ئۇيغۇر سەنئىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئۇيغۇر سەنئىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

 

    ئۇيغۇرلار سەنئەت خۇمار خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا سەنئەت كەم بولسا بولمايدۇ. سەنئەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر تەرەپلىرىگە قەدەر سېڭىپ كەتكەن. ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق، نەققاشلىق، ئويمىچىلىق، بىناكارلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقىنى بايقاشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ناخشا -ئۇسسۇل سەنئىتى بىر قەدەر تەرەققى قىلغان بولۇپ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى «ناخشا -ئۇسسۇل ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئادەتتىكى ئائىلىۋى سورۇنلىرىدا بولسۇن، مېھماندارچىلىق، مەرىكە سورۇنلىرىدا بولسۇن ناخشا-ئۇسسۇل كەم بولسا بولمايدۇ. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم-يىتىم، دەپنە ئادەتلىرىگىمۇ سەنئەت سىڭىپ كىرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا - ئۇسسۇلىنى تىلغا ئالغاندا، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپ شۇكى، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان بىباھا تۆھپىسى ۋە بايلىقىدۇر. بۇ مۇقاملار ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ، قايتا-قايتا ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈنكىدەك سىستېمىلاشقان ھالەتكە كەلگەن.

«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى-پارلاق دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسەت جەۋھىرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك-خاھىشلىرى، تارىخىي رېئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت-نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق خىلمۇخىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن.

 مۇزىكىلىق ئىپادە جەھەتتە، لېرىكا بىلەن ئېپىكا، نەغمە بىلەن نەزمە گارمونىيىلىك ھالدا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان. مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ‹شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە› دەپ تەرىپلەنمەكتە.»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇزىكىلىق ئىپادىسىدۇر. مۇقاملار ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىلىك، باي مەزمۇنلۇق، رەڭمۇرەڭ تۈسلۈك، بەدىئىي پاساھەتلىك، يەڭگىل ھەم ئېيتىشقا ئەپلىك كلاسسىك شېئىرلار(ئاساسەن غەزەللەر)، بېيت-قوشاقلار بىلەن جانلىنىدۇ. ھەربىر مۇقامنىڭ ئىككىنچى قىسمى خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ئېپىكىلىق داستانلار بىلەن تېخىمۇ يارقىن تۈسكە كىرىپ، تىڭشىغۇچىلارغا پەلسەپىۋى ۋە دېداكتىكىلىق تېكستلەر ئارقىلىق يەنىمۇ تەسىرچان ئېستېتىكىلىق ھوزۇر بېغىشلايدۇ. مەشرەب قىسمىدىكى كۈيلەر كۆپىنچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ ئومۇملاشقان بېيت-قوشاقلار ۋە بۇلارغا ماس كېلىدىغان كلاسسىك شېئىرلار بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ-دە، تىڭشىغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا ناخشا-ئۇسۇللار قاينىمىغا شۇڭغۇيدۇ»،«بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تېكىستلەر، يەنى مۇقام پېشىۋاسى-ئون ئىككى مۇقامنى ئۆز بوۋىسىدىن ئۆگەنگەن ئەنئەنە بويىچە زامانىمىزغا يەتكۈزگەن مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى تۇردى ئاخۇن باغلىغان تېكىستلەر زامان ۋە سورۇنلارنىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەن ئاساسىي مەنبەدۇر. بۇ تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنى مۇزىكا مەزمۇنىغا، تېكىستلەرنىڭ قۇرۇلمىسى مۇزىكا قۇرۇلمىسىغا، شېئىرىي ۋەزىنلىرى كۈيلەر ۋەزنىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ»، «ئون ئىككى مۇقام 16-ئەسىردە رەتلەنگەن چاغدا، مۇقام كۈيلىرى شۇ زامانغىچە ئۆتكەن كلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرىغا ياكى خەلق داستانلىرىغا باغلانغان بولۇشى تەبىئىي» (تۆمۈر داۋامەت: 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»، «كىرىش سۆز» قىسمى، 1997-يىل جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى نەشرى).

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى – ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئون ئىككى بولۇپ، 360 كۈيدىن تەركىپ تاپقان. ئۇ 4492 مىسرادىن تەركىپ تاپقان. ھەر بىر مۇقامنى چىلىش ئۈچۈن ئىككى سائەت كىتىدۇ. ھەممە مۇقامنى ئورۇنداش ئۈچۈن 24 سائەت يەنى توپتوغرا بىر كۈن كېتىدۇ.  مۇقاملارنىڭ نامى تۆۋەندىكىچە :
1. راك مۇقامى
2. چەبيات مۇقامى
3. سىگاھ مۇقامى
4. چارىگاھ مۇقامى
5. پەنجىگاھ مۇقامى
6. ئۆزھال مۇقامى
7. ئەجەم مۇقامى
8. ئۇششاق مۇقامى
9. بايات مۇقامى
10. نەۋا مۇقامى
11. مۇشاۋرەك مۇقامى
12. ئىراق مۇقامى

[admin تەستىقلىدى . 2010-9-26 19:47:10]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 487 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01