ماگيارلار(ۋېنگىرلار)=Hungarian

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ماگيارلار(ۋېنگىرلار)=Hungarian

ۋېنگىر(ماجارياكى ماگيار)لار ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي مىللەت.  2010-يىلى دۇنيادىكى ۋېنگىرلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 14مىلىيۇندىن سەل ئاشقان بولۇپ ، ۋېنگىرىيە ۋە تۇتاش ياۋروپا دۆلەتلىرىدە  12مىلىيۇن كىشى، ئامېرىكا قىتئەسىدە 2مىلىيۇن كىشى ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيەدە 9مىلىيۇن500مىلىيۇن كىشى(ۋېنگىرلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ)، رۇمىنىيەنىڭ ترانسىلۋانىيە رايونىدا بىر يېرىم مىلىيۇن كىشى، سىلوۋاكىيەدە 55مىڭ كىشى،سېربىيەدەنىڭ ۋويۋودىنا ۋېنگىر ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىدە 300مىڭ كىشى،ئوكرائىنانىڭ تاشقى كارپات ئۆلكىسىدە 156مىڭ كىشى  ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگىلىيەدە 80مىڭ، گېرمانىيەدە 120مىڭ،ئاۋستىرىيەدە 40مىڭ ۋېنگىر بار. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە يەنىلا ئامرىكا ۋېنگىرلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، 2010-يىلى ئامېرىكىدىكى ۋېنگىر ئەۋلادىدىن بولغانلار  1مىلىيۇن600مىڭ كىشىدىن ئاشقان، 2010-يىل يەنە كانادا دا 315مىڭ، ئارگېنتىنادا 200مىڭ، برازىلىيەدە 80مىڭ، چىلىدا 40مىڭ ۋېنگىر بارلىقى مەلۇم. 2008-يىلىدىكى ئاۋسترالىيە دۆلەات سىتاتىسكىسىدا ئاۋسترالىيەدە 60مىڭ ۋېنگىر بارلىقى مەلۇم بولغان. ۋېنەىرلار ياۋروپادىكى مەدەنىيەت ئاساسى بىر قەدەر كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ يىلاردىن بېرى كېچىكىپ توي قىلىش، پەرزەنت كۆرمەسلىك ياكى ئا پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن نوپۇسى يىلىغا 40مىڭ كىشى ئەتراپىدا كېمەيمەكتە.
   ۋېنگىرلار ئالتاي-ئۇرال تىل سېستىمىسى، فىن-ئۇگۇر تىل ئائىلىسى، ئۇگۇر تىل تۈركۈمىگە تەۋە ۋېنگىر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ۋېنگىرلار ئۇزاق زامان ياۋرڭپادا ئۆزى بىلەن تىل-مەدەنىيەت ئورتاقلىقى يوق مىللەتلەر ئارىسىدا ياشىغانلىقتىن نۇرغۇن سىلاۋيا، گېرمان، لاتىن سۆزلۈكلىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ يەنىلا قەدىمقى ھۇن ئاتالغۇلىرى 20%، ئالتاي تىللىرىغا ئورتاق بولغان سۆزلۈكلەر 10% ئەتراپىدا ساقلىنىپ قالغان.
    ۋېنگىرلار ئەسلىدە شامان دىنىغا ئىشىنىدىغان مىللەت بولۇپ ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچكەندىن كېيىنكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېتىقادىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىر ۋېنگىرلارنىڭ تەخمىنەن 55% رىم كاتولىك دىنىغا، 20% پىروتىستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ. قالغان بىر قىسىم ئاھالە دىنغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما كاتولىك، پىروتىستانت ۋە شامان دىنىنىڭ بەزى مەدەنىيەت تەسىرىنى ساقلاپ قالغان.

  ۋېنگىرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى

  ۋېنگىر ھۇنگار دىگەن نامنىڭ رۇسچە بۇزۇپ ئېيتىلىشى بولۇپ، بىز شۇنداق خاتا ئاتاپ ئادەتلەنگەن. ۋېنگىرلار ئۆزلىرىنى «ماجارلار» ياكى «ماگيارلار» دەپ ئاتايدۇ. نۇرغۇن ئىلمىي، تارىخىي كىتابلاردا، ھازىرقى ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت نامى «ھونگار»، «ھونلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مىللەتشۇناسلار ھۇنگار نامىنى ئونئوگۇر يەنى ئونئۇغۇر نامىدىن كەلگەن، دەپ شەرھلەيدۇ. بۇ، ۋېنگىرلارنىڭ ئەسلىي ئەجدادلىرىنىڭ شەرقتىن بارغان ھۇنلار ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  مىلادىيە 1 _ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوردۇس يايلىقىنىڭ  شىمالىي چۆللۈك ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ھونلار  غەربىگە قاراپ كۆچىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ھەم جەنۇبىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ  كۆچۈش داۋاملىشىپ كۆپ قىسىم ھونلار   ئۇرال تاغلىرى ئارقىلىق  ياۋروپاغا كۆچۈپ بارىدۇ. مىلادى 4-ئەسىردە ھۇنلار قۇدرەت تېپىپ ياۋروپا ھۇن ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ ھازىرقى ۋېنگىرىيەنى ئاساسى مەركەز قىلغان ھالدا رىم ئىمپىرىيىسىنى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ ، ئۆز رايونىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. مىلادىيە 896 _ يىلىغا كەلگەندە، ھونلار دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىككە ئولتۇراقلىشىپ، يۇرت _ ماكان قۇرۇشقا باشلاپ ئۆزىنىڭ پادىشھلىقىنى قۇرغان ۋە كاتولىك دىنى قوبۇل قىلغان. 13-ئەسىردە موڭغۇللار ياۋروپاغا كېلگەندە ۋېنگىر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۇرۇشتا قىرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ۋېنگىرلار ناھايىتى تېزلا ئۆزلىرىنىڭ ئارپادىيا پادىشاھلىقىنى تىرىلدۈرگەن. .
   16-ئەسىردىن باشلاپ ۋېنگىرلار يەنە بىر قېتىم چەتئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ غەرپتىن گېرمان ھابىسبورگ سۇلالىسى، شەرقتىن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشىغا دۇچ كېلىپ ئىككى ئەسىرگە سوزۇلغان مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇۋە ھابىسبورگ ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم ۋېنگىرلار يەنە پروتىستانت دىنى قوبۇل قىلىدۇ.
 1848-يىلى ۋېنگىرلار گېرمانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ ئازادلىققا ئېرىشىدۇ ، ئەمما شەرقتىن رۇسىيە بېسىپ كىرگەنلىكتىن يەنە ئاۋستىرىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاۋسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىسى بولۇپ شەكىللىنىپ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا  ئاۋسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىسى پارچىلىنىدۇ، ۋېنگىرىيە ھازىرقى سېربىيەگە قاراشلىق ۋويۋودىنا، رۇمىنىيەگە قاراشلىق ترانسىلۋانىيە، ئوكرائىناغا قاراشلىق كارپاتىيە ئۆلكىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ قۇدرەتلىك ۋېنگىر ئىمپىرىيىسىدنى قۇرىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىد ۋېنگىرىيە گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقىغا قارشى تۇرغانلىقتىن ئۇرۇشتىن كېيىن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ رايوندىن ئايرىلىپ ۋېنگىرىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىدۇ.
1990-يىلى شەرقى ياۋروپادا ئىسلاھات بورىنى كۆتىرىلگەندە ۋېنگىرىيە تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ ھازىرقى ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىدۇ.

ۋېنگىرلار قىياپەت جەھەتتە ياۋروپادىكى باشقا ئەل خەلقلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ۋېنگىرىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى فېيتوفى: «يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلار ئاسىيا قىتئەسىدىن باشلانغان يىراق، جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ كېلىپ، دوناي دەرياسى ۋادىسىدا بۇ دۆلەتنى قۇرغان» دەپ يازغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغان ھونلارنى مىللەت ئاساسى قىلغان ۋېنگىرىيەدە، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئىسىم _ فامىلە قويۇشتا مىللىي خاسلىققا ئېتىبار بېرىپ، ئەرلەرگە «ئاتىللا» دېگەن ئىسىمنى كۆپرەك قويىدۇ. ۋېنگىرىيەدە ھونلار باش تېما قىلىنغا 1 باغچا بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتىللانىڭ قەبرىسى مۇشۇ باغچىدا ئىكەن. ۋېنگىرىيەدىكى داڭلىق جەمەتلەردىن بولغان ئاشتىنھاج جەمەتىمۇ دەل ھون شاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەن.

ۋېنگىرلاردىن دۇنياغا داڭلىق ئالىم-شائىر ۋە سەنئەتكارلار ناھايىتى كۆپ چىققان.  داڭلىق شائىر پىتۇفى، داڭلىق ھازىرقى زامان مودىرنىزىم ھەيكەلتاراشلىق ئۇستازى ۋاگنېر، داڭلىق كىنو ئارتېسى ئاتىىلا ، ئاتوم بومبىسى ئىجادچىسى ۋېلىگرى دىن باشقا يەنە ۋېنگىرلاردىن ھازىرغىچە 9 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  ۋېنگىرلارنىڭ ھېيت _ بايراملىرى
ۋېنگىرلار يېڭى يىلنى تەبرىكلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. يېڭى يىلنىڭ ھارپا كېچىسى كىشىلەر يۈزلىرىگە نىقاب تاقاپ موناستىر ئالدىغا يىغىلىپ، يېڭى يىل قوڭغىرىقىنىڭ چېلىنىشىنى كۈتىدۇ. يېڭى يىل قوڭغىرىقى چېلىنىشى بىلەن تەڭ ئەتراپ قاينام _ تاشقىنلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ، كوچىلاردا كىشىلەر ئالاھىدە ياسالغان ئۇزۇن كانايلارنى چېلىپ شاۋقۇن _ سۈرەن سالىدۇ؛ ساليوت ئېتىپ جىن _ شاياتۇنلارنى قوغلايدۇ. ئۇلار «يېڭى يىل كۈنى قىلغان ئىش پۈتۈن يىللىق ئىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ قارىغاچقا، يېڭى يىل كۈنى ئۆزئارا قەرز بېرىشمەيدۇ؛ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلمايدۇ؛ دورا يېمەيدۇ؛ پۈتۈن 1 يىللىق ھېساباتنى يېڭى يىل كۈنىدىن بۇرۇن قىلىپ بولۇشقا ئالدىرايدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 828 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01