ئالىم ئەھەت

 

  ئالىم ئەھەت

  

ئالىم ئەھەتئالىم ئەھەت


    ئالىم ئەھەت ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، يۇمشاق دېتىل ئېنژىنىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئالىي لىكتور، «كومپيۇتېر يۇمشاق دىتال كەسپى»دە ماگىستېر ئاسپىرانت، «قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپى»دە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.


    ئاﻟﯩﻢ ئەھﻪﺕ 1974-ﻳﯩﻠﻰ 6-ئاﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ (ﺟﯜﻣﻪ) ئاﻗﺴﯘ ﺷﺎﻳﺎﺭ ناھىيەسىدە ﺗﯘﻏﯘلغان. 1980-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1991-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ 1-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ 1-ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ئوقۇغان. 1991-ﻳﯩﻠﻰ 7-ئاﻳﺪﺍ، ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ئىمتىھانىغا ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ئاﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ئەﻻ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻰ ھېسابلاش ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ قىلىنغان. ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ئاﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ئاكىسى ﻳﺎﺳﯩﻦ ئەھﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮىشكەن. ئاكىسى ﻳﺎﺳﯩﻦ ئەھﻪﺕ 1989-ﻳﯩﻠﻰ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ئىمتىھانىدا ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ئەﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ئاﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ئۆﺯ ئاﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، شارائىت ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ بېرىپ، ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ئاﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ Apple ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. (ئىزاھات: ياسىن ئەھەت ھازىر ئامېرىكىدا ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ئاﻳﺮﯨﻢ-ئاﻳﺮﯨﻢ ﻣﺎﮔﯧﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ئوﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻗﺘﺎ ئوﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ئۇﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، دىيارىمىزدا بىرەر ئىش قىلغۇسى بار.)


      ئالىم ئەھەت ھەپتە ئاخىرى ئاكىسىنىڭ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ كومپيۇتېر قاتارلىق ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ قالىدۇ. ياسىن ئەھەت ئۇنىڭغا BASIC ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ئۆﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎشلايدۇ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎئەﺕ ئۆﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻣﻠﯘﻕ 2-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ پىروگرامما ﺗﯜﺯﯛﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮيىدۇ. ئالىم ئەھەت ئۆزىدىكى ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ئاﺯ-ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ئۆﮔﻪﻧﮕﻪنلىك سەۋەبىدىن، ﺑﯘ پىرﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ چۈشىنىۋالىدۇ ھەم ئۆزى ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﯩﭗ ھەر ﺧﯩﻞ ئۆﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﭖ باقىدۇ. ﺑﯘ 1991-ﻳﯩﻠﻰ 10-ئاﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ.

ئالىم ئەھەت ۋە كومپىيۇتېرئالىم ئەھەت ۋە كومپىيۇتېر



      1993-ﻳﯩﻠﻰ 3-ئاﻳﺪﺍ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللا ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﯘﺭﺳﻰ ئاﭼﻘﺎندا ئالىم ئەھەت ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ تىزىملىتىدۇ، ھەمدە MS-DOS  ﯞﻩ C ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىسى ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللانى ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﺳﻮئاﻝ-ﺳﻮﺭﺍﭖ ئاﯞﺍﺭﻩ قىلىدۇ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللا ھوشۇر ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﺎﮔﯧﺴﺘﯩﺮ ئاﺳﭙﺮﺍﻧﺖ ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ھوﺷﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘئەﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1993-ﻳﯩﻠﻰ 11-ئاﻳﺪﺍ، ئالىم ئەھەت 863 ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ 286 ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮىشىدۇ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللادىن ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ئۆگىنىدۇ. ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللانىڭ ﻛﯘﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺩەﺭﺳﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ قىلىدۇ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ئاﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯘﺭﺳﺎﻧﺘﻼﺭﻏﺎ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ سۆزلەيدۇ. ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ 1994-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﺍ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ھېۋزۇللانى ﭼﯩﯖﺨﯘﺍ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ئەۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالىم ئەھەت ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻛﯘﺭﺳﻰ ئاچىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 150 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ئوﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ قالىدۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺖ رەھبەرلىرى ئۇنى ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ، "ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﯕﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ئۆﮔﯩﻨﯩﭗ، ھەتتا ﻛﯘﺭﺱ ﺋﯧﭽﯩﭗ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﺴﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ئاﺷﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ئەﯞﻩﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ قىلغىن"-دەيدۇ.


      ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ 1995-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﺍ، ئالىم ئەھەت ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ سالاھىيىتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﺎئەت ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ (北京理工大学) ﻏﺎ ئوﻗﯘﺷﻘﺎ ئەۋەتىلىدۇ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ئاﺳﺴﯧﻤﺒﯩﻞ ﺗﯩﻠﻰ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ پۈرﯨﻨﺴﯩﺴﭙﻰ، Windows مۇھىتىدا پىرﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺗﯜﺯﯛﺵ، ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ،... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 7 ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺳﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ كېلىدۇ. ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ماقالىسىغا "ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰىيەدە ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ پۈتتۈرىدۇ. ﺑﯘ ﯞﯦﻜﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺧﻪﺕ ئاﻣﺒﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئوﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ماقالىسىگە ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ئاﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ ئاﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ئىبراھىم ﺧﺎﻟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ باھا بېرىدۇ. ﺑﯘ ئۇنىڭغا نىسبەتەن زور ئىلھام بولىدۇ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﯗﺱ ئوقۇشىنى ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، 1996-ﻳﯩﻠﻰ 9-ئاﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯧﺘﻰ (ھازىرقى ﻧﺎﻣﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ) ﺩﺍ ئوﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ قىلىۋاتىدۇ.


      ئالىم ئەھەت ئاﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ھاياتىنى ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، ﺑﻮﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئۆگىنىدۇ. 863 ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ئوﻗﯘﺵ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، ئۆﺯﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ئۆﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭىدۇ، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ تەربىيەلىنىپ ﯞﻩ ﭘﯘﺧﺘﺎ ئاساس سالىدۇ. ئالىم ئەھەت ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ساھەسىگە كىرگەن.

ئالىم ئەھەت شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» سۆھبىتىدەئالىم ئەھەت شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى «ياشلىق مىلودىيەسى» سۆھبىتىدە







      ئالىم ئەھەت 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ++C/C ۋە Microsoft .NET پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ. ئۇ 17 يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان. 1998-يىلى 6-ئايدا يەنى 24 يېشىدا «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان.ھازىرغا قەدەر «ئۇيغۇرسوفت-ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت-كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت-لۇغەت» قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ چىققان.  ئالىم ئەھەت، 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. ئۇ غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدە مۇشۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر كىشى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ پەخرى، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى دەۋردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.


      ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رادىيو-تېلېۋىزىيەدە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ تىللىق رادىيو ئاڭلىتىش يۇمشاق دىتالى، ATM (ئاپتوبانكا) پۇل ئېلىش ماشىنىسى سىستېمىسى، سىفىرلىق تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچ سىستېمىسى... قاتارلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرگەن. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردىكى ھەر قايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. 

2008-يىلى 11-ئايدا 4-نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگە 10 مۇنەۋۋەر ياش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

ئالىم ئەھەت «ئۇيغۇر سوفت» ماقالە سىستېمىسىنى تونۇشتۇرماقتائالىم ئەھەت «ئۇيغۇر سوفت» ماقالە سىستېمىسىنى تونۇشتۇرماقتا


  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 40

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1726 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 8قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-06