ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

بايراققا سىزىلغان چىغ كەش

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


بايراققا سىزىلغان چىغ كەش

 

1453-يىلى،  گىرمانىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى ئېلزاس رايونىدا(ھازىرقى فىرانسىيىنىڭ شەرقىدە)بىر مەخپىي تەشكىلات پەيدا بولدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۈچ بۇرجەكلىك بايرىغى ئالاھىدە بۇلۇپ، ئوتتۇرسىغا دىخانلار كىيىدىغان بىر چىغ كەش سىزىلغان ئىدى، كەشنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا سىزىلغان ئۇزۇن بۇغۇچ،  يىيان باغرى تولغىنىو بايراقنىڭ ئاخىرقى بۇرجىكىگە باراتتى. بۇ تەشكىلاتنى كىشىلەر«كەشىلىكلەر جەمىيىتى»دەپ ئاتىدى.  «كەشلىكلەر جەمىيىتى» موزدوزلارنىڭ كەسىپداشلىق ئۇيۇشمىسىمۇ؟ ياق! «كەشلىكلەر جەمىيىتى»نىڭ ئەزالىرى ئاساسلىغى يېزىلاردىكى دىخانلار، شۇنداقلا شەھەر پۇقرارلىرى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھاممىسى«كەش كىيىدىغانلار» ئىدى. دىمەك، «كەشلىكلەر جەمىيىتى»-«كەش كىيىدىغانلار جەمىيىتى “ئىدى.  .  ئەجەبا كەش كىيمەيدىغان ئادەممۇ بولامدۇ؟ ھەئە، ئۇ چاغدا، گىرمانىيەدە بەگلەر، ئاقسۆڭەكلەر، بايلار ۋە ئالىي راھىپلار بىردەك ئۆتۈك كىيەتتى: شەھەر ۋە يېزا خەلقىلا قونجى يوق كەش كىيەتتى. «كەشلىكلەر جەمىيىتى»چىغ كەشنى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسى قىلىش ئارقىلى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈكلۈك ئاقسۆڭەكلەرگە تاقبىل تۇرىدىغانلىغىنى ئىزھار قىلغان ئىدى.  كەشلىكلەر جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى يىغىلىشا ئىدى.
  -يۇرتداشلار!بىز ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىنىي جەمىيەتنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى دەردىدىن ئۆلەر ھالغا كەلدۇق!خوجىلار، ھۇسۇلىمىزنىڭ ئوندىن تۆت قىسمىنى يەر ئىجارىسىگە ئېلىپ كەتتى. دىنىي جەمىيەت يەنە 100دىن ئون پىرسەنتىنى “ئوندىن بىر باج«غا ئالىدۇ:يىقىندا يەنە»ئادەم يېشى بىجى«قۇشۇلۇپتۇ، چوڭ-كىچىك دىمەي قارا-قۇيۇق باج تاپشۇرسا بىز زادى قانداق ياشايمىز؟-كەشلىكلەر جەمىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى جاسارەت ھەم غەزەپ بىلەن سۆزلىدى.
 -يەنىچۇ، تېخى!-دىدى جەمىيەتنىڭ شەھەرلىك بىر ئەزاسى، -يىقىندا يەنە«جەڭ بىجى»قۇشۇلۇپتۇ! بەگ-غوجاملارنىڭ خوجىلىق يەرلەرنى بۆلىچىلىپ، ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بۇلىۋىلىپ ئۆز ئارا يېغىلىق قوزغاپ بىزنى قىرىنى يەتمەي، يەنە بىزدىن پۇل ئالامدىكىن، مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ! جەميىيەت ئەزالىرى دەرغەزەپكە كەلدى.
  -تازا بىر ئىش ئىكەن-دە بۇ!-كىيىملىرى جۇل-جۇل بۇلۇپ كەتكەن بىر دىخان ئورنىدىن ئىرغىپ تۇردى-دە، مۇشتۇمىنى شىلتىپ تۇرۇپ سۆزلىدى، -مىنىڭ يېرمنى دىنىي جەمىيەت ئىلىۋالدى. يوقسۇزلۇق دەردىدىن بايلارغا چاكار بولدۇم، ئەمما يەن مىنى«چاكارلار قوغدىنىش پۇلى»تاپشۇر دەيدۇ. بۇ ھالدا قانداقمۇ تاپشۇرالايمەن؟ ئەمدى ياشاشقا ئامل قالمىدى!
-ياشاشقا ئامال قالمىدى! ئامال قالمىدى!-دەپ ۋارقىردى يەنە بىر دىخان، -مۇشۇنداق ئۆلۈپ تۈگىشىمىزمۇ؟ئۆيىمىزدە بىرسى ئۆلۈپ كەتسە، تىرىك قالغانلىرىمىزدىن«ئۆلۈم بېجى»ئىلىۋاتىدۇ، بىز راستىنلا يا ياشىيالمايدىغان، يا ئۆلمەيدىغان كۈنگە قالدۇق.  جەمىيەت ئەزالىرى غەزىىنى باسالمىدى. ھەر بىر كىشى«نېمە قىلىش كېرەك»دىگەن بىرلا مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى.
 -بىز ئىتتىپاقلىشىپ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىنىي جەمىيەت بىلەن ئىلىشىشىمىز كېرەك!-جەمىيەت ئەزالىرىدىن بىرسى خۇدى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك توۋلىدى.
 -ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئىلىشايلى! -دىنىي جەمىيەت بىلەن ئىلىشايلى! كەشلىكلەر جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى ھەممىدى بىردەك شۇنداق دەپ توۋلىدى.  ئۇلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشنى مەخپىي پىلانلىدى ۋە قوزغىلاڭدىن كېيىن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن دىنىي جەمىيەتكە:ئېغىر باج-سېلىقلارنى بىلار قىلىش، مەھكىمە شەرئىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تەلەپ قويماقچى بولدى. ئەمما ، ئۇلار قوزغىلاڭ كۆتىرىش ھارپىسىدا مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىپ قىلىپ، كەشلىكلەر جەمىيىتىنىڭ بىر مۇنچە باشلىقلىرى تۇتۇلۇپ قالدى ھەمدە جىنايەتلىك مەھكىمە شەرئى تەرىپىدىن قۇلىغىنى كىسىش، بۇرنىنى كىسىش، كۆزىنى ئۇيۇش، قولىنى چاناپ تاشلاش، كاللىسىنى ئېلىش، كۆيدۈرۈش، ھەتتا چوغلانغان قىسقۇچلار بىلەن داغلاپ ئۆلتۈرۈش، پۇت-قوللىرىنى تۆت ئاتقا يۇلدۇرۇپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىلمۇ خىل دەھشەتلىك جازالارغا ھۆكۈم قىلىندى.
  1502-يىلى، بادېن(ئېلزاسنىڭ شەرقى تەرىپىدە، ھازىرقى گىرمانىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، رىيىن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى)دا كەشلىكلەر جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى يەنە بىر قىتىم قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇردى. بۇ قېتىم ئۇلار قانلىق ساۋاقنى قۇبۇل قىلىپ، سىياسى پروگىراممىنىڭ مەزمونىنى ئېنىق بىكىتتى. قۇشىنىدىمۇ تەرەققىيات بۇلۇپ، ئادەم سانى7000دىن ئېشىپ كەتتى.  ئۇلار بروخسا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بىر ۋەقە يۈز بەردى. 
    چېركاۋدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. بىر قوزغىلاڭچى ئىستىغپارخانىدا خۇداغا تۆۋە قىىلىپ، لەۋلىرىنى ئاللىقانداق بىر نىمىلەرنى دەۋاتقاندەك مىدىرلىتاتتى.
 -بالام، كۆڭلۈڭدە نىمە بار؟ئۈنلۈك ئېيتىۋەر !-پوپ كىچىىك چاقماق شەكىللىك بىر ئۆيدە تۇرۇپ سورىدى.  -بىر مەخپىي ئىش ئۈستىدە خۇدا ئالدىدا تۆۋە قىلماقتىمەن، -دىدى قوزغىلاڭچى.  -بالام، خۇدا مېھرى-شەپقەتلىك، . ئۇ سىنىڭ بارلىق گۇنايىڭنى كەچۈرىدۇ، كۆڭلىڭدىكىنى ئېتىۋەر!-دىدى پوپ تېخىمۇ»رىغبەتلەندۈرۈپ».  يەرگە تىزلىنىپ تۇغان قوزغىلاڭچى ئاخىر كۆڭلىدىكىنى تەقۋادارلىق بىلەن ئېيتتى:
 -ئېخ خۇدا!بىز ئەتە بروخسا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدۇق. بىزنىڭ تىغ كۆتۈرگەن گۇنايىمىزنى كەچۈرگەيسەن! ئامىن!
-بالام، خاتىرجەم قايتىپ كەت، ساڭا ئېسەنلىك بار، -دىدى پوپ ساختىپەزلىك بىلەن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ.  بۇ قوزغىلاڭچى چېركاۋدىن چىقىپ كەتكەن ھامان، پوپ بېرىپ ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلدى. نەتىجىدە قوزغىلاڭ يەنە بىر قىتىم باستۇرۇلدى. گىرمانىيە زىمىنى قانغا بويالدى.  مەغلۇپ بولغان جەمىيەت ئەزالىرى يەنە«يوقسۇل كانراتلار»دىگەن تەشكىلااتقا ئۇيۇشتى. «كانرات»، «ئامالسىز»دىگەن ، مەنىدە بۇلۇپ، گىرمانىيەنىڭ يېزىلىرىدىكى نۇرغۇن دىخانلارنىڭ ئىسمىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلاتتى. شۇڭا«يوقسۇل كانراتلار»-يوقسۇل، ئامالسىز كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتى ئىدى.
  1514-يىلى باھاردا، شىۋبىيە(گىرمانىيەنىڭ جەنۇبىدا)رايونىدىكى يوقسۇل كانراتلار قوزغالدى! قوللىرىغا نەيزە، خەنجەر ۋە ئۇزۇن ساپلىق دىخانچىلىق سايمانلىرى ئالغان دىخانلار مىڭلاپ-مىڭلاپ كېلىپ يەرلىك بەگلەرنىڭ تتۇرار جايى-كىنەز مەھكىمىسىنى قورشىۋالدى. 
-كىنەز ئالدىمىزغا چىقسۇن!
-كىنەز ئالدىمىزغا چىقسۇن! قەلئەگە مۆكۈۋالغان كىنەز ھە دەپ پوتەينىڭ ئېتىش تۆشۈكىدىن ئەتراپقا مارىلايتتى، ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. قوللىرى دىرىلداپ تىتىرەيتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭدا سوكالتەك ئەسكەرلەردىن ئاز-تولا بولغاچقا، ئوت ئېچىپ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرماقچى بولغان ئىدى. ئەمما دىخانلار قۇشۇنىنىڭ مۇنچىۋالا ھەيۋەت بىلەن تۇرغانلىغىنى كۆرۈپ، تامدەك قېتىپ قالدى. 
-ئەمدى چىقمىسا ھۇجۇم قىىلىپ كىرىمىز!
 -ئوت قويايلى! بۇ قان شورىغۇچىنى كۆيدۈرۈيلى! قەلئەنىڭ سىرتىدا ۋاڭ-چۇڭ كۆتىرلەتتى، قەلئەنىڭ ئىچى تىمتاس ئىدى، كىنەز ھېچبىر ئىلاج قىلالمىدى.
 توساتتىن قەلئە تەرەپتىن كىنەزنىڭ بوغۇق ئاۋازى ئاڭلاندى:
 -يۇرتداشلار!يۇرتداشلار!سىلەر جاپا تارتتىڭلار!مەن سىلەرنى قارشى ئالىمەن!سىلەرنى قارشى ئالىمەن!ھەر قانداق ئىش بولسا مەسلىھەت بىلەن قىلايلى، مەسلىھەت قىلساقلا ئىش جايىغا چۈشىدۇ!سۆھبەت قىلىشقا ۋەكىل كىرگۈزۈڭلار، تەلىۋىڭلارغا جەزمەن ماقۇل بولىمەن، جەزمەن ماقۇل بولىمەن! قوزغىلاڭچىلار قۇشۇنى سۆھبەت قىلىش ئۈچۈن قەلئەگە ئون ۋەكىل كىرگۈزدى.  كىنەز ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئولتۇرۇپ، قوزغىلاڭچى جەڭچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرغا قويغان تەلەپلەرنى قۇلاق سىلىپ ئاڭلىدى. 
-بارلىق باج-سىلىقلار بىكار قىلىنسۇن!-دىدى دىخانلار ۋەكىلى.
  -قۇشۇلىمەن، -دىدى كىنەز.
 -يانچىلىق تۈزۈم بىلار قىلىنسۇن! -قۇشۇلىمەن.
 -دىنىي جەمىيەتنىڭ ئېمتىيازىنى بىلار قىلىپ، دىنىي جەمىيەتنىڭ يەرلىرى تېرىقچىلىق قىلىدىغان دىخانلارغا بۆلۈپ بېرىلسۇن!
-قۇشىلىمەن،  -مەھكىمە شەرئى بىكار قىلىنسۇن!
-قۇشۇلىمەن. 
-شەرتلىرىمىزگە ماقۇل بولغاندىكىن ئىمزا قۇيۇپ بەر!
 -. ئىمزا قۇيىمەن.
 -قاچاندىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ؟
-ئۇنى، ئۇنى ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللاش كېرەك. شەرتلىرىڭلار كېڭەشتە ماقۇللانغان ھامان يولغا قۇيۇلىدۇ. 
-ئالدامچىلىق قىلىۋاتىسەن؟
-يوقسۇ!يوقسۇ!ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنىغا ئۆزەم بىۋاستە قاتنىشىپ، شەرتلىرىڭلارنى ماقۇللاشقا كېپىللىك قىلىمەن.
 سۆھبەت ئاجايىپ ئۇڭۇشلۇق بولدى، كىنەز، ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنى ئىچىپ، دىخانلار ئوتتۇرغا قويغان تەلەپلەرنى ھەل قىلىشقا ماقۇل بولدى. دىخانلار قۇشۇنى تارقىلىپ كېتىپ ئارام ئالدى.  ئەپسۇسكى، بۇ دەل كىنەزنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىش ھىلىسى ئىدى. دىخانلار قەلئەدىن يىراقلاشقان ھامان، قارا نىيەت كىنەز دەرھال ھەمھدەمچى قۇشۇن يۆتكەشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئەتىسى دىخانلار قۇشۇنى ئارام ئىلىۋاتقاندا، ئەكسىيەتچى قوراللىق قۇشۇنلار بېسىپ كەلدى. رىيىن دەرياسى يەنە بىر قىتىم جەڭچىلەرنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالدى.  قوزغىلاڭچىلار ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بۇلىۋەردى. ئەمما، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلدى. شەھەردىكى ئىشچىلار، قول سانائەتچىلەر، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە، شۇنداقلا يېزا-قىشلاقلاردىكى ۋەيران بولغان چەۋەندازلارنىڭ ھەممسى ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ قوزغىلاڭچىلار قۇشۇنىغا قۇشۇلدى. پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىق گىرمانىيە دىخانلار ئۇرۇشى قىيامىغا يەتتى!
 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 371 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01