2006-يىللىق 10چوڭ IT خەۋىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  1. دېسنى شىركىتى پىكزار شىركىتىنى قوشۇۋالدى.

 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى دۇنيادىكى داڭلىق كارتون فىلىم ۋە كۆڭۈل ئېچىش شىركىتى دىسنى دۇنيادىكى يەنە بىر داڭلىق فىلىم شىركىتى پىكزارنى ئەسلى قىممىتىدىن %3.8 يۇقۇرى باھادا 7مىليارد 4يۈز مىليۇن دوللار قىممىتىدىكى پاي چېكىنى پۈتۈنلەي سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوشۇۋالدى.
   «مۈشۈك بىلەن چاشقان» فىلىمى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلغان دىسنى شىركىتى 1949-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈز سىزىقلىق تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن ماڭغان بولسىمۇ ئەمما 90-يىللاردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن سىترولۇق سىن(CGAnimation) ساھەسىدە 1986-يلى قۇرۇلغان ياش شىركەت پىكزارىنىڭ كەينىدە قالدى.

      كىشىلەر سىزما رەسىملەر ئارقىلىق ئىشلەنگەن بالىلار فىلىمىگە قارىغاندا پىكزار شىركىتى ئىشلىگەن ئۈچ ئۆلچەملىك بالىلار فىلىمى كۆپرەك ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكتىن دىسنى شىركىتى دۈشمىنىنى بۈشۈگىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋەتتى دەپ قارىغان بولسىمۇ بىراق پىكسار شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، «ئالما كومپۇتېرنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان سىتېۋ جوبېس، پىكزار شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىپ ئېرىشكەن پۇلىغا دىسنى شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ دىسنى شىركىتىنىڭ ئىككىنچى پاي چېكى، مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالدى، دىسنىنىڭ پىكزارنى سېتىۋالغانلىق خەۋىرى دىسنىنىڭ پاي چېكىنى بىراقلا %8 ئۆرلىتىۋەتتى شۇنىڭ بىلەن سىتېۋ جوبېس دىسنىنىڭ 3مىليارد 560مىليۇن دوللارلىق پاي چېكىگە ئىگە بولۇپ ھەسىىلەپ پايدا ئالدى.

       دىسنى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارىدا ئەسلىدىكى پىكزار شىركىتىنىڭ دىرىكتورى كەتمور بۇندىن كېيىن دىسنى شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرلىغىنى ئۆتەيدىكەن."

2.ئاۇتو دېسك شىركىتى ئالىاس شىركىتىنى سېتىۋالدى.

 كوزېر مەھسۇلاتDmax3 ئارقىلىق تونۇلغانAutodesk شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى10-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلانغان197مىليۇذن ئامېرىكا دوللارغا MAYA ئارقىلىق قەد كۆتەرگەن ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى Aliasشىركىتىنى سېتىۋېلىش جەريانى10-فېۋرال تولۇق ئاخىرلاشتى. بۇندىن كېيىن Aliasنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت، تەتقىقات ۋە سىترولۇق سىن ساھەسىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ بازارغا سېلىش پىلانىنىAutodesk شىركىتى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا ئىككى شىركەت بىرلەشكەندىن كېيىن ماشىنسازلىىقتىن قۇذرۇلۇش بىناكارلىققىچە، كىنوچىلىق ساھەسىدىن ماشىنسازلىق لايىھىلەشكىچە بولغان D3 سېستىمىلىرى ئىشلىتىلىدىغان ساھەدە دۇنيا بازىرىنىڭ %87 بازىرىنى ئىگەللىگەن."

3. Seagate شىركىتى يەنە بىر قاتتىق دېسكا ماگىناتى Maxtor نى سېتىۋالدى

كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك ھازىر كومپۇتېر بازىرىدا 5400rpmلىق قاتتىق دېسكا ئاساسەن ئىستىمالدىن قېلىپ، 7200rpm لىق قاتتىق دېسكىنى سېتىۋېلىش ئاساسى ئېقىمغا ئايلاندى. ئەمما بەزى كەسپى ئىشلەتكۈچىلەر تېخىمۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك قاتتىق دېسكىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن ئامالسىز سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، ئەمما قولايسىز بولغان 10000rpm لىق SCSI كارتىلق قاتتىق دېسكا ئىشلىتىشكە مەجبۇر ئىدى، ئەمدىلىكتە قاتتىق دېسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ماگىنات، دۇنياغا داڭلىق Seagate شىركىتى يەنە بىر قاتتىق دېسكا ماگىناتى Maxtor نى سېتىۋالغانلىقتىن، باشقا قاتتىق دېسكا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بۇ يىل ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىشى پىلانلانغان Western Digitalشىركىتىنىڭ 10000rpmلىق SATA ئۇلانمىلىق، سۈزۈك يۈز قاتتىق دېسكىسى جىددىيلىك ئىچىدە بازارغا سېلىندى. بۇ خىل قاتتىق دېسكىنىڭ تەخسە يۈزىگە ئەينەكسىمان سۈزۈك بىرىكمە پولات ئىشلىتىلگەن بولۇپ NSQ نى قوللايدۇ، ئارا ساقلىغۇچ 缓存 ى 16mb(ئىلگىركى 7200rpmنىڭ 2 ياكى 8mb)، ئىزدەش سۈرئىتى 4.6ms (ئىلگىركى 7200rpmنىڭ 8.5ms)، ئۇچۇر سۈرئىتى MB/s84 (ئىلگىركى rpm7200 نىڭ 64MB/s ئىدى.) بولغان ھەم كۆركەم، ھەم تېز سۈرئەتلىك ئىكەن . بۇ خىل قاتتىق دېسكىنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قىزىل بايراق كومپىيۇتېر بازىرىدىكى زاكاس مال باھاسى 2800يۈەن بولغان."

4.تور سودىسى شىركىتى  EBay سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالى  Skype نى سېتىۋالدى.

 1995-يىلى قۇرۇلغان، تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاۋانگىرات EBay نىڭ، يىللىق كىرىمى ئاران 60مىليۇن دوللار بولغان Skypeسۆزلىشىش يۇمشاق دېتالى شىركىتىنى ئەسلى قىممىتىدىن 30ھەسسە يۇقۇرى باھادا تۆت مىليارت بىر يۈز مىليۇن دوللارغا سېتىۋېلىش قارارىغا كەلگەنلىكى 2005-يىىلىق IT خەۋەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ھەيران قالارلىق خەۋەر بولدى... ئۇنداقتا ئىشلەتكۈچىلىرى 150 مىليۇندىن ئاشقان، كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئېلخەت سانى 5مىليۇندىن ئاشىدىغان EBay نىڭ ئۆزى نەچچە ئونمىڭ دوللار خەجلەپلا بىر سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالىنى بازارغا سېلىشنىڭ ئورنىغا بۇنچە چوڭ تەۋەككۈل قىلىشىدىكى سەۋەپ نىمە؟
EBay شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى مىگىل خوتمان يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ بۇ تېپىشماققا جاۋاپ بەردى. «1.yahoo ۋە google غا قارىغانداSkype نىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ پىلانى، ئاكتىپلىغى، ئىلغار سودا نەزىرىيىسىگە تايىنىپ بىزنى مۇشۇنداق يۇقۇرى باھاغا قايىل قىلدى. 2. ئۈچ ئايلىق كۈزىتىش نەتىجىسىدە بىز دۇنيادا ھەر كۈنى 150مىڭ يېڭى ئىشلەتكۈچىنىڭ Skype قا تىزىملىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، ئېنىقكى بۇ سان كۈنسېرى مۇقىملىشىۋاتىدۇ، بىز ئىشلەتكۈچىلەر سانىنىڭ تېزلا 7 مىليۇندىن ئاشىدىغانلىقىنى، كېلەر يىللىق سۆزلىشىش كىرىمىنىڭلا 200مىليۇن دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق. 3.گەرچە MSN, Google ۋە Yahoo بىز بىلەن ھەمكارلىشالمىغانلىقىدىن بىئارام بولغان بولسىمۇ بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىۋاتقان نەچچە ئون مىليۇن ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىقتىسادى كىرىم يارىتالايدىغانلىقىغا، شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ مەشھۇر ناملارنى يېڭىپ ئۇلارنى ئۆز ماركىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەلمىدۇق. 4.Skype نىڭ ئىلەتكۈچىلىرىنىڭ يېرىمى ياۋروپادا، تۆتتىن بىرى ئاسىيادا، بىز دەل شىمالى ئامرىكىدىن باشقا جايلاردىمۇ بازار كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتقاچقا Skypeنىڭ بىزنى بازار ۋە يېڭى خېرىدارلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۇق. 5. سۆزلىشىش يۇمشاق دېتالى بىلەن تور سودىسىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاپ مېڭىشى مۇقەررەر بازار تەلىپى، QQ نىڭ paipai بىلەن، Alibaba نىڭ تاۋباۋ ۋە alitalk بىلەن ھەمكارلىشىشى ئالدىدا بىز ئۆز خېرىدارلىرىمىزنى تېخىمۇ ئەرزان ۋە تېز ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەكلىگىنى تونۇپ يەتتۇق.»"

5.   Toshiba شىركىتى IBMنىڭ قاتتىقى دېسكا ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنى سېتىۋالدى.

6. Microsoft بىلەن Apple شىركىتى ھەمكارلىق ئورناتتى

Apple كومپۇتېر شىركىتىنىڭ ئادەتتىكى ئىنتېل چىپسېتلىق كومپۇتېرلارغا چۈشىدىغان Mac مەشغۇلات سېستىمىسىنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىشى بىلەن نۇرغۇن تەھلىلچىلەر ئەمدى Microsoft ھەقىقى رىقابەتچىگە دۇچ كەلدى دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما 3- ئاينىڭ 16-كۈنى Apple بىلەن Microsoft بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ بۇندىن كېيىنكى ئىنتېل چىپسېتلىق كومپۇتېرلارغا چۈشىدىغان يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىدا ئىككى شىركەتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا Microsoft نىڭ ئىنتېل چىپسېتلىق كومپۇتېرلارغا چۈشىدىغان Mac مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىش بىلەن بىرگە، MAC مەشغۇلات سېستىمىسىدا ئـىشلەيدىغان MSN ۋە office تۈركۈمىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى."

7.  Google شىركىتى بىر مىليارت 650مىليۇن دوللارلىق باھا بىلەن YouTube شىركىتىنى سېتىۋالدى

8 . داڭلىقAMDشىركىتى تۆت مىليارد ئىككى يۈز مىليۇن دوللارلىق باھا بىلەن كۆرسىتىش كارتىسى ۋە كومپۇتېر ئاساسى تاختىسىغا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم كارخانا ATIنى قوشۇۋالدى .

9. MOTOROLAشىركىتى 3مىليارت 900مىليۇن دوللارلىق باھا بىلەن  Symbol Technologies شىركىتىنى سېتىۋېلىپ كۆچمە ھىساپلاش  ۋە چاستوتا بەلگىسى ، تاياقچە كودنى سىكانلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ يەككە خوجايىنىغا ئايلاندى.

10.سىپراتىل دېڭىزى (نەنخەي دېڭىزى) دىكى يەر تەۋرەش جوڭگۇ قۇرۇقلۇقى بىلەن دۇنيادىكى باشقا جايلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئالاقە ئۇچۇرىنى بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ئۈزۈپ قويدى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 644 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01