ھىندى دىنى=Hinduism

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ھىندى دىنى

     ھىندى دىنى مىلادىندىن 5000يىلى ئىلگىرى پەيدا بولغان دىنى ۋە مىلادىدىن 2000يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان براخمان دىنىدىن كېلىپ چىققان، مىلاىدىدن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە پەيدا بولغان بۇددا دىنىنىڭ، مىلادى 5-ئەسىردە پەيدا بولغا زوروئاستىر دىنىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ، مىلادى 8-ئەسىرلەردە ئاساسەن شەكىللەنگەن بولۇپ دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ بىرى.
 2010-يىلىدىكى سىتاتىسكىغا ئاساسلانغانداھىندى دىنىنىڭ 1مىليارد قا يېقىن مۇرتى بار بولۇپ، 2مىليارد مۇرتى بار خرىستىئان دىنى ۋە 1مىليارد300مىلىيۇن مۇرتى بار ئىسلام دىنىغا يېقىنلىشىپ قالغان.

باشقا دىنلارنىڭ ئەكسىچە ھىندى دىنى ئاساسەن قورال كۈچى ئارقىلىق تارقالمىغان، مەزھەبلەر ئارىسىدا قانلىق كۈرەشلەر يۈز بەرمىگەن دىن بولۇپ، تارقالغان رايونىمۇ ئاساسەن ھىندىستان ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىدىكى ھىندىستان(900مىلىيۇن)، نېپال(25مىلىيۇن)، بېنگال(15مىلىيۇن) ۋە ھىندونوزىيەدىكى بالى ئارىلى(4مىلىيۇن) ، ئۇنىڭدىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھىندىستانلىقلار كۆچمەنلەر جايلاشقان دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن چەكلەنگەن.

ھىندى دىنى قەدىمقى ھىندىستاننىڭ يەرلىك دىن، ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىتىقادى، ئىدىئالىزىمى، ئەخلاقىي  قارىشى كۆپ خىل ۋە مۇرەككەپ،  ھەتتا بىر-بىرى بىلەن زىددىيەتلىك. ھىندىستاننىڭ جەمئىيەت دەرىجىسى، گۇرۇھ ۋە مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئوخشاش بولمىغان ئىتىقادى ۋە ئەمەلىيىتى بار.

"ھىندى" سۆزىنى قەدىمكى قول-يازمىلاردىن تاپقىلى بولمايلا قالماستىن يەنە، سانسكىرت تىلى ۋە تايمىر تىلىدىكى قەدىمقى قول-يازمىلاردىنمۇ ھېچقانداق ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ھىندى دىگەن سۆز ھازىرقى پاكىتانغا جايلاشقان ھىندى دەرياسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھىندى دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدىكى مۇسۇلمان مىللەت سىندى مىللىتىنىڭ نامى ھىندى دىگەن سۆزنىڭ مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ.

ھىندى دىگەن سۆز ئەرەبلەر ئارقىلىق ياۋروپالىقلارغا تارقىلىپ 17-ئەسىردىكى ياۋروپالىقلار ئارقىلىق قايتىدىن ھىندىستاننىڭ  ۋە ئۇ يەردىكى ئاساسى مىللەت بىلەن، ئاساسى دىننىڭ نامى بولۇپ قالغان.

 ھىندىلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى مۇقەددەس كىتابىنىڭ نامى بىلەن ۋېدا دىنى دەپ ئاتايدۇ. ھىندى دىنى 8-ئەسىردە ئۆتكەن ھىندى دىنى رەھبەر ئادى سانكارا (788-820) تەرىپىدىن براخمان دىنىغا زوروئاستىر، جىنا ۋە بۇددا دىنىنىڭ بەزى ئىلمىنتلىرىنى قوشۇپ ، ئۇنىڭغا يەنە باشقا نۇرغۇن يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارنىڭ مەزمۇنىنى يىغىنچاقلىغاندىن كېيىن 9-ئەسىردە يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن دىن بولۇپ، ئادى سانكارنىڭ ھىندى دىنىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى بىلەن بۇددا دىنى ھىندىستاندىن ئاساسەن يوقالغان، جىنا دىنى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەنگەن.

 مىلادىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردە، كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىدىغان، يۇناننىڭ شىمالىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئارىئانلار ھىندىستانغا كىرگەن ھەمدە ھىندىستاننىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىنى باشلىغان. ئارىئانلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇددى باشقا ئىپتىدائىي قەبىلىلەرگە ئوخشاش چوقۇم تەبىئىي تاغ-دەريالارغا چوقۇنىشى، بارلىق ئەۋلىيا-ئىلاھلارنى مەدھىيلىشى، كۈيلىشى ھەمدە سۇترا قىلىپ يېزىپ ئۆزئارا تارقىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى دەۋرگە بارغاندا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بىرقەدەر زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىلاھ ئەڭ كۆپ چوقۇنۇشقا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئارىئانلار ئاستا-ئاستا «كۆپ ئىلاھقا ئىتىقاد قىلىش» شەكلىدىن «ئاساسىي ئىلاھقا ئىتىقاد قىلىش»شەكلىگە ئۆزگەرگەن.

    ھىندى دىنى ئەينى دەۋردىكى ھىندىستان يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ھىندى دىنى  براخمان دىنىنىڭ داۋامى بولسىمۇ بىراق ھىندى دىنى براخمان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى ۋە دىنىي قائىدىلىرىنى قوللىمايدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن، براخمان دىنى كۆپ ئىلاھ دىنى، ھىندى دىنى بولسا ئالاھىدە ئىلاھلىق خۇسۇسىيىتى بولغان دىندىن ئىبارەت. ھىندى دىنىمۇ كۆپ ئىلاھقا ئىتىقاد قىلىدۇ، بىراق كۆپ ئىلاھلار ئىچىدە ۋىسنۇ، براخما، شىۋا قاتارلىق ئۈچى ئاساسلىق ئىلاھ. ئالدى بىلەن براخما بولسا دۇنيانى ياراتقۇچى ئىلاھ؛ ۋىسنۇ بولسا دۇنيانى ساقلاپ قېلىش ئىلاھى؛ سىۋا بولسا دۇنيانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان ئىلاھ. بۇ ئۈچ ئىلاھ ئىچىدە دائىم ۋىسنۇ بىلەن سىۋا نى بىر ئىلاھ ھەمدە باشقا ئىلاھلارنى بۇلارنىڭ قول ئاستىدا ھەم باشقا بارلىق ئىلاھلار بۇ ئىككى ئىلاھنىڭ مۇجەسسىمى دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە بولغان ئىلاھ دىنى بار. ئىككىنچىدىن، ھىندى دىنى بۇددا دىنىنىڭ پەرھىز تۇتۇش تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە  ساكيامۇنىنى ئاساسىي ئىلاھ قاتارىدا قوبۇل قىلغان. ئۈچىنچىدىن، ھىندى دىنىمۇ بۇددا دىنىغا ئوخشاش راھىبلار ۋە بۇتخانا ئارقىلىق ئومۇلاشتۇرقان بولۇپ، ھىندى دىنى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭ نەزىر-چىراق ئىشلىرى بۇتخانا ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بەزى بىرقىسىم تەبرىكلەش مۇراسىملىرىدا مەخسۇس ئۇسۇلچىلار نەزىر ئۇسۇلى ئويناپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى جەلب قىلىپ، قىزغىن كەيپىيات ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيدا قىلغان تەسىرىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پەلسەپە ئىلمىدا  تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئوبيېكتىپ ئىدىئالىزمنىڭ ئاساسى بۇلۇپ قالدى. خاراپا دەۋرىدە كالا ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن، بۇ ئاساسلىقى كالىنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى بارلىقىدىن بولغان. بۇقا تەبىئىيكى سەۋرچانلىق ۋە ئەركەكلىكنىڭ سىمۋولى، سىيىر بولسا مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى. بىراق ھىندى دىنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بارلىق ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر، ھەرقانداق جانلىق ئىلاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىخلاسمەن ھىندى دىن مۇرتلىرىنىڭ ھەممىسى گۆشسىز تاماق يەيدۇ، ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكىلەردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى كالا گۆشى يىمەيدۇ. كالا سۈتى، قېتىق، سېرىق ماي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دىنىي نەزىر مۇراسىملىرىدىلا ئىشلىتىلىدۇ.

ھىندى دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى بەش خىل بولۇپ: 1. كۆپ ئىلاھقا چوقۇنىدىغان ئاساسىي ئىلاھ تەلىماتىغا ئىتىقاد قىلىش،2. تۆت خىل سالاھىيەت ئېنىق ئايرىلىش،3. سەۋەن-نەتىجە مۇناسىۋىتى ۋە روھنىڭ بىرتەندىن يەنە بىرتەنگە ئۆتۈشىنى تەكىتلەش،4. نەزىر-چىراق قىلىش ھەممىگە قادىر ۋە زاھىدلىقنى ھۆرمەتلەش،5. ۋېدانىڭ ئابرويىنى ئىتىراپ قىلىش. ھىندى دىنى ئەزەلدىن خرىستىئان دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى بىلەن ئوخشاش مۇقىم مۇراسىم كۈنى بېكىتمىگەن. ئىخلاسمەن ھىندى دىنى مۇرتلىرى ھەركۈنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئاددىي مېھرابى ئالدىدا بېكىتىلگەن ئىبادىتىنى قىلىدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ مۇقىم بولغان ئۆلۈك مۇراسىمى، مۇقىم بولغان مۇقەددەس ۋەزىپىسى ياكى دىن تارقاتقۇچى خادىملىق ۋەزىپىسى يوق، ھەمدە خرىستىئان دىنىغا ئوخشاش يەكشەنبە كۈنى، يەھۇدىي دىنىغا ئوخشاش سەببات كۈنلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە كۈنى قاتارلىق مەخسۇس مۇراسىم كۈنلىرى يوق. ئۇلارمۇ ماتەم مۇراسىمى، توي مۇراسىمى قاتارلىق مۇراسىملىرى بار. ھىندى دىنىنىڭ بايراملىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئىچىدە كۆپرەكلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي پۇرىقى ئوخشاشلا قويۇق، مەسىلەن كۈز پەسلىدىكى پانۇس بايرىمى ھىندىستاننىڭ مۇھىم بولغان دىنىي بايراملىرىنىڭ بىرى، ۋاقتى بەش كۈن، ھازىرقى كالىندارنىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. 2001-يىلى گانگې دەرياسى بويىدىكى ئاللاھئابادتا 12يىلدا بىرقېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان دالدىسىز يىغىن ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ھىندىستاندىكى ئەڭ داغدۇغىلىق بولغان، ھەرئۈچ يىلدا 4رايوندا تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزىلىدىغان يىغىن. ئاڭلىشىمىزچە يىغىن جەريانىدا كىشىلەر دەريا سۈيىدە چۆمۈلىدىكەن، بۇنىڭدا ھەم تەننى پاكىزلىغىلى، ئۆزىنى پاكلىغىلى بولىدىكەن. بۇ يىغىنلىشقا  30مىليون كىشى قاتناشقان.

19-ئەسردە ئەنگىلىيەلىكلەر ھىندى دىنى ئۈستىدە سېستىمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەينى يىلدىكى ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى :ھىندى دىنى توغرىسىدا ئېنىق بىر تەبىر چىقارغىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان. ھىندى دىنى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ، روھلار بىرتەندىن يەنە بىرتەنگە ئۆتۈپ تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. ساۋابلىق ئىش كىشىنى ئۆلگەندىن كېيىن خۇدانىڭ دەرگاھىغا ئېلىپ بارىدۇ، يامانلىق ئىش بولسا كىشنى ئۆلگەندىن كېيىن مەخلۇق قىلىپ يارىتىدۇ. ھىندى دىنى زاھىدلىقنى، زوراۋانلىق قىلماسلىقنى، جانلىقلارنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھىندى دىنى مۇرتلىرى ئادەتتە گۆشسىز تائاملارنى يەيدۇ، ئەڭ مۇتەئەسسىپ ھىندى دىنى مۇرتلىرى ھەتتا تۇخۇممۇ يىمەيدۇ. ھىندى دىنىنىڭ ناھايىتى قاتتىق سالاھىيەت تۈزۈمى بار. كىشىلەر يۇقىرى، ئاقسۆڭەك، تۆۋەن ھەم گاداي سالاھىيىت بويىچە : براخمان، كشاترىيا، ۋايسىيا ۋە دارا دەپ تۆت خىل سالاھىيەتكە ئايرىلىدۇ. ھەرخىل سالاھىيەتنىڭ چىگرىسى ناھايىتى ئېنىق، تۆت سالاھىيەتتىكى كىشىلەر ئۆزئارا توي قىلىشقا، بېرىش-كېلىش قىلىشقا، يېڭىلاشقا بولمايدۇ. ھىندى دىنىنىڭ يەنە خىلمۇخىل دىنىي قائىدىلىرى بار، مەسىلەن، تۇل ئايال قايتا توي قىلىشقا بولمايدۇ، توي قىلىپ بولغان ئاياللار ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈزىنى ئېچىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ قاتارلىق.

 ھىندى دىنىنىڭ ئاساسلىق ۋە بىرلىككە كەلگەن دىنى دەستۇرى«ۋېدا » بولۇپ بۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى مەزھەپلەردە يەنە «ئۇپانىشاد» ۋە « ئارانياكا »، تارىخىي قول-يازما « پۇرانا»،  ئىككى چوڭ تارىخىي داستان «ماخابخاراتا» ۋە »رامايانا» ۋە بىرقىسىم دىنىي ئەۋلىيالار توغرىسىدىكى «ئارانياكاس»، « سامخىتا » قاتارلىق  ئوخشىمىشغان دىنى كىتاپ ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەر بار  .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 373 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01