زۇلۇلار=Zulu

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   زۇلۇلارنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى بانتۇلار ،  سىۋاستىلار ۋە خوسالار بىلەن ئىرق، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زىچ مۇناسىۋىتى بار. زۇلۇلار جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ قارا تەنلىكلەر توپىدۇر.

زۇلۇلار نېگىر كوردوۋان تىللىر سېستىمىسى، ئاتلانتىك كونگو تىللىرى ئائىلىسى بانتۇ تىل تۈركۈمىگە تەۋە  زۇلۇ تىلىنى قوللىنىدۇ. زۇلۇلاردىن باشقا يەنە باشقا بىر نەچچە ئاز سانلىق مىللەت ۋە زۇلۇلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى5مىلىيۇنغا يېقىن يەرلىك ئاھالە زۇلۇ تىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى تىلى قىلغان بولۇپ  زۇلۇلار 19-ئەسىردە لاتىن ھەرىپلىرى ئاساسىدا بارلىقا كەلتۈرگەن  ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدۇ. زولو تىلى جەنۇبى ئافرىقا فىدىراتسىيىسىدىكى 11 ھۆكۈمەت تىلىنىڭ بىرى ھىسابلىنىش بىلەن بىرگە جەنۇبى ئافرىقىدىكى قوللىنىدىغانلار سانى ئەڭ كۆپ تىل ھىسابلىنىدۇ.
   
بۈگۈنكى زۇلۇلارنىڭ 30% ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىپتىدائى دىنىغا ئىشىنىدۇ،  70%دىن كۆپرەكى خىرىستان دىنىنىڭ پىروتىستانت ئەنگىلىكان مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما زۇلۇ ئىپتىدائى دىنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.
   زۇلۇلارنىڭ قەدىمقى دىنى بىر خىل ئىپتىدائى دىن بولۇپ ئاتا-بوۋىلار روھىغا چوقۇنىدۇ، تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن ياخشىلىق-يامانلىق پال ئېلىشقا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى ئىلاھ ۋە ئەر-ئايال پېرىخۇنلارغا ئىشىنىدۇ، تېرىلغۇ پەسلى ياكى ئۇرۇش قىلىشقا دۇچ كەلگەندە، قۇرغاقچىلىق ۋە ئاچارچىلىق مەزگىللىرىدە پادىشاھ پۈتۈن ئاھالە ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىقى پادىشاھ جەمەتىنىڭ بۇرۇن ئۆتكەن پىشۋالىرى ۋە ئەجدادلىرىدىن مەدەت تىلەيدۇ. ھازىر زۇلۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقى شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار تۈزۈلمىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىملىقى ھازىرقى كۈندە ئاللىقاچان زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتى، نۇرغۇن زۇلۇ ياشلىرى بەس-بەستە زۇلۇنىڭ ناتال ئۆلكىسىدىن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باشقا جايلىرىغا بېرىپ ئىش ئىزدىمەكتە، لېكىن شۇدەۋردىكى زۇلۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا چۈشىنىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىدۇ.
    شەرقىي جەنۇب بانتۇلىرى 3~2ئەسرلەردىلا لىنبو پو دەرياسى بويلىرىدا پەيدا بولغان؛ 5-ئەسرگە بارغاندا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىرانسىۋال ئېگىزلىكىگە كىرگەن ھەمدە خوتۇنتۇلار بىلەن ئارلاشقان؛ 10-ئەسرگە بارغاندا كىۋا زۇلۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇربان شەھرىگە يېقىن جايغا كېڭەيگەن؛ 15-ئەسرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئورانج دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ناتالنىڭ جەنۇبى قىسمى ۋە كاپنىڭ شەرقىي قىسمىغا كىرگەن ۋە كېڭەيگەن.  بۇنىڭ ئىچىدە شىماللىق نىگۇنىلار ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ قالغان ۋە 16-ئەسردىن كېيىن شەرقىي دېڭىز قىرغىقى رايونىغا پورتۇگالىيەلىكلەردىن ئۆگەنگەن قوناقنى ئېلىپ كىرىپ ۋە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقنى ئارلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارغان؛ تۆمۈر تاۋلاش، تۆمۈر پىششقلاش، مېتال ئېرىتىش ۋە ساپالچىلىق قاتارلىق قول-ھۈنەر سانائىتىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، ھەمدە مەخسۇس ئالماشتۇرۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر شەكىللىنىشكە باشلاپ، قوشنا مىللەتلار ئارىسىدىكى سودا بېرىش-كېلىشى جانلىنىشقا باشلىغان.
    18-ئەسرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا زۇلۇ قەبىلە ئىتتىپاقى شەكىللىنىشكە باشلىغان، زۇلۇ قەبىلىسى شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، ئەينى ۋاقىتتا پەقەت نەچچە مىڭ كىشىلا بارئىدى. 1817-يىلى ئەنگىلىيە جەنۇبى ئافرىقىدىكى زىمىنى كېڭەيتىش ئۇرۇشى قوزغىغاندا زۇلۇلار دەسلەپتە ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان، زۇلۇ قەبىلىسى ئاتامانى  شاكا ئۆلۈپ كەتكەن قەبىلە باشلىقىنىڭ ئورنىغا چىقىپ ھەم زۇلۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي ئىشلار تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، جەڭگىۋار ئەرلەرنى ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدىن يۆتكەپ چىقىپ، ياش پەرقى بويىچە ئارمىيە قۇرۇپ چىقتى ۋە بارلىق جەڭچىلەرنىڭ چوقۇم زۇلۇ تىلىنى بىلىشىنى بەلگىلەپ زۇلۇلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 10يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش ئارقىلىق، شاكا 100دىن ئارتۇق قەبىلىنى بويسۇندۇردى، ھوقۇق دائىرىسى200مىڭ كۋادرات كىلومېترغا يەتتى ھەم بۇ دائىرە ئىچىدە تىلى ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن زۇلۇ مىللىتىنى شەكىللەندۈردى. 
    1878-يىلى ئەنگىلىيە جەنۇبى ئافرىقىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ داڭلىق زۇلۇ ئۇرۇشىنى قوزغىدى ئەمما زۇلۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلۇقى بىلەن، كالتەك، قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن قوراللىنىپ، مىلتىق ۋە زەمبىرىكى بار ئەنگىلىزلارنى بىىر نەچچە قېتىم مەغلۇب قىلىپ ئافرىقىلىقلارنىڭ قەلبىدە شانلىق پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى قالدۇردى. 1883-يىلىدىن باشلاپ زۇلۇلار ئۆلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قرلىشقا باشلىدى ۋە ئاخىرى ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبى ئافرىقا مۇستەملىكىسىنىڭ بىز قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى.
    زۇلۇلار قەدىمدە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقنى ئارلاش ئېلىپ بارغان، ئەرلىرى پادا باقسا، ئاياللىرى يەر تېرىغان. 19-ئەسردىكى يىلمۇيىل ئۇرۇش جەريانىدا ياۋروپا مۇستەملىكىلىرى زۇلۇلارنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە سۇ مەنبەسىنى ئىگىلىۋالغان، ئۆي بىساتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كۆپ ساندىكى زۇلۇلار تاكى 1995-يىلى پەخىرلىك زۇلۇ ئوغلى ماندىلا غەلىبە قازىنىپ جەنۇبى ئافرىقىدا ئىرقلار باراۋەر بولغان دىموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرغىچە بولغان جەرياندا ئاق  تەنلىكلەرنىڭ كان-زاۋۇتلىرىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەش ياكى يەنىلا ئەنئەنىۋى ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى ساقلاشتىن ئىبارەت قالاق تۇرمۇش شەكلىدە ئاق تەنلىكلەرنىڭ بىناسىغا كىرگۈزۈلمەسلىك، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئاپتوبوسىغا چىقىرىلماسلىق قاتارلىق ئىرقى كەمسىتىشنىڭ بۋاستە زۇلمىنى يەتكۈچە تارتتى.
   ھازىرقى زۇلۇلار جەنۇبى ئافرىقىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇساپىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ  ھازىرقى جەنۇبى ئافرىقا پىرىزدېنتى زۇما زۇلۇلاردىن كېلىپ چىققان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 685 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01