ئوسېتىلار=Ossetians

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئوسېتىلار=Ossetians

ئوسسېتلار شىمالي كاۋكاز رايونىدىكى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەت بولۇپ ئۆزلىرىنى ئالان، ئىرون، دەپ ئاتىشىدۇ. شەرق-غەرب تارىخىدا ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئالانلار دەپ خاتىرىلەنگەن، گرۇزىيە تارىخىدا ئوساملار دىيىلگەن، روسىيە تارىخىدا ياۋروپا ساملىرى دەپ خاتىرىلەنگەن. 2010-يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئوسېتىلارنىڭ 718مىڭ ئاھالىسى بولۇپ، رۇسىيەدە 612مىڭ. ئاساسلىق رۇسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ شىمالىي ئوستىيە ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى (سانى 500مىڭدىن ئارتۇق، جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 65%نى ئىگللەيدۇ) ۋە گىرۇزىيە جۇمھۇرىيتىىدىكى جەنۇبىي ئوسسېت ئاپتونۇم ئوبلاستى(سانى 100مىڭدىن ئارتۇق، ئوبلاست ئاھالىسىنىڭ 85%نى ئىگەللەيدۇ)غا، بىرقىسمى گرۇزىيە، روسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ باشقا ئوبلاستلىرىغا تارقالغان.
    ئوسېتىلار ياۋروپا ئىرقى كاۋكاز تىپىغا تەۋە بولۇپ، ھىندى ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى، ئىران تىللىرى ئائىلىسى، شەرقى شىمالى ئىران- ساك تىل تۈركۈمىگە تەۋە ئوسسېت تىلىنى قوللىنىدۇ. ئەسلى گىرىك ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقى بار ئىدى، 1923-يىلى لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن، 1938-يىلى شىمال  ئوسسېتلىرى سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەگە كۆچكەن، جەنۇب ئوسسېتلىرى گرۇزىيە يېزىقىنى قوللانغان، 1954-يىلىدىن باشلاپ ئومۇمەن سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
ئوسېتىلارنىڭ 80% ئاھالىسى خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ، كاباردى بالكار جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان دىگور رايوندىكى ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە ئىتىقاد قىلىدۇ.
ئوسېتىلار دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر شۇنداقلا تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى گىرىك تارىخلىرىدا، مىلادىدىن كېيىنكى رىم ئىمپىرىيىسى تارىخلىرىدا ئوسېتىلارنىڭ نامى دائىم تىلغا ئېلىنىپ تۇرغان. ئوسېتىلار ئولتۇراقلاشقان كاۋكاز رايونى تارىختىكى چوڭ ئىمپىرىيەلەر مۇقەررەر ئۆتىدىغان يول بولغاچقا تارىختىن بېرى گاھ پېرسىيەنىڭ ، گاھ ئازەر-تۈركلەرنىڭ، گاھ ئارمەنلەرنىڭ ياكى گىرۇزىيەنىڭ بىر قسىمى بولۇپ كەلگەن. ئوسېتىلار مىلادى 7-ئەسىردە گىرۇزىنلارنىڭ تەسىرىدە خىرىستان دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھازىرقى شىمالى ئوسېتىيەدە كىچىك شەھەر دۆلىتىدىن بىر نەچچىنى قۇرغان. 10-ئەسىردىن كېيىن ئوسېتىلارنى زىمىنى ھازار، سالجۇق، خارەزىم، تىمۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر قۇرغان ئىمپىرىيەلەرنىڭ قولىدا بولغان، 16-ئەسىردىن باشلاپ ئىران سەفەۋى خانلىقى ۋە تۈركمەنلەر قۇرغان قاجار خانلىقىنىڭ قولىدا بولغان. 1767-يىلى شىمالى ئوسېتىيە رۇسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا ئايلانغان ۋە رۇسلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسلىق ئىتىپاقدىشى بولۇپ قالغان. 
1917-يىلىدىن كېيىن ئوسېتىلارغا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىلگەن. 1944-يىلى ئوسېتىلارغا خوشنا بولغان ئىنگۇشلار سوۋېت دۈشمىنى دەپ قارىلىپ سۈرگۈن بولغاندا ئەسلىدە ئىنگۇشلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم زىمىن ئوسېتىلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن.  1991-يىلى ئوسېتىلارنىڭ ئاپتونومىيە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ شىمالى ئوسېتى ئالان جۇمھۇرىيىتى ۋە گىرۇزىيەگە قاراشلىق جەنۇبى ئوسېتى ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇلغان. 2003-يىلى جەنۇبى ئوسېتى ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبى ئوسېتىلار مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ۋە رۇسىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئىلگىرى تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى ئوسسېتلار ئاساسلىق دېھقانچىلىقنى كەسىپ قىلغان، قوناق، ئاپتاپپەرەس، كۆكتات، خەمەكلىك ئۆسۈملۈكلەر، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى تېرىغان؛ تاغلىق رايونلاردىكى ئوسسېتلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قوي، كالا، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى باققان. ئۇلارنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق، تاش ئويمىچىلىق، مىتال پىششىقلاش قاتارلىق قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆزگە كۆرۈنگەن. ئوسېتىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆيلىرى كۆپىنچە تاش پارچىلىرى ئارقىلىق سېلىنغان، تاغلىق رايوندىكى يېزا ئۆيلىرى ئاساسەن قىيالىقلارغا سېلىنغان. ئاساسلىق بولكا ۋە ئۇماچ ئىستىمال قىلىدۇ، قوي گۆشى كاۋىپى ۋە سوغۇق سەي يىيىشكە ئامراق. خەلق ئارىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت كەڭ تارقالغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1093 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01