ئېكۋاتور گېۋىنىيەسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئېكۋاتور گۋېنىيەسى=Republic of Equatorial Guinea 

  1. جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى
  ئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ كۆلىمى  28051.46  كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمىدىكى گۋىنېئا قولتۇقىغا جايلاشقان. قۇرۇقلۇقتىكى مۇنى دەرياسى رايونى ۋە گىۋىنىيە قولتۇقىدىكى بىئوكو ، ئاننوبون ، كورىسكو قاتارلىق ئاراللاردىن ھاسىل بولغان دۆلەتتۇر. مۇنى دەرياسى رايونى غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن، شىمالدا كامېرۇن بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرق ۋە جەنۇبتا گابون بىلەن چېگراداش. دڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 482 كىلومېتىر. دېڭىز ياقىسى تار ۋە ئۇزۇن تۈزلەڭلىك بولۇپ، سۇ فىرونتى تۈز، قولتۇق ئاز. ئىچكى قۇرۇقلۇقى ئېگىزلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 500-1000 مېتىر ئەتراپىدا، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى تاغ تىزمىلىرى مۇنى دەرياسىنى رايوننى شىمال ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككى دەريا رايونىغا ئايرىپ تۇرىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا بولغان ئوتتۇرا قىسمىدىكى ستىبېل چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىكى ئېگىزلىكى 3007 مېتىر. ئاساسلىق دەرياسى مېنى دەرياسىدۇر. ئېكۋاتور گۋىنېيەسى يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گرادۇس.
 
  2. ئاھالىسى ۋە تىلى
  ئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ ئاھالىسى 633 مىڭ. قۇرۇقلۇقتا ئولتۇراقلاشقان فاڭ مىللىتى ئۇمۇمى نوپۇسنىڭ85%نى، بىئوكو ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بۇبى مىللىتى7%نى ئىگەللەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئىسپان تىلى (دۆلەتنىڭ مائارىپ تىلى ئاھالىسىنىڭ 63% سۆزلىشەلەيدۇ) ۋە فرانسۇز تىلى(دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد تىلى ۋە ئىككىنچى مائارىپ تىلى 24%ئاھالە قوللىنىدۇ)، يەرلىك تىلىدىن ئاساسلىق فاڭ مىللىتىنىڭ بانتۇ تىلى ۋە بۇبى تىلى بار. %82 ئاھالسىى كاتولىك دىنىغا، %5 ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا، %3 ئاھالىسى پروتېستانت دىنىغا باشقىلار ئىپتىدائى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
   پايتەختى مالابو بىئوكو ئارىلىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 265 مىڭ . 

  3. قىسقىچە تارىخى
  15 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى گۋىنىيە قولتۇقىنىڭ دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلىرىغا ۋە بىئوكو، كرىسكو، ئاننوبون قاتارلىق ئاراللارغا بېسىپ كىرگەن. ئىسپانىيە 1778 يىلى بىئوكو ئارىلىنى، 1843 ـ يىلى مۇنى دەرياسى رايونىنى بېسىۋالغان، 1845 ـ يىلى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى قۇرۇلغان.  ئېكۋاتور گىۋىنىيىسى تارىختا ئىسپانىيەگە قاراشلىق گىۋىنىيە ياكى ئىسپانىيە گىۋىنىيىسى دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1964 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، دۆلەت نامىنى ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى قىلىپ بېكىتكەن.

  4. دۆلەت بايرىقى ۋە گېربى
  ئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ دۆلەت بايرىقى بايراق سېپى تەرىپى كۆك رەڭلىك تەڭ يانلىق ئۈچ بۇلۇڭ، ئوك تەرىپى يېشىل، ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك ئۈچ توغرا بەلدەمدىن تاركىب تاپقان تىڭ تۆت بولۇڭ شەكىللىك بايراق بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخسى چۈشۈرۈلگەن. يېشىل رەڭ بايلىققا، ئاق رەڭ تىنچلىققا، قىزىل رەڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىغا، كۆك رەڭ دېڭىز ـ ئوكيانغا سىمۋول قىلىنغان.
  ئاق رەڭلىك دۆلەت گېربى يۈزىگە مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ ترۇغان رىزوفورا دەرىخىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن، بۇ بىر خىل نەم جايدا ئۆسىدىغان ئىسسىق بەلباغ دەرىخىدۇر، دۆلەت گېربىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئالتە دانە سېرىق رەڭلىك ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز بار، بۇ ئېكۋاتور گۋېنىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى ئالتە رايونىغا سىمۋول قىلىنغان، ئاستى تەرىپىدىكى لېنتىغا ئىسپان يېزىقىدا «ئىتتىپاقلىق ، تىنچلىق، ئادالەت» دېگەن خەت يېزىلغان. مۇستەقىللىق كۈنى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ، دۆلەت بايرىمى كۈنى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى.

5. ئىقتىسادى:
   تېخى 10 يىل ئاۋال ئېكۋاتور گىۋىنىيىسى ئافرىقا قىتئەسى بويىچە ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما دۆلەتكە تەۋە دېڭىز قولتۇقىدا مول نېفىت بايلىقىنىڭ بايقىلىشى دۆلەتنى پارتىلاش خاراكتىرلىك ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىپ ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 38مىڭ دوللارغا يېتىدىغان، ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان باياشات دۆلەتكە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە ئېكۋاتور گىۋىنىيەسىنىڭ 93% دۆلەت كىرىمى نېفىت ئىكىسپورتىدىن كىرىدۇ.  2010-يىلى9-ئايدا  ئېكۋاتور گىۋىنىيىسىنىڭ ئالدىنقى يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 23مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 21% ئاشقان. 2010-يىلى 9-ئايدىكى سىتاتىسكىدا يەنە  ئېكۋاتور گىۋىنىيىسىدە مۇقىم تېلپون ئابونتى 10مىڭ، يانفون ئابونتى 380مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 12مىڭ بولغان.
  ئېكۋاتور گىۋىنىيىسى ئوتتۇرا ئافرىقا ئىقتىسادى گۋدىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، كامېرون، چاد، ئوتتۇرا ئافرىقا،كونگو جۇمھۇرىيتى(بىراززاۋىل)، گابونلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئافرىقا فىرانىكىنى ئورتاق قوللىنىدۇ.

 6. ئېلىمىز بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى
   1970 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئېكۋاتور گۋىنىيەسى ئېلىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2005 ـ يىلى 10 ـ ئايدا ئېكۋاتور گۋېنىيەسى زۇڭتۇڭى ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولغان، بۇ ئېكۋاتور گۋېنىيەسى زۇڭتۇڭىنىڭ 1984 ـ يىلى 8 ـ ئاي ، 1990 ـ يىلى 4 ـ ئاي ، 1996 ـ يىلى 9 ـ ئاي ۋە 2001 ت يىلى 11 ـ ئايدىكى زىيارىتىدىن كېيىنكى ئېلىمىزدە قىلغان بەشىنچى قېتىملىق زىيارىتىدۇر.

  ھاۋاگۈل موسا تەرجىمىسى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 759 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01