قۇياش مىكرو سېستىم شىركىتى= Sun Micro systems,Inc

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

قۇياش مىكرو يۇمشاق دېتال شىركىتى

 

ITساھەسىدىكى SUN(قۇياش مىكرو سېستىما )شىركىتى(Sun Microsystems,Inc) دۇنيادىكى يۇمشاق دېتال كىرىمى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولۇپ 2010-يلى 9-ئايدا 26مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى بولغان سان شىركىتىنىڭ  بازار قىممىتى 11مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
ئامرىكا SUNشىركىتىنىڭ دۆلىتىمىزىدىكى ئەنگە ئالدۇرغان تولۇق نامى太阳计算机系统(中国)有限公 (تورئادرىسىhttp://cn.sun.com)،تەيۋەندىكى ئەنگە ئالدۇرغان ناى«升阳电脑公司».
ئامرىكاSun Microsystemsشىركىتى1982-يىلى ئامرىكا سىتانفورت ئونۋىرسىتىدا ۋىنوت خوسلا، ئاندى بېچتولشېيم، بىل جوي، سىكوت مىك نالىيقاتارلىق تۆت كىشى تەرىپىدىن قورۇلغان. 1986 -يىلى پايچېكى بازارغا سېلىنغان. NASDAQدىكى نامى«SUNW»بولۇپ،2007-يىلى«JAVA»غا ئۆزگەرتكەن.
شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئېچىۋېتىلگەن سېستىما مودىلى، ئوخشىمان قورۇلما دىتاللارنىڭ ئۆزئارامەشخۇلاتچانلىقى قاتارلىق ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئېچىۋېتىلگەن سېستىما شارائىتىدا دونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئابونىتلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قۇيغان. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى ئىلغار ئىدىيە بولۇپ، كوپ يىل تىرىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىقى دونيانڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مول مىۋە بەردى.
ئۇلار ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن «THE NETWORK IS THE COMPUTER»(تور دىمەك كومپىيوتىر دىمەك)دىگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قۇيدى. بۇئىدىيىنىڭ تورۇتكىسىدە   SUNشىركىتى دونيادىكى ئەڭ كۇچلۇك تەسىر دائىرىگە ئىگە قاتتىق، يۇمشاق دىتال بىلەن تەمىنلىگۇچى شىركەتكە ئايلاندى ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ كۆزى قىزىرىدىغان مۇنبەت ئېتىز سۈپىتىدە تالاشتا قېلىپ ئاخىرى ئوركول شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى..                                                                  
SUNشىركىتى بولسا ئېچىۋىتىلگەن سېستىما قورۇلمىسىدىكى توربىرتەرەپ قىلىشنىڭ باشلامچىسى. ئەڭ چوڭUNIXسېستىما تەمىنلىگۇچى شىركەت. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىنUltra SPARC ۋەAMD Opteronبىرتەرەپ قىلغۇچ قوللىنىلغان مولازىمىتىر ۋە خىزمەت پونكىتى،Sun Ray ئۇستەل يۇزى سېستىمىسى، Storage Tek ساقلاش سېستىمىسى قاتارلىق قاتتىق دىتال مەھسۇلاتلىرى ۋەSolarisمەشخۇلات سېستىمىسى، JavaۋەSun Gridقاتارلىق مولازىمەت پىروگراممىلىرى بار.

 كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، تور يۇمشاق دېتالى، تېلفۇن يۇمشاق دېتالى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىكى يۇمشاق دېتاللاردا ساھەسىدە ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەۋاتقان سان شىركىتى ئوركول شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن قايتىدىن كۈچكە تولۇپ ئۆز ساھەسىدە زومىگەر بولۇپ قالدى.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 784 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01