سودىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك پىسخىك ھالەت

سودىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك پىسخىك ھالەت

 

         سودا سېتىقتا مەبلەغ بولمىسا بىز پۇل تاپالمايمىز، مەبلەغ بولسا خېيىم-خەتەرگە ئۇچرايمىز ھەم  شۇنىڭغا ماس ھالدا بېسىمغا ئۇچرايمىز. بۇ مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش بىر مەسىلە. باشتىن ئىلىپ ئېيتقاندا مەبلەغ سېلىش بولسا قانداق قىلغاندا  كۆڭلىمىزدىكىنى ئاچكۆزلۈكى، ئالاقزادىلىكنى  تىزگىنلەيدىغان ، بازاردا قانداق قىلغاندا ياخشى بولغان پسىخىك ھالەتنى ساقلايدىغان مەسىلىدىن ئىبارەت. ئىسكىلاتنى تاقىۋالىدىغان، مۇۋاپىق ۋاقىتتا زىياننى تىزگىنلىمەيدىغان ھالەتلەر تېگىدىن ئيېتقاندا  مەبلەغ سالغۇچىنىڭ پىسخىكىسىدىكى مەسىلە. خەتەرنى تىزگىنلەش ئادەمنىڭ خاراكتېرى ھەم ساپاسى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.  بىسىم ، ئاغرىقتىن قىچىش ئادەمنىڭ  تەبىئىيتى. ئەمما بىز پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا بۇلاردىن قاچالمايمىز. بۇ مەسىلىلەر بىز كۈندە باتۇرلۇق بىلەن  يۈز كۆرۈشىدىغان  مەسىلىلەر. ئەگەر  كىچىككىنە بېسىمغا،ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمىسىڭىز ، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى پۇل- مۇئامىلە ساھەسىگە ئارىلاشماڭ. ياكى بۇ مەسىلىلەرنى باشقىلارنىڭ ئويلىنىشىغا ،تەھلىل قىلىشىغا بېرىپ، سودا-سېتىقنى ئىككى ئادەم ئايرىم - ئايرىم قىلىڭلار. بەزى ئادەملەر بازار ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشقا ئىنتايىن ماھىر كېلىدۇ. ئەمما پايدا بىلەن زىياننى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋاقىتتا ئامالسىز قالىدۇ. يەنە بەزى ئادەملەر بازار تەھلىلىنى ئانچە ياخشى قىلالمايدۇ،بىراق تەدبىر قوللىنىشتا ئىنتايىن كەسكىن، ئىككىلەنمەيدۇ.  


    ئۇزۇن يىل سودا  بىلەن شۇغۇللانغانلار شۇنى ئېتىراپ قىلىدۇكى ،بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار  «بىسىم،ئاغرىقلار» غا بەرداشلىق  بېرەلىشى كېرەك. كىم سودا بازىرىدا بىسىم يوق دىسە،ئۇ ئادەم چوقۇم سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئادەمدۇر. سودا بازىرىدىكى ھەر قانداق ئادەم  مەلۇم دەرىجىدىكى بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ  ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان سودا سىستېمىسى، مەبلەغ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە خەتەرنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ھەم بۇسىېستىمىنى  يۈرگۈزىدىغان  پولاتتەك ئىنتىزام ۋە پىسخىكا ساپاسى بۇلىشى كېرەك. لازىم بولغاندا ئىككىلەنمەي تەدبىر قوللىنالايدىغانكەسكىنلىكمۇ  بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  شۇڭا  غەلىبە قازانغان مەبلەغ سالغۇچى بۇلۇش ئۈچۈن ،ياخشى بولغان  بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى بۇلىشى كېرەك.  
مۇشۇ بېسىملارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقتىن ،كۆپلىگەن يىڭى بازارغا كىرگەن مەبلەغ سالغۇچىلار ،ئازراق پايدىغا  ئېرىشكەن ھامانلا جىددىيلىشىشكە باشلايدۇ، پايدىنىڭ زىيانغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئاخىرىدا ، مال تولۇقلاشقا توغرا كەلگەندە ،مال تۇلۇقلىماي ، نىشانغا يەتمەي تۇرۇپلا مالنى قولدىن چىقىرىۋېتىدۇ. بازار يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەندە ، زىياننى تىزگىنلەش توغرا كەلگەندە زىياننى تىزگىنلىگىلى ئۇنىمايدۇ. بازارنىڭ يۆنىلىشىگە قارشى چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەملىك بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ،خاراكتېرى ئاجىز ئادەملەرنىڭ  كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتى. تىپىك مىساللاردىنكورۇشكە بولىدىكى، بازار جەڭ مەيدانى،بىر رەھىمسىز مەيدان. كىمنىڭ  ساپاسى يوق،كىم ئىنتىزامچان ئەمەس ،شۇ مەغلۇب بولىدۇ.
        مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بازاردا غەلىبە قازىنىش - قازانماسلىق ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قايسىلا كەسىپنى قىلماڭ بۇ مەسىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. بەزى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ  ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى،بىراق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قانناشقاندا نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ئەمەس. بەزى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ھالقىلىق پەيتتە ،ئۆز كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ نەتىجە قازىنالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ساپا، خاراكتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پېرېۋوت بازىرىدىمۇ ھەم شۇنداق.
كۆپلىگەن يىڭى مەبلەغ سالغۇچىلار كاپالەت سوممىسى سودىسىدا مەغلۇب بولۇشنىڭ سەۋەبى ھەم قانداق تاقابىل تۇرۇشنى يۇقىرىدا سۆزلەپ بولدۇق. يىڭى مەبلەغ سالغۇچى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ،سىزنىڭ ئەڭ ئاۋال قىلىدىغىنىڭىز  .ئالدىنقى 5يىلدا  چوقۇم كىچىك سودا قىلىڭ.
     قالايمىقان،خېيىم -خەتىرى چوڭ بولغان سودا قىلماڭ. ئەتىراپىڭىزدىكىلەرگە قارىغۇلارچە ئەگەشمەي، ئەڭ ياخشىسى بازار باشقۇرۇش،خېيىم خەتەرنى تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى ياخشى ئۈگۈنۈپ، بازارغا ئالدىرىماي كىرگىنىڭىز ياخشى.
تاشقى پىرېۋورت بازىرىدا،مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك مەسىلە  قانداق قىلغاندا مەبلەغنى ساقلاپ قىلىش قانداق قىلغاندا  چەكنى ياخشى باشقۇرۇش،خېيىم _خەتەرنى ياخشى تىزگىنلىگىلى بۇلىشىدىن ئىبارەت. مەبلەغ سالغۇچىلار  مۇشۇ جەھەتتە كۆپرەك ئىزدىنىپ،بۇ جەھەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بىلسەكلا،پېرېۋوت بازىرىدا پۇل تاپماق ئۇنچە تەس ئەمەس.

[admin تەستىقلىدى . 2010-9-23 17:25:53]

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 463 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-29