ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم - كىچەك ئادەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 

 

ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم - كىچەك ئادەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

 

      ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى : ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىىش ئادەتلىرى تارىختىن بۇيان دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن دىن، سىياسى، ئىستىتىك تەلەپلەر نۇقتىسىدىن ئالاھىدە قىلىپلىشىپ، ئۆزگىچە ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. يەنى كېيىنىشتە، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ئورۇندىكى كىشىلەر، جىنسى، يېشى ئوخشاشمىغان كىشىلەرنىڭ كېيىنىشى ئوخشىمايدۇ. ئەلۋەتتە يەنە ئوخشىمىغان يۇرت كىشىلىرىنىڭ كېيىنىش ئادەتلىرىدىمۇ ئۆزگىچە پەرىق ساقلانغان.

بۇ پەرقلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تەسردىكىسى يەنىلا ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار كېيىنىشتە ئىشلام شەرىئىتى يول قويغان دائىرىدا قانۇنىيەتلىك، پاكىز، ئاددى – ساددا كېيىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. زىيادە قىسقا، ئەۋرەتلەر ئېچىلىپ قالىدىغان كېيىملەرنى كېيىشتىن چەكلىنىدۇ. ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئوخشىمىغان رەڭ، ئۇسلۇبتىكى كېيىملەرنى كېيىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كېيىنش پەرقى كۈچلۈك ئايرىلغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئەرلەردەك كېيىنشىنى، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردەك كېيىنىشىنى چەكلەيدۇ ياكى قوللاپ كەتمەيدۇ. ئادەتتە كېيىم – كىچەكنى پاكىز، رەتلىك، ئاددى – ساددا كىيىش تەشۇببۇس قىلىنىدۇ. كىر، مەينەت كېيىملەرنى كېيىش «ناپاكلىق» دەپ قارىلىدۇ. كېيىم – كىچەكلىرىگە ئوخشىمىغان گۈللەرنى تىكىپ كىيىشنى ئالاھىدە ياقتۇرىدۇ. مەيلى ئەرلەر كېيىمى بولسۇن، ياكى ئاياللار كىيمى بولسۇن، ۋە ياكى ياشلىرى ئوخشاش بولمىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم كىچەكلىرىگە ياش، جىنىس پەرقىگە ئاساسەن گۈللەر كەشتىلەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرىدا گۈل كەشتىلەش ئالاھىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ، لاياقەتلىك قىز-ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ماھارەت دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنىش ئادەتلىرىدىن ئۆرنەك سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

 

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىمى دوپپا : ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ۋەكىل خاراكتېرىلىك باش كېيىمى بولۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە،  ياش پەرقى، جىنىس پەرقى، سورۇن پەرقى،  يۇرت پەرقى، سالاھىيەت پەرقى تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان تۈرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە :

بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، مامپۇ دوپپا، گىلەم دوپپا، راۋاب دوپپا، كېپىنەك دوپپا، پاختا دوپپا، ئۈنچە دوپپا، ئالماگۈل دوپپا،ياپراق دوپپا، ئۈزۈم دوپپا، كالۋىتۇن دوپپا، مەزەڭگە دوپپا، ئىلمە دوپپا، چاچما دوپپا، زەر دوپپا، بەش تالا دوپپا، چەكمەن دوپپا، يۈرەك دوپپا، شەيدائىي دوپپا، ئەگىم قاش دوپپا، كۆز دوپپا، شاپاق دوپپا، بۆك، پوچى دوپپا، گۈلخان دوپپا، يا دوپپا، قىلىچ دوپپا، بايتامغا،يۇلتۇزتامغا، غۇلجا، تۇرپان، تاشكەنت دوپپا.

 

ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ گۈللۈك كۆينىكى : «كانىۋاي كۆڭلەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  بۇ خىل كۆينەك بۈگۈنكى كۈندە، مۇراسىملار كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئەسلى بۇ خىل ئالدى تەرىپىگە ۋە ياقىسىغا، يېڭىگە گۈل كەشتىلەنگەن كۆينەكلەرنى ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەرلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ياكى لايىقلىرىغا تىكىپ سوۋغا قىلغان. ئۇيغۇر ئەرلىرىمۇ ئۇنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ كىيگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ خىل كۆڭلەكلەرنى مەلۇم نىسبەتتە كىيىش ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەسكەرتىش، بۇ خىل كۆڭلەكنى ئادەتتە يېشى 30-35لەردىن ھالقىغانلار كىيمەيدۇ.

 

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەتلەس كۆڭلىكى : ئەتلەس ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى قولدا توقۇغان، رەڭلىك ئەنئەنىۋى شايى رەختى بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭلىرى شوخ، ئويناق، كىشىگە جانلىق تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ خىل رەخىتتە كېيىم تىكىپ كىيىشنى بولۇپمۇ، ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى تىكىپ كىيىشنى ئالاھىدە ياقتۇرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل رەختتە كىيىم كىيىش ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىلى كۈچلۈك ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ خىل كېيىم ھازىرقى زامانىۋىي جەمئىيەتتە مۇراسىم كىيمىمۇ بولۇپ، ئىسلاھ قىلىنماقتا

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 285 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01