ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەپسىلىي نوپۇسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەپسىلىي نوپۇسى

 

   
       ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت بولۇپ، 2007- يىللىق نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 9،413،796 بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %48.26 نى ئىگەللەيدۇ. (ئاپتونوم رايوننىڭ ئومومىي نوپۇسى 20 مىليون ئەتراپىدا) ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى %1- %2 ئەتراپىدا بولماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يىلدا تەخمىنەن 100 مىڭدىن 200 مىڭغىچە ئۇيغۇر كۆپەيمەكتە.

ئومومەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشى نىسبەتەن ئاستا بولدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بەلكىم ئۇيغۇرلاردىكى نامراتچىلىق؛ ئوتتۇرا ھال ئائىلىلەرنىڭ نورمىدىن ئاز پەرزەنت كۆرۈشى (قىسقىسى ئاچامنىڭمۇ پەقەت بىرلا ئوغلى بار، يەنە نۇرغۇن بىرلا بالىسى بارلارنى تونۇيمەن)؛ كېچىكىپ توي قىلىش، ھەتتا توي قىلالماسلىق؛ ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك؛ باياشاتچىلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل تۈرلى يۈرە- قان تومۇر، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەر؛ ھاراق؛ ياشلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى بولىشىچە ھەيدەيدىغاندەك ئۆزىنى كۆرسۈتۈش خاراكتېرى قاتارلىقلاردىن بولۇشى مۇمكىن. بۇلار مېنىڭ شەخسىي يەكۈنۈم.

2007- يىللىق سىتاتىستىدا مۇنداق ئىككى مەسىلە بار: بىرسى، ھەر قايسى ۋىلايەت- ئوبلاستلاردىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئومومىي يىغىندىسى ئەسلى سىتاتىستىكىدىكى 9،413،796 نوپۇسدىن 300 مىڭ ئەتراپىدا ئاز چىققان. ئىككىنچىسى، قومۇل ۋىلايىتىدىكى تارانچى بازىرى (خەنزۇچە سەنداۋلىڭ دەيدۇ)، ئاقسۇدىكى ئارال شەھىرى (خەنزۇچە ئالار دەيدۇ)، قەشقەردىكى تۇمشۇق شەھەرلىرىنىڭ نوپۇس سىتاتىستىكىسا قىلىنمىغان. بەلكىم بۇ ئىككى مەسىلە بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇرلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا كەڭ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن زور دەرىجىدە كۆپ ئىكەن. ئۇنداقتا بىز جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ بويىچە تەپسىلىي كۆرۈپ باقايلى ....

جەنۇبىي شىنجاڭ: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئاھالىسى 9،604،124 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 7،555،699 بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %78.67 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدىكى ئومومىي ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %82.39نى ئىگىلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەددىدىن زىيادە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىۋالغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنە نوپۇسى يوق نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، ئەمەلىي سان مەزكۇر سىتاتىستىكىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ بولغان رايون خوتەن،نىسبىتى %9***1 بولغان. زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن رايون باينغۇلىن، نىسبىتى %32.28 بولغان.

شىمالىي شىنجاڭ: شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئاھالىسى 10،366،226 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاران 1،614،899 بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %15.58 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدىكى ئومومىي ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %17.69 نى ئىگىلەيدۇ. دىمەك، شىمالىي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر شالاڭ. شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ بولغان رايون تۇرپان، نىسبىتى %70.37بولغان. زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن رايون شىخەنزە، نىسبىتى %1.20 بولغان. شىنخەنزە

ئەمدى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇلارنىڭ نوپۇسى ۋە شۇ رايوندا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: (2007- يىللىق سىتاتىستىكا)

رايون، رايون ئومومىي نوپۇسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، شۇ رايوندا ئىگىلىگەن نىسبىتى

(شىمالىي شىنجاڭدا)
ئۈرۈمچى ---- 2،018443 --- 254،722 --- %12.62
قاراماي ---- 262،157 --- 39،993 --- %15.26
شىخەنزە --- 642،440 --- 7،665 --- %1.20
تۇرپان --- 589،609 --- 414،904 --- %70.37
قومۇل --- 541،836 --- 98،748 --- %18.22
سانجى --- 1،599،436 --- 65،153 --- %4.07
ئىلى --- 2،631،125 --- 625،175 --- %23.76
تارباغاتاي --- 978،934 --- 39،626 --- %4.05
ئالتاي --- 637،792 --- 9،675 --- %1.52
بورتالا --- 464،454 --- 59،238 --- %12.75

(جەنۇبىي شىنجاڭدا)
باينغۇلىن --- 1،189،366 --- 383،873 --- %32.28
ئاقسۇ --- 2،310،163 --- 1،684،745 --- %72.93
قىزىلسۇ --- 484،343 --- 308،830 --- %63.76
قەشقەر --- 3،762،689 --- 3،387،253 --- %90..2
خوتەن --- 1،857،563 --- 1،790،968 --- %9***

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2272 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01