سان پېتىر ئىبادەتخانىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


سان پېتىر ئىبادەتخانىسى

 

 ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېر دەرياسى دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان يەردە دۇنياغا مەشھۇر بولغان رىم دىگەن شەھەر بار، رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىگىدە 500كۇۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان ۋاتىكان دىگەن بىر ئىگىزلىك بار. ئۇ كاتولىك دىنى پاپا دۆلىتىنىڭ مەركىزى.
    ئۇ يەردە ۋاتىكان پاپىسىنىڭ خانلىق سارىيى ۋە يەنە سان پېتىر ناملىق كاتتا ئىبادەتخانا بار.  ئەگەر رىم شەھىرىدە سەييارە ئايلىندىغان بولساق، غەربىي شىمال تەرەپكە بىر قاراپلا سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ گۈمبىزىنى كۆرەلەيمىز. تۇلۇق 138مېتىر كېلىدىغان بۇ ئېگىز گۈمبەز گويا زىمىندىن زەپەر دەست قەد كۆتىرىپ تۇرغان گىگانىت ئادەم پۈتكۈل رىم شەھىرىگە قاراۋاتقاندەكلا كۆرىنىدۇ.  بۇ ئىبادەتخانا 1506-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلاپ، ئىلگىر ئاخر بۇلۇپ 120يىلدا پۈتتۈرۈلگەن. ئىبادەتخانىنىڭ كۆرۈنىشى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ئويىمىلىرى پۇزۇر، رەسىملىرى نەپىس بۇلۇپ، دۇنيادا تەڭداشسىزدۇر.  ئالدى تەرەپتىن ئۇدۇللاپ ماڭغىنىمىزدا باروك شەكلىدىكى غايەت زور بىر مەيداننى كۆرىمىز.  «باروك» ئىسپانچە «يۇمۇلاق ئەمەس مارجان» دىگەن سۆز بۇلۇپ، گۈزەل ھەم ھەشەمەتلىك دىگەن مەنادا ئېيتىلغان . دەرۋەقە بۇ يەرنىڭ نامى بىكارغا تارقالمىغان. مەيداننىڭ چۆرىسى، ئىككى يېنى يۇمۇلاق تۈۋرۈكلەر بىلەن ئورالغان كارىدو بۇلۇپ، مەيداننىڭ قاپ ئوتۇرسىدا ئېگىز مۇنار قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ:مۇنار مەركەزىدىن چۆرىسىدىكى كارىدورغىچە خۇددى غايەت چوڭ چاقنىڭ شادىسىغا ئوخشاش ئېلىنغان سەككىز يول بۇلۇپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم. بۇ مەيداندىن ئىچكى تەرپكە قارپ ماڭغىنىمىزدا ناھايىتى چوڭ بىر سۇوىغا چىقىمىز-دە، شۇئان ئۈستىگە سىلىنغان بۇ ئىبادەتخانا ئالدىغا كىلىمىز.  سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ پەشتىقىغا چىقىپ، بىر قاتار يوغان تاش تۈۋرۈكلەرنى بىىسىپ ئۆتۈپ دەرۋازىدىن كىرسەك، تىك تۆت بۇرجەك شەكلىدىكى زالغا كىرىمىز. بۇ زال ناھايىتى ھەشەمەتلىك بۇلۇپ، تۆت ئەتراپىغا كۆزنى چاقنىتىدىغان ئېسىل نەرسىلەر-پۈتۈنلەي ئىتالىيىنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرى قۇيۇلغان. زالنىڭ دىئامىتىرى 42مېتىر بۇلۇپ، ھەقىقىتەن دۇنيادا بىر مۆجىزە!
   زالنى چۆرىدىگەن نۇرغۇن ھۇجرىلارمۇ خۇدى شۇنداق سەلتەنەتلىك بۇلۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىدىكى مەشھۇر سەنئەتكار مېكلىئاند جېلو، راففېللو قاتارلىقلارنىڭ رەسىم ۋە ئويمىلىرىنىڭ بىر مۇنچىسى مۇشۇ ئۆيلەردە ساقلانغان. سان پېتىر ئىبادەتخانىسى بەئەينى بىر بەدىئىي غەزنىگە ئوخشاش بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە خىرىستىياننىڭ مۇقەددەس جايىغا تاۋاپقا كەلگەنلەرنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ ئىبادەت قىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.  سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ بىنا بۇلۇش تارىخىنى 1450-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپ سۆزلەش كېرەك. 
    1447-يىلى نىكولايvپاپا بۇلۇپ سايلاندى. ئۇ ياش ۋاقتىدا بولونىيە ئۇنىۋېرستىتىدا ئوقۇغان بۇلۇپ، قەدىمقى يۇناننىڭ بىناكارلىغى ۋە سەنئىتىگە چىن مۇھەببەت باغلىغان ۋە: «پۇللا بولىدىكەن، ئۇنى كىتاپ ۋە ئىمارەتكە خەجلەش كېرەك» دىگەن سۆزنى قىلغان ئىدى. ئۇ  پاپا بولۇپ ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادىسى رىياللىققا ئايلىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ نۇرغۇن ئالىملارنى قەدىمقى يۇناننىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا تەكلىىپ قىلدى ھەمدە ياۋوپانىڭ جاي-جايلىرىغا قەدىمقى پەيلاسوپ ۋە ئەدىپلەرنىڭ قوليازمىلىرىنى مەخسۇس ئادەملەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ۋاتىكان كۈتۈپخانىسىنى تۇلۇقلاپ، ئۇنى ياۋروپا كىلاسسىك ئەدەبىيات-سەنئىتى تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، شائىر ئالبېرتنى رىم شەھىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنىڭ باش بىناكارلىق ئۇستىلىغىغا تەكلىپ قىلدى. ئالبىرتنىڭ رىياسەتچىلىگىدە كونا سان پېتىر ئىبادەتخانىسنى سېلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈلدى. 
    نىكولاي1455Ⅴ-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭدىن كىيىن پاپا بولغان بىر نەچچىسى زىمىن ۋە ھوقوق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە بېرىلىپ كېتىپ، ئىبادەتخانىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلىشىنى كېڭەيتىشكە بېرىلىپ كىتىپ، ئىبادەتخانىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلىىنى توختىتىپ قۇيۇشتى‪. ‬1503-يىلغا كەلگەندە جۇليۇسⅡپاپا بۇلۇپ سايلاندى. ئۇ قەدىمقى يۇنان ۋە رىملارنىڭ سەنئەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن دەۋىر ئىتالىيەدە ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ھەركىتى ئەڭ قاينىغان دەۋىر بولدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇش پىلانىمۇ مۇشۇ چاغدا ئەمىلىلەشتى. ئۇ بۈيۈك رەسسام برامانتېنى باش بىناكارلىق ئۇستىلىغىغا تەكلىپ قىلدى. برامانتېنىڭ رىياسەتچىلىگىدە يېڭى سان پېتىر ئىبادەتخانىسىغا ئۇل بېسىلدى. بۇ 1506-يىلدىكى ئىش ئىدى.  ئىككى يىلدىن كېيىن، مەشھۇر رەسسام رافائېللو رىمغا كەلدى. جۇليۇسⅡئۇنى ئىبادەتخانا ئىمارەتلىرىنى لاھىيەلەشكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. راففېللو رىمدا تاكى 1520-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇدا12يىل خىزمەت قىلدى. سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇمۇمى پىلانى ۋە نۇرغۇن رەسىملەرگە راففېللونىڭ يۈرەك قېنى سەرىپ بولغان ئىدى.  1547-يىلى، ھەر تەرەپلىمە تالانتقا ئىگە بولغان مىكىلانجىلو سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ باش لاھىيىلىگۈچىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ چاغدا، قۇرۇلۇش ئەڭ جىددىي باسقۇچقا كىرگەن ئىدى، مىكىلانجېلو لاھىيىلىگەن گۈمبەز ئىبادەتخانىنىڭ ھەشەمەتلىك تاشقى كۆرىنىشى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئەمما، بۇ چاغدا مېكلىئاند جېلو ياشىنىپ قالغاچقا، ھەر كۈنى جىددىيەتلىك بىلەن ئىشلەۋېرىش قىيىن ئىدى. شۇڭا، كىيىنكى كۈنلەردە ئىبادەتخانا بىناكارلىق قۇرۇلىشىغا يەنە شانگاللو رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسلىق گەۋىسىنى تاماملىدى.
     مىكىلانجېلو بىلەن شانگاللو، 1564-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ چاغدا، ئىبادەتخانىنىڭ چوڭ مەيدانى تېخى ياسىلىپ بولمىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردىن باشلاپلا رىمدا ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇش پارتلاپ، ھاكىمىيەتلەر ئالمىشىپ تۇرغاچقا، بۇ قۇرۇلۇش يەنە توختاپ قالدى.
    ‪‬17-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغا كەلگەندە بىناكارلىق ئۇستىسى بېرنىنى رىياسەتچىلىگىدە باروك شەكلىدىكى سەلتەنەتلىك مەيدان لايىھەلەندى، سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلىشى 1626-يىلى ئاخىرقى ھىساپتا پۈتۈنلەي تاماملاندى. 
    سان پېتىر ئىبادەتخانىسى-خىرىستىيان سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا ئىتالىيە خەلقىنىڭ ئەمگەك، پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئۇنىڭغا يەنە ياۋروپا ئەللىرى، ئەمگەكچى خەلىقىرىنىڭ قانلىق يىشى سىڭگەن.
   1517-يىلى پاپا لېئوⅩ ، سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇش بانىسى بىلەن گىرمانىيەنىڭ جاي-جايلىرىغا «گۇنانى يۇيۇش چېكى» سېتىشقا پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئەمگەكچى خەلىقنىڭ بايلىغىنى كۆپلەپ يىغىۋالدى. گىرمانىيە خەلقى بۇنىڭغا قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتتى. بىر مۇنچە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خەلىقلىرى ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلىپ پاپىغا قارشى تۇرۇش بىلەن ھەيۋەتلىك دىنىي ئىسلاھات ھەركىىنى قوزغىۋەتتى.    شۇنىڭ بىلەن  ياۋروپادىكى داغدۇغىلىق ئۇرۇشلار باشلىنىپ كەتتى. 
    تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، سان پېتىر ئىبادەتخانىسى ۋاتىكان ئىگىزلىگىدە بۇرۇنقىدەكلا قەد كۈتىرىپ تۇرماقتا. ھازىر ئۇ پۈتۈن دۇنيا كاتولىك مۇرىتلىرى ئېھتىرام بىلدۈردىغان مۇقەددەس مۆجىزە بۇلۇپ تۇرماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىدىكى بىناكارلىق سەنئىتى ئارقىلىق ئىتالىيە خەلقىىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىغا، ئۇنىڭدىن زوقلىنىشىغا سەۋەپ بولماقتا.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 418 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01