تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ شاخچە تومۇرلىرىدا قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلل

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تۆۋەندىكى ئامىللار شاخچە تومۇردا قان ئايلىنىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ:
1) تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ توسۇلۇش تېزلىكى. ئاستا خاراكتېرلىك قان يېتىشمىگەندە، يان شاخچىلار بىلەن تۇتاشما شاخچىلار تەدرىجىي يوغىناپ، قان ئېقىنىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، توسۇلغان تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ ئورنى تولۇقلىنىدۇ. ئەگەر تېز توسۇلغان بولسا، يان تومۇرلار بىلەن شاخچە تومۇرلار قان ئايلىنىش سىستېمىسى بولۇپ شەكىللىنىپ بولالمايدۇ- دە، يۈرەك تىقىلمىسى  پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
2) تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ توسۇلۇش ئورنى. تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ كىرىش ئېغىزى توسۇلغان بولسا، يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشتىكى ئاساسلىق يولى  ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئارتېرىيىنىڭ يىراق قىسمىدىكى يان تومۇرلار بىلەن شاخچە تومۇرلار ھەرقانچە راۋان بولسىمۇ كار قىلمايدۇ.
3) يانداش ئارتېرىيىنىڭ توسۇلغان- توسۇلمىغانلىقى. ئەگەر يانداش ئارتېرىيە توسۇلغان بولسا، يان تومۇرلار بىلەن شاخچە تومۇرلار رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇ- رالمايدۇ.
4) تاجسىمان ئارتېرىيىنىڭ توسۇلۇشىنىڭ ياش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى. تاجسىمان ئارتېرىيە ئوتتۇ- رىسىدىكى تۇتاشما شاخچە تومۇرلار ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى بىلەن ئۇزۇنلۇقى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ. كلىنىكىدا، ياشلاردىكى تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىدە يۈرەك تىقىلمىسى ئاسان يۈز بېرىدۇ. بۇ، ياشلارنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيىسىنىڭ تۇتاشما شاخچە تومۇرلىرىنىڭ تېخى مۇكەممەل تەرەققىي قىلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
5) باشقا ئامىللار. بەزىلەر ئارتېرىيىنىڭ بېسىمىنى مۇۋاپىق ساقلاپ، گىرادىئېنت بېسىمغا ئۈنۈملۈك كاپا- لەتلىك قىلىنسا، يان تومۇرلار بىلەن شاخچە تومۇرلاردىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. قان بېسىمى تۆۋەن بولغان ياكى ئائورتا كلاپانى تولۇق ئېتىلمىگەندە، ئىككى قاپلىق كلاپان تولۇق ئېتىلمىگەندە، تاجسىمان ئارتېرىيىدىكى قاننىڭ مىقدارى روشەن ئازلايدىغان بولغاچقا، يان تومۇر بىلەن شاخچە تومۇر ئۆزىنىڭ قاننى ئايلاندۇرۇپ بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ.
يان تومۇر بىلەن شاخچە تومۇر بەك ئىنچىكە بولۇپ، چوڭراق تاجسىمان ئارتېرىيىلەر %90 تىن كۆپرەك توسۇلغاندا، بۇ تومۇرلار كۆرۈنەرلىك ھالدا كېڭىيىپ، قامداشلىق رولىنى ئويناپ، يۈرەكنى كېتەرلىك قاننىڭ %30 ى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. تاجسىمان ئارتېرىيە توسۇلۇپ بىر كۈندىن ياكى نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى تومۇرلار شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. يان تومۇر بىلەن شاخچە تومۇردىن شەكىللەنگەن قان ئايلىنىش سىستېمىسى يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم يول بولۇپ، ئۇ، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى توۋەنلىتىشتە، يۈرەكنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم كلىنىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 659 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01