كەشمىرىلەر=Kashmiri

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كەشمىرلەر=Kashmiri


كەشمىرلەر جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستان، پاكىستان، تېبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى چېگرىلىشىدىغان ئىستىراتىگىيىلىك ئىگىزلىككە جايلاشقان مىللەت.

    2010-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا تەخمىنەن 6مىليون 800مىڭ ئاھالىسى بار بولۇپ، كەشمىر تاغلىق رايونىغا ئولتۇراقلاشقان.

   كەشمىر رايونى پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ كونتروللىقىدا بولسىمۇ ئەمما پاكىستان كونتىرۇللىقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ  پەقەت  نېلىي رايونىدىلا ئاران يۈزمىڭ ئەتراپىدا كەشمىر بار، قالدىسى پەنجەپلاردىن ئىبارەت.
    ھىندىستانغا قاراشلىق كەشمىر جام ۋە كەشمىر دەپ ئاتىلىدۇ ۋە لاداخ، كەشمىر تاغلىق رايونى، جام دىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ. كەشمىرلەر دەل كەشمىر تاغلىق تاغلىق رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ كەشمىر تاغلىق رايونىدىكى 5مىلىيۇن 800مىڭ ئاھالىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كەشمىرىلەردۇر،  جام رايونىدا كەشمىرىلەر ئاھالىنىڭ 32%نى ئىگەللەيدۇ. كەشمىرىلەرنىڭ 97%ى ئىسلام دىنىغا ،3%ى ھىندى دىنىغا ئىشىنىدۇ.

  كەشمىرلەر كەشمىر تىلىنى قوللىنىدۇ، ھىندىستان-ياۋروپا تىللار سېستىمىسى ھىندىستان تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىك تىلى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا زور مىقداردا سانسكرىت تىلى، پارس تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى، پۇشتى تىلى ۋە پەنجاپ تىلىدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلغان. كەشمىرلەرنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى  پارس خەت شەكلى ئېلىپبەسىنى، ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغانلىرى سانسىكىرت ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى شاردا خەت شەكلى ۋە سانسكرىت دېۋاناگارى خەت شەكلىنى قوللىنىدۇ.

  كەشمىرىلەر ياۋروپا ئىرقى، ئوتتۇرا دېڭىز تۈركۈمى پامىر تىپىغا تەۋە، كۆپ قىسىم ئاھالىلىرى  ئاق تەنلىك، لېكىن قىسمەن ئاھالىلىرىدە مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئىنتايىن روشەن ئىپادىلىنىدۇ.

   كەشمىرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ جۇغراپىيىلىك شارائىت تۈپەيلى كەشمىر رايونى تارىختىن بۇيان بۆلۈنمە يەرلىك ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن كۆپرەك ئىدارە قىلىنغان، ئالىكساندىر، ھۇن، قاراخانىلار، غەزنەۋىلەر، لۇرلار، بابۇر باشچىلىغىدىكى موغۇللار تارىختى بۇيان بۇ زىمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

 8~4ئەسرلەردە بۇددا دىنى مەدەنىيىتى كەشمىردە يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، كەشمىردىن نۇرغۇن بۇددىستلار جوڭگوغا بېرىپ دىن تارقاتقان. 10-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنى كەشمىر رايونىدا ھۆكۈمرانلىقنى ئىگەللىگەن. 16-ئەسىردىن كېيىن كەشمىرىلەر ئاساسەن بابۇر قۇرغان موغۇل ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان، 1846-يىلى ئەنگىلىزلار بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ ئەنگىلىيەگە بىۋاستە قاراشلىق بەگلىككە ئايلاندۇرۇپ جام رايونىدىكى ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغان دوگرىلارنى ۋە كەشمىرىلەر ئىچىدىكى ئاز سانلىق ھىندى بىراھمانلىرىنى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا يۆلەپ چىقارغان.

1945-يىلى ھىندىتان -پاكىستان ئايرىلغاندا ھەر قايسى بەگلىكلەرگە ھىندىتان ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇش ئىختىيارى بېرىلگەن. كەشمىرنىڭ ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغان دوگرى مىللىتىدىن بولغا بېگى ھىندىستانغا قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، خەلق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن پاكىستان ۋە ھىندىستان ئارمىيىسى كەشمىرگە تەڭلا كىرىپ توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى سىزىلىپ كەشمىر رايونى ھىندىستانغا قاراشلىق جام ۋە كەشمىر، پاكىستانغا قاراشلىق ئازاد كەشمىرگە بۆلۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە كەشمىر خەلقى مۇستەقىل بولۇش ياكى پاكىتانغا قوشۇلۇشتىن ئىبارەت سىياسى تەلىپى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلماقتا.

كەشمىرىلەرنىڭ سەيىد، شېكىل، موغۇل ۋە پاتاندىن ئىبارەت 4چوڭ قەبىلىسى بار: بۇنىڭ ئىچىدىكى شېكىل قەبىلىسىدە ئاھالە ئەڭ كۆپ، كەشمىرىلەردە ھىندى دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ۋە شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭقۇر، راھىبلارغا چوقۇنۇش، موناخ، پەيغەمبەر، ئەجدادلارغا، پېرىخونلۇققا ئىشىنىش قاتارلىق خۇراپاتلىقلارمۇ كەڭ تارقالغان.

   كەشمىرىلەر ئىچىدىكى ھىندى دىنى مۇرتلىرىنىڭ كۆپرەكلىرى براخمان سالاھىيىتىگە ئىگە، فەندىت دەپ ئاتالغان. يېرىمى سېرناگار شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان، يېرىمى يېزىلاردا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەشمىرنىڭ سىياسىيونى، زىمىندار، ئالىم، كاھىن، ئوقۇتقۇچى، خان سارىيى خىزمەتچىلىرىگە ئايلانغان. ئۇلار ھازىرقى شىمالىي ھىندىستاننىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ ساھەسى، سىياسىي ساھە، نامەلۇم سودا ساھەسى قاتارلىقلاردا يەنىلا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنى كەشمىر براھمانلىرى دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. سالاھىيەتكە قاراپ توي قىلىش يەنىلا بار، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدە تۇل ئاياللارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنىدۇ.


كەشمىرلەر ئاساسلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى، يەنە قوناق، بۇغداي قاتارلىقلارمۇ بار. يۇڭ توقۇمىچىلىق، ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتى شۇنداقلا مىتال تاۋلاش قاتارلىق قول سانائىتى تەرەققىي قىلغان. يېشىل چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چايغا تۇز سالىدۇ. نامرات ئائىلىلەر چاي ئىچىش ۋە ئۇماچ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە ئۇزۇن يەكتەك ۋە شىم كىيىدۇ، بېشىنىڭ كەينى قىسمىغا كىچىك دۈگلەك دوپپا كىيىدۇ. ئاياللىرى تويدىن كېيىن مېدالىئون تاقايدۇ، قۇلىقىغا ھالقا تاقايدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1793 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01