ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پارچە-پارچە بەگلىىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن گېرمانىيە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
     -ئەپەندىم! -دىدى سودىگەر ھارۋىدىن چۈشۈپ ئىززەت-ئېكرام بىلەن، -بۇ يەرگە كەلگىچە بىر قانچە قېتىم باج تۆلەپ بولدۇققۇ؟
    -ياق، يەنە تۆلەيسىلەر!  -ئەپەندىم، مانا قاراڭ‪.  ‬11يەردە باج تۆلەپ كەلگەن تالونۇم بار! -سودىگەر خۇش چىراي تۇرۇپ بىر تۇتام باج تالونىنى كۆرسەتتى.   -بۇ دىگەن باشقا، جاناپلارغا تۆلىگەن تالونلار ئەمەسمۇ-دىدى باجگىر، سودىگەرنىڭ قولىدىكى تالونلارغا قاراپمۇ قويماستىن تاقەتسىزلىك بىلەن، -ئەمدى بىزنىڭ جاناپنىڭ خوجىلىق يېرىدىن ئۆتكەندىكىن، بىزنىڭ جاناپقىمۇ باج تۆلەش كېرەك!  سودىگەر نائىلاج چۆنتىكىگە قولىنى ئۇزىتىپ، غەمكىن ھالدا ئۇلۇغ-كىچىك تىندى: -ماينىتىستىن كيولىنغىچە بولغان كىچىككىنە ئارىلىقتا 12قېتىم باج تۆلىدىم-ھە! 
   -ھە، كيولىنغا بارامتىڭىز!  ئالدىڭىزدا يەنە بىر جاناپنىڭ خوجىلىق يېرىدىن ئۆتىسىز تېخى،
    -باجگىر بىر تىزىق كۈمۈش تەڭگىنى ئالغاندىن كىيىن، ئۇنى شاراقلىتىپ تۇرۇپ، -سىز تېخى تەلەيلىك ئادەمكەنسىز، يول بويى شۇنچە كۆپ توساقلاردىن ساق ئۆتۈپ كېتىپسىز، ئەگەر چەۋەندازلارغا ئۇچراپ قالغان بولسىڭىز، ھەي، ھەي سادىغاڭ كېتەي ھارۋا بىلەن ماللىرىڭىز بىرلىكتە شۇلارنىڭ بۇلۇپ كېتەتتى! جىنىڭىزنىمۇ مال بىلەن كىتەمتىكىن تېخى!  ماينىستىيىن كىيولىنغىچە200كىلومىتىردىن كۆپرەكلا كېلىدىغان ئارلىقتا بەگلىكلەر13يەرگە توساق قۇرۇپ باج ئالسا، بۇنداق چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكن گىرمانىيەدە سودا-سانائەت ئۇڭۇشلۇق ترەققىي قىلالمدۇ؟يەنە كىلىپ بەگلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بەس-بەسبىلەن كەيىپ-ساپا، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ.  دىخانلار، كان ئىشچىلىرى، قول سانائەتچىلەر ۋە شەھەر كەمبەغەللىرنى جان-جەھلى بىلەن شىلىۋالدى.  ئادەتتىكى پۇقرارلارنىڭ ھەلەكچىلىگى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە نامدا«چەۋەنداز»بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قاراقچىلىق قىلىدىغان ئەبلەخلەر ھەممە يەردە قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلغاچقا، پۇقرارلار زادىلا كۈنىنى ئالالماي قالدى. 
    مانا بۇ -16، 15-ئەسىرلەردىكى گىرمانىيە ئىدى.   ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە گىرمانىيەگە ئوخشىمايتتى.  ئەنگىلىيە، فىرانسىيىلەر15-ئەسىردە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرغاندا، گىرمانىيە پارچە-پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇلۇپ، بەگلىكلەر يەرلەرنى بۆلۈۋىلىپ، باشبالتاقلىق بىلەن ئىدارە قىلاتتى.  گىرمانىيەدىكى بەگلىكلەر ئۇمۇمەن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئىدى: بىرىنچى خىلى، تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ، پادىشاھقا ئىگە دۆلەت بولۇپ، جەمى يەتتە ئىدى:ئىككىنچى خىلى، ئوتتۇرا ھال داۆلەت كېنەزلىك بۇلۇپ، جەمئىي ئون نەچچە ئىدى.  ئۈچىنچى خىلى، كىچىك بەگلىكلەر بۇلۇپ، 200دىن ئاشاتتى.  بۇ بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسى300ئەتراپىدا بولغاچقا، شۇ چاغدىكى گېرمانىيە دىخانلىرى:بىر يىلدا قانچە كۈن بولسا، گېرمانىيەدە شۇنچە پادىشاھ بار، دەيتتى.  بۇلاردىن باشقا، يەنە  كىچىككىنە بىر پارچىدىن خوجىلىق يېرى بار، مىڭدىن ئارتۇق مۇستەقىل ئېمپىرىيە چەۋەندازلىرى بار بۇلۇپ، بەگلىكلەردىكى ئاقسۆڭەكلەر خوجىلىق يەرلەردىكى خەلىقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى قامدىسىمۇ، چەۋەندازلارنىڭ كەسپى يوق، خوجىلىق يېرى بەك كىچىك بولغاچقا، ئەيىش-ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، قورال كۈچىگە تايىنىپ ياشايتتى.
     ئۇ چاغدىكى گىرمانىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ تۇلۇق نامى«گېرمان مىللىتى مۇقەددەس رېم ئېمپىرىيىسى»دەپ ئاتىلاتتى ۋە زىمىنى ناھايىتى كەڭ بۇلۇپ، ھازىرقى گېرمانىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگىريە، ئاۋىستىرىيە، شىۋىتسارىيە، گوللاندىيە، ليۇكىسمبۇرگ، بېلگىريىلەرنى ۋە فىرانسىيەنىڭ شەرقى قىسمى، پولشانىڭ غەربىي ۋە شەرقىي شىمال قىسمى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.  پادىشا كارل، ئىسپانىيە پادىشاسىنىڭ نەۋرىسى بۇلۇپ، ئۇ ئىسپانىيەنىڭ پادىشالىق تەختىگىمۇ ۋارىسلىق قىلدى.  ئىسپانىيە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرى، شۇنداقلا ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا دىڭىزدىكى سىتسىلىيىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارايتتى.  شۇنىڭ بىلەن كارىل«زىمىنغا ھەر قاچان قۇياش نۇر چىچىپ تۇرىدىغان»پادىشا دەپ نام ئالدى.  ئەمما، پادىشا كارىل گېرمانىيەدىكى يەتتە چوڭ پادىشاھلىققا پارا بېرىش ئارقىلىق تەخىتكە چىققاچقا، نۇپۇزغا ئىگە بولالمىدى.  گىرمانىيەنىڭ ئىچكى قىسمى يەنىلا پارچە-پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنمە بۇلۇپ، ھەر بىر كىنەز بىر تەرەپكە ئۆز خان، ئۆز بەگ بۇلىۋلىپ، چاك-چېكىدىن پارچىلنىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى.   چاك-چېكىدىن پارچىلنىش ۋزىيىتىنى يەنە رىم پاپىسىنىڭ گىرمانىيە ئېمپىريىسىگە بولغان كونتىروللىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۋەتتى.  دىنى جەمىيەت پۈتكۈل دۆلەت زىمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىللىۋالدى.  بىر مۇنچە ئېپىسكوپلار بەگ بۇلۋالدى.  يەتتە سايلام بەگلىكىدىن ئۈچىگە ئېپىسكوپلار كىنەز بۇلىۋالدى.   گىرمانىيە ىخانلىرى ئۈستىدىكى ئېكىسپىلاتاتسىيىنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن، دىنى جەمىيەت«ئوندىن بىر باج قانۇنى»(ئۆشرە قانۇنى)دىگەننى بەلگىلىدى.  «ئوندىن بىر باج»دىگەن نىمە؟بۇ -دىخانلار قانداقلا نەرسە ئىشلەپ چىقارسا، ئۇنىڭ ئوندىن بىر ئۈلىشىنى دىنىي جەمىيەتكە تاپشۇرىشتىن ئىبارەت ئىدى.  «ئوندىن بىر باج»-ئاشلىقنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئېلىش ئىدى:«كىچىك ئوندىن بىر باج»-كۆتاتنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئېلىش ئىدى:«ئوندىن بىر قان بىجى»-ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئىلىش ئىدى:«ئوندىن بىر شاراپ بېجى»-مۇسەللەسنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئىلىش ئىدى:«ئوندىن بىر چۆپ بىجى»-يەم-خەشەكنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئېلىش ئىدى:«ئوندىن بىر بىنەم بېجى»-بىنەم ئېچىپ ئالغانلىكى ھۇسۇلنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئېلىش ئىدى ۋە باشقىلار.  دىنى جەمىيەتتىكى ئېپىسكوپلار ھەتتا ئاشكارە ھالدا:«گىرمانىيە پاپانىڭ سېغىن كالىسى»، دىنىي جەمىيەتكە پۇل كېرەك بولسا، گىرمانىيە خەلقىدىن ئېلىۋەرسە بۇلىۋىرىدۇ دىگەن ئىدى.   گېرمانىيە خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن، دىنىي جەمىيەت يەنە«كۇپۇرلۇقنى چەكلەش قانۇنى»بەلگىلەپ، «كۇپۇرلۇققا ھۆكۈم قىلىش ئورنى»تەسسىس قىلىپ، ھەممە يەرگە جاسۇس، وايلاقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئۈستىدىن ئىشپىيونلۇق ھۆكۈمرانلىغى يۈرگۈزى.  دىنى جەمىيەتكە شەك چۈشۈرگەنلىكى ئادەملەرنى«كۇپۇر»دەپ تۇتقۇن قىلىپ دۇمبالىدى، مىڭلاپ ئادەملەرنى تىرىكلا كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.  تېخىمۇ رەزىللىگى شۇكى، دىنى جەمىيەت يەنە«كۇپۇرلار»نىڭ، مال-مۈلكى، بىردەك پاش قىلغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتىدۇ، دەپ بەلگىلىدى.  شۇنداق قىلىو، جاسۇس ۋە پايلاقچىلار يەنە تازا باي بۇلىۋالدى.   گىرمانىيە خەلقى ۋەتىنىنىڭ چاك-چېكىدىن پارچىلنىپ كىتىشىگە ناھايىتى نارازى بولدى.  كېنەز-بەگلەر ۋە دىنىي جەمىيەتنىڭ ئىككى قات ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمىغا تېخىمۇ كۈچلۈك نارازى بولدى، شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيدە داغدۇغىلىق دىنىي ئىسلاھات ھەركىتى ۋە دىخانلارنىڭ چوڭ قوزغىلىاڭلىرى خۇددى يانار تاغدەك پارتىلدى. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 544 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01