جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش مەسىلىلىسى ئىنتايىن ئېغى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش مەسىلىلىسى ئىنتايىن ئېغىر

 

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا "كىملىك گۇۋاھنامە قانۇنى" دا كىملىك گۇۋاھنامىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە – نىزام يوق بولۇپ، بۇ يۇچۇقتىن پايدىلىنىپ شەخس كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىلىرى بارغانسرى ئېغىرلاشقان، بانكا، ئۆي – مۈلۈك شىركەتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش قىلمىشى ناھايىتى ئېغىر بولغان. ھەتتا، بانكا ئىناۋەت كارتىلىرىنىڭ كېلىشىمنامە – بەلگىلىمىلىرىدە، پۇقرالارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى بانكا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئورۇنلارغا تەمىنلەپ بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى بەلگىلەنگەن.
بۇندىن باشقا يەنە بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،" كىملىك گۇۋاھنامە قانۇنى" دا پۇقرالارنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە بار بولسىمۇ، ئەمما، نۆۋەتتە مەھەللە-ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئامانلىق خادىمىدىن تارتىپ، شىركەت دەرۋازىۋىنى، ئاممىۋى سورۇنلار ئامانلىق خادىمى ۋە پويىز ۋاگۇنىدىكى كۈتكۈچىگىچە ھەممەيلەن ئاممىۋىي ئامانلىقنى ساقلاش نامى بىلەن خالىغانچە پۇقرالارنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش ئومۇملاشقان.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 516 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01