈمى بويىچە قەرزمەجبۇرىيىتىنىڭ ئادا قىلىنىشىغا تۆۋەندىكى يوللار بىلەن كېپىللىك قىلىنسا بولىدۇ:(1) كېپىل ھەقدار ئالدىدا قەرزدارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كېپىللىكقىلىدۇ، قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، پۈتۈن بويىچە، كېپىل ئاداقىلىدۇ ياكى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ كېپىل قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. (2)قەرزدار ياكىئۈچىنچى كىشى مەلۇم مال مۈلۈكنى گۆرۈ ئورنىدا بەرسە بولىدۇ. قەرزدار قەرزمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە گۆرۈ مالنىباھاغا سۇندۇرۇپ ياكى گۆرۈ مالنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەم سۈپىتىدە ھەممىدىنبۇرۇن ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. (3) ئالاقىدار بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپكە قانۇندىكىبەلگىلىمە دائىرىسىدە زاكالەت بەرسە بولىدۇ. قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئاداقىلغاندىن كېيىن، زاكالەتنى مال پۇلىغا ھېسابلىتىشى ياكى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.زاكالەت بەرگەن تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، زاكالەتنى قايتۇرۇپبېرىشنى تەلەپ قىلالمايدۇ، زاكالەت ئالغان تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا،زاكالەتنى قوشلاپ قايتۇرۇشى كېرەك. (4) توختامدىكى پۈتۈن بويىچە بىر تەرەپئىككىنچى تەرەپنىڭ مال - مۈلىكىنى ئىگىلىگەن، ئىككىنچى تەرەپ توختام بويىچەتاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرمىغان بولسا، مال -مۈلۈكنى ئىگىلىگەن بەلگىلىمە بويىچە، ئېپقېلىنغان شۇ مال - مۈلۈكنى باھاغاسۇندۇرۇپ ياكى شۇ مال - مۈلۈكنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەم سۈپىتىدە ھەممىدىنبۇرۇن ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

 90 -ماددا قانۇنلۇق قەرز مۇناسىۋىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

 91 -ماددا توختام تۈزۈشكەن بىر تەەپ توختامدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ ھەممىسىنىياكى بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا، ئىككىنچى تەرەپنىڭرازىلىقىنى ئېلىشى ھەمدە پايدا ئېلىپ يۈرمەسلىكى لازىم. قانۇن بويىچە دۆلەت تەستىقلاشقاتېگىشلىك دەپ بەلگىلەنگەن توختام بولسا، بۇرۇن تەستىقلىغان ئورگاننىڭ تەستىقىدىنئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى بۇرۇنقى توختامدائايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

 92 -قانۇنلۇق ئاساسىي يوق ھارام پايدا ئېلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر ئالغانھارام پايدىسىنى زىيان تارتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

 93 -ماددا قانۇندا ياكى پۈتۈمدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ، باشقىلارنىڭمەنپەئىتىنى زىياندىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقۇرۇش ياكى مۇلازىمەت ئىشىنىقىلغانلار شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولغان تېگىشلىك چىقىمنى مەنپەئەت ئىگىسىدىنئۈندۈرۈۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 3 - بۆلۈم ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى

 94 -ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ئاپتورلۇق ھوقۇقىدىن (نەشر ھوقۇقىدىن) بەھرىمەنبولىدۇ. قانۇن بويىچە ئىسمىنى يېزىش، ئېلان قىلىش - نەشرگە بېرىش، ھەق ئېلىشھوقۇقىغا ئىگە.

 95 -ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن پاتېنت ھوقۇقى قانۇنبىلەن قوغدىلىدۇ.

 96 -ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچى شەخسلەرنىڭ قانۇنبويىچە ئېرىشكەن خاس ماركا ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

 97 -ماددا پۇقرالار ئۆز ئىختىراسى ئۈچۈن ئىختىرا ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىتىراچىئىلتىماس قىلىپ، ئىختىرا گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات سوممىسى ياكى باشقا مۇكاپاتلارنىئېلىشقا ھوقۇقلۇق. پۇقرالار ئۆز كەشپىياتى ياكى باشقا پەن - تېخنىكامۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش، شۆھرەت گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات سوممىسى ياكىباشقا مۇكاپاتلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 4 - بۆلۈم كىشىلىك ھوقۇقى

 98 -ماددا پۇقرالار ساغلام ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە.

 99 -ماددا پۇقرالار ئىسىم - فامىلە ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆز ئىسىم - مىلىسىنى بەلگىلەشكە،ئىشلىتىشكە ۋە بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغائارىلىشىشى، ئۇلارنىڭ نامىنى سېتىشى سۇيىئستېمال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. قانۇنىيئىگىلەر، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچى شەخسلەر نام قويۇش ھوقۇقىغائىگە. قانۇنىي ئىگە بولغان كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، شېرىكلەشكۈچىشەخسلەر ئۆز نامىنى قوللىنىشقا، قانۇن بويىچە ئۇنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈشكە ھوقۇقلۇق.

 100- ماددا پۇقرالار سۈرەت ھوقۇقىغا ئىگە. پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ئۆزرازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۈرىتىدىن پايدا تېپىش مەقسىتىدە پايدىلىنىشقابولمايدۇ.

 101- ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر نام - شۆھرەت ھوقۇقىغا ئىگە، پۇقرالارنىڭكىشىلىك ئىززىتى قانۇن بىلەن قاتتىق قوغدىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭنام شۆھرىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش ۋە تۆھمەت قىلىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن زىيانيەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ. 102 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر پەخرىي نامھوقۇقىغا ئىگە، پۇقرالارنى، قانۇنىي ئىگىلەرنى پەخرىي نامدىن قانۇنسىز يول بىلەنمەھرۇم قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

 103- پۇقرالار نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە، نىكاھ سودىسى قىلىش، نىكاھقاچات كىرىۋېلىش ھەرىكەتلىرى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان باشقاھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ.

 104- ماددا نىكاھ، ئائىلە، قېرىلار، ئانىلار ۋە بالىلار قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.مەجرۇھلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

 105- ماددا ئاياللار ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە. 6 - بابھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى 1 - بۆلۈم ئومۇمىي بەلگىلىمە

 106- ماددا توختامغا خىلاپلىق قىلغان ياكى باشقا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانپۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سەۋەنلىكئۆتكۈزۈپ دۆلەت ۋە كوللېكتىپ مۈلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن، باشقىلارنىڭ مۈلىكىگە ۋەئۆزىگە زىيان يەتكۈزگەن پۇقرا ۋە قانۇنىي ئىگە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئېلىشى لازىم. سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قانۇندا ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش لازىملىقى بەلگىلەنگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 107- ماددا يېڭىپ بولمايدىغان توسالغۇ سەۋەبى بىلەن توختامنى ئىجرا قىلالمىغانلارياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالمايدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

 108- مادد قەرزنى قايتۇرۇش كېرەك. قايتۇرۇشقا ۋاقتىنچە قۇربى يەتمەيدىغان قەرزدارھەقدارنىڭ ماقۇللۇقى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى بىلەن قەرزنى مۇددەتكەبۆلۈپ قايتۇرسا بولىدۇ. قايتۇرۇشقا قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قايتۇرمايتۇرۇۋالغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئارقىلىق مەجبۇرىي قايتۇرغۇزىدۇ.

 109- ماددا دۆلەت كوللېكتىپ مۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى ۋە ئامانلىقىنىدەخلى - تەرۇزدىن ساقلاپ قېلىش ۋە دەخلى - تەرۇزنى توسۇش يۈسىدىن ئۆزى زىيانغائۇچرىغانلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش جاۋابكارلىقىنى دەخلى - تەرۇز قىلغۇچى ئۆزئۈستىگە ئالىدۇ، مەنپەئەتكە ئىگە بولغۇچىمۇ زىياننى لايىقىدا تۆلەپ بەرسە بولىدۇ.

110 - ماددا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالغۇچى پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنىسۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە پۇقرانىڭ ۋەقانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىم. 2 - بۆلۈمتوختامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى

111 - ماددا توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپتوختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىسا ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكەنشەرتلەر بويىچە ئادا قىلمىسا، ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭ ئادا قىلىشىنى ياكى زىياننىڭئورنىنى تولدۇرۇش يۈزسىدىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەم زىياننىتۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

112 - ماددا توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىرتەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىگەنتۆلىمى ئىككىنچى تەرەپكە كەلتۈرگەن زىيىنىغا باراۋەر بولۇشى كېرەك. توختامتۈزۈشكەن بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ئىككىنچى تەرەپكە مەلۇم مىقدارداتوختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدىغانلىقىنى توختامدا پۈتۈشۈپ قويسا بولىدۇ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان زىياننىڭ تۆلەم مىقدارىنىھېسابلاش ئۇسۇلىنىمۇ توختامدا پۈتۈشۈپ قويسا بولىدۇ.

 113- ماددا توختام تۈزۈشكەن ھەر ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، ئۆزلىرىگەتېگىشلىك ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 114- ماددا توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپ ئىككىنچى تەرەپنىڭ توختامغا خىلاپلىققىلىشى بىلەن زىيانغا ئۇچرىسا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، زىياننىڭ چوڭىيىپكېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا تەدبىر قوللانماي، زىياننىڭ چوڭىيىپكېتىشىگە سەۋەبچى بولسا، چوڭىيىپ كەتكەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىبولمايدۇ.

 115- ماددا توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى بىكار قىلىنىشى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زىيانئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

 116- ماددا توختام تۈزگۈچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى يۇقىرى دەرىجىلىكئورگاننىڭ كاشىلىسى بىلەن ئادا قىلالمىغان بولسا، توختامدىكى پۈتۈم بويىچەئىككىنچى تەرەپكە زىياننى تۆلەپ بېرىشى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش يۈزسىدىنباشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ شۇ سەۋەبتىن تارتقانزىيىنىنى مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ئىگە بولۇپ بىر تەرەپ قىلىشىكېرەك. 3 - بۆلۈم ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى

117 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭمۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلار مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇشىلازىم. مال - مۈلۈكنى قايتۇرالمىغانلار باھاغا سۇندۇرۇپ پۇل تۆلىشى لازىم.دۆلەتنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى بۇزۇپ قويغانلارئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ پۇل تۆلىشى لازىم. زىيانغائۇچرىغۇچى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن باشقا زور چىقىم تارتقان بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچىبۇ زىياننىمۇ تۆلىشى كېرەك.

 118- ماددا ئاپتورلۇق ھوقۇقى (نەشر ھوقۇقى)، پاتېنت ھوقۇقى، خاس ماركا ھوقۇقى،ئىختىرا ھوقۇقى، كەشپىيات ھوقۇقى ۋە پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە دائىر باشقاھوقۇقلىرى باشقىلارنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقاتارلىق دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغان پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەر دەخلى - تەرۇزنىڭتوختىتىلىشىنى، تەسىرنىڭ تۈگىتىلىشىنى، زىياننىڭ تۆلەپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقاھوقۇقلۇق.

 119- ماددا پۇقرالارنىڭ تېنىنى زەخمىلەندۈرگەنلەر داۋالىنىش راسخوتىنى، ئىشقاچىقالماي ئازىيىپ كەتكەن دارامىتىنى، مېيىپ بولغۇچىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ۋەشۇنىڭغا ئوخشاش راسخوتلىرىنى تۆلىشى كېرەك؛ ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولغانلار ئۆلگۈچىنىڭدەپنە پۇلىنى ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا بېقىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇشخىراجىتىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش راسخوتلارنى بېرىشى لازىم.

 120- ماددا ئىسىم - فامىلە ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام - شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نامھوقۇقى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغان پۇقرالار دەخلى تەرۇز قىلغۇچىنىڭ دەخلى تەرۇزنىتوختىتىشنى، نام شۆھرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىنى، تەسىرنى تۈگىتىشنى، ناماقۇلبولۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە بولغان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسابولىدۇ. قانۇنىي ئىگىنىڭ نام قويۇش ھوقۇقى، نام - شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نامھوقۇقى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىسا، يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىق قىلىنىدۇ.

 121- ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملار ۋەزىپە ئۆتەشداۋامىدا پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگەدەخلى تەرۇز قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئېلىشى كېرەك.

 122- ماددا مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن، باشقىلار مال مۈلۈك ۋە جىسمانىيجەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىسا، شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى قانۇن بويىچەھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭغا توشۇغۇچىنىڭ ۋەساقلىغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى ئۇلارنىڭزىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

 123- ماددا ئەتراپتىكى مۇھىتقا قاتتىق خەۋپ تۇغدۇرىدىغان ئېگىزلىك مەشغۇلاتى، يۇقىرىبېسىملىق مەشغۇلات، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلاپ كېتىدىغان، ئۆتكۈررەھبەرلىك، رادىئوئاكتىپ نەرسىلەرنى باشقۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك ترانسىپورتقوراللىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغۇچىلار باشقىلارغا زىيانيەتكۈزسە، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار زىياننىزىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆزى قەستەن پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، ھەقتەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىسا بولىدۇ.

 124- ماددا دۆلەتنىڭ مۇھىتنى ئاسراش، بۇلغىنىشتىن ساقلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگەخىلاپلىق قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغاپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەقتەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 125- ماددا جامائەت سورۇنلىرىدا يول بويلىرىدا ياكى ئۆتەر يوللاردا ئازگال كولاش، يەرئاستى ئەسلىھەرلىرىنى رېمونت قىلىش، ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىپ،ئېنىق بەلگە ئورناتماي ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي، باشقىلارغا زىيانيەتكۈزگەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 126- ماددا بىنالار ياكى باشقا ئەسلىھەلەر، شۇنىڭدەك بىنا ئۈستىگە جايلاشتۇرۇلغان،ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەر ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاجراپ كېتىپ، چۈشۈپ كېتىپ، باشقىلارغازىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلىرى ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەمما ئۆزىنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەنلىكىنىئىسپاتلىيالىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

 127- ماددا بېقىلىۋاتقان ھايۋان باشقىلارغا زىيان سالسا، شۇ ھايۋاننى باققۇچى ياكىباشقۇرغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، زىيان زىيانغائۇچرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن تۇغۇلغان بولسا، ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ھەقتەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ زىيان ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەنلىكىدىنتۇغۇلغان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى شۇ ئۈچىنچى كىشى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 128- ماددا يوللۇق قوغدىنىش سەۋەبى بىلەن باشقىلارغا زىيان سالغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئالمايدۇ. يوللۇق قوغدىنىشنى تېگىشلىك چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئورۇنسىز زىيانتۇغدۇرغانلار لايىقىدا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 129- ماددا جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش يۈزسىدىن زىيان پەيدا قىلغان ئەھۋالدا، خەۋپلىكئەھۋالنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان كىشى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ. ئەگەر خەۋپ تەبىئىي سەۋەبلەردىن تۇغۇلغان بولسا، جىددىي خەۋپتىنساقلانغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ياكى لايىقىدا ئالىدۇ.جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش تەدبىرى جايىدا بولماي ياكى تېگىشلىك چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ،ئورۇنسىز زىيان تۇغدۇرغان بولسا، جىددىي خەۋپتىن ساقلانغۇچى لايىقىدا ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 130- ماددا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىپ، باشقىلارغازىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇلار چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

131 - ماددا زىياننىڭ تۇغۇلۇشىدا زىيانغائۇچرىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ سەۋەنلىكى بولسا، زىيان تۇغدۇرغۇچىنىڭ ھەق تەلەپجاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ. 132 - ماددا زىياننىڭ تۇغۇلۇشىدا ئالاقىدار  تەرەپلەرنىڭھېچقايسىسىنىڭ سەۋەنلىكى بولمىسا، ئۇلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تېگىشلىك ھەقتەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

133 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەتسالاھىيىتى يوق ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىلەر باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە،ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ۋەسىي ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋەسىي ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنىئۆتىگەن بولسا، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى مۇۋاپىق يېنىكلىتىلسە بولىدۇ.  ھەق تەلەپ ئىشلىرىداھەرىكەت سالاھىيىتى يوق ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىلەردىن مال - مۈلكىبارلار باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم پۇلى شۇلارنىڭ مال مۈلكىدىنبېرىلىدۇ. كەم قالغان قىسمىنى ۋەسىي مۇۋاپىق ھالدا تۆلەيدۇ، لېكىن ۋەسىيلىكقىلغۇچى ئورۇن بۇنىڭ سىرتىدا.

 

4 - بۆلۈم ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگەئېلىش شەكلى

134 - ماددا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىش شەكلى ئاساسەن مۇنۇلا (1) دەخلى - تەرۇزنى توختىتىش؛ (2) توسالغۇنىتۈگىتىش؛ (3) خەۋپنى تۈگىتىش؛ (4) مال - مۈلۈكنى قايتۇرۇش؛ (5) ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛(6) رېمونت قىلىپ بېرىش، يېڭىدىن ياساپ بېرىش، يەڭگۈشلەپ بېرىش؛ (7) زىياننىتۆلەش؛ (8) توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەش؛ (9) تەسىرنى تۈگىتىپ، نام -شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ (10) ناماقۇل بولۇش. ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىئۈستىگە ئېلىشنىڭ يۇقىرىقى شەكىللىرى ئايرىم تەتبىقلانسىمۇ، بىرلەشتۈرۈپتەتبىقلانسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىقىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىغايۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىق قىلغاندىن باشقا، جاۋابكارلارغا تەنبىھ بەرسە،توۋىنامە يازدۇرسا، قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتا ۋاستە قىلغان مۈلۈكنى ۋەقانۇنسىز تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋالسا ھەمدە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانەقويسا، توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ.

 

7 - باب دەۋا سۈرۈكى

135 - ماددا ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشيۈزسىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، قانۇندائايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

136 - ماددا تۆۋەندىكى دەۋالارنىڭ سۈرۈكى بىريىل بولىدۇ: (1) تېنى زەخمىلەنگەنلىكى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىش دەۋاسى؛ (2) سۈپىتىئۆلچەمگە توشمايدىغان تاۋارنى ئېلان قىلماي ساتقانلار ئۈستىدىكى دەۋا؛ (3) ئىجارەپۇلىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلەر ياكى رەت قىلغانلار ئۈستىدىكى دەۋا؛ (4) ئامانەتقويۇلغان نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويغانلار ياكى بۇزۇپ قويغانلار ئۈستىدىكى دەۋا.

137 - ماددا دەۋا سۈرۈكى دەۋاگەرنىڭ ھوقۇقىدەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىنباشلاپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق ھوقۇقى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىن تارتىپھېسابلىغاندا 20 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ.ئالاھىدە ئەھۋالى بولغانلارنىڭ دەۋا سۈركىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇزارتسا بولىدۇ.

138 - ماددا دەۋا سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكەنبولسىمۇ، ئالاقىدار تەرەپ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى خالىغان بولسا، دەۋاسۈرۈكى بىلەن چەكلەنمەيدۇ.

139 - يىلى دەۋا سۈرۈكىنىڭ ئاخىرقى ئالتەئېيى ئىچىدە يېڭىپ بولمايدىغان سەۋەب ياكى باشقا توسالغۇلار تۈپەيلىدىن تەلەپقىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۇمكىن بولماي قالسا، دەۋا سۈرۈكى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ.دەۋا سۈرۈكى ئۇنى توختىتىپ تۇرۇشتىكى سەۋەبلەر تۈگىتىلگەن كۈندىن ئېتىبارەنئۇلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.

 140 - ماددادەۋا سۈرۈكى دەۋا قىلىنغانلىقى، دەۋادىكى بىر تەرەپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنىتەلەپ قىلغانلىقى ياكى ماقۇل كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. دەۋا سۈرۈكىئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ يېڭىۋاشتىن ھېسابلىنىدۇ.

 

 8 -باب قانۇننىڭ چەتكە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تەتبىقلىنىشى

 142- ماددا قانۇننىڭ چەتكە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىگە تەتبىق قىلىنىشى مۇشۇبابتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكىقاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپقانۇنىدىكى باشقىچە بەلگىلىمىلەر بولسا، خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمىلەرتەتبىقلىنىدۇ، ئەمما جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانان ئېلان قىلىپ ئۆز پىكرىدەقالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىدا ۋە جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلىمەيوقلىرىغا خەلقئارا قائىدە تەتبىقلىنىدۇ.

 143- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغانپۇقرالىرىنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت سالاھىيىتىگە شۇ پۇقرا ئولتۇراقلاشقاندۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلانسا بولىدۇ.

 144- ماددا كۆچمەس مۈلۈككە بولغان مۈلۈكچىلىك ھوقۇقىغا كۆچمەس مۈلۈك جايلاشقان جاينىڭقانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

 145- ماددا چەتكە چېتىشلىق توختامغا ئالاقىدار تەرەپلەر توختامدىكى تالاشلارغاتەتبىقلىنىدىغان قانۇننى تاللىسا بولىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭسىرتىدا. چەتكە چېتىشلىق توختامغا ئالاقىدار تەرەپلەر تاللىمىغان بولسا، توختامغاھەممىدىن زىچ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

 146- ماددا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى تۇغدۇرغان زىياننى تۆلەشكە ھوقۇققادەخلى - تەرۇز قىلىنغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. ئالاقىدار ئىككى تەرەپ بىردۆلەتنىڭ ئادەملىرى بولسا ياكى بىر دۆلەتتە ئولتۇرۇشلۇق بولسا، شۇلارنىڭ ئۆزدۆلىتىنىڭ قانۇنى ياكى ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلانسىمۇ بولىدۇ.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ سىرتىدايۈز بەرگەن ھەرىكەت ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى دەپ قارالمىسا، ئۇھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ. 147 - مادداجۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى چەت ئەللىكلەر بىلەن نىكاھلانغان بولسا، ئۇنىڭغانىكاھلانغانلار پۈتۈشكەن جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. نىكاھتىن ئاجرىشىشقا دېلونىقوبۇل قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

 149- يىلى مىراسقا قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىدا، كۆچمە مۈلۈككە مىراس قالدۇرغۇچىئۆلگەن چاغدىكى ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ، كۆچمەس مۈلۈككە شۇ مۈلۈكجايلاشقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.

 150- ماددا مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە بويىچە چەت ئەللەرنىڭ قانۇن ياكى خەلقئارا قائىدەتەتبىقلىنىدىغان ئىشلاردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت مەنپەئىتىگەخىلاپلىق قىلىنسا بولمايدۇ.

 

9 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

151 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭخەلق قۇرۇلتايلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكىمىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە ئايرىم نىزام ياكىبەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇليايلىرىنىڭتۈزگەنلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىيكومىتېتىغا تەستىقلىتىلىدۇ ياكى ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئاپتونومناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ تۈزگەنلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەستىقلىتىلىدۇ.

 152- ماددا بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستەقاراشلىق شەھەردىن يۇقىرى ئورۇندىكى مەسئۇل ئورگانلارنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغانئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلاردىن سودا - سانائەت مەمۇرىيىتى ئورگىنىغاتىزىمغا ئالدۇرغانلىرى قانۇنىي ئىگە بولۇپ، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتمىسىمۇ،قانۇنىي ئىگىلىك لاياقىتىگە ئىگە بولىۋېرىدۇ.

 153- ماددا بۇ قانۇندا <يېڭىپ بولمايدىغانتوسالغۇ> دېيىلگىنى ئالدىن بايقاش مۇمكىن بولمايدىغان، ساقلانغىلىھەمدە يەڭگىلى بولمايدىغان ئوبيېكتىپ ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.

 154- ماددا ھەق تەلەپ قانۇنىدا ئېيتىلغان ۋاقىت مىلادىيەنىڭ يىل، ئاي، كۈن، سائىتىبويىچە ھېسابلىنىدۇ. سائەت بويىچە ھېسابلاش بەلگىلەنگەن مۆھلەت بەلگىلەنگەنۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. كۈن، ئاي، يىل بويىچە ھېسابلاش بەلگىلەنگەن مۆھلەتشۇ كۈندىن باشلاپ ھېسابلانماي ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مۆھلەتنىڭ ئاخىرقىبىر كۈنى يەكشەنبىگە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغراكېلىپ قالسا، شۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ.مۆھلەتنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىنىڭ توشۇش ۋاقتى سائەت نۆل بولغان ۋاقىت بولىدۇ، كەسپىيئىش ۋاقتى يولغا قويۇلغان بولسا ئىش توختىغان ۋاقىت ئاخىرقى ۋاقىت بولىدۇ.

 155- ماددا ھەق تەلەپ قانۇنىدا <... يۇقىرى>،<تۆۋەن>،<... ئىچىدە>دېيىلگەنلەرشۇ ساننىڭ ئۆزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ <... توشمىغان>،<... سىرتىدا>دېيىلگەنلەرشۇ ساننىڭ ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 156 - ماددا بۇ قانۇن 1987 - يىلى 1 -ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 691 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-30