مېكىلانجىلو 

  مېكىلانجىلو


    1503-يىلى، فىلورىنسىيىدە بىر كېنەز قەدىمقى فلورىنسىيىلىكلەرنىڭ بابىللىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر پارچە ماي بوياق رەسىم سىزدۇرماقچى بولۇپ، ئادەم ئىزدىدى. زادى كىمنى تەكلىپ قىلىش كېرەك؟ ئۇ بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا داۋىنچى بىلەن مېكىلانجېلولارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىزدۇرۇش قارارىغا كەلدى. مېكىلانجىلو بۇ رەسىمنى سىزىش ئۈستىدە زادى بىر قارارغا كېلەلمىدى.

مېكىلانجىلومېكىلانجىلو


    ئۇ: «داۋىنچى 51 ياشقا كىرىپ قالدى. ئۇ، «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. بۇ يىل يەنە «مونالىزا» ناملىق رەسىمىنى تاماملىدى، يىراق-يېقىندا نامى چىققان پېشقەدەم رەسسام بۇنداق رەسىمنى سىزىپ چىقالايدۇ، مەنچۇ؟ مەن ئەمدىلا 28 ياشقا كىردىم، سەنئەت جەھەتتە ئەمدىلەتتە ئۆزەمنى ئاشكارلىدىم، «داۋىد سۈرىتى» دەك مۇنەۋۋەر ئويمىنى ئىجاد قىلغان بولساممۇ، ئەمما داۋىنىچدەك كۆپلەپ سەنئەت ئەمەلىيىتىگە ئىگە بولمىغان يېڭىياچى ئادەممەن! بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلايمۇ قىلمايمۇ؟» دەپ ئويلىدى.
   مېكىلانجىلو تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كەلدى ۋە «مەن داۋىنىچدەك سىزىپ چىقالمىساممۇ، بىر خىل چېنىقىشنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدىغان جايلىرىمنى بىلىۋالالايمەن. بۇ ئىنتايىن بىر ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى» دەپ ئويلىدى. بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىنلا، كېڭىشىشكە ۋە ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما، شۇ ھامانلا:« قەدىمقى فلورىنسىيىلىكلەرنىڭ روھىي قىياپىتى قانداق؟ ئۇلار ۋەھشىي تاجاۋۇزچىلار-بابىللىقلارنى قانداق يەڭگەن؟ ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى قانداق كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈش كېرەك؟» دىگەندەك مەسىللەردە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى ۋە قانچە ئويلاپمۇ سىزىشنى قانداق باشلاشنى بىلەلمىدى. قارىغاندا ئىشنى تارىخنى چۈشىنىش بىلەن باشلىسام بولىدىكەن! مېكىلانجىلو ئۇزاق ئويلىنىپ، ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پاكىتلارنى چۈشىنىش، شۇ چاغنىڭ تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تونۇشۇش قارارىغا كەلدى. ئۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، شۇ باسقۇچتىكى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماتىرياللارنى ئىزلەپ تاپتى ۋە ئۇلارنى ئوقۇش جەرياندا كۆپلەپ خاتىرە يازدى. ھېسسىي بىلىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ئەينى يىللاردا جەڭ ئەڭ شىددەتلىك بولغان جايلارغا بېرىپ، قەدىمقى جەڭ مەيدانلىرىنىڭ يەر شەكلىنى تېز سىزما قىلىۋالدى. دىمەك، ئۇ مول خام ماتىريال توپلاش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش ھەققىدە كۆڭلىدە سان تۇرغۇزدى. نەتىجىدە رەسىمنى سىزىش جەريانى كۆڭلىدىكىدەك بولدى. تارىخىي تېما بىلەن ئىشلەنگەن بۇ نادىر ئەسەر-ماي بوياقنى ئىنتايىن تېزلىكتە تاماملىدى. داۋىنچىمۇ ئالاھەزەل ئۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۆز ئەسىرىنى پۈتتۈردى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماي بوياقلىرىنى كېنەزگە تاپشۇردى. ئىككى مەشھۇر رەسسامنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش مەزمۇندىكى ئەسەرنى ئىجاد قىلىش ۋەقەسى فلورىنسىيىگىمۇ ناھايىتى يېڭىلىق بولدى. بىر مۇنچە رەسساملار داۋىنچى جەزمەن مېكىلانجىلودىن يۇقۇرى دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدۇ دەپ قارىدى. ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا نېمە دېگەن تەشنا-ھە! كېنەز رەسساملارنىڭ تەلىۋىنى قاندۇردى، ئىككى پارچە ماي بوياقنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەزمە قويۇپ، جامائەتنىڭ باھالاپ چىقىشىغا تاپشۇردى. كېنەزنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالغان مەشھۇر رەسساملارنىڭ ھەممىسى بىرلا كۈندە كېنەزنىڭ ھەرەمخانىسىغا كەلدى. ئۇلار ماي بوياقلارنى زوق-شوخ بىلەن كۆرۈپ چىقتى.
    «-پاھ، نېمە دېگەن كېلىشكەن -ھە!» بىر رەسسام مېكىلانجىلونىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران-ھەس بولدى.
    «-ناھايىتى توغرا، چوڭقۇر بوپتۇ، راستتىنلا ئويلىمىغان يەردىن چىقىپتۇ!» يەنە بىر رەسسام يەنە شۇنداق ماختىدى. دەرۋەقە، بۇ رەسىمدە مېكىلانجىلونىڭ ناھايىتى يۇقۇرى سەنئەت تالانتى ئىپادىلەنگەن ئىدى. ئۇ شىددەتلىك جەڭ مەيدانىنى بىۋاستە سۈرەتلىمەستىن، بەلكى ئۆز ۋەتىندىكى بىر دەريادا سۇغا چۈشۈۋاتقان فلورىنسىيىلىك جەڭچىلەرنى سىزغان ئىدى. رەسىمدە جەڭچىلەرنىڭ توساتتىن ياڭرىغان جەڭ سىگنالىدىن بابىللىقلارنىڭ كەلگەنلىگىنى بىلىپ، دەرھال قىرغاققا سەكرەپ چىقىپ، ھەربىى كىيىملىرىنى كىيىپ، قوراللىرىنى ئېلىپ جەڭگە كىرىشكە ھازىرلىنىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئەينى يىللاردىكى فلورىنسىيىە جەڭچىلىرىنىڭ كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشۈپ ۋەتەننى قوغدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بەدىئىي ھالدا قايتا كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى. رەسساملار داۋىنىچنىڭ سىزغىنىنىمۇ كۆردى.
     «-داۋىنچى ئەپەندىم رەڭنى مۇكەممەل تەڭشەپتۇ، ئەپسۇسكى» بىر رەسسام شۇ يەرگىچە باھا بەردى يۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتمىدى.
     «-يېتەرسىزلىكى شۇكى» -دېدى، يەنە بىر رەسسام ئارقىدىنلا، « ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىي تەبىئىتىنى سۈرەتلەشكە سەل قارىغان! ئەنە قاراڭلار، جەڭ مەيدانى ناھايىتى ھەيۋەتلىك سۈرەتلەنگەن، ئەمما بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز ۋەھىمە ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە خۇددى سەۋدايى بولۇپ قالغاندەك سۈرەتلەنگەن! دەرۋەقە، داۋىنچى ئىجاد قىلغان بۇ رەسىم مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقمىغان ئىدى، ئۇ بىر مۇنچە رەسساملارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، ھەتتا نارازى قىلدى. بەزىلەر يەنە كەسكىن ھالدا:«بۇ شەرەپلىك فلورىنسىيە جەڭچىلىرىگە ئوقۇلغان مەدھىيە ئەمەس، بەلكى ھاقارەت» دەپ تەنقىد قىلدى. جامائەت بۇنى مېكىلانجىلونىڭ رەسىمىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يىگىتنىڭ كارامەت ئادەم ئىكەنلىكىنى، داۋىنچىغا ئوخشاش ئاشۇنداق رەسسام بولغان تەغدىردىمۇ تۇرمۇشنى تەتقىق قىلمايدىغان بولسا، ئىجادىيەتتە ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشتى.
   داۋىنچىنى مەغلۇپ قىلغان مېكىلانجىلو مەشھۇر رەسسام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئويمىچى ئىدى. ئۇ 1475-يىلى فلورىنسىيىدە تۇغۇلدى، 13يېشىدا رەسىم سىزىشقا كىرىشتى، كېيىنچە يەنە ئويمىچىلىقنى ئۆگەندى. ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئاساسلىقى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بولدى.
مېكىلانجىلو ئادەم رەسىمىنى ئويۇشقا ھەممىدىن بەك قىزىقتى ھەمدە ناھايىتى بۇرۇندىن باشلاپلا ئادەمنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ بىردىن بىر ئوبىكتى قىلدى.

     «بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟»، ئۇ ياشلىق دەۋرىدە، ئىتالىيەدە توپا قېزىش جەرياندا تېپىلغان قەدىمقى رىمنىڭ بىر مۇنچە خارابىلىرى ۋە بۇ خارابىلاردا ساقلىنىپ قالغان قەدىمقى يۇناننىڭ نۇرغۇنلىغان بەدىئىي ئويما ئادەملىرىنى كۆرگەن ھەمدە ئۇ چاغدا بۇ ئويما رەسىملەرنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ئادەملەرنىڭ «ۋاي-ۋۇي! قەدىمقى يۇناندا مۇشىنچىۋالا گۈزەل بەدىئىي ئەسەرلەر بار ئىكەن-ھە!» دىيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ قەدىمقى يۇنان ئەدەبىيات-سەنئىتىنى يېڭىۋاشتىن گۈللەندۈرۈشكە، رىيال تۇرمۇشتا ئادەمنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئادەم تېنىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەسىردىكى جىسمانىي تەننى ئىنكار قىلىدىغان ئىلاھىي ھاكىمىيەت ئىدىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا بەل باغلىغان. يۇقۇرقى ھېكايىمىزدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «داۋىد سۈرىتى» مەرمەرگە ئويۇلغان ئەسەر بولۇپ، ئېگىزلىگى 5‪. ‬3 مېتىر كېلىدۇ. داۋىد«ئىنجىل»دىكى بىر بالا بولسىمۇ، ئەمما مېكىلانجىلو دىنغا قارشى تۇرۇش ئەنئەنىسى بويىچە ئۇنى يىگىت قىلىپ بويىغان. بۇ يىگىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى چويۇندەك بۇلجۇڭ گۆشلەر باتۇرلۇق ۋە قۇدرەتكە سىموۋۇل بولۇپ كۆرۈنىدۇ. نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىش ئىرادىسىگە سىموۋۇل بولۇپ كۆرىنىدۇ. بۇ دەل ئىتالىيدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ ئوبرازى ئىدى. بۇ ئويمىنى ئويۇپ چىقىش ئۈچۈن، مېكىلانجىلو ئۈچ يىلدەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، كېنەز، ماي بوياق سىزدۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان يىلى قولدىن چىقاردى. «داۋىد سۈرىتى» ئاجايىپ مۇكەممەل ئويۇلغاچقا، كىشىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ياندۇرقى يىلى فلورىنسىيە بۈيۈك سەنئەتكارلار كومىتېتى ئۇنى شەھەرنى قوغدىغۇچى قەھرىمانلارغا سىموۇل قىلىپ ئوردىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى. «داۋىد سۈرىتى»نىڭ ئىجات قىلىنىشى مېكىلانجىلوغا ئىنتايىن چوڭ ئابروي ئېلىپ كەلدى.
  

   ‬1508-يىلدىن باشلاپ، ئۇ كەسكىن شىجائەت ۋە باتۇر جاسارەت بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي تۆت يىل ئىشلەپ، رىمدىكى بوككاسيۇ ئىبادەتخانىسىنىڭ 800 كۋادرات مېتىر تورۇسىغا كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان «دەۋىر ئېچىش» ناملىق كاتتا رەسىمىنى ئۆزى يالغۇز سىزىپ پۈتتۈردى. ‬1516-يىلى يەنە«مۇسا سۈرىتى»نى ئىجاد قىلدى. ئۇ بۇ ئەسەرگە تۆمۈرىدىكى ۋەتەنگە، دېموكراتىيىگە مۇھەببەت بىلەن ئۇرغۇۋاتقان ئىسسىق قېنىنى سەرىپ قىلىپ، «ئىنجىل» دىكى بۇ مىللىي قەھرىماننى مەدھىيلەش ئارقىلىق، ئىسپانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىتالىيەگە ئىشغالىيەت يۈرگۈزىشىگە قارشى تۇردى. 1529-يىلى.، ئىسپانىيە بىلەن رىم پاپىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، فلورىنسىيە جۇمھۇرىيىتىگە ھۇجۇم قوزغىدى. مېكىلانجىلو بىر مەھەل شەھەرنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، شەھەرنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكام ئىشلىرىنى باشقۇردى. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن خىلمۇ-خىل خورلۇقلارغا ئۇچراپ، ھۆكۈمرانلارغا قەۋزە زىننەتلەيدىغان تاش رەسىملەرنى ئويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئەڭ ئاخرىدا سەرگەردان بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى. 1535-يىلى، رىم پاپىسى مېكىلانجىلونى بوككاسيۇ ئىبادەتخانىسىغا چوڭ تىپتىكى تام رەسىمىنى سىزىشقا مەجبۇرلىدى. ‬1542-يىلى مېكىلانجىلو«ئەڭ ئاخىرىقى سوت» ناملىق بۇ رەسىمنى تاماملىدى. پۈتۈن رەسىمنىڭ ئېگىزلىگى ئون مېتىر، كەڭلىگى توققۇز مېتىر بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى. بۇ مېكىلانجىلونىڭ ھاياتىدىكى نادىر ئەسەرلەردىن بىرى ھېساپلىندۇ. ئەپسۇسكى، پاپا بۇ تام رەسىمنى كۆرۈپ دەرغەزەپكە كەلدى ۋە مېكىلانجىلوغا ئادەم ئەۋەتتى:
    «-جانابىي پاپانىڭ ئەمرى بىلەن سىزگە ئالاھىدە ئۇقتۇرمەنكى»، دېدى ئەلچى،« مېكىلانجىلو ئەپەندىم، بۇ تام رەسىمنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىشىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشىڭىز شەرت!»
    «-نېمىشكە بۇنداق دەيسىز؟»
    «-سىز ئىلاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن».  پاپا نېمىشكە مېكىلانجىلونى ئىلاھقا ئاسىيلىق قىلدى دەپ ئەيىپلەيدۇ؟
     ئەسلىدە، «ئەڭ ئاخىرقى سوت» خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر ئەقىدىسى بولۇپ، ئەقىدىدە ئەيسانىڭ«زامان ئاخىر» بولغاندا قەدىمدىن شۇ كۈنگىچە ئۆتكەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوت قىلىدىغانلىغى، ئىمانى بارلار بىلەن ئىمانى يوقلارنى ئايرىپ، ئىمانى بارلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، ئىمانى يوقلارنى دوزاققا تاشلايدىغانلىغى رىۋايەت قىلىنغان. مېكىلانجىلونىڭ رەسىمى مۇشۇ مەزمۇن بويىچە تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۇ رەسىمدىكى پېرسۇناژلارنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەيسانى ئىنتايىن زوراۋان، ئۇنىڭ ئانىسى مارىيەنى ئىچكى دۇنياسى ئىنتايىن زەھەرلىك سۇلغۇن چىراي قىلىپ تەسۋىرلىگەن: رەسىمدىكى بارلىق پېرسۇناژلارنى يالىڭاچ كۆرسەتكەن. ناھايىتى روشەنكى، بۇ يەردە مېكىلانجىلو ئاشۇ رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن دىنىي جەمئىيەت ئىلاھ قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان ئەيسا ۋە مارىيەلەرنى كىيىمسىز يۈرىدىغان يىرتقۇچلاردىن قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، پاپا ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قىلمىغان ئەسكىلىگى قالمىغان دىن تارقاتقۇچىلارغا دارتمىلىغان. مېكىلانجىلو بۇ رەسىمنى ئىجاد قىلىشقا كىرىشىشىتىن بۇرۇنلا سولاققا كىرىش ياكى يەن بىر قېتىم چېگرىدىن ھەيدىلىشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان. شۇڭا «ئىلاھقا ئاسىيلىق قىلدىڭ» دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندا قىلچە رەڭگىنى ئۆزگەرتمەستىن تۇرۇپ:
     «بۇ رەسىم ئۈچۈن توپ-توغرا يەتتە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلدىم! ئۇنى ئۆچۈرۋەتمەيلا قالماستىن بەلكى ئۇنى زادىلا ئۆزگەرتمەيمەن!» دەپ جاۋاپ بەردى. پاپا مېكىلانجىلونى قورقۇتالمىغاندىن كېيىن، باشقا بىر رەسسامنى تەكلىپ قىلىپ ئۆزگەرتشىكە مەجبۇرلىدى. ئۇ رەسسام بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ رەسىمدىكى پېرسۇناژلارغا كىيىم كىيدۈرۈپ چىقتى. مېكىلانجلو، ئىتالىيدە ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تازا ئەۋجىگە چىققان دەۋرىدىكى سەنئەتكارلار پىرى بولۇپ، 89 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەل ياساشقا ئۇستا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەشھۇر بىناكارلىق ئالىمى ئىدى. رىمدىكى سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ گۈمبىزىنى ۋە گابدول مەيداندىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ لاھىيىلىگەن ئىدى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 549 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-03