كومپيۇتېر=Computer=电脑

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كومپيۇتېر=Computer=电脑

   1945 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مورشلاي، ئىككېرت قاتارلىق كىشىلەر دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېرنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان. ئۇ كومپيۇتېر ئادەمنىڭ قىسمەن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ھەتتا ئۇنى ئاز ـ تولا بېيىتقنلىقى ئۈچۈن «ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپمۇ ئاتالغان.

   ئەڭ دەسلەپكى كومپيۇتېر ئەنگلىيىلىك ماتىماتىكا ئالىمى بابېتز لايىھىلىگەن پەرق ھېسابلاش ئاپپاراتى بىلەن ئانالىز ئاپپاراتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. پەرق ھېسابلاش ئاپپاراتى پروگرامما لايىھىلەشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قىممەتلىك بىخلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، باربېتزىنى كىشىلەر «زامانىۋى كومپيۇتېرنىڭ پېشىۋاسى»دەپ ئاتاشقان. باربېتز كېيىن ھېسابلاش پروگراممىسىنى كونترول قىلالايدىغان ھەممىباب سىپىر ئاپپاراتىنى ياساپ چىقىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي ياردىمى ۋە پۈتكۈل بېساتىدىن ئايرىلىپ قالغان باربېتز بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان.

   ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنى 1941 ـ يىلى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مور ئىنىستىتۇتى ئېلېكتروتېخنىكا فاكۇلىتېتى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كورپۇس شىتابىغا قاراشلىق ئابېردىن ترايېكتورىيە(ئوق لىنىيىسى) تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرگە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى كۈنىگە ئالتە پارچە ئوت كۈچى جەدۋىلى بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ئەمما، بىر نەپەر ئۇستا ھېسابچىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى 60 سېكۇنتلۇق بىر پاي ئوقنىڭ لىنىيىسىنى سۇپىرلىق كومپيۇتېر بىلەن ھېسابلاپ چىقىشى ئۈچۈنلا توپتوغرا 20 سائەت كېتەتتى، بىر پارچە ئوت كۈچى جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن نەچچە يۈز پاي ئوقنىڭ لىنىيىسىنى ھېسابلاپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى. دېمەك، ئەينى چاغدىكى ئۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بىر تۈرلۈك تېز ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى تەقەززا قىلغان. دەل شۇ چاغدا، مور ئېلېكتروتېخنىكا ئىنستىتۇتىدىكى مورشلاي« تېز سۈرئەتلىك ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش ھەققىدە ئەسلەتمە»دىگەن تېمىدا بىر پارچە دوكلاتنى تەييارلىغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇ دۇكلات كېيىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ENIAC ئۈسكۈنىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ئىدى. ENIAC«سانلىق قىممەتنى ئىنتېگراللاش ۋە ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى»دېگەن مەنىدە بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى ئېلېكترونلۇق ھسابلاش ماشىنىسى، يەنى كومپيۇتېرنى كۆرسىتىدۇ.

   كېيىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان كومپيۇتېرلاردا ENIAC نىڭ ئونلۇق سىستېما ۋە ئېكىستراپولاتسىيىلىك پراگراممىنى قوللىنىشتەك يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىغان. كرىستال لامپا ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك توپ زەنجىر كەشىپ قىلغاندىن كېيىن ھەجمى زور دەرىجىدە كىچىكلەپ، ھېسابلاش سۈرئىتى سېكۇنتىغا نەچچە تۈمەن قېتىم ھەتتا نەچچە يۈز مىليون قېتىمغا يەتتى. قىسقىسى، كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى يىلدا بىر قاتلىنىپ، ئىقتىدارى ۋە سىغىمچانلىقى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئون ھەسسىدىن ئۆسۈپ باردى، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى كومپۇتېرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئەۋجىگە چىقتى.

 

[admin تەستىقلىدى . 2010-9-24 19:07:36]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 277 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01