ئاسساملار=Assames

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئاساملار=Assames


ئاساملار ھىندىستاندىكى مۇھىم بىر مىللەت بولۇپ، ئۆزلىرىنى ساملار دەپ ئاتايدۇ. 1994-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا تەخمىنەن 16مىليون200مىڭ ئاھالىسى بار. ئاسساملار  ئاساسلىقى ھىندىستاننىڭ ئاسسام شتاتى(ئاسسام شىتاتى ئاھالىسىنىڭ 60%نى ئىگەللەيدۇ)، بۇتان پادىشاھلىقى(بۇتان ئاھالىسىنىڭ 17%نى ئىگەللەيدۇ)غا ئولتۇراقلاشقان. ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ كونا مۇستەملىكىرىدىگە نەچچە ئون مىڭ ئاسسام تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

 ئاسسام تىلى ھىندىستان ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن 27خىل دۆلەت تىلىنىڭ بىرسى بولۇپ ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى-ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى، ھىندى تىللىرى ئائىلىسى، بېنگال-ئاسسام تىل تۈركۈمىگە تەۋە. ئاسام تىلىنىڭ خەت شەكلى ۋە گىراماتىكىسى بىنگال تىلى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن سۆزلۈكلىرىدە تىببەت-بىرما تىلىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر كۆپ.
ئاساملارنىڭ 80%ئاھالىسى ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە، 18%ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى خىرىستان دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

 ئاسساملار ئىرقى جەھەتتىن جەنۇبى ئاسىيا موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئارىلاش تىپىغا تەۋە. ئاساملار تېرىسىنىڭ رەڭگى ئادەتتە سېرىق رەڭ ياكى قارا سېرىق رەڭ بولۇپ، بويى پاكارراق بولۇپ ناھايىتى روشەن مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار.
ئاسسام رايونىدىكى ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقان ئاھالە مالاي-پولىنىزىيە ئىرقىغا تەۋە بولۇپ، بەدەن ئالاھىدىلىكى جەھەتتە مالايسىيا، ھىندونوزىيە، ئوكىئانىيەدىكى بىرقىسىم قەدىمقى قەبىلىلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كېيىن دراۋىدلار، مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە بۇ يەرگە مۇڭغۇل ئىرقىدىكى تېبەت تىللىق مىللەتلەر كۆچۈپ كەلگەن، كېيىن كەلگەن ئارىئانلار ئالدىنقى ئىككى مىللەت بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئارلىشىش داۋامىدا، ئاستا-ئاستا ھازىرقى ئاساملارنى شەكىللەندۈرگەن.

ئاساملار 4-ئەسرنىڭ ئالدى-كەينىدە كامالپا دۆلىتىنى قۇرغان بولۇپ، 13-ئەسردە بېرمىدىن كەلگەن تېبەت تىللىق ئاھومىلار كامالپا دۆلىتىنى بويسۇندۇرۇپ ئاھومى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ۋە1826-يىلى ئەنگىلىيەلىكلەر بوسۇندۇرغانغا قەدەر 600يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇزۇن مەزگىللىك ھىندى دىنىغا ئىشىنىش ۋە ھىندىلار بىلەن مەدەنىيەت بېرىش كېلىشى نەتىجىسىدە ئاسساملار ئەسلىدىكى تېبەت تىللىق مىللەتتتىن ھىندى ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتكە ئايلانغان.

ھازىرقى ئاسسام تىلىنىڭ تارىخىنى12 -ئەسىردە پەيدا بولغان « Charyapadas» قاتارلىق دىنى يازما ماتېرىياللاردىن بىلىشكە بولىدۇ، ئاسسام تىلى دەسلەپتە پەقەت دىنى تىل سۈپىتىدە قوللانغان بولسا كېيىن سوت ۋە ئوردىغا تەسىر كۆرسەتكەن 17-ئەسىرگە كەلگەندە ئاسساملار تېبەت تىل تۈركۈمىگە تەۋە ئاھومى تىلىنى بارا-بارا ئىستىمالدىن قالدۇرۇپ، ئاساسەن ئاسسام تىلىنى قوللىنىدىغان بولغان . بېنگال تىلىغا سېلىشتۇرغاندا  ئاسام تىلىنىڭ سوزۇق تاۋۇش سىستېمىسىدە iبىلەن uنىڭ ئوقۇلۇشىدا ئۇزۇن قىسقىلىق پەرقى يوق. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ دىماقلىشىش ھالىتى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.


 ھىندىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسساملاردا سالاھىيەت تۈزۈمى نورمال بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە تەڭ سالاھىيەتلىك قارىشى ئومۇملاشقان. قىز-ئوغۇللار تويىغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. ئاساملارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاز قىسمى كارخانىلاردا ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. توقۇمىچىلىق ۋە ساپالچىلىق قاتارلىق قول-ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىي قىلغان. كىيم-كىچەك جەھەتتە ئەرلەر ئادەتتە پەقەت ئەۋرەت ياپقۇچلا كىيىدۇ، قىز-ئاياللار كۆپرەك سارى كىيىدۇ. يېمەكلىك جەھەتتە كۆپرەك گۈرۈچ ئاساس قىلىنغان.  ئاسساملار ئولتۇراقلاشقان يۇقىرى تېمپىراتۇرا، كۆپ ھۆل-يېغىنلىق قىيپاش ئېدىرلىقلار چاي ئىشلەپچىقىرىشقا قولايلىق بولغاچقا ئاسسام چېيى سۈپەت ۋە مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە دۇنياغا داڭلىق. ئاسساملارنىڭ 80%دىن كۆپرەكى چاي، كەندىر، گۈرۈچ تېرىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئاسساملار ھىندىستان جەمىيىتىگە تېخى يېقىندىلا قوشۇلغانلىقتىن ئاسساملار ئارىسىدا ھىندىستانغا قارشى تۇرۇش، مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىش سادالىرى ناھايىتى كۈچلۈك. ئاسساملارنىڭ بىر قانچە ئاشكارا ۋە مەخپى بۆلگۈنچى پارتىيىسى توغرا ۋە ناتوغرا ۋاستىلەر ئارقىلىق ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشماقتا.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 932 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01