قورقۇنچاقلىق كېسىلى=

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

قورقۇنچاقلىق كېسىلى-مەلۇم شەيئى ياكى مۇھىت بىلەن ئۇچراشقاندا پەيدا بولىدىغان كۈچلۈك قورقۇنچ كەيپىياتىنى كۆرسىتىدۇ.قورقۇنچاقلىق كېسىلىدە قورقىدىغان ئوبيىكت ياكى مۇھىت سىرتتا بولۇپ(بىمارنىڭ بەدەن سىرتىىكى ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ) ،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق خەتىرى بولمايدۇ.قورقۇنچ قوزغالغاندا،دائىم ۋىگتاتىپ نېرىپلارنىڭ ئالەمەتلىرى كۆرۈلۈپ بىمار ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەركەتلىرىنى قوللىنىدۇ. نورمال ئادەملەر ئىچىدىمۇ بۇ خىل قورقۇش ھالەتلىرى بۇلۇپ نورمال بولغان قورقۇچ بىلەن ئۆتمۈشتىكى كەچۈرمىشلىرى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.مەسلەن؛ ‹‹بىر قېتم ئىلان چېقىۋالغان ئادەم،ئۈچ يىلغىچە ئاغامچىدىنمۇ قورقىدۇ.›› دېگەن سۆز بۇنىڭ مسالى.
نورمال ئەھۋالدا كىشىلەر شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ياكى ئەمەسلىىنى ياكى ھاياتقا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان-يەتكۈزمەيدىغانقىنى
ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.مەسلەن؛ھايۋاناتلار باغچىسىدا قەپەسكە سولاپ قۇيۇلغان يولۋاس،يىلپىزلاردىن قورقمايدۇ.لېكىن يولۋاس تاساددىبىي بازارغا كىرسە قورقۇپ ئالاقزادە بۇلۇپ كېتىدۇ.بۇ قورقۇش پىسخىكىسىدۇر.
قورقۇش نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،پايدىلىق بولغان مۇداپىيە ئىنكاسى بولىدۇ.قورقۇش توسالغۇسى پەيدا بولغانلاردا،مەلۇم مۇھىت، سورۇنلاردا زۆرۈر بولمىغان قورقۇش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەي،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.بىمار ئۆزىمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ،ئەمما بۇنىڭدىن قۇتۇلالماي ئازاپلىنىدۇ.بۇ كېسەللىك ھالىتىدىكى قورقۇش بولىدۇ.
-كېسەللىك سەۋەبلىرى
بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى ئىچىگە مايىل بۇلۇپ،قىزىقىش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ.ئۇلاردا دەسلەپتە تەشۋىشلىك كەيپىياتى پەيدا بۇلۇپ،بارغانچە تۇراقلىق بولمىغان ھاياجانلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، قورقۇنچاقلىق شەكىللىنىدۇ.بۇنىڭ ئچىدە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە زىددىيەت پەيدا بولىدىغانلار ‹‹            ››نى ئىگەللەيدىغان بۇلۇپ كۆپ قىسىمى بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.ئېرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىلى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋىتى بولىدۇ.
تۈرلەرگە بۆلۈنىشى
بۇ خىل كېسەل تەشۋىشلىك توسالغۇسىغا تەۋە بۇلۇپ،سورۇندىن قورقۇش كېسىلى،ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قورقۇش كېسىلى،جىسىمدىن قورقۇش كېسىلى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
كىلنكىلىق ئىپادىلىرى
1- سورۇندىن قورقۇش كېسىلى
ئەڭ دەسلىۋىدە سورۇندىن قورقۇش ھېس قىلىش ئۇنۋىرسال ئالامەتلىرى دەپ تەسۋىرلەنگەن.ھازىر سورۇن بىلەن چەكلىنىپ قالماي،ئادەملەر توپلاشقان مەيدان،ماگزىن،كىنو-تىياتېرخانا،ئاپتۇۋۇز،پويىز ياكى ئايروپىلان، پاراخوت قاتارلىقلاردىمۇ قورقۇش ھېس قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، بىپايان يەرلەردىنمۇ قورقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۆيدىن ئايرىلسا ئۆيدە يالغۇز قالسىمۇ قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.
كېلىنكىلىق ئىپادىلىرى؛(1) تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرى؛بىمار قورقۇپ خاتىرجەم بولالمايدۇ.ۋىگتاتىپ نىرىپلارنىڭ فۇنكىسىيدە قوزغۇلۇش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.كۆپلىگەن بىمارلاردا تەشۋىشلىنىش دەرىجىسى
ئېغىرلاشقاندا چۆچۈش(ھەلقۇش)ئالەمەتلىرى قوزغىلىدۇ.
(2)تەشۋىشلىنىش مەلۇم ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ. يەنى ئادەملار سىغدىلىشىدىغان،ئەتراپى توسىۋېتىلگەن سورۇنلار،بىخەتەر ئورۇنغا قېچىپ بېرىۋېلىش قىيىن بولغان مۇھىت قاتارلىقلار.
(3)ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەركەتلىرى؛يەنى قورقۇنۇچلۇق مۇھىتتىن دەرھال قېچىپ كېتىش سورۇندىن قورقۇش كېسىلىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى.
بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشى ئاياللاردا كۆپرەك بولىدۇ.20ياشنىڭ ئالدى-كەينىدە قوزغىلىدۇ.سورۇندىن قورقۇش كېسىلى ئېغىر بولغانلاردا ھەتتا بىر ئۆمۈر ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا جۈرئەت قىلالماي،تۇرمۇشتا ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
2-ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قورقۇش كېسىلى
كېسەل بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلانغان بۇلۇپ باشقىلارنىڭ سىنچىلاپ قارىشىدىن قورقۇش،ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىپادىلىرى بولىدۇ.مەسلەن؛ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماق يىيىش،سۆزلەش ياكى يات جىنىسلىقلار بىلەن كۆرۈشكەندە جىددىيلىشىپ خاتىرجەم بولالماسلىق،باشقىلارنىڭ كۆزۈتۈشى،دىققەت قىلىپ قارىشىدىن قورقۇش دېگەندەك.
 بىمار بۇنداق تەشۋىشلىنىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ.
تەشۋىشلىنىشتىن باشقا يەنە يۈزلىرى قىزىرىپ يۈرىكى سالىدۇ.تىترەيدۇ، تەرلەيدۇ،كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.كېلىنكىدا يات جىنىسلىقلار بىلەن ئۇچرۇشىشتىن قورقۇش كۆپ كۆرۈلىدۇ.ئېغىر بولغانلىرىدا بارلىق ئجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشى تۇيغۇسى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى باھالىشىدىن قورقۇش كۆپ بولىدۇ.گەرچە بۇرۇختۇرمىلىق،مەجبۇرلۇق ئالامەتلىرى پەيدا بولسىمۇ لېكىن سورۇندىن قورقۇش كېسىلىدەك كۆپ بولمايدۇ.
3-ئالاھىدە قورقۇش كېسىلى
ئالاھىدە جىسىملار ياكى مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقىرغان نامۇۋاپىق تەشۋىشلىنىشى كۆرسىتىدۇ.مەسلەن؛بەزى ھايۋانلارغا يېقىنلىشىش،ئىگىزگە چىقىش،چاقماق چېقىش، قاراڭغۇلۇق، تىغلىق ئەسۋاپلار، سىرتقى زەخمىلىنىش،ياكى قان چىقىش،بەزى كېسەللىكلەردىن قورقۇش قاتارلىقلار. ئالاھىدە قورقۇش كېسىلى بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.چوڭلاردا ئالاھىدە قورقۇش كېسىلىدىكى ھايۋانلاردىن قورقۇش ئادەتتە بالىلىق دەۋرىدىن باشلانغان بولىدۇ.ئىگىزلىكتىن،قاراڭغۇلۇقتىن،چاقماق چېقىش قاتارلىقلاردىن قورقۇش ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرىدىن باشلانغان بولىدۇ.بىماردا ئالاھىدە بولغان قورقۇش ئوبيكىتى ۋە سورۇن بىلەن ئۇچراشقاندا تەشۋىشلىك ھېس قىلىش ھەتتا چۆچۈشنىڭ قوزغۇلىشى ھەمدە بەزى ۋىگتاتىپ نېرۋىلارنىڭ ئالامەتلىرى مەسلەن؛يۈرىكى سېلىش،تەرلەش، باش قېيىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ.بىمارنىڭ قورقۇنۇچلىق مۇھىتتىن ئۆزىنى قاچۇرىش ئادىتى بولىدۇ.
4-دىئاگىنۇز قۇيۇش ۋە داۋالاش
بۇ كېسەلگە دىئاگىنۇز قۇيۇشتا ئاساسلىقى بىمارنىڭ مەلۇم بىر مۇئەييەن شەيئى بىلەن ئۇچرىشىش ياكى مەلۇم بىر مۇئەييەن مۇھىتتا تۇرغاندا، كۈچلۈك بولغان قورقۇش كەيپىياتى پەيدا بولۇپ ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەركىتى بولىدۇ.بەزى بىمارلار بۇنداق قىلىشنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش خىيالى بولمايدۇ بەزىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.قورققان ۋاقىتتا تەشۋىشلىنىش قوزغۇلۇپ نەپەس تېزلىشىش،يۈرىكى سىقىلىش،تۇمۇرى تىزلىشىش،تەرلەش،تىترەش،كۆڭلى ئېلىشىش،بېشى قېيىش ھەتتا ئايلىنىپ يىقىلىپ قېلىش قاتارلىق ۋىگتاتىپ نىرىپلار فۇنكىسىيدىن قالايمىقانلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
قورقۇنچاقلىقنى داۋالاش ئوسماللىرى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.يەنى پىسخىكىلىق داۋالاش بىلەن دورا ئارقىلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.ھازىر قورقۇنچاقلىقىنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل پىسخىكىلىق داۋالاش يەنى قىلمىشىنى داۋالاش ئوسمىلىدۇر.

       ئۈرۈمچى‹‹دىلخۇش››پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە داۋالاش مەركىزىدىن؛ئابلىمىت دوختۇر.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 745 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01