خەتكۈچ: رافىئىللو؛ سانسىزو؛ Sanzio؛ Raffaello Sanzio da Urbino ؛
چوققىلاش 3 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشرافائېللو سانسىزو
گېرمانىيەنىڭ دۇلۇت شەھىرىدىكى سەنئەت مۇزىيخانىسدا رافائېللو سىزغان «سىتىن ئانا» ناملىق يەنە بىر مەشھۇر بىر رەسىم ساقلانماقتا. بۇ رەسىم تۆت ئەسىرنى ئاتلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىنتايىن جانلىق ئوبراز ۋە كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەزمۇن تاكى ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىگىنى قايىل قىلماقتا. «سىتىن ئانا» 1513-يىلى، رافائېللو ئىتالىيىنىڭ پياچېنىستا دەرۋىشخانىسىغا سىزىپ بەرگەن دىنىي رەسىم بولۇپ، ئۇ «ئىنجىل» ھېكايىلىرىگە ئاساسەن سىزىلغان. رەسىمنىڭ ئوتتۇرسىغا بوۋاقنى قۇچاقلىغان ئەۋلىيا ئانا مارىيە چۈشۈرۈلگەن. ئۇ مېھرىبان، خاتىرجەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، چوڭقۇر مەنىلىك كۆزلىرى قۇچۇغىدىكى ئامراق ئوغلى-ئەيساغا تىكىلىپ تۇرىدۇ. بوۋاق ئەيسا تېتىك، ساغلام بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى بارلىق كىشىلەرگە قاراۋاتقاندەك ئېچىلغان ساددا كۆزلىرى كىشىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدۇ. بۇ رەسىمدە، ئەۋلىيا ئانا مارىيانىڭ دۇنيانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئامراق ئوغلىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھەدىيە قىلىشتىن باش تارتماي، ئۇنى بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۈچۈن رىيازەت چېكىشكە، ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق مىڭلىغان-مىليونلىغان جاپاكەش پۇقرالارنى قۇتقۇزۇشقا بەلگىلىگەنلىگى تەسۋىرلەنگەن. رافائېللونىڭ قەلىمىدە ئەۋلىيا ئانا قول يەتمەيدىغان «ئىلاھ» ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنياسى ئىشقى-مۇھەببەت بىلەن تولغان «ئادەم» گە، مېھرى-شەپقەتلىك ئانىغا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي غايىگە يەتكۈچى روماللىق قەھرىمانغا ئايلانغان. ئاپتور دىنىي ھىېكايىلەرنى تېما قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئالىي پەزىلىتىنى سۈرەتلەپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.
مەسىلەن، «پەلسەپە» دىگەن رەسىمدىن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا غايەت كاتتا بىر ئىمارەت، يېقىندىن يىراققا قاراپ بارغانسىرى ئىچكىرلەپ كىتىۋاتقان بىر يۈرۈش ئەگمە ئىشىكلەر، بىنا ئالدىدا كېتىۋاتقان پىلاتون ۋە ئارىستوتىلدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ئۇلۇغ پەيلاسوپ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋاتقان سوقرات، ئارخېمىد قاتارلىق قەدىمقى يۇناننىڭ بىر مۇنچە پەيلاسوپ ئالىملىرى گەۋدىلىنىپ، قەدىمقى يۇنان مەدىنىيەت ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەملەر بارلىقىغا، شاگىرتلىرىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا سىموۋۇل بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، «ئىلاھىيەت» دىگەن رەسىمدە، رەھىمسىزلىك بىلەن سۈر كۆرسىتىپ تۇرغان بىر توپ مۆتىۋەرلەر ئەمەس، بەلكى جانلىق، تېتىك ئالىملارنىڭ ئوبرازى سۈرەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىشىلەر ئەقىللىق، پاراسەتكە باي، مەسىللەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئالىملارنى كۆرىۋالالايدۇ. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان يېرى شۇكى ، تەسۋىردە گەرچە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردىكى مەشھۇر دىن تارقاتقۇچىلىرى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خۇددى يۇناندىكىگە ئوخشاش «مۇنازىرە يىغىنى» ھاسىل قىلىپ، قەدىمقى يۇناندىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارنىڭ مۇنازىرە ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3
>