چېچىنلار

    چېچېنلار شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى مىللەت. يەنە«چېچەن»، «ناخچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 2010-يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا تەخمىنەن 2مىلىيۇن 14مىڭ  ئاھالىسى بار بولۇپ رۇسىيەدىكى نوپۇسى ئازلاۋاتقان باشقا مىللەتلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا 1980يىلىدىكى 900مىڭ كىشىدىن بۈگۈنكى ھالغا كەلگەن.

    چېچىنلار  ئاساسلىق رۇسىيە فىدىراتسىيىسى چېچېن ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىگە  چېچىنيەنىڭ بىر مىلىيۇن 480مىڭ ئاھالىسىنىڭ 95%نى ئىگەللەيدۇ. ، ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمىغا (تەخمىنەن يۈزمىڭ كىشى-ئىنگۇش جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 20%نى ئىگەللەيدۇ)، شۇنداقلا داغىستاننىڭ خاساۋيۇرت ئالاھىدە رايونىغا(تەخمىنەن 100مىڭ كىشى داغىستان ئاھالىسىنىڭ 4% نى ئىگەللەيدۇ) تارقالغان.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيە، قازاقىستان، ئازەربەيجان ۋە رۇسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ باشقا جۇمھۇرىيەت ئوبلاستلىرىدىمۇ چېچەنلەر ئولتۇراقلاشقان.

 20يىلدىن بۇيانقى چېچىن نوپۇسى  پارتىلاش خاراكتىرلىك كۆپەيدى. سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن چېچىنلار سابىق ھاۋا ئارمىيە گېنىرال مايورى جەۋھەر دۇدايىۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان  ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ مۇستەقىل بولماقچى بولدى. رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقى بىلەن چېچىنىيەدە ئەرلەر ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن چېچىنىيە ۋە ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى 2001-يىلى بىر ئەر كۆپ ئاياللىق بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ ئىككى مىللەتنىڭ نوپۇسى 20 يىلدا  بىر ھەسسىدىن كۆپرەك كۆپىيىپ رۇسىيەنىڭ ھەر يىلى 500مىڭ كىشى ئازلاۋاتقان ئەھۋالى بىلەن روشەن سېلىشتۇرمە بولۇپ قالدى. 

   چېچىنلار   ياۋروپا ئىرقى كاۋكاز تىپىغا تەۋە. چېچېن تىلىنى قوللىنىدۇ، پوگاسكىست ، ئاقچىن، چىبىرلويف قاتارلىق 7چوڭ دىئالىكتى بار، ئىنگۇش تىلى بىلەن بىرلىكتە كاۋكاز تىللىرى سېستىمىسى داغىستان تىللىرى گۇرۇپپىسى، ناخ تىل تۈركۈمىگە تەۋە. چېچىن ۋە ئىنگۇشلار ئەمەلىيەتتە بىر خەلقنىڭ ئۆرپ ئادەتتە سەل پەرقلىنىدىغان ئىككى قەبىلىسىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ تىل-يېزىق ۋە باشقا تەرەپلىرى ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە.

    چېچىنلار 1927-يىلىدىن بۇرۇن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئوسمانلى ھەرپلىرىنى قوللانغان بولۇپ، 1938-يىلى سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى چېچىن ئېلىپبەسىگە ئۆزگەرتكەن. چېچىنلار ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبى، ھەنەپىيە پىقھىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.

    چېچېنلار بىلەن ئىنگۇشلار ھەممىسى شىمالىي كاۋكاز رايونىنىڭ قەدىمقى ئاھالىلىرىنىڭ پۇشتى. 7-ئەسىردە ئەرمەن تارىخىي كىتابىدا «ناخ» دەپ ئاتالغان. ئوتتۇرا ئەسرنىڭ دەسلىپىدە، چېچېنلارنىڭ تۇرۇشلۇق يېرى ئالانلار قۇرغان فىئودال ھۆكۈمەتكە تەۋە بولۇپ، 13-ئەسردە مۇڭغۇللار بېسىپ كىرگەن. 16~15ئەسرلەردىن باشلاپ تېرەك دەرياسى ۋە سۇلاق دەرياسى ۋادىلىرىدا كۆچۈپ يۈرگەن. 19-ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرى چارروسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 20-ئەسرنىڭ بېشىدا تۇرۇشلۇق ئورنىغا  ئاساسەن چوڭ چېچېن، كىچىك چېچېن دەپ بۆلۈنگەن. 1917-يىلى سوۋىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. كېيىن بىرمەزگىل ئاقلار ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، 1920-يىلى سوۋىت ھاكىمىيىتى ئەسلىگە كەلگەن، 1922-يىلى ئاپتونۇم ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان، 1936-يىلى ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن.

1944-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا سىتالىن شۇ چاغدا 300مىڭ نوپۇسى بار چېچىنلاردىن 65مىڭ ئادەمنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويماي چېچىن-ئىنگۇشلارنى سوۋېت دۈشمىنى دەپ قاراپ پۈتۈن مىللەت بويىچە قازاقىستان ۋە سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلغان. چېچىن-ئىنگۇشلارنىڭ تەڭ يېرىم ئاھالىسى سەپەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان. 1956-يىلى خىرۇشېۋ چېچىنلارنىڭ نامىنى ئاقلاپ چېچىن ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80%زىمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرگەن.   1990-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندا چېچىنلار داھىسى-سابىق سوۋېت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سىتونىيەدە تۇرۇشلۇق قوماندانى جەۋھەر دۇدايىۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان بولسىمۇ ئەمما دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. چېچىنىيە كۈچلۈك رۇسىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئايرىلغان. چېچىنىيە داھىسى جەۋھەر دۇدايىۋمۇ رۇسىيە ئىشپىينلىرىنىڭ قەستلىشى بىلەن پارتىلاپ ئۆلگەن.  2000-يىلى رۇسىيە ئارمىيىسى چېچىنىيەگە ئۈستۈن ھەربى كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ چېچىنىيەنىڭ كېيىنكى قارار پىرىزدېنتى ماسخادوپنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ چېچىنىيەنى ئۆز ئىشغالىغا ئالغان.

    ئىلگىرى تۈزلەڭلىك رايونىدىكى چېچېنلار ئاساسلىق دېھقانچىلىقتىن ئىش باشلىغان، بۇغداي، قوناق، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنى تېرىغان؛ تاغلىق رايوندىكى چېچېنلار چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنى باققان. ئائىلە قول - ھۈنەرۋەنچىلىكى گۈللەنگەن، يۇڭلۇق چىغ قالپاق توقۇش، خۇرۇم بۇيۇملار، ساپالچىلىقتا كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۆكتەبىر ئىقىلابىدىن كېيىن، سانائەت-دېھقانچىلىق بىرقەدەر تېز بولغان تەرەققىياتقا ئېرىشكەن، سانائەتتە نىفىت ۋە نىفىت پىششىقلاش، دېھقانچىلىقتا دانلىق زىرائەت ۋە مېۋە-چېۋىنى ئاساس قىلغان. چېچېنلارنىڭ ئۆيى بولسا تاشلاردىن پايدىلىنىپ ياسىغان كۆپ قەۋەتلىك تەكشى ئۆگزىلىك بىنا ئۆيلەردىن ئىبارەت. ئاساسلىق يېمەكلىكى بولسا ئۇماچ، جۇۋاۋا، ئۇندىن ياسالغان يېمەكلىكلەردۇر، قوي گۆشى كاۋىپى، قوي سۈتى بوتقىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 92

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 17714 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01