جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈرمە قانۇنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى


(1994 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

 1 - ماددا بۇ قانۇن جازانى توغرا ئىجرا قىلىش، جىنايەتچىلەرنى جازالاش ۋە ئۆزگەرتىش، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

 2 - ماددا تۈرمە دۆلەتنىڭ جازانى ئىجرا قىلىش ئورگىنىدۇر. جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى تۈرمە ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدۇ.

 3 - ماددا تۈرمە جىنايەتچىلەرگە جازالاش بىلەن ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش، تەربىيىلەش بىلەن ئەمگەكنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، جىنايەتچىلەرنى قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقراغا ئۆزگەرتىدۇ.

 4 - ماددا تۈرمە جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ، جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جىنايەتچىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە تەشكىللەيدۇ. جىنايەتچىلەرگە قارىتا ئىدىيىۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى، پەن - تېخنىكا تەربىيسى ئېلىپ بارىدۇ. 5 - ماددا تۈرمە خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تۈرمە باشقۇرۇش، جازا ئىجرا قىلىش، جىنايەتچىلەرگە تەربىيە بېرىش، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش پائالىيەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

 6 - ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۈرمىنىڭ جازا ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇق بولغان - بولمىغانلىقى ئۈستىدىن قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

 7 - ماددا جىنايەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتى ھاقارەتكە ئۇچرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، قانۇنلۇق مال - مۈلكى ۋە ئاقلىنىش، ئەرز بېرىش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە مەھرۇم قىلىنمىغان ياكى چەكلەنمىگەن باشقا ھوقۇقلىرى دەخلىسىزدۇر. جىنايەتچىلەر قانۇن، نىزام ۋە تۈرمىنىڭ قائىدە - ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى، تەربىيىنى قوبۇل قىلىشى، ئەمگەككە قاتنىشىشى شەرت.

 8 - ماددا دۆلەت تۈرمىنىڭ جىنايەتچىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە كېتىدىغان خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تۈرمىنىڭ خەلق ساقچىلىرىغا كېتىدىغان خىراجەت، جىنايەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېتىدىغان خىراجەت، تۈرمە ئەسلىھەلىرىگە كېتىدىغان خىراجەت شۇنىڭدەك باشقا مەخسۇس تۈردىكى خىراجەتلەرنى دۆلەت خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. دۆلەت جىنايەتچىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىشىدا زۆرۈر بولغان ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 9 - ماددا تۈرمىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلىتىۋاتقان يەر - زېمىنلىرى، كان بايلىقلرى ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلىرى شۇنىڭدەك تۈرمە مال - مۈلۈكلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 10 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۈرمە خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

 

 2 - باب تۈرمە

 11 - ماددا تۈرمىنى تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۆچۈرۈش ئىشىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلايدۇ.

 12 - ماددا تۈرمىدە بىر نەپەر تۈرمە باشلىقى بىر قانچە نەپەر مۇئاۋىن تۈرمە باشلىقى قويۇلىدۇ ھەمدە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن زۆرۈر خىزمەت ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنىدۇ ۋە باشقا تۈرمە باشقۇرغۇچى خادىملار سەپلىنىدۇ. تۈرمە باشقۇرغۇچى خادىملار خەلق ساقچىلىرىدۇر.

 13 - ماددا تۈرمە خەلق ساقچىلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، خىزمەت ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، پاك - دىيانەتلىك بولۇشى كېرەك.

 14 - ماددا تۈرمە خەلق ساقچىلىرى تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك: (1) جىنايەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىش، قوبۇل قىلىش، ئىگىلىۋېلىش؛ (2) جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا قويۇپ بېرىش ياكى خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلىپ جىنايەتچىلەرنىڭ قېچىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش؛ (3) جىنايەتچىلەرنى قىيناپ سوراق قىلىش، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئۇلارنى خورلاش؛ (4) جىنايەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتىگە ھاقارەت كەلتۈرۈش؛ (5) جىنايەتچىلەرنى ئۇرۇش ياكى باشقىلارنى ئەمگەككە سېلىش؛ (6) شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ جىنايەتچىلەرنى ئەمگەككە سېلىش؛ (7) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، جىنايەتچىلەرگە خەت - چەك ياكى ماددىي بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىش؛ (8) جىنايەتچىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىش؛ (9) قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر. تۈرمە خەلق ساقچىلىرى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەردە بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، مەمۇرىي چارە كۆرۈش كېرەك.

 

 3 - باب جازانى ئىجرا قىلىش

1 - بۆلۈم تۈرمىگە ئېلىش

 15 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشى، ھۆكۈمنامىنى شۇ جىنايەتچىنى قاماپ تۇرغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشى، ھۆكۈمنامىنى شۇ جىنايەتچىنى قاماپ تۇرغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشى، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە شۇ جىنايەتچىنى تۈرمىنىڭ جازا ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. جىنايەتچىنىڭ جازا ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى قېلىپ قالغان جازا مۇددىتى بىر يىلغا يەتمىسە، جازانى سۇلاقخانا ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىدۇ.

 16 - ماددا جىنايەتچىلەر جازا ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇلغان چاغدا، ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخسى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى، ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشى، دېلونىڭ ئاياغلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى جەدۋىلىنى بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. تۈرمە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ھۆججەتلەرنى تولۇق تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، جىنايەتچىنى تۈرمىگە قوبۇل قىلمايدۇ؛ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ھۆججەتلەر تولۇق بولمىغان بولسا ياكى خاتىرىدە خاتالىق بولغان بولسا، كۈچكە ئىگە ھۆكۈم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆز ۋاقتىدا قوشۇمچە قىلىپ تولۇقلاپ بېرىشى ياكى تۈزىتىش بېرىشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدە خاتا تۈرمىگە ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغانلىرى تۈرمىگە ئېلىنمايدۇ.

 17 - ماددا تۈرمە جازا ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇلغان جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىنچە تۈرمىگە ئېلىنمىسا بولىدۇ: (1) كېسىلى ئېغىر بولغانلىقتىن داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلار؛ (2) ھامىلدار ياكى ئەمچەكتە بالىسى بار ئاياللار. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاقتىنچە تۈرمىگە ئېلىنمايدىغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلغاندا جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغانلىرىنى تۈرمىگە ئېلىش كېرەك. جازاسى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى جىنايەتچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاقتىنچە تۈرمىگە ئېلىنمايدىغان ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، ئەسلىي ھۆكۈم قىلىنغان جازا مۇددىتى تېخى ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان جىنايەتچىلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈرمىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

 18 - ماددا جىنايەتچىلەر تۈرمىگە ئېلىنغان چاغدا، جىنايەتچىنى ۋە ئېلىپ كەلگەن ماددىي بۇيۇملارنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق بولمىغان ماددىي بۇيۇملارنى تۈرمە ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىدۇ ياكى جىنايەتچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، مەنئى قىلىنغان بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلىدۇ. ئايال جىنايەتچىلەرنى ئايال خەلق ساقچىلىرى تەكشۈرىدۇ.

 19 - ماددا جىنايەتچىلەر پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە ئېلىپ كېلىپ جازا ئۆتىسە بولمايدۇ.

 20 - ماددا جىنايەتچىلەر تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، تۈرمە جىنايەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش جىنايەتچى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە قىلىنىشى كېرەك.

2 - بۆلۈم جىنايەتچى ئوتتۇرىغا قويغان ئەرز، شىكايەت، پاش قىلغان ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش

 21 - ماددا جىنايەتچىلەر كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ئەرز سۇنسا بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتچىلەرنىڭ ئەرزىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

 22 - ماددا تۈرمە جىنايەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان شىكايەت، پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى تۈرمىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

 23 - ماددا تۈرمە جىنايەتچىلەرنىڭ ئەرز، شىكايەت، پاش قىلغان ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، باستۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

 24 - ماددا تۈرمە جازانى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، جىنايەتچىلەرنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن، ھۆكۈمدە خاتالىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى تۈرمە سۇنغان بىر تەرەپ قىلىش پىكىرنامىسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى تۈرمىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

 3 - بۆلۈم تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش

 25 - ماددا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەردىن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.

 26 - ماددا ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشتا تۈرمە يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنىغا تەستىقلىتىدۇ. تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلىغان ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋە ئەسلىي ھۆكۈم قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە كۆچۈرمىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەتچىگە تەتبىقلىغان ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق بولمىدى، دەپ قارىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما پىكرىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ئورگانغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغۇچى ئورگان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يازما پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال بۇ قارارنى يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈشى كېرەك.

 27 - ماددا ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى شۇ جىنايەتچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئەسلىدىكى قامىغۇچى تۈرمە جىنايەتچىنىڭ تۈرمىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

 28 - ماددا ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىدىغان ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، جازا مۇددىتى تېخى توشمىغان بولسا، ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈرمىگە ئېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ جازا مۇددىتى توشقان بولسا، ئەسلىدىكى قامىغۇچى تۈرمە قويۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىدۇ. جىنايەتچى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەسلىدىكى قامىغۇچى تۈرمىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

 4 - بۆلۈم جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش

 29 - ماددا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردە جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىل ئىچىدە ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى كۆرۈلسە، تۈرمىنىڭ سىناش نەتىجىسىگە ئاساسەن جازا كېمەيتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسىدىن بىرى كۆرۈلسە جازا كېمەيتىلىدۇ: (1) باشقىلارنىڭ زور جىنايى ھەرىكىتىنى توسقانلار؛ (2) تۈرمە ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلانغانلار؛ (3) كەشپىيات - ئىجادىيەت ياكى زور تېخنىكا يېڭىلاش جەھەتتە نەتىجە ياراتقانلار؛ (4) كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا خەۋپكە قارىماي باشقىلارنى قۇتقۇزۇۋالغانلار؛ (5) تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتا ياكى زور ھادىسىلەرنى تۈگىتىشتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلار؛ (6) دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن باشقا زور تۆھپە قوشقانلار.

 30 - ماددا تۈرمە جازا كېمەيتىش تەكلىپىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى جازا كېمەيتىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ كېسىم چىقىرىشى كېرەك؛ دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ ياكى ئەھۋال پەۋقۇلئاددە بولسا، بىر ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ. جازا كېمەيتىش كېسىمنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنىڭ كۆچۈرمىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىش كېرەك.

 31 - ماددا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا كېمەيتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئىككى يىللىق مۇددىتى توشقاندا، ئۇ تۇرۇشلۇق تۈرمە جازا كېمەيتىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تۈرمە باشقۇرغۇچى ئورگانغا يوللاپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

 32 - ماددا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلىك قويۇپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، تۈرمە سناش نەتىجىسىگە ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە شەرتلىك قويۇپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى شەرتلىك قويۇپ بېرىش تەكلىپنامىسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ كېسىم چىقىرىشى كېرەك. دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ ياكى ئەھۋال پەۋقۇلئاددە بولسا، بىر ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ. شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنىڭ كۆچۈرمىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىش كېرەك.

 33 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى بىلەن شەرتلىك قويۇپ بېرىلىدىغانلارنى تۈرمە ۋاقتىدا شەرتلىك قويۇپ بېرىشى ھەمدە ئۇلارغا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ئىسپاتى بېرىشى كېرەك. شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نازارەت قىلىدۇ. شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەر شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن مەزگىلدە قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە دائىر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق سوت مەھكىمىسى شەرتلىك قويۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى شەرتلىك قويۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، بىر ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ كېسىم چىقىرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى بىلەن شەرتلىك قويۇپ بېرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جىنايەتچىنى تۈرمىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

 34 - ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىلەرگە قارىتا، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئۇلارنىڭ جازاسىنى كېمەيتىشكە، ئۇلارنى شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ھەققىدە چىقارغان كېسىمىنى مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ قارىسا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك بويىچە ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلولارنى خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىشى كېرەك.

 5 - بۆلۈم قويۇپ بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش

 35 - ماددا جىنايەتچىنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندا، تۈرمە ئۇنى قويۇپ بېرىشى ھەمدە قويۇپ بېرىلگەنلىك ئىسپاتى بېرىشى كېرەك.

 36 - ماددا جىنايەتچى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قويۇپ بېرىش ئىسپاتىغا ئاساسەن نوپۇسقا ئالىدۇ.

 37 - ماددا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياردەم بېرىدۇ. جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەردىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، يەنە كېلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىسى، بېقىۋالغۇچىسى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغانلىرىغا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي ياردەم بېرىدۇ.

 38 - ماددا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر قانۇن بويىچە باشقا پۇقرالارغا ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 

 4 - باب تۈرمە باشقۇرۇش

 1 - بۆلۈم ئايرىپ قاماش، ئايرىپ باشقۇرۇش

 39 - ماددا تۈرمە قۇرامىغا يەتكەن ئەر جىنايەتچىلەر، ئايال جىنايەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى ئايرىپ قامايدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر ۋە ئايال جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىشتە، ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك، پسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك. تۈرمە جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ تۈرى، جازا تۈرى، جازا مۇددىتى، ئۆزگىرىش ئىپادىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، جىنايەتچىلەرنى ئايرىپ قامايدۇ، ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن باشقۇرىدۇ.

 40 - ماددا ئايال جىنايەتچىلەرنى ئايال خەلق ساقچىلىرى بىۋاستە باشقۇرىدۇ.

 2 - بۆلۈم قوغداش

 41 - ماددا تۈرمىنى قوراللىق قوغداشقا خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مەسئۇل بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

 42 - ماددا تۈرمە قاماقتىكى جىنايەتچىلەرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى سەزسە، ئۇنى دەرھال تۇتۇپ كېلىشى كېرەك، ئۆز ۋاقتىدا تۇتۇۋالالمىسا، دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوغلاپ تۇتۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، تۈرمە زىچ ماسلىشىدۇ.

 43 - ماددا تۈرمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قوغداش ئەسلىھەلىرىنى تەسىس قىلىدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ تۈرمە ئەتراپىدا تەسىس قىلىنغان قوغداش رايونىغا رۇخسەتسىز كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

 44 - ماددا تۈرمە رايونى، مەشغۇلات رايونى ئەتراپىدىكى ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار تۈرمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

 3 - بۆلۈم ئېھتىيات سايمانلىرى ۋە قورال - ياراغلارنى ئىشلىتىش

 45 - ماددا تۈرمە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە دۇچ كەلسە، ئېھتىيات سايمانلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ: (1) جىنايەتچى قاچقان بولسا؛ (2) جىنايەتچىدە زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش ھەرىكىتى كۆرۈلسە؛ (3) جىنايەتچى يالاپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان بولسا؛ (4) جىنايەتچىدە باشقا خەتەرلىك ھەرىكەت كۆرۈلگەن بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، ئېھتىيات سايمانلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك.

 46 - ماددا خەلق ساقچىلىرى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە دۇچ كېلىپ، قورال - ياراغ ئىشلەتمىسە توسقىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە قورال - ياراغ ئىشلىتىشكە بولىدۇ: (1) جىنايەتچىلەر توپلىشىپ پاراكەندىچىلىك قىلسا، توپىلاڭ كۆتۈرسە؛ (2) جىنايەتچىلەر قېچىپ كەتسە ياكى تۇتۇشقا قارشىلىق قىلسا؛ (3) جىنايەتچىدە قاتىللىق قورالى ياكى باشقا خەتەرلىك نەرسە بولۇپ، قىلىۋاتقان قاتىللىق ياكى بۇزغۇنچىلىق باشقىلارنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا؛ (4) جىنايەتچىلەرنى بۇلاپ، ئېلىپ قاچقان بولسا؛ (5) جىنايەتچىلەر قورال - ياراغنى تارتىۋالغان بولسا. قورال - ياراغ ئىشلەتكۈچى خادىملار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەھۋالنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

 4 - بۆلۈم خەت - ئالاقە قىلىش، كۆرۈشۈش

 47 - ماددىسىدا جىنايەتچىلەر جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە باشقىلار بىلەن خەت - ئالاقە قىلسا بولىدۇ، لېكىن خەت - ئالاقە تۈرمىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. تۈرمە جىنايەتچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە توسالغۇ بولىدىغان مەزمۇنى بار خەت - ئالاقىنى سەزسە، ئۇنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. جىنايەتچىنىڭ تۈرمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى ئەدلىيە ئورگىنىغا يازغان خەت - ئالاقىسى تەكشۈرۈلمەيدۇ.

48 - ماددا جىنايەتچىلەر تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، بەلگىلىمە بويىچە ئورۇق - تۇغقانلىرى، ۋەسىيلىرى بىلەن كۆرۈشسە بولىدۇ.

 49 - ماددا جىنايەتچىلەر ماددىي بۇيۇم ۋە پۇل قوبۇل قىلغاندا، تۈرمىنىڭ تەستىقىدىن، تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

 5 - بۆلۈم تۇرمۇش، تازىلىق

 50 - ماددا جىنايەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىمى ئەمەلىي مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى دۆلەت بەلگىلەيدۇ.

 51 - ماددا جىنايەتچىلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى تۈرمە بىر تۇتاش تارقىتىدۇ.

 52 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە تۇرمۇش ئادىتىگە ئېتىبار بېرىلىشى كېرەك.

 53 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە تۇرمۇش ئادىتىگە ئېتىبار بېرىلىشى كېرەك.

 54 - ماددا تۈرمە داۋالاش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى ۋە تۇرمۇش، تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشى، جىنايەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش، تازىلىق تۈزۈمىنى بېكىتىشى كېرەك. جىيانەتچىلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى تۈرمە تۇرۇشلۇق رايوننىڭ سەھىيە، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

 55 - ماددا جىنايەتچىلەر جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتسە، تۈرمە دەرھال جىنايەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. جىنايەتچى كېسەل بىلەن ئۆلگەن بولسا، تۈرمە يەكۈن چىقىرىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمىنىڭ يەكۈنىگە باشقىچە قاراشتا بولسا، ئۆلۈش سەۋەبى ئۈستىدە يېڭىۋاشتىن يەكۈن چىقارسا بولىدۇ. جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى باشقىچە قاراشتا بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. جىنايەتچى ئەجەلسىز ئۆلگەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دەرھال تەكشۈرۈپ، ئۆلۈش سەۋەبى ئۈستىدە يەكۈن چىقىرىشى كېرەك.

 6 - بۆلۈم مۇكاپاتلاش، جازالاش

 56 - ماددا تۈرمە جىيانەتچىلەرنى كۈندىلىك سىناش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، سىناش نەتىجىسىنى جىنايەتچىنى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك.

 57 - ماددا جىنايەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تۈرمە ئۇلارنى تەقدىرلىسە، ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلىسا ياكى خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئالسا بولىدۇ: (1) تۈرمە قائىدە - ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئاكتىپ ئەمگەك قىلىش، جىنايىتىنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنۇش ئىپادىسى بولسا؛ (2) قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسقان بولسا؛ (3) ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان بولسا؛ (4) خام ماتېرىيالنى تېجەشتە ۋە جامائەتنىڭ مۈلكىنى ئاسراشتا نەتىجە ياراتقان بولسا؛ (5) تېخنىكا يېڭىلاشتا ياكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشتە مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسا؛ (6) ئاپەت، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى تۈگىتىشتە مەلۇم تۆھپە قوشقان بولسا؛ (7) دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە باشقا تۆھپە قوشقان بولسا. مۇددەتلىك قاماق  جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردە ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەسلىي ھۆكۈم قىلىنغان جازا مۇددىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىجرا قىلىنىپ بولغان، جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان، تۈرمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە زىيان كەلتۈرمەيدىغان بولسا، تۈرمە ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ تۇغقان يوقلىشىغا رۇخسەت قىلسا بولىدۇ.

 58 - ماددا جىنايەتچىلەردە تۈرمە باشقۇرۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچلىق قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تۈرمە ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە گۇناھ يازسا ياكى ئۇلارنى ئايرىم قاماپ قويسا بولىدۇ: (1) توپلىشىپ تۈرمىدە چاتاق چىقىرىپ، نورمال تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرسا؛ (2) خەلق ساقچىسىنى تىللاپ - ھاقارەتلىسە ياكى ئۇرسا؛ (3) باشقا جىنايەتچىلەرنى بوزەك قىلسا؛ (4) ئوغرىلىق قىلسا، قىمار ئوينىسا، ئۇرۇش - جېدەل قىلسا، قەستەن چاتاق چىقارسا؛ (5) ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق ئەمگەككە قاتناشمىسا ياكى پاسسىپلىق قىلسا، يەنە كېلىپ تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىسە؛ (6) ئۆزىنى ئۆزى زەخمىلەندۈرۈش، مېيىپ قىلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ ئەمگەكتىن قاچسا؛ (7) ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدە مەشغۇلات قائىدىلىرىگە قەستەن خىلاپلىق قىلسا ياكى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتسە؛ (8) تۈرمە قائىدە - ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا ھەرىكەتلىرى بولسا. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەتچىلەرگە قوللىنىلىدىغان ئايرىم قاماش مۇددىتى يەتتە كۈندىن 15 كۈنىگىچە بولىدۇ. جىنايەتچىلەر جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە بىرىنچى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 7 - بۆلۈم جىنايەتچىنىڭ جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلىش

 59 - ماددا جىنايەتچى جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزسە، قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

 60 - ماددا جىنايەتچىنىڭ تۈرمە ئىچىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرىنى تۈرمە تەھقىقلەيدۇ. تەھقىقلەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ياكى ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلىش پىكىرنامىسىنى تەييارلاپ، دېلو ماتېرىيالىنى دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن بىللە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

 

 5 - باب جىنايەتچىلەرنى تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىش

 61 - ماددا جىنايەتچىلەرنى تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىشتە، ئادەمگە قاراپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش، تۈرگە ئايرىپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش، داۋلى ئارقىلىق ئادەمنى قايىل قىلىش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، كوللېكتىپ تەربىيە بېرىش بىلەن ئايرىم تەربىيە بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرمە ئىچىدە تەربىيە بېرىش بىلەن ئىجتىمائىي تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

 62 - ماددا تۈرمە جىنايەتچىلەرگە قانۇن - تۈزۈم، ئەخلاق، ۋەزىيەت، سىياسەت، ئىستىقبال قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

 63 - ماددا تۈرمە ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، جىنايەتچىلەرگە ساۋات چىقىرىش باشلانغۇچ مائارىپ ۋە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مائارىپ تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارغا مائارىپ تارماقلىرى مۇناسىپ ھالدا گۇۋاھنامە بېرىدۇ.

 64 - ماددا تۈرمە ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جىيايەتچىلەرگە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارغا ئەمگەك تارماقلىرى مۇناسىپ ھالدا تېخنىكا دەرىجە گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

 65 - ماددا تۈرمە جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ئىلھام بېرىدۇ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارغا ئالاقىدار مۇناسىپ ھالدا گۇۋاھنامە بېرىدۇ.

 66 - ماددا جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان مەدەنىيەت ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئۇلار تۇرۇشلۇق رايوننىڭ مائارىپ پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. تۈرمە دەرسخانا، قىرائەتخانىغا ئوخشاش زۆرۈر مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى تەسىس قىلىش كېرەك.

 67 - ماددا تۈرمە جىنايەتچىلەرنى مۇۋاپىق ھالدا تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.

 68 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، قىسىم، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەربابلار شۇنىڭدەك جىنايەتچىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تۈرمىنىڭ جىنايەتچىلەرنى تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

 69 - ماددا ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى بار جىنايەتچىلەر ئەمگەككە قاتنىشىشى شەرت.

 70 - ماددا تۈرمە ھەر بىر جىنايەتچىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ھالدا ئەمگەككە تەشكىللەپ، ئۇلارنى يامان ئادەتلەردىن قول ئۈزۈپ، ئەمگەك قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، بۇنىڭ بىلەن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

 71 - ماددا تۈرمە جىنايەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ۋاقتىنى دۆلەتنىڭ ئەمگەك ئىش ۋاقتىغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئەمگەك ۋاقتىنى تەڭشىسە بولىدۇ. جىنايەتچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت - بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

 72 - ماددا تۈرمە ئەمگەككە قاتناشقان جىنايەتچىلەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ھەق بېرىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە دائىر بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

 73 - ماددا جىنايەتچى ئەمگەك جەريانىدا يارىلىنىپ، مېيىپ بولۇپ قالسا ياكى ئۆلۈپ كەتسە تۈرمە دۆلەتنىڭ ئەمگەك سۇغۇرتىسىغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

6 - باب قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىش

 74 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش، تەربىيىلەش ئورنىدا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.

 75 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىجرا قىلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئەمگىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىشى، مەدەنىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. تۈرمە دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ قاتارلىق مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا زۆرۈر شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

76 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر 18 ياشقا توشقاندا، قېلىپ قالغان جازا مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئاشمىسا، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش، تەربىيىلەش ئورنىدا قالدۇرۇپ قېلىپ قالغان جازا مۇددىتىنى ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ.

 7 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

 78 - ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 392 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01