بەنت قىلىنغان پرومىتئوس

بەنت قىلىنغان پرومىتئوس 
   ئىسكۇرۇس (يۇنان) 


    پرومىتئوس ئىنسانلار ئۈچۈن ئوت ئوغرىلاپ بېرىمەن دەپ، تەڭرىلەرنىڭ پادىشاھى زىۋىسنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ، زىۋىسنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
   قۇدرەت مۇئەككىلى بىلەن زوراۋانلىق مۇئەككىلى پرومىتىئوسنى ئادىمىزاتتىن يىراق چۆللۈك كافكازغا ئەكىلىدۇ.  ھۈنەر ـ سەنئەت مۇئەككىلى ھېپىستوس بولقىسىنى كۆتۈرۈپ ئارقىدىن ماڭىدۇ. قۇدرەت مۇئەككىلى ھېپىستوسنى زېۋىسنىڭ پەرمانىنى تېز بەجا كەلتۈرۈشكە ئالدىرىتىدۇ. پرومىتىئوسنى زەنجىر بىلەن باغلاپ، تاشقا مىخلاشقا بۇيرۇيدۇ. ھۈنەر ـ سەنئەت مۇئەككىلى بىر تەرەپتىن ئۆزى بىلەن ئۇرۇقداش مۇئەككىلگە ئىچ ئاغرىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن زېۋىسنىڭ پەرمانىغا سەل قاراپ قالسا جازاغا تارتىلىشىدىن قورقۇپ، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ. قۇدرەت مۇئەككىلى شۇئان زېۋىسنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىدۇ ھەم پرومىتىئوسقا نېمە ئۈچۈن نەپرەت كۆزۈڭ بىلەن قارىيالمايسەن، دەپ سوراققا تارتىدۇ. ھۈنەر ـ سەنئەت مۇئەككىلى ئۆزىنىڭ ھۈنەرۋەن بولۇپ قالغانلىقىغا ئېچىنىدۇ، قۇدرەت مۇئەككىلى ئۇنىڭغا: «زېۋىستىن باشقا ھەرقانداق كىشى چۈرلۈكتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ» دەيدۇ. قۇدرەت مۇئەككىلىنىڭ قيىن ـ قىستىقى ئاستىدا، ھۈنەر ـ سەنئەت مۇئەككىلى پرومىتئوسنىڭ ئىككى قولىنى تاشقا مخلايدۇ، تۆمۈر قوزۇقىنى كۆرىكىدىن قاقىدۇ، ئاخرىدا بەل ۋە پۇتلىرىنىمۇ چېگىپ تاشلايدۇ.


   پرومىتئوس باشتىن ـ ئاياغ زۇۋان سۈرمەيدۇ. قۇدرەت مۇئەككىلى بىلەن ھۈنەر مۇئەككىلى كېتىپ قالىدۇ. شۇنداق ئۇ پايانسىز كۆك ۋە زېمىنگە قاراپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارغا كۆيۈنىمەن دەپ زېۋىسنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ قالغانلىقىغا، زېۋىس سارىيىغا كىرىپ ـ چىقىپ يۈرگەن مۇئەككىللەرنىڭ نەپرىتىگە قالغانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈنىدۇ. دەريا مۇئەككىلى ئاكئانوسنىڭ قىزلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ھمان يېتىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پرومىتئوسنىڭ ئېچىنىشلىق قىياپىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىچ ئاغرىتىپ ياش ئاققۇزىدۇ، «زېۋىس يېڭى قانۇن ـ تۈزۈم بىلەن زوراۋانلىق  يۈرگۈزۇۋېتىپتۇ» دەپ ئويلايدۇ. قىزلار ئۇنىڭدىن «سەن نېمىشقا زېۋىسنىڭ شۇنچىۋالا خورلىشىغا ئۇچراپ كەتتىڭ» دەپ سورايدۇ. پرومىتئوس: «دوستىغا ئىشەنمەسلىك زوراۋان خانلارنىڭ ئورتاق كېسىلى» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئەسلىدە زېۋىس بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە، پرومىتئوس زېۋىسنىڭ يېنىنى ئالىدۇ. زېۋىس دادىسىنىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىنسانلارغا كۆيۈنۈشنىڭ ئورنىغا ئىنسانلارنى ۋەيران قىلىدۇ. پرومىتئوس ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. ۋە ئوت بېرىدۇ. پرومىتئوس سۇ مۇئەككىلىنىڭ قىزلىرىغا مانا مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلى زېۋىسنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۆز مەيلى بىلەن گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
   شۇ ۋاقىتتا، دەريا مۇئەككىلى ئاكئانوس تۇلپارغا مىنىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاقىلانە بولۇش، ئۆزىنى ئۇستاز تۇتۇش، بالايىئاپەتكە باش ئېگىش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ ھەمدە پرومىتىئوسنى زېۋىستىن سورىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پرومىتئوس ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالدا تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. ئاكئانوس كۆڭلى غەش بولۇپ قايتىدۇ.


   پرومىتئوس ئاكئانوس قىزلىرىغا ئىنسانلار ئۈچۈن ھېساب كەشپ قىلىپ بەرگەنلىكىنى، يېزىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۆي سېلىش، ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش، دېڭىزلاردا يۈرۈشنى ئۆگىتىپ قويغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. دەريا مۇئەككىلى ئىناكىسنىڭ ساراڭ قىزى ئىئو گەپنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالىدۇ. ئۇ ئاكئانوس قىزلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشلىرىنى، يەنى ھەركۈنى چۈشىدە زېۋىسنىڭ چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئالدايدىغانلىقىنى، شەھۋانە نەپسىنى قاندۇرۇشقا ماقۇل بولۇشقا قىستايدىغانلىقىنى؛ بۇ ئىشلارنى ددىسى ئىناكىسقا ئېيتقانلىقىنى، دادىسىنىڭ پەرمانغا بىنائەن ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغانلىقىنى؛ زېۋىسنىڭ خانىشى گېرانىڭ ئۆزىنى كالىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، ئۇنى ئاز دەپ كۆكۈيۈنلەرنى قويۇۋېتىپ چاقتۇرغانلىقىنى، نەتىجىدە ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. پرومىتئوس ئىئو ھەرياقتا سەرسان بولۇپ بارغاندا، ئادەم سىياقىغا كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ، ئۇنىڭ 13 ـ ئەۋلادى مېنى ئازاب ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ. دەپ بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ يەنە زېۋىس قايتا توي قىلغاندىن كېيىن قاتتىق ئۆكۈنىدۇ دەيدۇ. شۇ گەپ بولۇۋاتقاندا، ئىئونى يەنە ئۆكۈيۈن چىقىپ ئارام بەرمىگەندىن كېيىن ساراڭلىقى تۇتۇپ، بېشى قايغان تەرەپكە چېپىپ كېتىدۇ.


   پرومىتئوس زېۋىسقا لەنەتلەر ئوقۇيدۇ. ئاكئانوسنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، دانا ئادەملەر ئۆزىنى جازالىغان مۇئەككىلدىن گۇناھىنى تىلىشى كېرەك دەيدۇ. پرومىتئوس مەڭسىتمىگەن ھالدا «مەن زېۋىسنى كۆزۈمگە ئىلمايمەن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا زېۋىسنىڭ ئەلچىسى ھرمىس ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭغا زېۋىسنىڭ تويىغا كېلىۋاتقان تەھدىتنى كۆرسىتىپ بەر دەيدۇ. پرومىتئوس ئۆزىنىڭ مېھرى ـ شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇپ، يەنە ۋاپاغا جاپا قىلغان، ئۆزىگە زۇلۇم سالغان مۇئەككىللەرگە نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىدۇ. ھرمىسنىڭ قۇلچىلىقىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئۇچۇغدايدۇ. زېۋىس نېمىلا قىلغان بىلەن مېنىڭ ئاغزىمدىن سىر ئالالمايدۇ، دەپ قەسەم ئىچىدۇ. ھرمىس ھەيۋە قىلىپ ناۋادا ئۆزىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدىغان بولسا، زېۋىس بىر چاقماق بىلەن تاغدىن جىلغا ئېچىپ، ئۇنى جەھەننەمگە يوللايدىغانلىقىنى، يەتتە باشلىق يالماۋۇزلارنى ئەۋەتىپ قېنىنى شورىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پرومىتئوس مۇنداق ھەيۋە تېرە تاراقشىتىشلار ئالدىدا تېز پۈكۈش بۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە پېشانەمگە پۈتۈلگە قارا كۈنلەر تېزرەك كەلسۇن دەپ توۋلايدۇ.
   زېمىن زىل ـ زىلىگە كېلىدۇ، چاقماق ئەۋجىگە چىقىدۇ. پرومىتئوس چاقماق ئىچىدە كۆزدىن غايىب بولىدۇ.


  

 رازاق مەتنىياز تەرجىمىسى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 501 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-29