جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى

 

(2002- يىلى 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 – يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 – باب  ئومۇمىي پرىنسىپ 1 – ماددا  بۇ قانۇن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، خەلق ئاممىسىنڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 – ماددا  خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇن (ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى دېيىلىدۇ) نىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىقا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى، تۆمۈر يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى، سۇ قاتنىشى بىخەتەرلىكى، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرىغا شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 3 – ماددا  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشتا بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجىنېدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. 4 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بۇ قانۇن ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر باشقا قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. 5 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ. 6 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى قانۇن بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتىگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى لازىم. 7 – ماددا  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتناشتۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم. 8 – ماددا  گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ساقلانغان چوڭ – چوڭ مەسلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇشى، ھەل قىلىشى كېرەك. 9 – ماددا  گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.   گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. 10 – ماددا  گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە بىنائەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بېكىتىشى ھەمدە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ، ئۇنى مۇۋاپىق پەيىتتە تۈزىتىشى لازىم. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. 11 – ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن – نىزاملار ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقرىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 12 – ماددا  قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ۋاستىچى ئاپپاراتلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كەسپىي مىزانىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنىلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۇلارغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى جەھەتتە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك. 13 – ماددا  دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش ھادىسلىرىدىكى جاۋابكارلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. 14 – ماددا  دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىلغار تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشقا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 15 – ماددا  دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 2 -  باب  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتى 16 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنىلىرى مۇشۇ قانۇن  ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ھەمدە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىشى كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشىغا بولمايدۇ. 17 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ: (1) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللشتۈرۈش؛ (2) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە- تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش؛ (3)شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ (4) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۇنى تەكشۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛ (5) شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم لايىھىسىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش؛ (6) ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى ۋاقتىدا، ئەينەن دوكلات قىلىش. 18 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلاشقا كېتىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسى بولۇشى، ئۇنىڭغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچى كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئۇلار بىخەتەر ئىشلەپچىقرىشقا سېلىمىدىغان زۆرۈر مەبلەغ سېلىنمىسى يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە جاۋابكار بولۇشى لازىم. 19 – ماددا  كانچىلىق، بىناكارلىك قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس خادىم قويۇشى كېرەك.       ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن كەسىپكارلىرى 300 دىن ئاشىدىغانلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات تەسىس قىلىشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس خادىم قويۇشى لازىم؛ كەسىپكارلىرى 300گە يەتمەيدىغانلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىم قويۇشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئالاقىدار قۇرۇلۇش تېخنىكا سالاھىيىتى بار قۇرۇلۇش تېخنىك خادىمىغا ھاۋالە قىلىشى لازىم.     ئىشلەپچقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ھاۋالە قىلغان بولسا،  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرشقا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى يەنىلا شۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. 20 – ماددا  ئىشلەپچقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشى شەرت.      خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بويىچە سىنىقىدىن ئۆتكەنلىرى ۋەزىپىگە قويۇلسا بولىدۇ. سىناقتىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ. 21 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىنى ھازىرلىشىغا ئالاقىدار بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى پىششىق بىلىشىگە، ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان كەسىپكارلارنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىپ شۇ ئىش ئورنىدا ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 22 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى يېڭى ھۈنەر، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال ياكى يېڭى ئۈسكۈنە ئىشلىتىشتە بىخەتەرلىك تېخنىكا خۇسۇسىيىتىنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە كەسپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تەربىيلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى شەرت. 23 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش ، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى ئالاھىدە مەشغۇلات خادىملىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن بىخەتەرلىك مەشغۇلات سالاھىيەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىش ئورنىدا ئىشلىسە بولىدۇ.     ئالاھىدە مەشغۇلات خادىملىرىنىڭ دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ. 24 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى يېڭى سالىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، كېڭەيتىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ( تۆۋەندە قۇرۇلۇش تۈرلىرى دېيىلىدۇ) نىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھىلىنىشى، تەڭ سېلىنىشى، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى شەرت. بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى مەبلىغىنى قۇرۇلۇش تۈرى تەخمىنىي چوتىغا كىرگۈزۈشى لازىم. 25 – ماددا  كانچىلىق  قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى دەلىللەش ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش لازىم. 26 – ماددا  قۇرۇلۇش تۈرلىرى بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى لايىھىلىگۈچى شەخس ۋە ئورۇن بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى لايىھىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.   كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك تارمققا تەكشۈرتۈش لازىم. تەكشۈرگۈچى تارماق ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىمى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 27 – ماددا  كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار تەستىقلانغان بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلشى ھەمدە بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت.  كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بويۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش شەرت؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالغۇچى ئورۇن  ياكى شەخس تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 28 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى خەتەر ئامىلى كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئەسكۈنىلەرگە روشەن بىخەتەرلىك سىگىنال بەلگىسى ئورنىتىشى لازىم. 29 – ماددا  بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە لايىھىلەش، ياساش، ئورنىتىش، ئىشلىتىش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە بىراك قىلىش لازىم.  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى دائىم ئاسراپ ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈپ، نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئاسراش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئۇنڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىم ئىمزا قويۇشى كېرەك. 30 - ماددا  ئىشلەپچقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلىتىلىدىغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان، خەتىرى چوڭراق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ۋە خەتەرلىك بۇيۇم قاچىلاش، توشۇش قۇراللىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، كەسپىي ئورۇن ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە ئۇ كەسپىي سالاھىيەتنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ كۆزىتىش، تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك، بىخەتەر ئىشلىتىش كىنىشكىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىلىسى ئالغاندىن كېيىن، ئىشلىسە بولىدۇ. كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.    ھايات بىخەتەرلىكىگە چىتىلىدىغان، خەتىرى چوڭراق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ،  گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ ئىجراقىلىدۇ. 31 – ماددا  دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەردە شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى بولغا قويىدۇ.    دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن، ئىشلىتىشنى چەكلىگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 32 – ماددا  خەتەرلىك بويۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش، ساقلاش، ئىشلىتىش ياكى بىر تەرەپ قىلىش، تاشلاشنى ئالاقىدار ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش،  ساقلاش، ئىشلىتىش ياكى تاشلاندۇن خەتەرلىك بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى، مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئىشەنچىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى لازىم. 33 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى چوڭ خەۋپ مەنبەسىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇشى، قەرەللىك كۆزىتىپ، باھالاپ،  نازارەت قىلىپ تىزگىنلىشى ھەمدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى تۈزۈشى،  كەسىپكارلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا جىددىي ئەھۋالدا قوللىنىدىغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى شۇ ئورۇندىكى چوڭ خەۋپ مەنبەسى ۋە ئالاقىدار بىخەتەرلىك تەدبىرى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماقلىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. 34 – ماددا  خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، ئىشلىتىش، سېخلىرى، دوكانلىرى، ئىسكىلاتلىرى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بىر ئىمارەت ئىچىدە بولماسلىقى ھەم ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بىخەتەر ئارىلىق قالدۇرۇشى لازىم.  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياتىقىغا جىددىي تاقاقلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن، بەلگىسى روشەن، راۋان چىقىش ئېغىزى قويۇلۇشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى ئېتىۋېتىش، توسۇپ قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ. 35 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى پارتىلىتىش، كىران بىلەن قاچىلاشتەك خەتەرلىك مەشغۇلاتلارنى قىلىشتا، نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشقا ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 36 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلارغا شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – تۈزۈمى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە كەسىپكارلىرىغا مەشغۇلات سورۇنى ۋە خىزمەت ئورنىدىكى خەتەر ئامىلى، ئالدىنى ئېلىش تەدبېرى ۋە جىددىي تەدبىرنى ئەينەن بىلدۈرۈشى كېرەك. 37 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرىغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگەئۇيغۇن ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇمى بېرىشى ھەمدە ئىشلىتىش قائىدىسى بويىچە تۇتۇش، ئىشلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى،  تەربىيە بېرىشى كېرەك. 38 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى بىخەتەرئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملار شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈشتە بايقالغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى،  بىر تەرەپ قىلالمىغانلىرىنى شۇ ئورۇندىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلشى كېرەك. تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇشى لازىم. 39 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇمى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىم – تەربىيە خىراجىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم. 40 – ماددا  ئىككىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرش، تىجارەت  ئورنى بىر مەشغۇلات رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا، قارشى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ۋە قوللىنىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس خادىمنى بېكىتىپ، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشى، ماسلاشتۇرۇشى لازىم. 41 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى ۋە ئۈسكۈنىسىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتنى ھازىرلمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە ياكى ئىجارە بېرىشىگە بولمايدۇ.   ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى،  سورۇنىنى كۆپ ئورۇن ھۆددە،  ئىجارە ئالغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە،  ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەخسۇس كېلىشىمى ئىمزالىشى ياكى ھۆددە، ئىجارە توختامىدا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇرلىيىتىنى پۈتۈشۈشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، باشقۇرۇشى لازىم. 42 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە چوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى دەرھال قۇتقۇزۇشنى تەشكىللىشى لازىم، ۋەقە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىشقا بولمايدۇ. 43 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، كەسىپكارلىرى ئۈچۈن سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى لازىم. 3 – باب  كەسىپكارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى 44 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىدا كەسىپكارلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كەسپىي خەۋپ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى، شۇنىڭدەك كەسىپكارلىرى ئۈچۈن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى رەسىميىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىدىغانلىقىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.   ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسە تالاپىتىدە قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقنى يوققا چىقىرىش ياكى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ھەر قاندان شەكىلدە كېلىشىم تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 45 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت  ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى مەشغۇلات سورۇنى ۋە ئىش ئورنىدىكى خەۋپ ئامىلى، مۇداپىئە تەدبىرى ۋە جىددىي تەدبىرىنى بىلىشكە، شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ھەققىدە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق. 46 – ماددا  كەسىپكارلار ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسلىلەرنى تەنقىدلەش، پاش قىلىش،  ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىنى ۋە قاراملىق بىلەن ئىشلەشكە زورلاشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.   ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلاردىن شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەنقىد قىلغان،  ئەرز قىلغان ياكى قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىقنى، قاراملىق بىلەن ئىشلەشكە زورلاشنى رەت قىلغانلىرىنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قىلىشىغا، ئۇلارنى ئىشتىن بوشىتىۋېتشىگە يول قويۇلمايدۇ. 47 – ماددا  كەسىپكارلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە خەۋپ يەتكۈزىدىغان  جىددى تەدبىر قوللانغانلىرىنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە ياكى ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 48 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان كەسىپكارلار ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىدىن قانۇن بويىچە تۆلەمگە ئېرىشىشى ھوقۇقىمۇ بولسا، شۇ ئورۇندىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 49 – ماددا  كەسىپكارلار مەشغۇلات جەريانىدا، شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى، ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى توغرا تۇتۇشى ۋە ئىشلىشى كېرەك. 50 – ماددا  كەسىپكارلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىم – تەربىيسىنى قوبۇل قىلىپ، خىزمەت زۆرۈر بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىنى ئىگىلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى لازىم. 51 – ماددا  كەسىپكارلار ھادىسە خەۋپى ياكى باشقا خەتەر ئامىلىنى بايقىغاندا، دەرھال نەق مەيداندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىمىغا ياكى شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى كېرەك، دوكلات ئالغۇچى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. 52 – ماددا  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى ئاساسىي گەۋدە بىلەن تەڭ لايىھىلەش، تەڭ سېلىش، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن – نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، كەسىپكارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە  دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قۇماندانلىق قىلغانلىقى، قاراملىق بىلەن ئىشلەشكە زورلىغانلىقىنى ياكى ھادىسە خەۋپىنى سەزگەندە، ھەل قىلىش تەكلىپىنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق،  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ جاۋاب بېرىشى لازىم. كەسىپكارلار ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋالنى سەزگەندە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا ئۇلارنى تەشكىللەپ خەتەرلىك سورۇندىن چېكىندۈرۈش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى شەرت.    ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش، ئالاقىدار تارماقلارغا بىر تەرەپ قىلىش پىكرى بېرىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 4 – باب  بىخەتەر  ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 53 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن،  ئالاقىدار تارماقلارنى خىزمەت مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىشقا تەشكىللەپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك چوڭ ھادىسلىرى ئاسان يۈز بېرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى، ھادىسە خەۋپىنى سەزسە، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 54 – ماددا  مۇشۇ قانۇننىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق (تۆۋەندە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق دېيىلىدۇ)  ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاسەسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان ئىشلاردىن تەستىقلىتىشقا (جۈملىدىن تەستىقلاش، ئىجازەت بېرىش، رويخەتكە ئېلىش، ئىسپات بېرىش، كىنىشكا بېرىش قاتارلىقلار، تۆۋەندىمۇ شۇنداق)  ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي تۈردە ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ۋە تەرتىپى بويىچە تەكشۈرۈشى، ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى تەستىقلىماسلىقى ياكى ئۆتكۈزۋالماسلىقى لازىم. قانۇن بويىچە تەستىقلانمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئورۇنلاردىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلغانلىرىنى مەمۇرىي تەستىقلاشقا مەسئۇل تارماق سەزگەن ياكى پاش قىلىشنى تاپشۇرۋالغان ھامان چەكلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مەمۇرىي تەستىقلىغۇچى تارماق قانۇن بويىچە تەستىقلىغان ئورۇنلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى قايتا  ھازىرلىمىغانلىرىنى سەزسە، ئەسلىي تەستىقنى بىكار قىلىشى لازىم. 55 – ماددا  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى باش تارماقنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان ئىشلارنى تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، تەكشۈرۈلگۈچى،  ئۆتكۈزۈۋېلىنغۇچى ئورۇنلاردىن كۆرسىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش،  سېتىش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى، سايمىنى ياكى باشقا مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. 56 – ماددا  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنى ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ  تەكشۈرشتە، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:  (1)  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرىپ تەكشۈرۈش، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، ئالاقىدار ئورۇن ۋە كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش؛  (2)  تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان بىجەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نەق مەيداندا تۈزىتىش ياكى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىش؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشلارغا مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىش؛  (3) تەكشۈرۈشتە بايقالغان ھادىسە خەۋپنى دەرھال تۈگىتىشكە بۇيرۇش؛ زور خەۋپنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن ياكى تۈگىتىش جەريانىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، مەشغۇلات قىلغۇچىلارنى خەتەرلىك رايوندىن چېكىنىشكە بۇيرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ياكى ئىشلىتىشنى ۋاقتىدا توختىتىشقا بۇيرۇش؛زور ھادىسە خەۋپى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ۋە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛  (4)بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قاراش ئاساسى بولغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، سايمانلارنى پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش قارارى چىقىرىش.   نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. 57 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ( تۆۋەندە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر دېيىلىدۇ)  قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك. رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ. 58 -  ماددا  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلشتا، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىدىغان ئىناۋەتلىك كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى شەرت؛ تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقىلشى كېرەك. 59 – ماددا  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرۈش ۋاقتى، ئورنى، مەزمۇنى، بايقىغان مەسلىلەر ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا تەكشۈرگۈچى بىلەن تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى كېرەك؛ تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، تەكشۈرگۈچىلەر ئەھۋالنى خاتىرلەپ قويۇشى ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت مەسئۇليىتى بار تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك. 60 – بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇن مەسئۇليىتى بار تارماقلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىرلىكتە  تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئايرىم تەكشۈرۈش زۆرۈر بولسا، ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈشى، سېزىلگەن بىخەتەرلىك مەسلىلىرىدىن باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىر تەرەپ قىلشقا تېگىشلىكلىرىنى ئۇلارغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە خاتىرىلەپ قويۇشى، ئۆتكۈزۈۋالغان تارماق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 61 -  مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەپتىشلەيدۇ. 62 – ماددا  بىخەتەرلىك باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپارات دۆلەت بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىشى ھەمدە ئۆزى چىقارغان بىخەتەرلىك باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 63 – ماددا  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، پاش قىلىش تېلېفونى، خەت ساندۇقى ياكى ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادرېسىنى ئاشكارلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئەرزنى قوبۇل قىلىشى؛ ئەرز قىلىنغان ئىشلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن، يازما ماتېرىيال تەييارلىشى، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار مەسئۇللارغا ئىمزا قويدۇرۇشى ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 64 – ماددا  ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس ھادىسە خەۋپىنى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىخەتەر ئىشلەپىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا دوكلات قىلىش ياكى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 65 – ماددا  شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ھادىسە خەۋپىنى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك. 66 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى زور ھادىسە خەۋپىنى دوكلات قىلىش ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. كونكرېت مۇكاپاتلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ. 67 – ماددا  ئاخبارات – نەشرىيات، رادىئو، كىنو – تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق – تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بار. 5 -  باب  ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش 68 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى پەۋقۇلئادە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمسىنى بەرپاقىلىشى كېرەك. 69 – ماددا  خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى جىددىي قۇرتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرۇشى كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆلىمى كىچىكرەك بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرمىسىمۇ بولىدىغانلار جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇمچە ئىشلەيدىغان خادىملارنى بەلگىلىشى كېرەك.    خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى زۆرۈر بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش سايمان – ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىشى ھەمدە ئۇنى دائىم ئاسرىشى، نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 70 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا  ئىشلاپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھادىسە نەق مەيدانىدىكى ئالاقىدار خادىملار دەرھال شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.    ئورۇن مەسئۇلى ھادىسە دوكلاتىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، تېزدىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قۇتقۇزۇشقا ئۇيۇشتۇرۇشى، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تالاپەت ۋە مال – مۈلۈك زىيىنىنى ئازايتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيتى بار تارماققا دەرھال ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك، ئەھۋالنى يۇشۇرۇشقا، يالغان مەلۇم قىلىشقا ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە، ھادىسە نەق مەيدانىدىكى ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى بۇزۇۋېتىشكە، يوقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. 72 – ماددا  ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ مەسئۇلى زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەر ھادىسىسى توغرىسىدا دوكلات ئالغاندىن كېيىن، ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىنىشى كېرەك.   ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ھادىسدىن قۇتقۇزۇشنى قوللىشى، ئۇنىڭغا ماسلشىشى ھەمدە تولۇق قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 73 -  ماددا  ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپى بويىچە، ھادىسە سەۋەبىنى ۋاقتىدا، توغرا ئېنىقلاپ، ھادىسىنىڭ خاراكتىرى ۋە جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھادىسە ساۋىقىنى يەكۈنلەپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ھادىسە جاۋابكارىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزۈپ چىقىدۇ. 74 -  ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسلىرىدىن تەكشۈرۈشتە جاۋابكارلىق ھادىسىسى دەپ بېكىتىلگەنلىرىدە، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىقلىغان ھەمدە قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرگەندىن سىرت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار مەمۇرىي تارماقنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى مۇشۇ قانۇننىڭ 77 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىش لازىم. 75 – ماددا  ھەر قانداق ئورۇن، شەخسنىڭ ھادىسنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشقا ۋە ئارىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 76 – ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قەرەللىك سىتاتىستىكىلاپ تەھلىل قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك. 6 -  باب  قانۇن جاۋابكارلىقى 77 – ماددا  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:  (1)  قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئىشلارنى تەستىقلاش ياكى ئۆتكۈزۈۋېلىش؛  (2)  قانۇن بويىچە تەستىقلاتمىغان، ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ئورۇنلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلغانلىقىنى بايقىغان ياكى ئەرزىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، بىكار قىلماسلىق ياكى قانۇن  بويىچە بىر تەرەپ قىلماسلىق؛  (3) قانۇن بويىچە تەستىقلانغان ئورۇننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىقىنى سەزگەندە، ئەسلىي تەستىقى بىكار قىلماسلىق ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا بىر تەرەپ قىلماسلىق. 78 – ماددا  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلاردىن تەكشۈرۈلگۈچى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىنغۇچى ئورۇنلاردا كۆرسىتىلگەن بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى، سايمانلىرى ياكى باشقا مەھسۇلاتلارنى سېتۋالىسەن، دەپ تەلەپ قويغانلىرىنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۋېلىشتا ھەق ئالغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە، ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاستە جاۋابكالارغا قانۇن  بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 79 – ماددا  بىخەتەرلىك باھالاش،  ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلاردىن يالغان ئىسپات بېرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققاتارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى،  بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى5000 يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە چاتماتۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.    ئالدىنقى تارماقتىكى خىلاپ قىلمىشى بولغان ئاپپاراتلارنىڭ مۇناسىپ سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. 80 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئاساسلىق مەسئۇلى، شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك مەبلەغقە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىيالماسلىقىغا سەۋەبچى بولغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە، كېرەكلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزۈتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.  ئالدىنقى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشكە سەۋەبچى بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمىسا، ئىشلەپچىقىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، شەخسى تىجارتكە مەبلەغ سالغۇچىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 81 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى تۇختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.   ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ ياكى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.   ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى چارە كۆرۈلگەن كۈنىدىن باشلاپ بەش يىلغىچە ھېچقانداق ئىشلەپچىقرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 82 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:  (1)بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلماسلىق ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىمى قويۇشتا بەلگىلىمىگەئەمەل قىلماسلىق؛  (2) خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلار بەلگىلەنگەن سىناقتىن ئۆتەلمەسلىكى؛  (3) كەسىپكارلارنى تەربىيلەش – يېتىشتۈرۈشتە مۇشۇ قانۇننىڭ 21 - ، 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق، كەسىپكارلىرىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى بىلدۈرۈشتە مۇشۇ قانۇننىڭ 36 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق؛  (4) ئالاھىدە مەشغۇلاتچىلارنى مەخسوس بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيلەشتە ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات لاياقەتنامىسى ئېلىپ ئىش ئورنىدا مەشغۇلات قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق. 83 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛  سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى قۇرۇلۇش ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛  ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:  (1) كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايھىسى بولمىسا ياكى بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماقنىڭ تەكشۈرۈشى، ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا؛  (2)  كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلغۇچى ئورۇنلار تەستىقلانغان بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىسا؛  (3) كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلىپچىقىرىشقا ياكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، بىخەتەرلىك ئەسلىھە تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا؛  (4) چوڭراق خەتەر ئامىلى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرگە روشەن بىخەتەرلىك سىگنال بەلگىسى ئورناتمىغان بولسا؛  (5) قۇرۇشتۇرغان، ئىشلەتكەن، تەكشۈرگەن، ئۆزگەرتكەن ۋە بىراكقا چىققارغان بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛  (6) بىخەتەرلىك ئۈكۈنىلىرىنى دائىم ئاسرىمىغان، رېمونت قىلمىغان ۋە قەرەللىك تەكشۈرمىگەن بولسا؛  (7) كەسىپكارلارغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى يويىچە ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇمى بەرمىگەن بولسا؛  (8) ئالاھىدە ئۈسكۈنە ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى قاچىلاش، توشۇش قوراللىرىنى كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە ئاپپارتنىڭ تەكشۈرۈشى، ئۆتكۈزىۋېلىشىدىن ئۆتكۈزمەي، بىخەتەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ئالماي ئىشلەتكەن بولسا؛  (9) دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن، ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن بولسا. 84 -  ماددا  قانۇن  بۇيىچە تەستىقلاتماي خەتەرلىك بۇيۇم ئشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ساقلىغنلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى تاقىۋېتىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ئايرىم ياكى قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 85 – ماددا  ئىشلەپچىقىرش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن  تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلدۇ:  (1)  خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، ئىشلىتىشتە مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورناتماسلىق، ئىشەنچىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماسلىق ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ  قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلماسلىق؛  (2) زور خەتەر مەنبەلىرىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزماسلىق ياكى باھالىماسلىق، نازارەت قىلماسلىق ياكى جىددىي تەدبىر لايىھىسىنى تۈزەتمەسلىك؛  (3) پارتىلىتىش، كىران بىلەن قاچىلاش قاتارلىق خەتەرلىك مەشغۇلاتتا، نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس باشقۇرغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق. 86 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ھۈددە بەرگەن ياكى ئىجارە بەرگەنلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئايرىم ياكى قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلار ھۆددە ئالغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.   ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ھۆددە ئالغۇچى، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن مەخسۇس بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزمىگەن ياكى ھۆددە، ئىجارە توختامىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بەلگىلىمىگەن ياكى ھۆددە، ئىجارە توختامىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بەلگىلىمىگەن ياكى ھۆددە، ئىجارە ئالغان ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇمىغان، باشقۇرالمىغانلىرى سۈرۈك ئىچىدەتۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ. 87 – ماددا  ئىككىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بىر مەشغۇلات رايونىدا قارشى تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىشىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزمىگەن ياكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرىدىغان ۋە ماسلاشتۇرىدىغان مەخسۇس بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى بېكىتىلمىگەنلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:  (1)  خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، ئىشلىتىش سېخلىرى، ماگىزىنلىرى، ئىسكىلاتلىرى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولماسلىق؛  (2) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىغا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، بەلگىسى ئېنىق، راۋان چىقىش سورۇنى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى ئېتىپ، تۇسۇپ قويۇش. 89 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كەسىپكارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىكى تالاپەتتە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جاۋابكارلىقنى يوققا چىقارغان ياكى يېنىكلەتكەن بولسا، شۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى، شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىغا 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 90 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرىدىن باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – تۈزۈملىرىگە ياكى مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنى تەنقىد – تەربىيە بېرىدۇ، ئالاقىدار قائىدە – تۈزۈملەر بويىچە چارە كۆرىدۇ، زور ھادىسە پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 91 -  ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن شۇ ئورۇندا زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىمىگەن ياكى ھادىسە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلغان ۋە ياكى قېچىپ كەتكەنلىرىگە ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، قېچىپ كەتكەنلەرگە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 92 – ماددا  ئالاقىدار يەرلىك ھۆكۈمەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلاردىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلەرنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 93 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام، دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرى تاقىۋېتىلىدۇ، ئالاقىدار تارماق ئۇلارنىڭ كىنىشكىلىرىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك. 94 – ماددا  بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇمۇرىي جازانى بېرىشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق قارار قىلىدۇ؛ تاقىۋېتىش مەمۇرىي جازاسى بېرىشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىشقا يوللايدۇ؛  توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىشنى ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قارار قىلىدۇ. ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلىدىغان ئورگان ھەققىدە باشقا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 95 – ماددا  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسدەتالاپەت پەيدا قلىغان، باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىسا ياكى مەسئۇل خادىم قېچىپ كەتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ.   ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى جاۋابكارلىرىدىن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئىجرا تەدبىرى قوللانغان بولسىمۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچى جاۋابكارنىڭ باشقا مال – مۈلكى بارلىقىنى بايقىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىپ بېرىشىنى ھەر ۋاقىت ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 7 – باب  قوشۇمچە  پرىنسىپ 96 – ماددا  بۇ قانۇندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:  خەتەرلىك بۇيۇم ئاسان يانىدىغان، پارتىلايدىغان بۇيۇم، خەتەرلىك خىمىيۋى بۇيۇم، رادىئوئاكتىپلىق بۇيۇم قاتارلىق جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇيۇمنى كۆرسىتىدۇ.    زور خەتەر مەنبەسى خەتەرلىك بۇيۇمنى ئۇزاق مۇددەت ياكى ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ئىشلىتىش ياكى ساقلاشنى ھەمدە خەتەرلىك بۇيۇم مىقدارى كىرىتىك مىقدار بىرلىكى (جۈملىدىن سورۇن ۋە ئەسلىھە) گە تەڭ كېلىش ۋە ئېشىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. 97 – ماددا  بۇ قانۇن 2002 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 554 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01