چىركەسلەر=Cherkess

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

چىركەسلەر=Cherkess
چىركەسلەر كاۋكاز رايونىدىكى تەسىرى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ  مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ بىرى.  2010 -يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا چىركەسلەرنىڭ تەخمىنەن 3مىلىيۇن ئاھالىسى بار بولۇپ، كاباردى بالقار جۇمھۇرىيىتىدىكى كاباردىنلار(600مىڭ نوپۇس، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ52%نى ئىگەللەيدۇ )، قاراچاي چىركەس جۇمھۇرىيىتىدىكى چىركەسلەر(60مىڭ نوپۇس، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ12%نى ئىگەللەيدۇ ) ۋە ئادىگەي جۇمھۇرىيىتىدىكى ئادىگەيلەر(120مىڭ نوپۇس، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ52%نى ئىگەللەيدۇ )نىڭ ھەممىسى چىركەسلەرنىڭ تارمىقى ھىساپلىنىدۇ. چېركەسلەرنىڭ زور بىر قىسىم نوپۇسى رۇسىيەدىن باشقا يەنە ئاساسلىق تۈركىيە، سۈرىيە، ئىئوردانىيە ۋە ئىراققا تارقالغان بولۇپ چەتئەللەردىكى بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئاھالە ئاساسەن ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.
   چېركەسلەر ياۋروپا ئىرقى ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا تەۋە بولۇپ كاۋكاز تىللار سېستىمىسى ، شىمالى كاۋكاز تىل ئائىلىسى، غەربى كاۋكاز  تىل تۈركۈمىگە تەۋە چېركەس تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالىكتىنى قوللىنىدۇ.
    چېركەسلەر شەرقى رىم دەۋرىدە بىر مەزگىل ئارمەنلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان بولۇپ خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلغان، 18~16ئەسردىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغان بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە چىركەسلەر ئۇمۇمەن ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىگە ئىشىنىدۇ. چېركەسلەر مەدەنىيەت جەھەتتە تۈرك قىپچاقلارنىڭ ۋە پارسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزائىگىلىك-چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، باغۋەنچىلىك، قول-ھۈنەرۋەنچىلىكتە يۇڭ ئەدىيال توقۇش ۋە باشقا يۇڭ توقۇلمىلىرى بىلەن داڭلىق. چىركەسلەرنىڭ قەبىلە تۈزۈمى ئىنتايىن كۈچلۈك.
    يىراق قەدىمقى گرىتسىيە- رىم دەۋرىدە، چىركاسسىئانلارغا ئائىت خاتىرىلەردە، ئۇلار «كىرىستاللار»دەپ ئاتالغان بولۇپ شىمالى كاۋكازدىكى قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى، 13-ئەسردىكى روسىيەدىمۇ مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر بولغان. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى رۇسلار تۈركىيە ئىمپىرىيىسى كۇبان دەرياسى ئەتراپىدىكى رايونلارغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ چىركەسلەر بىلەن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. روسىيە تۈركىيە ئۇرۇشىدا چېركەسلەر ئالدىنقى سەپتىكى قۇربان بەرگۈچى ئاھالە بولۇپ قالغان، تۈركىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن نۇرغۇن چىركەسلەر توپ-توپ جەنۇپقا سۈرۈلگەن، نۇرغۇن چىركەسلەر ئەسكەر ياكى كۆچمەن ئاھالە سۈپىتىدە كۆپ تۈركۈمدە تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا كۆچۈپ كەتكەن. 1877-يىلى روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، يەنە بىرقىسىم چىركەسلەر سۈرىيىنىڭ شىمالي ۋە ئىئوردانىيە رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن. تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار قوشۇنى بولغان چېركەسلەر شەرقى بالقان ۋە  ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئاھالىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ تۈپەيلى شىمالى كاۋكازنىڭ كۇبان ئەتراپىدىكى يەرلىك چېركەسلەر ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالغان.
 1917-يىلى سوۋىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىىن كېيىن چېركەسلەر چېركەسلەر شەرقى چېركەسلەر كاباردىن ، ئوتتۇرا چېركەسلەر چېركەس، غەربى چېركەسلەر ئادىگەي دەپ ئۈچ مىللەتكە ئايرىلغان. ۋە ئايرىم ئايرىم كاباردى-بالكار، قاراچاي-چېركەس، ئادىگەيدىن ئىبارەت ئۈچ ئاپتونۇم ئوبلاست قۇرۇپ بېرىلگەن. 1936-يىلى يۇقارقى ئۈچ ئاپتونۇم ئوبلاست ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن.
1944-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا سىتالىن كاۋكازدىكى داغىستان ۋە ئوسېتىدىن باشقا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شۇ چاغدا چىركەسلەر بىلەن خوشنا ئولتۇراقلاشقان قاراچاي-بالقار قاتارلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقتىن چىركەسلەر ئادىگەي، چىركەس، كاباردىن قاتارلىق ئۈچ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتكە ئىگىدارچلىق قىلغان.
 1957-يىلى خىرۇشېۋ سۈرۈگۈن قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن چىركەسلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئىلگىرىكى بىرلەشمە ئاپتونومىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
1991-يىلى چىركەسلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئۈچ ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىگە كۆتىرىلدى. چىركەسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمۇ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولدى.
  

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1039 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01