تامىللار

تامىللار


    تامىللار ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالىسى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى بولغان دىراۋىدلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ 2010-يىلىدىكى نوپۇسى 82مىلىيۇن.
    تامىللار ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تامىلنادو شىتاتى(56مىلىيۇن كىشى، شىتات ئاھالىسىنىڭ 86%نى ئىگەللەيدۇ)غا جايلاشقان ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، تامىلنادو شىتاتىدىن باشقا يەنە  ئاندرا شىتاتى، كراك شىتاتى، شۇنداقلا سېرىلانكىنىڭ شەرقى شىمالىي قىسىمى(3مىلىيۇن)،مالايسىيا(بىر يېرىم مىلىيۇن)، كانادا (400مىڭ)، سىنگاپور(300مىڭ)بىرما، تايلاند، شەرقىي ئافرىقا، جەنۇبىي ئافرىقا، فىجى ۋە غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ
   دىراۋىد تىللىرى تۈركۈمى، جەنۇ بى تىللار ئائىلىسى، تامىل-مالايالام تىل تۈركۈمىگە تەۋە  تامىل تىلىنى قوللىنىدۇ، 7-ئەسىردىن بۇيان سانسىكىرت ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تامىل ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
   تامىل تىلى تامىل شىتاتى، بېندىچېرري ئالاھىدە رايونى، ئاندامان-نىكوبار ئالاھىدە رايونى، مالايسىيا، سىنگاپورلارنىڭ ھۆكۈمەت تىلى. شۇنداقلا ھىندىستاندىكى ئېتىراپ قىلىنغان27 دۆلەت تىلىنىڭ بىرى.
   تامىللارنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ھىندى دىنى سىۋا مەزھىبىگە ئىشەنگەندىن باشقا، 6% ئاھالىسى خىرىستان دىنىغا يەنە 5.5% ئاھالىسى ئىسلام دىنى سغننى مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ.  
   
   تامىللار ئاق تەنلىك ئەمەس، قارا تەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىرقى ئالاھىدىلىكى ئوكىئانىيە قىتئەسىدىكى قوڭۇر تەنلىكلەرگە ئوخشاش بويى بىرقەدەر پاكار، تېرىسىنىڭ رەڭگى قوڭۇر، چېچى قارا ھەم قېلىن ۋە دولقۇنسىمان، بۇرنى كىچىك، لېۋى قېلىن كېلىدۇ. ھىندىستاننىڭ ئالدىنقى قارارلىق پىرىزدېنتى ئابدۇلكالام مۇسۇلمان تامىل پۇشتىدىن بولغان تۇنجى پىرىزدېنت بولۇپ تامىللار ھىندىستاندىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققى قىلغان مىللەت ھىسابلىنىدۇ،  تامىللارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئەرلەر ئادەتتە ئۇچىسىغا شارپا ئوراپ،  ياقىسىز ئۇزۇن يەڭلىك يىپەك كىيىم كىيىدۇ. ئاياللىرى گۈللۈك جىيەك تۇتقان سارى كىيىشكە ئامراق. تامىللارنىڭ ئنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ مىس نەققاشلىق، قۇرۇلۇش، قەدىمقى ئۇسۇللارنى ۋە خەلق ئارىسىدىكى دراممىلارنى ئويناشتا ئالاھىدىلىكى بار.  

   تامىللارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن، بەزىلىرى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  گۈرۈچنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ، ئاچچىق-چۈچۈك تەمگە ئامراق. تاغلىق رايونلاردا ھېلىمۇ يېقىن تۇققانلار ئارا توي قىلىدىغان ئادەت داۋاملىشىپ كەلگەن. ھازىر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى شەھەرلىشىپ بولدى. تۇرمۇش ئادىتىمۇ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

  تامىللارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەت تارىخى ئۆزگىچە كۆرۈنەرلىك بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىرگە تەۋە ساپال بۇيۇم ۋە تاش تۈۋرۈكلەردىن تامىللارنىڭ ئۇرۇن تارىخى دەۋردىكى دېڭىز سەپىرى، ماتىماتىكا، تىبابەتكە ئائىت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. تامىللار خېلى بۇرۇنلا دېڭىز قاتنىشىنى، شەھەرلەردە ياشاشنى ۋە سودا قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرغان. قەدىمقى يۇنانلىقلار ۋە قەدىم رىملىقلار بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارغان.
    مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە تامىللار تامىل شەھەر دۆلەتلىرى ئىتىپاقىنى قۇرۇپ ھىندىستانننىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم زىمىنننى باشقۇرغان بولسىمۇ كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن  پارچىلىنىپ كەتكەن ۋە مىلادى 6-ئەسىرگە قەدەر بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان. مىلادى 8-ئەسىردە تامىللار يەنە بىر قېتىم قۇدرەتلىك تامىل دۆلىتىنى قۇرۇپ ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ۋە سىرىلانكا ئارىلىنىڭ شىمالىنى بويسۇندۇرغان، كېيىن گەرچە خانلىق ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، ھىندىستان زىمىنىدىكى شىمالدىن كەلگەن موغۇل ئىمپىرىيىسىگە  باش ئەگمىگەن ئەڭ ئاخىرقى زىمىن بولۇپ قالغان ۋە ئەنگىلىيە ھىندىستانغا كەلگەنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئاپتونومىيىسىنى ساقلاپ قالغان.
    تامىللار ئارىسىدا تەبىقە، دىن، ئىمتىياز پەرقى بەك چوڭ. سېرىلانكىدا ئولتۇراقلاشقان تامىللار گەرچە ئاساسەن ھىندى مۇرتلىرى بولسىمۇ، بىراق يەنە سىرىلانكىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋاقتىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان توپ ۋە سالاھىيەتكە ئىگە بولغان، ياۋروپالىقلار ھىندىستانغا كېلىشتىن بۇرۇن سىرىلانكىغا كۆچۈپ كەلگەن سىرىلانكا تامىللىرى خېلى ياخشى بولغان تەربىيىگە ئىگە بولغان بولۇپ، نۇرغۇنلىرى شەھەرلەردە ياشايدۇ 19-ۋە 20-ئەسردە ئەنگىلىيىكلەر بۇ ئارالغا ئېلىپ كىرگەن ھىندىستان تامىللىرى بولسا، ئاساسەن چايزارلىق ئىشچىلىرى بولۇپ چەتئەللىكلەر دەپ قارىلىپ مائارىپ ئىشقا ئورۇن؛لىىش جەھەتلەردە چەتكە قېقىلىدۇ. سىرىلانكا تامىللىرى ۋە ھىندىستان تامىللىرى ئوخشاش تىلدا سۆزلەشسىمۇ ئەمما ئوخشاش بولمىغان ئىرق تۈزۈمى ۋە ئۆزىنىڭ جەمئىيىتى ئىچىدە ياشاپ، ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلمايدۇ.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 845 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-01