كۇردلار

كۇردلار كۇردلار ئىران-ئىراق، سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت چېگرىلىشىدىغان كۇردىستان رايونىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىسى تەخمىنەن 30مىليون، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدە 15مىلىيۇن، ئىراندا 6مىلىيۇن، ئىراقتا 6مىلىيۇن، سۈرىيەدە 2مىلىيۇن ئولتۇراقلاشقان ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيەدە 500مىڭ، لىۋاندا 200مىڭ، رۇسىيەدە 100مىڭ، ئىسرائىلىيەدە 100مىڭ، ئارمېنىيەدە 50مىڭ، شىۋىتسىيەدە 50مىڭ، فىرانسىيەدە 50مىڭ كۇرد كۆچمەنلىرى بار.

    كۇرتلار ئاساسلىقى زاگروس تاغ تىزمىسى ۋە تورۇس تاغ تىزمىسى رايونىغا جۈملىدىن، شەرقتە ئىراندىكى كىرمان قۇملۇقىدىن باشلىنىپ، غەربتە تۈركىيەدىكى ئىفرات دەرياسىغىچە، شىمالدا ئەرمىنىيەدىن جەنۇبتا ئىراقتىكى كىركۇك ۋە سۈرىيەدىكى ھەلەپكىچە تارقالغان. كۇردلار غەربى ئاسىيادا ئاھالىسى ئەرەب، تۈرك، پارسلاردىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مىللەت بولۇپ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. رىۋايەت قىلىنىشىچە  كۇردلار قەدىمقى فىنكىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 15-ئەسىردە بالقان رايونىدىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەندىن كېيىنكى ئۈچ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل كۇردىستاندىكى تاغلىق رايونلاردا ياشاپ كېلىۋاتىدۇ، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن. كۇردلارھىندى-ياۋروپا تىللار سېستىمىسى ئىران تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە، كۇرمانجى، سورانى، زازاكى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دىئالىكت بىر قانچە خىل يەرلىك شىۋىگە ئايرىلغان كۇرد تىلىنى قوللىنىدۇ. كۇرد تىلىنىڭ دىيالىكىتلار ۋە شىۋىلەر ئارىسىدىكى پەرقى بەك زور بەزى دىئالىكىتلار ئۆزئارا ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدۇ.   تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى كۇردلار لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدۇ، روسىيەدىكى كۇردلارنىڭ يېزىقى سلاۋيان ھەرىپىنى ئاساس قىلغان. ئىراقتىكى كۇردلارنىڭ يېزىقى ئەرەب ھەرىپىنى ئاساس قىلاتتى،  2010-يىلىدىن باشلاپ ئىراق كۇردىستان ھۆكۈمىتى لاتىن ھەرپلىرىگە كۆچكەنلىكىنى جاكارلىدى. كۇردلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز ساندا شىئە، خىرىستان ۋە يەھۇدىلار بار. 


كۇردلارنىڭ تارىخى ئەھۋالىغا ئائىت يازما ماتېرىياللار ئۇنچە كۆپ ئەمەس بولۇپ كۇردلار تارىختىن بېرى ئاساسەن ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن ۋە تاكى19-ئەسرگىچە كۇردلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىدە يەنىلا يېرىم ئاپتونۇمىيە ھالىتىنى ساقلاپ، تۈركىيە بىلەن ئىران ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىدىغان بەلۋاغ بولۇپ قالغان. كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن كۇردلار  رايونى بىر نەچچە دۆلەتكە  تەۋە بولۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كۇردستان تۈركىيە، ئېراق، ئېران، سۈرىيە، لىۋان، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۆلۈۋېتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلارنىڭ سانى ئېراقلىقلارنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان  بولۇپ، ئېراقتىكى سانى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلار ئىزچىل تۈردا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردىستان ئاپتونۇم رايونى نىسبى مۇستەققىل بولغان ھەربى مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەدەنىيەت ئۇلار دۆلەت ئاتلىغان مىللەت ۋە تىل-يېزىق گۇرۇھى بولۇپ، ئاناتولىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تارنوس تاغ تىزمىلىرىدا، ئېراننىڭ شىمالىدىكى زاركوس تاغ بېقىنلىرىدا، ئېراقنىڭ شىمالى ۋە يان خوشنا رايونلىرىدا ياشايدۇ. كۆپ ساندىك كۇردلار ئېران، ئېراق ۋە تۈركىيەگە يېقىن رايونلاردا ياشايدۇ.

 كۇرد تىلى پارس تىلى بىلەن پاشتو تىلىنىڭ غەربىي ئېران تىلىغا يېقىن كېلىدىغان تىل. ئەنئەنىۋىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا كۇردلار كۆچمەن چارۋىچىلار تۇرمۇشىنى كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كوي ۋە ئۆچكە باقىدۇ، ھەمدە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. تاغلىق رايونلارغا ئورۇنلاشقان كۇردلار بولسا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوي،  كالا، ئۆچكە ۋە ئات باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە گىلەم توقۇش، ياغاچچىلىق، تېرىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ تۈزلەڭلىكتىكى كۇردلار بولسا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، بۇغداي، شال، كۆممۈقوناق، ئارپا، كەندىر ۋە كېۋەز تېرىيدۇ ھەمدە باغۋەنچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، قاتتىق بېكىتىلگەن دۆلەت چېگرىسى چارۋىلارنىڭ پەسىللىك ئالمىشىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، كۇردلارنىڭ ھەممىسىسنى يەر تېرىشقا مەجبۇر قىلدى. بەزىلىرى بولسا زامانىۋىي كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. كۇردلار جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ كۇرد مىللىتىنى كۆپ قېتىملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى سەۋەبلىك، چارۋىچىلىقتىن ۋاز كېچىدىغانلار شۇنچە كۆپىيىشكە باشلىدى. ئېران، ئېراقنىڭ نېفىت سانائىتى گۈللەنگەندىن تارتىپ، كۇردلار ئارىسىدا نېفىت ئىشچىلىرىمۇ پەيدا بولدى.

شۇنداقتىمۇ تارىختىكى كۇردلار ئاساسەن  پارس تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلىنى قوللىنىپ يېزىقچىلىق قىلغان،  شائىر فۇزۇلىنىڭ شېئىرلىرىمۇ پارىس تىلىدا يېزىلىپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.  ئۇزۇن داۋاملاشقان كۇرد تىلىنى يەكلەش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ھازىرقى زامانغا تەۋە كۇرد تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن شېئىرلار توپلىمى، ھېكايىلەر توپلىمى، تارىخىي كىتابلار توپلاملىرىنىڭ كۆپى باشقا تىللار ئارقىلىق يېزىلغان.  تۈركىيەدە 1897-يىلى كۇرد تىلىدىكى گېزىت نەشر قىلىنغان بولۇپ، 1908-يىلى ئىستانبۇل گېزىتىنىڭ كۇرد تىلى نۇسخىسى نەشىر قىلىنغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بولۇپمۇ 1927-يىلى قۇرۇلغان كۇردلارنىڭ ئارارات جۇمھۇرىيتى 1930-يىلى تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن كۇردلارنىڭ ئۆز تىلىدىكى پەن-مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئاساسەن چەكلىۋېتىلدى. كۇرد تىلى مەكتەپ، مەتبۇئات ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيەدىن سىقىپ چىقىرىلدى. 2002-يىلىدىن بۇرۇن تۈركىيەدىمۇ كۇرد تىلىنى مەكتەپ ۋە مەتبۇئاتتا قوللىنىش چەكلەنگەن ئىدى. ھازىر كۇرد تىلى تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە تاللاپ ئوقۇلسا بولىدىغان دەرسلىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مەتبۇئات ۋە تېلېۋىزىيەدىمۇ كۇرد تىلىغا ئورۇن بېرىلدى.



   1990-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن كۇردلار ئىراقنىڭ شەرقى شىمالىدىكى دوخۇك، ئەربىل ۋە سۇلايمانىيە  ئۈچ ئۆلكىدە مۇتلەق ئاپتونومىيەنى ئىشقا ئاشۇردى ۋە كۇردە مەدەنىيەت-سەنىيەت سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بولغان،  نۇرغۇن ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقاردى. ھازىرقى ئىراق پىرىزدېنتى تالىبانى كۇرد مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇزلۇق رەھبىرى ھىساپلىنىدۇ. قەدىمدە كۇردلار كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن، دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. تاغلىق رايوندىكى كۇردلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، قوي، ئات، كالا باققان ھەمدە گىلەم توقۇغان، ياغاچ ماتېرىياللارنى ياسىغان، خۇرۇم ئىشلەپ چىقارغان؛ تۈزلەڭلىكتىكى كۇردلار دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، بۇغداي، قوناق، شال، تاماكا ۋە پاختا تېرىغان، ھەمدە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قاتتىق بېكىتىلگەن دۆلەت چىگراسى چارۋىچىلارنىڭ پەسىللىك كۆچۈشىنى توسۇپ قېلىپ، كۇردلارنى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ يەر تېرىشقا مەجبۇر قىلغان. بىرقىسىم كۇردلار باشقا كەسىپ  بىلەن شۇغۇللانغان. ئىران، ئىراقنىڭ نېفىت سانائىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، كۇردلار ئارىسىدا نېفىت ئىشچىلىرى پەيدا بولغان. لېكىن مەيلى كۆچمەن چارۋىچىلىق ياكى مۇقىم تۇرمۇش ئۇسۇلى بولسۇن، كۇردلار يەنىلا قەبىلە تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە، يەنى قەبىلە باشلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش، يەرلەر ئاقسۆڭەكلەرگە مەنسۇپ بولۇش، ئىجارە پۇلى   تاپشۇرۇش قاتارلىق. كۆپ قىسمى قەبىلە سېستىمىسى چارۋىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئاز ساندىكىلىرى مائارىپ قوبۇل قىلغان. كۇرد ئاياللىرى چۈمبەل ئارتمايدۇ، باشقىلار بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلالايدۇ، باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشالايدۇ.


كۆپ قىسىم كۇردلار سۈنئىي مەزھەپ مۇسۇلمانلىرى بولۇپ، ئاز ساندا سىرلىق، غەيرىي بولغان يەرلىك دىنىي مەزھەپ ئالاھىلىدىلىكى بار. كۇردلار ئادەتتە بىر مىللەت ئىچىدىكىلەر ئارا توي قىلىدۇ. پايتەختتىن سىرت رايونلاردا ئادەتتە ئەرلەر 20، ئاياللار12 ياشتا توي قىلىدۇ، ئائىلە ئاتا-ئانا ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىسلام دىنى قانۇنى يول قويغان «بىرئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش» تۈزۈمى ھازىرمۇ بەزى جايلاردا قوللىنىلماقتا. تارىخى كۇردلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى تارىخى ئەھۋالىغا نىسبەتەن، بىزنىڭ چۈشەنچىمىز ئىنتايىن ئاز، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ  پارىسلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان قەدىمقى خىتىتلارنىڭ بىر قىسمى بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك. بۇ ئېگىزلىكتە ياشاۋاتقانلىقىغا نەچچە مىڭ يىللار بولغان بولۇپ، كۇردلاردىن ئىبارەت بۇ نام مىلادى 7-ئەسىردە پەيدا بولغان. ئەرب ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى زامانلىرىدا، كۇردلار فېئوداللىق خانلىق قۇرغان.  ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر قوماندان سالاھىددىن ئەييۇبى كۇرد مىللىتىدىن ئىدى. ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ خارەزىم تۈركلىرى، سالقۇق تۈركلىرى ۋە مۇڭغۇللار ئارقىمۇ ئارقا  كۇردستانغا ھۇجۇم قىلغان. 12-ئەسىر زامانلىرىدا، سەلجۇق سۇلتانى سازار كۇردستان ئۆلكىسىنى  قۇرۇپ كۇردلارنىڭ بىر بىرلىككە كەلگەن مەمۇرى گۋدىگە ئايلىنىشىغا ئاساس سالغان. 15-ئەسىردە بۇ رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 17-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە، فىئوداللىق تۈزۈمى بارغانسېرى شەكىللەنگەن. 19-ئەسىرگە كەلگەندىمۇ، كۇردلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ چېگرا ئىچىدە ئۆزىنىڭ يېرىم ئاپتونومىيىلىك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، تۈركىيە ۋە ئېران ئارىسىدىكى ئارىلىق زوناغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى سەۋەبلىك، كۇردلار نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1920-يىلى ئىمزالانغان «سەۋرېس كېلىشىمنامىسى»دە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولغان كۇردستان قۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كېلىشىمنامە ماقۇللىنىشتىن ئۆتمىگەن. 1923-يىلى «لائۇسان كېلىشىمنامىسى» «سەۋرېس كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئورنىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كېلىشىمنامىدە كۇردلار ۋە كۇردستان توغۇرلۇق ھېچقانداق توختالمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇيەر-بۇ يەرلەردە قىسقا قوراللىق توقۇنۇشلار بولغان بولۇپ، 1931~1932-يىللىرى ۋە 1944~1945-يىللىرى ئېراندىكى كۇردستاندا كەسكىن بولغان ئىنقىلاپ يۈز بەرگەن. تۈركىيەدىكى كۇردلار بولسا ھۆكۈمەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىش غەرىزىدە بولۇپ، كۇردلارنى «تاغلىق تۈركىيەلىكلەر» دەپ ئاتىغان. ئېراندىكى كۇردلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغان ئاسسىمىلاتسىيەلەشتۈرۈش بېسىمىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئېران شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئامالسىز چىشىنى چىشلىگەن. ئېراقتىكى كۇردلار ئۇچرىغان مەدەنىيەت بېسىملىرى ئانچە ئېغىر بولمىغان. 1958-يىلى ئېراق خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت كۇردلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئارزۇلىرىنى قاندۇرالمىغان. 1970-يىلى يېڭىدىن گۈللەنگەن پارتىيە ھۆكۈمىتى ئېراقتىكى كۇردلارنىڭ چەكلىك بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلغان. 1988-يىلى ئېراقتىكى كۇردلار ساددام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان كۇردلار ئامالسىز ئېراقتىن ئايرىلغان. ئېراقنىڭ شىمالى قىسمىدىكى كۇردلار رايونىدا ئاساسلىقى كۇرد دېموكراتىك پارتىيىسى ۋە كۇردستان ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھەربىي قوراللىق تەشكىلاتلار  بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر رايوننى كونترول قىلىش مەقسىتىدە كۈرەش قىلىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان. 1980-يىلدىن 1988-يىلغىچە ئېران-ئېراق ئۇرۇشى ۋە 1991-يىلىدىكى دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە، ئېراق چېگرا ئىچىدىكى كۇردلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېراقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئېراق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى. 1991-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كۇردلارنى قوغداش باھانىسىدە، ئېراق زېمىنىنىڭ شىمالىي 36 گىرادۇسلۇق يېرىدىن شىمالغا سوزۇلغان 4.4 كىۋادرات كىلومېتىرلىق يېرىگىچە بولغان زېمىندا «بىخەتەرلىك رايونى» قۇرۇپ، ئېراق ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ياكى ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى توستى. ئېراق ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبلىك شىمالدىكى كۇردلار رايونىغا بولغان كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «بىخەتەرلىك رايونى» قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، «كۇرد خەلق پارتىيىسى» بىلەن «كۇرد ۋەتەن پارتىيىسى» ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمى تۈزدى، بۇنىڭلىق بىلەن ئېراقنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەتتە ئازراق ياخشىلىنىش بولدى. ئەمما 1994-يىلىدىن بۇيان، بۇ ئىككى گۇرۇھ ھوقۇق ئايرىلمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇشتى. 1992-يىلى 5-ئايدا، «كۇرد خەلق پارتىيىسى» بىلەن «كۇرد ۋەتەن پارتىيىسى» تارىختىكى تۇنجى سايلام ئۆتكۈزۈپ، شۇ يىلى 6-ئايدا پارلامېنت، 7-ئايدا ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، ئېراق مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. 2001-يىلى 1-ئايدا، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان توقۇنۇش ھەربىي كۈچلىرىنى ئازايتىش ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىپ، قاتناش قولايلىقى يارىتىپ بېرىشتەك بىر قاتار كېلىشىمنامىلەرنى ئىمزالىدى ھەمدە بىخەتەرلىك ھەمكەرلىقىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىرلەشمە بايانەت ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 11-ئايدا، سادام كۇردلارنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشىغا قوشۇلدى. «سادامنى يىقىتىش» ھەرىكىتىدىن  بۇيان، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە كۇردلار ئارقىلىق سادامنى يىقىتىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلدى. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 8243 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-22