پۇشتۇلار

پۇشتۇلار


  پۇشتۇلار  يەنە پاتانلار، ئافغانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار، ئافغانىستاندىكى ئەڭ ئاساسلىق مىللەت، شۇنداقلا پەنجاپ، سىندى، بەلۇجىلار بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندىكى  تۆت ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى. 
   پۇشتۇلار ئافغانىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ.2010-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ئاھالىسى 40مىلىيۇندىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالە تەخمىنەن 12مىليون، ئافغانىستان ئاھالىسىنىڭ %50نى ئىگىلەيدۇ. پاكىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى غەربى شىمال ئۆلكىسى ۋە ۋازىرىستان قاتارلىق قەبىلە رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان ئاھالە تەخمىنەن 28مىليون، پاكىستان ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %16نى ئىگەللەيدۇ. پۇشتۇلار  تەخمىنەن 60قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا  يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 400مىڭ، ئىراندا 100مىڭ، ئەنگىلىيەدە 100مىڭ،  پۇشتۇ كۆچمەنلىرى ئولتۇراقلاشقان.


   پۇشتۇلار ياۋروپا ئىرقى پامىر تىپىغا تەۋە بولۇپ ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى، ئىران تىللىرى ئائىلىسى شىمالى تىل تۈركۈمىگە تەۋە پۇشتۇ تىلىنى قوللىنىدۇ، تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر ئېغىر، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى پارىس ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدۇ. 1936-يىلى ئافغانىستان پۇشتۇ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەن. پۇشتۇلار ساربانرى، پاتان، غەرغەشت، كارلاندىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىگە بۆلۈنۈپ ئاساسەن قەبىلە بويىچە تولپىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئافغانىستان پۇشتۇلىرى ساربانرى ۋە غەرغەشتلەردىن شۇنداقلا پاتانلارنىڭ غىلزاي قەبىلىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئىچىدىن يەنە قەبىلە ۋە قەبىلىلەر گورۇھىغا ئايرىلغان، قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىمتىيازى ئىنتايىن چوڭقۇر.
    پاكىستاندىكى پۇشتۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پاتان ۋە كارلانرى قەبىلىسىگە تەۋە بولۇپ،  بۇ ئىكى قەبىلە ئۆز ئىچىدىن يەنە شىرۋان ، مەرۋات، يۈسۈفزاي، مۇھەممەدزاي،  مەخسۇد، ۋازىر، خاتتاك، ئافرىدى داۋار، زادران  ئون نەچچە ئوتتۇرا قەبىلىگە بۆلۈنۈپ  ئىنتايىن چوڭقۇر قەبىلە تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالغان.

   پۇشتۇلارمۇ ئاسىيادىكى باشقا ئارىيانلارغا ئوخشاش بالقان يېرىم ئارىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن، پۇشتۇلار بۇددا دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى، تەخمىنەن 9-ئەسردە  سۈنئىي مەزھەپ دىنىي ئەقىدىسى تارقىلىشقا باشلىغان،كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى ئافغانىستاندا ئىسلام خاندانلىقىنى قۇرۇپ ، ئافغانىستاننى كېيىنكى جەنۇبى ئاسىياغا ئىسلام دىنى تارقىتىدىغان مۇھىم باز قىلىپ ئاساس سالدى .  15-ئەسردە ھىرات ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى، ئافغانىستاندىن كەلگەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
    1747-يىلى ساربانرىلارنىڭ دۇرانى قەبىلىسىنىڭ ئاتامانى ئەھمەدشاھ دۇرانى دۇرانى پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە بىرمەزگىل زور بولغان ھەربىي ئىشلار ئېمپىرىيىسىنى شەكىللەندۈرۈپ بۈگۈنكى ئافغانىستانغا ئاساس سالغان. كېيىن دۇرانلار ئىزچىل ھالدا دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

 
    ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى پۇشتۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىنىڭ ھەنەف فىقھىسىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. پۇشتۇلارنىڭ ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىسلام دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. ئافغانىستاندا قانۇن چوقۇم ئىسلام دىنى قائىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك، پۈتۈن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئىسلام دىنى سوت كوللېگىيىسى قۇرۇلغان، پۇشتۇلار ئارىسىدا كۆپ ساندا دىنىي ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر بار، ئۇلار ئادەتتە ھەم دىن ئىشلىرىغا مەسئۇل ھەم دىنىي سوتنىڭ سوتچىسى ۋە دىنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇنىڭدىن سىرت پۈتۈن دۆلەتتىكى 10000دىن ئارتۇق مەسچىدتە مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېزىلاردا مەسچىد ئەتراپلىرىغا دىنىي باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىنىپ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ «قۇرئان» ۋە ئەرەب يىل- يېزىقى ئۈگىتىدۇ.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1122 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-01