سىۋاھلىلار=Swahili

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

سىۋاھلىلار=Swahili


    سىۋاھلىلار ئافرىقىنىڭ شەرقى رايونىدىكى تانزانىيەنىڭ زانزىبار ئارىلىغا توپلىشىپ، شەرقى ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە  چىگرا ھالقىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەت بولۇپ 2010-يىلدىكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، ئاران 2مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار بولسىمۇ ئەمما بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلار 100مىلىيۇندىن ئاشىدىغان بولۇپ ئافرىقىدىكى ئەڭ تەسىرى چوڭ يەرلىك تىل ھسابلىنىدۇ. شەرقى ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىدىكى تانزانىيە، كېنىيە، ئۇگاندا ئۈچ دۆلەت سىۋاھلى تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان بولۇپ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ماداگاسقار، كومورو، موزامبىك، كونگو(كىنشاسا)دىكى نەچچە ئون مىلىيۇن ئادەم بۇ تىلنى ئىككىنچى تىل قاتارىدا ئىشلىتىدۇ. بۇرۇندى، رۋاندا، مالاۋى ۋە زايىر قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنە مىلىيۇنلىغان ئاھالە سىۋاھلى تىلىدىن پايدىلانالايدۇ. قىسقىسى ئافرىقىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى بانتۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئافرىقىلىقلارغا نىسبەتەن سىۋاھلى تىلى ئەڭ تەرققى قىلغان شۇنداقلا مەدەنىيەت مىراسلىرى بولغان ئورتاق تىل بولۇپ سىۋاھلى تىلى ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى تەرىپىدىن ئورگان تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن.
   
سىۋاھلىلارنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئېفىئوپىيە ئىرقى نېگىرلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئارلاشما تىپىغا تەۋە. تېرىسىنىڭ رەڭگى كۈل رەڭگە مايىل زەيتۇن رەڭ، كۆپرەك ئاھالە قارا دولقۇنسىمان چاچلىق بولۇپ ئىلگىرى تانزانىيەدىكى زانزىبار ئارىلىنىڭ ئىسمى بىلەن زەڭگى دەپ ئاتالغان.
      سىۋاھلى سۆزى ئەرەبچە دېڭىز بويى دىگەن مەنىدىكى ساھىل دىگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن بولۇپ دەسلەپتە شەرقى ئافرىقا دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەرنى كېيىنچە بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدىغان بولغان.«سىۋاھلىي» ___  ئەرەپچە  «دېڭىز بويى ئاھالىلىرى» دىگەن مەنىدە.  سىۋاھلىلار  نېگىر- كونگو تىللىرى سېستىمىسى، ئاتلانتىك كونگو تىللىرى ئائىلىسى، بانتو تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە  سىۋاھلىي تىلىنىڭ تەخمىنەن 20خىل دىئالىكتىنى قوللىنىدۇ. سۋاھلىلار 10-ئەسردىن باشلاپ ئەرەب خەت شەكلىنى قوللانغان، 20-ئەسردىن كېيىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچكەن. كۆپ ساندىكى ئاھالە ئىسلام دىنىنىڭ سۈۈنى مەزھىبى شافى فىقسىھىگە ئىتىقاد قىلىدۇ. سىۋاھلىلار بۇرۇن ئوتتۇرا ئەسىردە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئورتاق ھالدا ئازانىيە مەدەنىيىتىنى ياراتقان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار شەرقىي ئافرىقىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالغان. ئۇلار تۇرۇشلۇق بۇ رايونلار ئەينى ۋاقىتتا ئافرىقا، ئاسىيا سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇپ، جوڭگو بىلەن خېلى بۇرۇنلا ئالاقىسى بار ئىدى. سىۋاھلىي مىللىتى ئافرىقا، ئاسىيا ئىقتىساد مەدەنىيەت ئالمىشىشىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر، ئۇ ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، يەنە ھىندونوزىيە ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
     سىۋاھلىلار ئافرىقىدىكى ئاڭ بالدۇر شەھەرلەشكەن مىللەت بولۇپ ئاساسلىق سودىگەرچلىك، دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھىندى ئوكياندىكى شىمالدا يەمەندىن تارتىپ موگادىشو، دارىسسالام ، موزامبىك ۋە ماداگاسكار ئاراللىرىغا قەدەر بولغان رايوندا  ئازبولمىغان سىۋاھلىلار شەھەر ۋە پورتلاردا ئولتۇراقلىشىپ، سودا ياكى ھەرخىل قول-ھۈنەرۋەنچىلىك( ساپالچىلىق، سېۋەت،تور توقۇش، ياغاچ ئويمىچىلىق قاتارلىق) بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ ئىسلام دىنى بىلەن 7-ئەسىردىلا ئۇچرىشىپ قوبۇل قىلغان. ياۋروپالىقلار ئافرىقىنى بۆلۈشۈشكە باشلىغاندا سىۋاھلىلار ياۋروپالىقلار بىلەن يەرلىكلەر ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلىشى بىلەن بىللە سودىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرغان ۋە سىۋاھلى تىلىنىڭ تەسىرىنى ئوتتۇرا ئافرىقىغا قەدەر كېڭەيتكەن. سىۋاھلىلارنىڭ ئافرىقىنىڭ ھىندى ئوكيان بويلىرىدىكى شەھەر دۆلەتلىرى ئەڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ مەدەنىيەت كۈچىنى نامايەن قىلغان بولسا سىۋاھلىلارنىڭ يازغۇچى شائىرىلىرى سىۋاھلى تىلىدا نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ ئافرىقىدا ئەڭ بۇرۇن ياۋروپانىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە زامانىۋىلاشقان مىللەت ھىسابلىنىدۇ. ئولتۇراق ئۆيلىرى كۆپرەك چاسا شەكىللىك قورۇ بولۇپ دەھلىزى بار، ئۆي ئىچى كۆپرەك ئەرەب پوسۇنىدا ياسالغان. قىز-ئاياللىرى ئۈستىگە رەخت ئورايدۇ.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 454 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01