لاتىن تىل-يېزىقى=Latin language- wiryting system

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

لاتىن تىل-يېزىقى=Latin language- wiryting system

    لاتىن تىلى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستېمىسىنىڭ لاتىن تىل ئائىلىسى ئىتالىيە تىل تارمىقىغا كىرىدىغان تىل بولۇپ، ئەسلىدە ئىتالىيىنىڭ Latium رايونىدىكى(ئىتالىيەلىكلەرLazioدەپ ئاتايدۇ)كىشىلەرنىڭ بىرخىل دىئالېكتى ئىدى. مۇشۇ رايوندا رېم ئىمپېرىيىسى تەرەققى قىلىپ زورايغانلقتىن بۇ دىئالېكت پۈتۈم ئىتالىيە رايونىغا تارقالغان، ھەمدە ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن. خرىستىئان دىنى يارۋوپاغا تارقالغاندىن كىيىن لاتىن تىلىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ زورايغان. ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پوپلار ۋە خرىستىئان دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىلى بولۇپ قالغان، پەننى ماقالىلەرنى مۇشۇ تىلدا يازغان. دۇنيادا ھازىر بۇ تىلنى ۋاتىكاندىن ئىبارەت بىر دۆلەتلا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىلىم-پەن ئاتالغۇلىرى، ئىلمى ماقالىلەر، جانلىقلارنىڭ ئىلمى نامى. ...قاتارلىق ساھەلەردە فىرانسۇزلارمۇ، ئىتالىيانلارمۇ، ئىسپانلارمۇ قوبۇل قىلالايدىغان لاتىن تىلى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.

   ياۋروپادا قەدىمقى رىم ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلاردىن رومانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە شىۋىتسارىيەدىكى رىتو رومان كانتونىدىكىلەر ئىشلىتىدىغان تىل لاتىن ئائىلىسىگە كىرىدۇ.

 لاتىن تىلى ئۇنۋېرسال تىپتىكى تىل بولۇپ، سۆزلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بۇ تىل گىرامماتېكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئىشلەتكەندە ئومۇمەن سۆزگە مەلۇم سۆز ئارقا قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ ياكى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق ياكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ئۆزگەرتىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.  لاتىن ھەرپلىرى خەلقئارادا رىم ھەرىپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ھەرپ بەلگىسى(قالغان ئىككىسى:خۇاشيا خەنزۇ يېزىقى،ئەرەب رەقىمى)بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەرپلەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-7-ئەسىرلەردە گېرىتسيە ھەرپلىرىنى Etruscan ھەرىپىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق رىملىقلارنىڭ يېزىقىغا ئايلانغان، رىملىقلارنىڭ ھەربى يۈرۈشىنىڭ كېڭىيشىغا ئەگىشىپ، رىملىقلارنىڭ مەدەنىيىتى سۈپىتىدە، غەربى ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان.

    لاتىن يېزىقى ئەڭ دەسلەپكى 21ھەرپ بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى خەنزۇ يېزىقىغا ئوخشاش تىنىش بەلگىسى يوق، پەقەت چوڭ ۋە كىچىك يېزىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بار ئىدى. كىيىن تەرەققى قىلىپ، بولۇپمۇ تەلەپپۇزى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ 26گە يەتكەن. يەنى G،J،K،V،Wقاتارلىق ھەرپلەر قوشۇلغان. ھەمدە چوڭ كىچىك ھەرخىل نۇسخىسى پەيدا بولغان.  لاتىن يېزىقى ئاددى،رەتلىك، چىرايلىق،ئوقۇش ۋە ئۇلاپ يېزىشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە،پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇ يېزىققا ۋارىسلىق قىلىپ، لاتىن يېزىقلىق مىللەتلەرنى شەكىللەندۈردى.

   16-ئەسىردىكى مارتىن لۇتېر دىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيادىكى خىرىستانلار ئوقۇيدىغان «ئىنجىل»مۇ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، لاتىن تىل-يېزىقى دۇنيادىكى خىرىستانلارنىڭ دىنى مۇراسىم تىل-يېزىقى بولۇپ قالغان.
  ئامېرىكا ۋە ئافرىقا رايونلىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشى بىلەن  خرىستىئان دىنىنىڭ تارقىلىشى، لاتىن تىلىىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىلىرىگە بولغان تەسىرىدىن نۆۋەتتە غەربى ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى  بارلىق دۆلەتلەر، ئوكىئانىيە قىتئەسى، مالاي تاقىم ئاراللىرى، ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى مىللەتلەر بۇ يېزىقنى ئىشلەتمەكتە. ھازىرقى زامان خەنزۇتىلىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە تەيۋەندىكى ئىككى پىنيىن بەلگىسىمۇ مۇشۇ ھەرپ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.  لاتىن يېزىقى ۋە لاتىن تىلى دۇنياۋى تىل ۋە يېزىق. ھازىرقى تىببى ئىلمىدىمۇ مۇھىم قۇرال ھېسابلىنىدۇ. تىببى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن لاتىن يېزىقى قوللىنىلىدۇ. دۇنيا تىلىمۇ لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن. 

 ئەڭ دەسلەپكى لاتىن ئېلىپبەسى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى7-ئەسىردە،جەمئى21ھەرپ):
Aa Bb Cc Dd Ee Ff Zz Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx

كلاسسىك لاتىن ئېلىپبەسى(مىلادى 41-يىلى،جەمئى 23ھەرپ ):
 Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Vv Xx Yy Zz

ھازىرقى لاتىن ئېلىپبەسى(26ھەرپ):
Aa Bb Cc Dd Ee Ff Gg Hh Ii Jj Kk Ll Mm Nn Oo Pp Qq Rr Ss Tt Uu Vv Ww Xx Yy Zz .

ئەڭ دەسلەپ بۇ ھەرپلەرنى ئاساس قىلىپ ھەرپ تۈزگەن مىللەتلەر لاتىن تىل ئائىلىسىدىكى ئىتالىيان، فىرانسۇز، ئىسپان قاتارلىق مىللەتلەر بولۇپ، كېيىن گېرمان تىلى ئائىلىسىدىكى مىللەتلەردىن  ئىنگلىزلار، گېرمانلار، شىۋىتسىيىلىكلەر،دېنماركلار،  نورۋىگىيانلار، گوللاندىيىلىكلەر گوت ئېلىپبەسىنى تاشلاپ لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچكەن.

  ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن تۈركىيە (1931-يىلى) ، مالايسىيە،(1946-يىلى)، ھىندونوزىيە(1946-يىلى) قاتارلىق دۆلەتلەر، ئافرىقىدىن سىۋاھلى(1952-يىلى)، خاۋسا(1961-يىلى) قاتارلىق مىللەتلەر ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسىدىن ۋاز كېچىپ لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچكەن.  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەردىن تاتار، باشقىرت، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، ۋە كاۋكازدىكى مىللەتلەرمۇ 1928-يىلى ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسىدىن ۋاز كېچىپ لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچكەن(1936-يىلى بۇ مىللەتلەر يەنە سىتالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن رۇس-كىرىل ئېلىپبەسىگە كۆچكەن). 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 605 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01