چۇۋاشلار

چۇۋاشلار


   چۇۋاشلار رۇسىيەدىكى جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بار  تۈركى مىللەتلەرنىڭ بىرى.  2010-يىلىدىكى ستاتىسكىغا قارىغاندا چۇۋاشلارنىڭ رۇسىيەدە تەخمىنەن 1مىلىيۇن637مىڭ ئاھالىسى بار بولۇپ،  بۇلارنىڭ 900مىڭى چۇۋاش جۇمھۇرىيىتىگە جايلاشقان بولۇپ جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 65%نى ئىگەللەيدۇ ،  قالغانلىرى تاتارىستان،  باشقىرتىستان ۋە مارىئېل، ،  ئۇدمۇرت،  ئۇليانوۋ،  كۇيبىشېۋ،  ساراتوۋ قاتارلىق باشقا جۇمھۇرىيەت-ئوبلاستلارغا تارقالغان.  بۇلاردىن باشقا يەنە سابىق سوۋېت ئىتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستان، ئوكرائىنا، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جايلارغىمۇ 50مىڭ ئەتراپىدا چۇۋاشلار تارقالغان.


   چۇۋاشلار تاتار ۋە باشقىرتلارغا ئوخشاشلا مۇڭغۇل ئىرقى بىلەن ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئارلاشما تۈرىگە مەنسۇپ بولۇپ ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركى تىللار ئائىلىسى بۇلغار تىل تۈركۈمىگە تەۋە چۇۋاش تىلىنى ئىشلىتىدۇ،  چۇۋاش تىلى گەرچە تۈركى تىللار ئائىلىسىگە تەۋە بولسىمۇ   چۇۋاش تىلى چۇۋاش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى. چۇۋاش تىلى يۇقىرى،  تۆۋەن چۇۋاش دىئالىكتىغا ئايرىلغان،  ئالتاي تىللار سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار مىللىتىگە تەۋە.  چۇۋاش تىلىنىڭ ئىلگىرى ئېلىپبەسى يوق بولۇپ 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا چۇۋاش ئالىمى ئىۋان ياكوۋلېۋ تۈزگەن سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىپ بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
    چۇۋاشلارنىڭ ئەجدادى ئەسلىدە ئىدىل دەريا ۋادىلىرىدىكى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركى مىللەت بۇلغارلار بولۇپ،  شۇ جايدىكى فىن-ئۇگۇر تىلىنى قوللىنىدىغان قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ بىر قىسىم تەركىبىنى قوبۇل قىلغان.ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرىدە بىر قىسىم ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 18-ئەسرنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ رۇسلارنىڭ تەسىرى بىلەن يەنە بىر قىسمى  پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئىتىقاد قىلغان. ئەڭ يېڭى سىتاتىسكىغا قارىغاندا چۇۋاشلارنىڭ پەقەت 10%ئاھالىسىلا ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ، يەنە 20% ئاھالىسى رۇس پىراۋىسلاۋىيە دىنىغا ئىشىنىدۇ، قالدى ئاھالىسى ئاساسەن ھىچقانداق دىنغا ئىشەنمەيدۇ.


   چۇۋاشلاردا يازما خاتىرە بولمىغانلىقتىن ئۇلارغا ئائىت تارىخى يادىكارلىقلار بەك ئاز. چۇۋاشلارنىڭ ئەجدادى تارىختا سىبىرىيە ئەتراپىدىن كۆچۈپ، شىمالى كاسپى، شىمالى كاۋلاز ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشقانلىقىغا كېيىن ئۇرۇش تۈپەيلى شىمالغا سۈرۈلگەن، تەخمىنەن 7-ئەسىرلەردە ئۇرۇش تۈپەيلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كۆچۈپ بىر قىسمى ھازىرقى بۇلغارىيە ئەتراپىغا كېلىپ ئۆزىدىن سەل بۇرۇن كەلگەن سىلاۋيالارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ ھازىرقى سىلاۋيان تىللىق بۇلغار مىللىتىنى ھاسىل قىلغان. يەنە بىر تۈركۈمى شىمالغا كۆچۈپ  ھازىرقى چۇۋاش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورنىدا ئولتۇراقلاشقان. چۇۋاشلارنىڭ تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى كاسپى دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى خازار خانلىقىنىڭ تەركىۋى سۈپىتىدە ئەرەبلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىغا ئائىت يازما خاتىرىلەر بار.  چۇۋاشلارنىڭ ھەقىقى يازما تارىخى 13-ئەسردە مۇڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان دەۋردىن باشلاپ خاتىرىلەنگەن،  ئۇنىڭدىن كېيىن ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا قوشۇلغان. بۇ دەۋردە چۇۋاشلاردىن ۋالىم ھۇشا قاراتالىق ئىسلام ئالىملىرى يېتىشىپ چىققان بولۇپ چۇۋاشلار بىر قەدەر تېنچ تۇرمۇش كەچۈرۈپ مىللى ئېتنىك گەۋدىسى مۇقىملىشىشقا باشلىغان. 14-ئەسىردە ئەمىر تېمۇر ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تاجاۋۇز قىلغاندا قاتتىق قىرغىنچىلىق بولۇپ شۇ چاغدىكى چۇۋاشلارنىڭ 80% ئاھالىسى قەتلىئام قىلىنغان. كېيىن چۇۋاشلار قازان خانلىقى تەركىۋىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالغان، 16-ئەسىردە چۇۋاشلاردىن  مەخمەت ھۇشا چەلەپى قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرى يېتىشىپ چىققان.  16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارروسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ تاكى 20-ئەسىرگىچە سۈرگۈن قىلىنىش، باستۇرۇلۇش قىسمىتىگە دۇچار بولغان. بۇ دەۋردە بىچۇرىنغا ئوخشاش خىرىستان ئۆلىمالىرىمۇ بارلىققا كەلگەن.
   1917-يىلى سوۋىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان، چۇۋاشلاردىن چققان شۇ دەۋردە ياشىغان چاپايىۋ ، كېيىنكى سوۋېت ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن ئەپسانىۋى شەخسكە ئايلىنىپ كەتكەن.
   1920-يىلى چۇۋاشلارنى ئاساس قىلغان ئاپتونۇم ئوبلاست بولۇپ شەكىللەنگەن،  1925-يىلى ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتىلگەن.  سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ 1991-يىلى رۇسىيەدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىر قاتاردا جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر بولۇپ رۇسىيە فىدىراتسىيىسى قارمىقىدا چۇۋاش جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.

 
    چۇۋاشلار ئىلگىرى ئاساسەن دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، قارا بۇغداي، سۇلۇ، ئارپا، كەندىر قاتارلىقلارنى تېرىغان، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ياغاچ قورال ياساش، كاناپ تاغار توقۇش قاتارلىق قول-ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. كەشتىچىلىك ۋە  نەققاشلىققا ماھىر بولغان، نەقىشى مۇرەككەپ، رەڭگى ئوچۇق، ‹كەشتىچىلىك يۇرتى›دەپ نام ئالغان بولۇپ، ھازىر چۇۋاش جۇمھۇرىيىتى رۇسىيەنىڭ  ئىقتىسادى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان مۇھىم سانائەت بازىسى ۋە ئۈنۈملۈك دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ قالدى. ھازىر چۇۋاش ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن 80%ى شەھەر بازارلاردا ياشايدۇ. چۇۋاشلارنىڭ پەن-مائارىپ ئىشلىرى تەرەققى قىلغان بولۇپ ئولىمپىكتا ئالتۇن مېدال ئالغان تەنھەركەتچىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.
    چۇۋاشلار تارىختا ئۇزاق ۋاقىت يات مىللەتلەرنىڭ باشقۇرىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۆزمىللىتىنىڭ تىلىنى، ئۆزىگە خاس ماددىي مەدەنىيىتىنى ۋە مول بولغان خەلق ئارىسىدىكى ئىجادىيەتلەرنىڭ ساقلاپ قالغان. چۇۋاشلارنىڭ ئادىتىدە قىز-ئوغۇللار سرتقا چىققاندا چوقۇم باش كىيىم كىيىشى كېرەك، ئوغۇللار قارا گېلەم دوپپا ياكى ئەلتېرە تۇماق كىيىشكە، قىزلار گازياغلىق ئارتىشقا ۋە ناكىدكا(ئاياللارنىڭ مۈرە يېپىنچىسى)ئارتىشقا ئامراق.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1122 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-01