ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

يېڭى قۇرۇقلۇقنى ئېچىش

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    كولومبو، ئامىركا قىتئەسىگە يېتىپ كىلىشتىن ئاۋۋال،  ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى بولۇپ بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ بىرى ھازىرقى مېكسىكا قاتارلىق جايلاردىكى ئازتېك. يەنە بىرى، ھازىرقى پېرۇ، بولىۋىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئىنكا ئىدى.
    1519-يىلى، ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك كورتىس بىر نەچچە يۈز كىشلىك تاجاۋۇزچى قۇشۇننى باشلاپ بېرىپ، مېكسىكا قولتۇقىدىكى بىر، يېرىم ئارال ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە ئازتېكنىڭ پايتەختى(ھازىر مېكسىكا شەھىرى)گە ئۇدۇل كىردى، ئۇلار ئازتېكنىڭ پادىشاسىنى قامىۋالدى ھەمدە ئۇنىڭ نامىنى سۇيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. تاجاۋۇزچىلار شاھ ئوردىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى‪. ‬3-يىلى يەنە ئازتېكلارنىڭ قارشىلىغىنى باستۇرۇپ، ئۇيەردىكى يەرلىك قەبىلىلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۇسۇلى بىلەن  قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق پۈتكۈل مېكسىكا رايونىنى كونتىرول قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئازتېكتىن ئىبارەت بۇ دۆلەت دۇنيا خەرىتىسىدىن يوقىلىپ كەتتى.  ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئازتېكنى يوقاتقاندىن كىيىن، يەنە ياۋۇزلىق بىلەن ئىنكاغا قاراپ ئىتىلدى. 
    1531-يىلى، پىزازرو دىگەن ئىسپانىيىلىك كىشى ئۈچ يەلكەنلىك كېمىدىن تەركىپ تاپقان پلوت ۋە ئىككى توپ ۋە 50ئات بىلەن قوراللانغان 200نەچچە ئەسكەرنى باشلاپ كېلىپ جەنۇبىي ئامېركا قىتئەسىدىكى پېرۇ رايونىغا-ئىنكا دۆلىتىنىڭ مەركىزى رايونىغا قاراپ ئۇدۇل ئاتلاندى.  ئۇ چاغدا، ئىنكا مەدىنىيىتى ناھايىتى يۇقۇرى سەۋىيىگە يەتكەن ئىدى. تۇچ قوراللار كەڭ تۈردە قوللىنىلغان، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىڭ كەڭ تۈردە قېزىۋىلىنغان ئىدى. شۇنداقلا سۇغىرىش سېستىمىلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مول، دۆلەت باي ئىدى. پايتەخىت كۇسكۇ(ھازىرقى پېرۇنىڭ جەنۇبىدا)دا غايەت زور قۇياش ئىلاھىسى ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرى ئالتۇن بىلەن زاماسكىلانغان، ئىبادەتخانىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا قۇياشقا سىموۋۇل قىلىنغان بىر ئالتۇن شار قۇيۇلغان: ئالتۇن شار ئەتراپىغا قۇياشنىڭ نۇرىغا سىموۋۇل قىلىنغان نەچچە يۈز ئالتۇن زىقچە چىقىرىلغان ئىدى. شۇڭا، تاملار خۇددى نۇر چاقناپ تۇرغاندەك پارقىراپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. پايتەختتىن تاكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىغىچە، جۈملىدىن ھازىرقى پېرۇ، بولىۋىيە. ئىكۋادور، شۇنداقلا كولومبىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە چىلىنىڭ شىمالى، ئوتتۇرا قىسىملىرغىچە چوڭ يوللار كۆتۈشۈپ تۇراتتى. پۈتۈن مەملىكەت نۇپۇسى ئون مىليونغا يېتەتتى. ئەمما ، ئۇلار تېخى تۈمۈر تاۋلاشنى، جەڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ۋە ئات مىنىشنى بىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ يېزىغىمۇ پەقەت دىننىي جەمىيەتتىلا قوللىنىلغاچقا، پۇقرارلار ئۇمۇمىي يۈزلۈك«ئاغامچا تۈگۈش»تىن ئىبارەت ئىشارەت بەلگىلىرىنى، يەنى رەڭگى، ئارىلىغى، چوڭ-كىچىكلىگى ئوخشاش بولمىغان ئاغامچىلارنى تۈگۈش ئارقىلىق ئىش-ھەركەت ۋە ساناقلارنى خاتىرلەيتتى.  ئىنكا دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مىللىي ماجرا مەۋجۇت بولغانلىقتىن پىزاررو قۇشۇنى ئىنتايىن تېزلىكتە ئىنكانىڭ پايتەختىگە قىستاپ بېرىۋالدى. ئەمما، ئىنكا پادىشاسى بۇ خەۋەرنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى. چۈنكى، ئىنكا دۆلىتى بويىچە يوللاردا ئۆتەڭ قۇرۇلغاچقا، قىران ئەرلەر بۇ ئۆتەڭدىن ئۇ ئۆتەڭگە ، ئۇ ئۆتەڭدىن يەنە بۇ ئۆتەڭگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، پايتەختكە ئۇچقاندەك خەۋەر يەتكۈزگەن، شۇڭا، ئۇلار ئاللىقاچان جەڭگە ھازىرلىنىپ تۇرغان ئىدى.  300دىن ئارتۇق ئىنكا جەڭچىسىنىڭ ھىمايىى ئاستىدا، ئىنكا پادىشاسى ئالتۇن مەپىگە ئولتۇرۇپ ئالغا قاراپ كىتىۋاتاتتى. پادىشانىڭ كەينىدىن ئىنكا جەڭچىلىرىنىڭ چوڭ قۇشۇنى كىلىۋاتاتتى. شۇئان ئىنكالاردىن بىر يەرلىك ئەمەلدار كىلىپ پادىشاغا خەۋەر يەتكۈزدى: -پادىشاھى ئالەم!كۆزۈمگە ئۇچۇق كۆرۈندىكى، ئىسپانىيە قۇشۇنىدا ئادەم ناھايىتى ئاز ئىكەن ھەمد ھېرىپ ھالى قالمىغاچقا چوڭ قويلارغا مىنىۋاپتۇ.
    -ھا. . ھا…ھا، قانداق بۇلۇپ قويغا مىنىۋالغاندۇ؟-پادىشا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.  ئەمەلىيەتتە، ئىسپانىيە قۇشۇنلىرى ئاتقا مىنىپ كىلىۋاتاتتى، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك كىشىلەر ئەزەلدىن ئاتنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئاتنى«چوڭ قوي»دەپ ئاتىغان ئىدى.  پادىشا خۇشاللىق بىلەن مەپىدىن تۇردى-دە:
    -قۇياش ئىلاھىمىزغا رەھمەت، دۈشمەنلەر چوقۇم بىزگە ئەسىر بولىدۇ. ، -دىدى.
    -ھە راسىت!جەزمەن!-دەپ توۋلىدى بارلىق ئىنكا جەڭچىلەر.  شۇ ئەسنادا ئىسپانىيىلىك بىر پوپ توساتتىن ئورمانزارلىقتىن چىقىپ كەلدى-دە، دۇئا-تىلاۋەت كالامىنى كۆتەرگەن ھالدا سالماق قەدەم تاشلاپ پادىشانىڭ ئالدىغا كلىپ ۋەز-نەسىھەت قىلدى:
    -ئى پادىشا! قۇلاق سالغايسىزكى ، خۇدا، ئاۋامنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەيسا پەيغەمبەرنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتكەن، ھازىرقى پاپا ئۇنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئۇ زىمىننى ئىقلىمنى ئىسپانىيە پادىشاسىغا ئىنئام قىلدى. ئىسپانىيە پادىشاسى بۇ زىمىننى باش ۋالى پىزارروغا ئىنئام قىلدى.  ناۋادا سىز خۇدانىڭ بۇ ۋەھىمىسىگە ئىشەنمەي، باش ۋالىنىڭ بۇيرۇغىغا قۇلاق سالمىسڭىز، . ئۇ سىزنى ئوت ۋە خەنجەر بىلەن جازالايدۇ!
   ئەسلىدە پوپ، تاجاۋۇزچىلىق كالامىنى تەشۋىش قىلىۋاتاتتى.  ئىنكا پادىشاسى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھاڭ-تاڭ قالدى-دە:
    -بۇ زىمىن بوۋامدىن ئاتامغا، ئاتامدىن ماڭا قالغان تۇرسا، خۇدا قانداق بۇلۇپ ئىنئام قىلىدىكەن؟ بىز بۇ يەردىكىلەر قۇياش ئىلاھىغا ئېتقات قىلىمىز، دۇنيادىكى ھەممە مەۋجۇداتنى قۇياش ئىلاھى ياراتقان!-دىدى.
     -ياق، -دەپ چىڭ تۇردى پوپ، -دۇنيادىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى خۇدا ياراتقان، خۇداغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك!
    -گۇۋا-شاھىدىڭ بارمۇ؟-دەپ سورىى ئىنكا پادىشاسى.
    -بار!مانا مۇشۇ!-پوپ «ئىنجىل»نى كۆرسەتتى.
    -نىمەڭ بۇ؟-دىدى ئىنكا پادىشاسى ۋە «ئىنجىل»نى يەرگە ئاتتى.  پوپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ يۈگۈردى-دە، ئورمانلىققا مۆكۈپ ياتقان ئىسپانىيە قۇشۇنىدىكىلەرگە:«كېلىڭلار! ئۇلارغا ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار! ئۇلار كاپىر ئىكەن!»-دەپ ۋارقىردى.
    ئەسلىدە، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچى قۇشۇنلىرى ئىنكا دۆلىتىنى خۇداغا ئىشەنمەيدۇ دەپ يوقاتماقچى ئىدى.  پىزاررو شۇ ھامان توپچىلارغا ھىندىئانلارنى توپقا تۇتۇشقا بۇيرۇق بەردى. «گۇمباڭ!»«گۇمباڭ!»توپ ئوقى چۈشكەن يەرلەر قانغا بويالدى.  قارا مىلتىقچىلارمۇ ھىندىئانلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزدى. «گۈم»«گۈم»، ھىندىئانلار ئارقا-ئارقىدىن يەرگە يىقىلدى.  ئىنكا ئەسكەرلىرى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئۆز پادىشاھىنى قوغدىدى. ئۇلار ئوق-يا، مىس پالتا، مىس توقماق، مىخلىق توقماقلار بىلەن جەڭ قىلدى. بىر ئىنكا جەڭچىسى يىقىلسا، نەچچە ھەمراسى ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇردى. ئۇلار ناھايىتى كۆپلەپ قۇربان بولدى. ئەمما قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ جەسۇرلۇق بىلەن ئاخرىغىچە تاقابىللاشتى.  پىزاررو بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھولۇقۇپ كەتتىى. چۈنكى، ئىنكالاردىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار كۆپ بۇلغان بىلەن، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچى قۇشۇنلىرىنىڭ سانىمۇ كېمىيىپ كىتىۋاتاتتى. پىزاررودا ھەممىسى بولۇپ 200نەچچە ئەسكەر تۇرسا، قانداقمۇ ئون مىڭلىغان ھىندىئانلار بىلەن ئۇزاققىىچە جەڭ قىلالىسۇن؟ ئۇ جەڭ مەيدانىغا بىر قۇر كۆز يۇگۇرتتى-دە، بىر ئەقىل تاپتى. ئۇ ئىنكا جەڭچىلىرىنىڭ ئاجىزلىغىنى بايقىۋىلىپلا، ئۇلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا ئىنكا پادىشاسىنىڭ مەپىسىگە قاراپ شىددەتلىك ئىتىلدى. ئىسپانىيە ئەسكەرلىرى ھە دىسە ھە دەپ پىزاررونىڭ كەينىدىن چاپتى. پىزاررو، پادىشانى چىچىدىن تارتقىنىچە يەرگە باستى. ئىسپانىيە ئەسكەرلىرى ئۇنى ئارغامچا بىلەن باغلىۋالدى. ئىنكا جەڭچىلىرى ئۇشتۇمتۇت بېرىلگەن بۇ زەربىدىن چۆچۈپ كەتتى. ئىنكا جەڭچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن چېكىندى. بۇنى كۆرگەن تاجاۋۇزچى قۇشۇنلار ئۇررا كۆتىرىپ ئېتىلدى-دە، پادىشانىڭ مەپىسىنى چېقىشقا ئالدىراشتى. چۈنكى، بۇ مەپە، ئالتۇندىن ياسالغاچقا، ئۇنى چاققاندا ھەر بىر تاجاۋۇزچى ئالتۇن پارچىلىرىغا ئىگە بولالايتتى. تاجاۋۇزچىلاردىن بىرسى تەختىراۋاننى چاقىمەن دەپ ئەقلىنى يوقاتقان ھالدا پىزاررونىڭ قولىغا ئۇرۇپ تاشلىدى. پىزاررو ئەسەبىيلارچە ۋايجان قىچقىرىپ ئالەمنى مالەم قىلدى.  ئىنكا پادىشاسى قاماققا ئېلىندى. پىزاررو، ئىنكالارنىڭ ۋەكىلىگە:
   - ئۆيىمىزنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەر بىلەن تولدۇرساڭلار، پادىشاھىڭلارنى قۇيۇپ بېرىمىز، -دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە ھىندىئانلار توپ-توپ بۇلۇشۇپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قونالغۇسىغا ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تۇشۇدى. بىر قانچە كۈنگە قالماي ئېككى ئېغىزلىق ئۆينى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تولدۇرۇپ بەردى. ئەمما ھىندىئانلار يەنىلا ئۆز پادىشاسىنىڭ بوشىنىپ چىققانلىغىنى كۆرەلمىدى.
   ھىم، دىدى شۇنچىۋالا كۆپ ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆرگەن پىزاررو زەھەرخەندىلىك بىلەن:
    -ئەمدى ئۇلارنىڭ پادىشاسىنى ئېتىپ تاشلاش ۋاقتى كەلدى!» باغرى تاش تاجاۋۇزچىلار ئىنكا پادىشاسىنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كىيىنلا كەڭ تۈردە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئىنكالارنى پۈتكۈل كەنت-كەنتلىرى بويىچە ئەر-ئايال، ياش قېرى دىمەي پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. ئەسلىدىكى مۇنبەت ئىكىنزارلىقلارنى پۈتۈنلەي قاقاس چۆللەرگە، ئەسلىدىكى ئاۋات شەھەرلەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۋەتتى. ئىنكا زىمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىگە جەسەتلەر تاشلىنىپ، تىرىكلەرنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئېچىنىشلىق مەنزىرە پەيدا قىلدى.  ئىنكا پادىشاسىنىڭ ئوغلى ئىنكا مەنكۇ ئېغىر زەربە ئالدىدا ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى يوقاتماي، كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋىتىپ، تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى ھەققىدە باش قاتۇردى. ئۇ ئىنتايىن ئىتائەتمەن قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، ئىسپانىيىلىكلەرگە يىقىنلاشتى، ھەتتا تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇﻻرغا پايدىلىق بەزى ئىشلارغىمۇ ياردەملەشتى. ئەمما، ئاستىرتتىن دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن ئىنچىكلىك بىلەن كۈزەتتى، ئات مىنىشنى، قارا مىلتىق ئېتىشنى ئۈگەندى.  1535-يىلدىن باشلاپ ، ئىنكا مەنكۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدا كۈچ توپلىدى. ياندۇرقى يىلى 4-ئايدا، جاسارەت بىلەن قوزغىلاڭچىلار قۇشۇنىنى باشلاپ چىقىپ، كۇسكۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇ ئىسپانىيىنىڭ قارا مىلتىغىنى ئالغان ھالدا، بىر تەرەپتىن، تاجاۋۇزچىلارنى ئوققا تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قۇشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ تاجاۋۇزچىلارنى قورشاۋغا ئالدى. ئەسىرگە چۈشكەن سەككىز تاجاۋۇزچىنى مەخپىيەتچى، توپچى، پارتلاتقۇچى بۇلۇشقا قىستاپ، ئىسپانىيەنىڭ قورالى ۋە ئادىمى بىلەن ئىسپانىيىلىكلەرنى بومباردىمان قىلدى. غەنىمەت ئالغان ئىسپانىيە ئاتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىسپانىيىلىكلەرگە زەربە بېرىپ، ناھايىتى زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.  ئەمما ئىنكا دۆلىتى بىر مۇنچە قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت كۆپ ئىدى. ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى خائىنلارنى سېتىۋىلىش ۋە ئىنكا قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش يولى بىلەن، ئىنكا مەنكۇ باشچىلىغىدىكى ئىنكالار قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە يوقىتىپ تاشلىدى، ئىنكا مەنكۇ قۇربان بولغاندىن كىيىن، ئىسپانىيىگە تەسلىم بولغان قەبىلىلەرمۇ ئوخشاشلا ئىسپانىيە قۇشۇنى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلاندى.
    ئسپانىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىغىغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلەر بىرسى پەسەيسە، يەنە بىرسى ئۆرلەپ تۇردى. جاي-جايلاردىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ كۈرەشنى ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ 35يىل داۋاملاشتۇردى.  ئىسپانىيىلىكلەر ئوتتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنى ئىشغال قىلغىندىن كىيىن، قۇل قىلىنغان يەرلىك كىشىلەرنى تېرىقچلىق مەيدانلىرىدا شىكەر قۇمۇچى تېرىشقا، ئالتۇن-كۈمۈش كانلىرىدا ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىدى، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ تەكرار قىرغغىنچىلىق قىلىشى قۇشۇلۇپ، ھىندىئانلارنى ئەسلى قۇرۇپ كېتىش گىرداۋىغا كەلتۈرۈپ قويدى.
    تۇلۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئوتتۇرا ئامىركا ۋە جەنۇبىي ئامىركا(جۈملىدىن ئازتېك، ئىنكالاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت ۋە باشقا نۇرغۇن قەبىلىلەر)لاردا ئىسپانىيەنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن 12-15مىليون يەرلىك كىشى ئۆلتۇرۈلگەن ئىدى، ھايتى ئارىلىدا ئەسلىدە 60مىڭ ئاھالە بۇلۇپ، 1548-يىلغا كەلگەدە پەقەت 500ئادەم قالغان‪. ‬1548-يىلغا كەلگەندە كۇبا ۋە يامايكىلاردا بىرمۇ يەرلىك قالمىغان! ئەمما، 1521-يىلدىن 1544-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا، ئىسپانىيە تاجاۋۇزچىلىرى ھەر يىلى2900كىلوگرام ئالتۇن، 30مىڭ700كىلوگرام كۈمۈشنى بۇلاپ كېتىپ تۇرغان! ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ قىزىل قېنى ئامىركا قىتئەسىنىڭ كەڭ زىمىنىنى بويىغان. ئالتۇن-كۈمۈش ئۈزۈلمەستىن ئىسپانىيە يېرىم ئارىلىغا تۇشۇلۇپ تۇرغان. مانا بۇ-«يېڭى چوڭ قۇرۇقلىقنى ئىچىش»تىن ئىبارەت مۇستەملىكە تارىخىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشرىسى ئىدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 398 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01