چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە سالامەتلىك
ياز كۈنلىرى نۇرغۇن كىشىلەر چۈشتە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ياخشى ئادەت بولۇپ، چۈشتە ئۇخلىغاندا، ئادەمنىڭ ھارغىنلىقى تۈگەپ، روھى كۆتۈرۈلۈپ، چۈشتىن كېيىنكى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتە قاتنىشالايدۇ، كومپىيۇتېرنى تولا ئىشلىتىپ چارچايدىغانلارغا نىسبەتەن چۈشلۈك ئۇيقۇ ناھايىتى مۇھىم. ئۇيقۇسى كەم، تېنى ئاجىز، كېسەلچان كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىۋالسا، سالامەتلىكىگە زور دەرىجىدە ياردىمى بولىدۇ. ئەقلىي ئەمگەكچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار چۈشتە ئۇخلىۋالسا، مىڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىپ ئارام ئالدۇرىدۇ. چۈشتە ئازراق ئۇخلىۋېلىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، چۈشتە ئۇخلىغاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم:
1. تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماسلىق كېرەك. چۈشلۈك تاماقنى ئادەتتە تويغۇدەك يېيىش تەشەببۇس قىلىنغانلىقتىن، چۈشتە ئاشقازان تاماق بىلەن لىق تولغان بولىدۇ. شۇڭا، چۈشتە تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلىماستىن، ئون مىنۇت يىنىك ھەرىكەت قىلىپ، تامقنى سىڭدۈرۈپ، ئاندىن ئۇخلاش كېرەك.
2. ئۇخلاش قىياپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۇخلاش قىياپىتى توغرا بولمىغانلىقتىن، ئۇخلاپ قوپقاندا ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇخلىغاندا ھەرگىز دۈم ياتماسلىق كېرەك. چۈنكى، دۈم ياتقاندا كۆكرەك بېسىلىپ، نەپەسلىنىشكە تەسىر يېتىدۇ، يۈرەك، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، قورساق قىسىممۇ بېسىلىپ قالغانلىقتىن، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە باشنى شىرەگە قويۇپ ئۇخلىماسلىق كېرەك. چۈنكى شىرەگە باش قويۇپ ئۇخلىغاندا، ئامال يوق قولنى ياستۇق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. باشنى قولغا قويۇپ يېتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بارماقلار كۆيىشىپ قالىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش كېرەك. بۇنداق ياتقاندا يۈرەك، ئۆپكە ۋە قورساقنىڭ بېسىلىشىنى يېنىكلەتكىلى ھەم ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنى 12 بارماق ئۈچەيگە سىلجىتقىلى بولىدۇ.