جوڭگۇ ۋە ئامىرىكا مائارىپى توغرىسىدا ئاددى سېلىشتۇرما

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جوڭگۇ ۋە ئامىرىكا مائارىپى توغرىسىدا ئاددى سېلىشتۇرما

 

 نۆۋەتتە، مەدەنىيەت بىلەن مائارىپنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ياكى مەدەنىيەت بىلەن مائارىپ ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەرگە كىشىلەر بارغانسىرى يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. چۈنكى ئىنسانلار تارىخىدىكى ھەر قايسى دەۋىر، ھەر قايسى رايۇنلاردا مائاىرپ ھەم مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى ھەم مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ كەلدى. مائارىپ مەدەنىيەتنى مەقسەتلىك ھالدا يەتكۈزۈپ بىرىدۇ ھەم تاللاش ۋە قايتا قۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەتنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مائارىنىڭ مەدەنىيەت رولىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مائارىپ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە قۇدىرەت تىپىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەتمۇ مائارىپ جەھەتتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. مائارىپنىڭ سۈپىتىنى قانداق قىلىپ يۇقۇرى كۆتۈرۈش، مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش دۇنيا ئەللىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نوقتا مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەرشالىشىش ۋەزىيىتى ئاستىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى تەدىرجى ھالدا چەتئەل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىماقتا.چەتئەلگە چىقىپ ئوقويدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ سانى يىلمۇ-يىل ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ ھەمدە يىشىنىڭ كىچىكلىشىش ۋەزىيىتى بارغانسىرى گەۋدىلىك بولۇپ، چەتەلگە چىقىپ ئوقويدىغان كىچىك ياشلىقلارچەتئەلەگە چىقىپ ئوقويدىغانلار ئومومىي سانىنىڭ يىرىمىنى ئىگىلىدى.دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر چەتئەلەرنىڭ مائارىپ تۈزۈمى ھامان دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈمىدىن ئەۋزەل، پەقەت چەتئەلگە چىقىپ ئوقوغاندىلا تالانتلىق بولغىلى بولىدۇ دەپ قارىماقتا. بۇ خىل قاراش گەرچە بىراش يۈزەكى بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسىمۇ بار. ئۇنداقتا چەتئەل مائارىپ شەكلىنىڭ ئەۋزەللىكى زادى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟ جوڭگۇ مائارىپ ئەندىزىسى بىلەن زادى قايسى جەھەتلەردە پەرقى بار؟ تۆۋەندە ئامىرىكا مائارىپى بىلەن جوڭگۇ مائارىپى ئەندىزىسىنىڭ پەرقى جەھەتتىكى ئاددىي سىلىشىتۇمىلارغا نەزىرىمىزنى يۆتكەپ باقايلى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 746 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01