x نۇرىدا تەكشۈرۈش تېخنىكىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

x نۇرىدا تەكشۈرۈش تېخنىكىسى

   1895 ـ يىلى 11 ئايدا گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى رېنتگېن قارا قەغەزدە ھىم ئېتىلگەن كرۇكس تۇرۇبىسى ئارقىلىق زەرەتلەش تەجرىبىسى ئىشلەۋېتىپ،x نۇرىنى، ھەم بۇ نۇرنىڭ ئۆتۈشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، 1000 بەتلىك قېلىن كىتاب، ئىككى سانتېمېتىردىن ئۈچ سانتېمېتىرغىچە قېلىنلىقتىكى ياغاچ تاختا ياكى 15 مىللىمېتىر قېلىنلىقتىكى قوشۇغۇن تاختىنى تېشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. x نۇرى ئادەم تېنى توقۇلمىلىرىنىمۇ تېشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بىمارلارنىڭ تېنىنى كۆزىتىپ دىئاگنوزلاشتا قوللىنىلماقتا.

   1895 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى رېنتگېن قارا قەغەزدە ھىم ئېتىلگەن كرۇكس تۇرۇبىسى ئارقىلىق زەرەتلەش تەجرىبىسى ئىشلەۋېتىپ، بىر مېتىر نېرىدىكى بارىي ھىدروپلاتىنىدىن ياسالغان ئىكراندا بىر تۈرلۈك يورۇق نۇرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئەمما توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەن ھامان بۇ غەلىتە نۇرنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى تاسادىپىي بايقىغان. بۇنىڭغا ھەيران قالغان رېنتگېن قايتا ـ قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن ئېغىپ كەيمەيدىغان، ئۆتۈشچانلىقى كۈچلۈك، قايتمايدىغان ۋە سۇنمايدىغان بىر تۈرلۈك يېڭىچە نۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئادەمنىڭ قولىنى كرۇكس تۇرۇبىسى بىلەن ئىكراننىڭ ئارىلىقىغا توغرىلىسا ھېلىقى نۇرنىڭ تەسىرىدىن قول سۆڭەكلىرىنى غۇۋا كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان رېنتگېن ئايالىنىڭ قولىنى، ئاندىن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى نۇرغا توغرىلاپ سىناپ باققان. ئۇ ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئاخىردا: «ئېلېكترون ئېقىمى بۇنداق كۈچلۈك نۇر چىقىرالمايدۇ؛ شۇڭا بۇ ئادەتتىكى قاتود نۇرى ئەمەس، بەلكى كاتود نۇرى بېرىپ ئەينەك نەيچە دىۋارىغا تەگكەندىن كېيىن ھاسىل بولغان بىر خىل نۇر» دەپ جەزمىلەشتۈرگەن.  ئەينى زاماندا بۇ سىرلىق نۇرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى پۈتكۈل پەن ساھەسىگە نامەلۇم بولغاچقا، ئالىملار ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن ئۇنى « x نۇرى» )ئۇ يەنە ئۇنى بايقىغان ئالىمنىڭ نامى بىلەن «رېنتگېن» دەپمۇ ئاتىلدۇ ـ تەرجىماندىن( دەپ ئاتىغان.

    1895 ـ يىلى 12 ـ ينىڭ 28 ـ كۈنى رېنتگېن گېرمانىيە ۋورتسبۇرگ فزىكا ـ مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتىگە « بىر تۈرلۈك يېڭى نۇر ھەققىدە دەسلەپكى دوكلات » دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە سۇنغان. تېنتگېن بايقىغان بۇ x نۇرى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەچكە، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ سىرلىق نۇر ھەققىدە ئېلان قىلىنغان كىتاب ۋە ماقالىلەر 1000 پارچىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە رېنتگېنننىڭ ئايالىنىڭ x نۇرى ئارقىلىق تارتىلغان قول سۆڭىكى سۈرىتى تېببىي دىئاگنوز تارىخىدا ئۇچراپ باقمىغان قىممەتلىك پاكىتقا ئايلانغان. تىببىي ساھەدىكىلەر بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ: «x نۇرى ئادەم بادىنىدىكى گۆشنى تېشىپ ئۆتۈپ سۆڭەكنى كورسىتىپ بېرەلىگنىكەن، ئۇنداقتا x نۇرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ ھەرقاندا ئەزاسىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ» دېگەن يەكۈنگە كېلىشكەن. شۇڭا، x نۇرى ئەڭ بۇرۇن سۆڭەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئىچكى كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈشتە قوللىنىلغان. ھەتتا ھازىرمۇ، تېببىي داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلماقتا. رېنتگېن مۇشۇ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن، بىرىنچى نۆۋەتلىك نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاشتا نوبېل فزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 645 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01