تانكا=tank

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تانكا=tank


   تانكا ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپ مەشھۇر رەسسام داۋىنچى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما ئۇ دەۋردە ئېنىرگىيە مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، داۋىنچى لايىھەلىگەن، ئىچىگە مىلتىق ۋە زەمبىرەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان پولات ساندۇقنى ھەركەتلەندۈرۈش بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقتىن، لايىھە پەقەت قەغەز ئۈستىدىلا قالغان.
   ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان تانكىنىڭ تۇنجى ئۈلگىسىنى ئەنگلىيىلىكلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەنە 1916 ـ يىلى كەشىپ قىلغان. تانكا قورال ـ ياراق ۋە ئايلىنىشچان زەمبىرەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان زەنجىر تاپانلىق ئۇرۇش برونېۋىكى بولۇپ، ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بىلەن قوغدىنىش ئىقتىدارى بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن. تانكا ئوت كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ھەرىكەتچان بولۇپش ۋە قوغدىنىشچان بولۇشتەك ئۈچ چوڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

   بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر قوغدىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، پاتقاقلىق ۋە توپ ئوقى ئوڭغۇل ـ دوڭغۇل قىلىۋەتكەن يەلەردە بىمالال يۈرەلەيدىغان، سىم تور ۋە خەندەك ـ توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان بىر خىل يېڭىچە ئۇرۇش قورالى ياساشقا كىرىشكەن. 1916 ـ يىلى ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسى«قۇرۇقلۇق كرېيسېرى ياساش كومېتېتى» تەسىس قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 24 مېتىر، ئېغىرلىقى 1200 توننا كېلىدىغان، چاقلىرىنىڭ دىئامېتىرى 12 مېتىرغا يېتىدىغان، تۆت قەۋەت بېناچىلىك ئېگىزلىكتىكى غايەت زور بىر خىل ئۇرۇش قورالىنى لايىھىلەپ چىققان. ئەمما، بۇ خىل قورال ھەم چوڭ، ھەم ئېغىر بولغاچقا، ئۇنى ھەركەتلەندۈرۈش قىيىن مەسىلىگە ئايلانغان.
   كېيىن لايىھىچىلەر بۇ قورالنىڭ ھەجمىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، يوغان چاقنىڭ ئورنىغا زەنجىر تاپان ئىشلىتىش خىيالىغا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، ئېنژېنېرلار يېڭى لايىھىگە ئاساسەن ئېغىرلىقى 28 توننا كېلىدىغان، ئىچىگە سەككىز ئادەم سىغىدىغان، ئىككى تەرىپىگە زەمبىرەك ئوتۇنلاشتۇرۇلغان، سائىتىگە بەش مىل يۈرەلەيدىغان، زەنجىر تاپانلىق، رومبا شەكىللىك يېڭىچە بىر قورالنى ياساپ چىققان، ئۇنىڭ تاشقى شەكلى سۇ ساندۇقىغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، ئەنگلىيىلىكلەر ئۇنى «Tank» (سۇ ساندۇقى) دەپ ئاتىغان.
   تانكىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.
   بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا تانكىنى پىيادە ئەسكەرلەرگە يانداشتۇرغاندا ئۆلۈم ـ يېتىمنى ئازايتىپ، ئوق ـ دورىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنى زاماندا تانكىنىڭ پۈتۈش تەنەرخى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا 2000  پاي زەمبىرەك ئوقىنىڭ پۇلىغا بىر تانكا كېلەتتى. شۇڭا تانكا بارلىققا كەلگەن ھامان ناھايىتى تېزلا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دىققەت ـ ئېتىبارىنى قوزغىغان.
   تانكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق رولچىسىغا ئايلانغان. مىسالەن، 1943 ـ يىلىدىكى كۇرسىك روبىرو ئۇرۇشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنى پىيادە ئەسكەرلەرگە 6000 تانكىنى يانداپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 2500 تانكىلىق قوشۇنىغا ھۇجۇم  قىلغان. نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى قۇشۇنى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۈشمەننى بىت ـ چىت قىلغان. قىسقىسى، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن تانكىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم قورىلىلا ئەمەس، بەلكى ناھايىتى پۇختا قوغدىنىش قورالى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 260 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01