ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

قۇل سودىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جانلىق تاۋار

   پورتۇگالىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى ئافرىقىدىكى بىرەر ناتونۇش جايغا يېتىپ بارغان ھامان:«يۇرتۇڭلاردا بارمۇ؟-دەپ سورىشاتتى ۋە-، بىز ئىزلىگىلى كەلدۇق»-دەپ تەكرارلايتتى.  ئۇنداق بولسا، ئۇلار نىمىنى ئىزلەيدۇ ؟
رىۋايەت قىلىنىشىچە، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا،  ئوسمان ئىمپىرىيىسى(ھازىرقى تۈركىيە)خىرىستىيانلارنىڭ “مۇقەددەس ماكانى«پەلەستىننى ۋە كونىستانتىپۇلنى ئىستىلا قىلغاندىن كىيىن،  بۇ مۇخلىسلار مۇسۇلمانلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا چىداپ تۇرالماي جون ئاقساقىلىنىڭ باشچىلىغىدا قېچىپ باشقا بىر يەردە يىغىلىپ پادىشالىق قۇرغان ئىكەن.  شۇنىڭ بىلەن خىرىستىيان دىنىغا ئېتقات قىلىدىغان ياۋرۇپا ئەللىرىدە»جون پادىشالىغى»ھەققىدە ھىكايىلەر تارقالغان ئىكەن.  رىۋايەتتىكى دۆلەتنىڭ نامى “جون ئاقساقىلىنىڭ پادىشالىغى»ئىكەن.  ئۇ زادى قەيەردە قۇرۇلغان؟ دەسلىۋىدە«جوڭگوغا يېقىن يەردە»دەپ پەزەر قىلىنغان ئىدى. ماركوپولو سايەھەتكە كەتكەندىن كىيىن، جوڭگوغا يىقىن يەردە، ھەتتا ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ«جون پادىشالىغى»نىڭ قارىسىمۇ يوقلۇغى مەلۇم بولدى. كىيىنكى كۈنلەردە يەنە«ئافرىقىدا»دىگەن رىۋايەت تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن، پورتۇگالىيە پادىشاسىنىڭ ئوغلى ھېنرى شاھزادە، ئىككى پىلوت تەشكىللەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي ئافرىقىلارنىڭ ياقىلىرىغا ئەمەلىي چارلاشقا ئەۋەتتى. نەتىجىدە، دىئاس، ئافرىقىنىڭ قىرغاقلىرىنى تۇلۇق ئايلىنىپ چىقتى. ۋاسكو دا گاما شەرىققە بارىدىغان يولىنى تاپتى. ئۇلار ئوكيان، تېچ ئوكيان، ھىندى ئوكيانلارنى ئاختۇرۇپمۇ مۇخلىسلىرىنىڭ«جون ئاقساقال پادىشالىغى»نى تاپالمىدى.  پادىشاھلىقنى ئىزدەش ئەمەلىيەتتە پورتۇگاللارنىڭ دەسلەپتىكى قۇرۇق گېپى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە  چەتئەللەردىكى بايلىقلارنى ئېلىپ كىتىش ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ئىدى.
 ئايرىلىپ كەتكەن دىنى قېرىنداشلىرىنى كۆرگىسى كەلگەن خىرىستان مۇخلىسلىرىنىڭ«مېھمان»لىرى كەلدىمۇ؟ ياق، قۇل كەلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ نېگىرلار«جانلىق تاۋار»قاتارىدا سېتىۋىتىلدى.
 نېگىرلار ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، پايانسىز ئوكيانلار ئايرىپ تۇرىدىغان ياقا يۇرتلاردا ھايۋان كەبى ئىشلەپ، جاھاننىڭ ئازاپ-كۈلپەتلىرىدە يەتكىچە خورلاندى.
  1-قېتىم ئافرىقىدىن قۇل قاتارىدا ئىلىپ كىلىنگىنى 1442-يىلى گانا ئەتراپىدىن تۇتۇلغان ئون كىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى قىرغاقلىرىدىن«ئوۋلاپ»كېلىنگەن ئىدى‪.
2-قېتىمقىسى، 1469-يىلى بولۇپ، ئانگولا ئەتراپىدىن تۇتۇلغان 200كىشى ئىدى. بۇ قىتىمقىسى، شىركەتنىڭ«تاۋار»قاتارىدا پورتۇگالىيەدىكى بايلارغا سېتىۋەتكەن تۇنجى تۈركۈمى بولۇپ ئالدىنقىسىدىن پەرىقلىنەتتى.
   بۇ نېگىرلارنى «يىغىۋالغان»ئىكەن.  قانداقسىىغا «ئوۋلىغان«ۋە«يىغىۋالغان»؟
  پورۇگاللارنىڭ ئەينى چاغدا  ئۇمۇمەن قوللانغان ئۇسسۇلى مۇنداق:ئالدى تار دائىرىدە ئالداش بېرىپ، ئەينەكتىن ياسالغان بەزى زىننەت بۇيۇملىرى ئافرىقىلىقلار كۆرمىگەن نەرسىلەرنى «سوۋغات»ئورنىدا ئايرىم ساندىكى ئافرىقىلىقلارغا«ھەدىيە»قىلىش يەرگە تاشلىغان. بىراۋ كىلىپ«سوغات«نى قولغا ھامان، ئۇنى باغلىۋالغان. شۇنداق قىلىپ، قۇللارنى «ئوۋلىغان». ئەمما، بۇنداق ئادەملەرنى بىردىن-بىردى تۇتقىلى بولغاچقا، نېگىرلار كۆپرەك كەلگەندە ئىمكان بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن«قورشاپ ئوۋلاش»ئۇسۇلىنى ئويلاپ تۈركۈم ئەسكەر چىقىرىش ئارقىلىق، بىر قىتىمدا بىر توپ نېگىرلارنى قورشىۋىلىپ، ئۇلارنى باغلاپ ماڭغان. ئەڭ ئاخرىدا، بۇ مۇستەملىكىچى قاراقچىلارنىڭ يۈرىگى قاپتەك نولۇپ كەتكەن-دە، ھەتتا پۈتكۈل كەنىتنى بىر قىتىمدىلا قورشىۋىلىپ ، كەنىتتىكى ئەر-ئايال، ياش-قېرى ھەممىسىنى «يىغىپ»كەتكەن.
 ئەمما، بۇنداق«ئوۋلاش»ئۇسۇلى يەرلىك قوراللىق قارشىلىغىنى قوزغىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئافرىقىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى بىراز تەرەققى قىلغان بولۇپ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى نېگىرلاردا پەقەت ئوقيا مىس بولقىلاردىن باشقا قىلىچ-خەنجەر قاتارلىقلارنى سوقىدىغان نەرسىلەرمۇ يوق ئىدى.  ئەمما ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى. مۇستەملىكىچىلەردە مىلتىق زەمبىرەك قاتارلىقلار بولغىنى ئادەم سانى ئاز ئىدى. شۇڭا قاندق قىلغان بىلەن ئوۋلاشتا ئۇتۇق قازىنالماي، ئەكىسچە ئۆزلىرى جىنىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ مۇستملىكىچىلەر يەنە«سېتىۋىلىشتىن»تىن ۋەھشىي قارارغا كەلدى. ئۇلار ئافرىقىدىكى نېگىرلارنىڭ قەبىلە- ئىرقلارغا بۈلۈندىغانلىغىنى، ھەر ئىرقنىڭ مۇنچە قەبىلىلەرگە بۆلۈندىغانلىغىنى، ئىرقلار بىلەن ئىرقلار ئارىسىدا، قەبىلىلەر بىلەن قەبىلىلەر ئارىسىدا ھەمىشە زىددىيەت تۇرىدىغانلىغىنى كۆرىۋىلىپ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، قوراللىق تۇقۇنۇش پەيدا قىلدى ئۇلاردىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى غەلىبە قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى. ئافرىقىلىقلارنىڭ قولى ئافرىقىلىقلارنى «ئوۋلاش» تىن ئىبارەت ئۇسۇل ئىنتايىن زەھەرلىك بولغاچقا، نەتىجىدە ئافرىقىدا نۇرغۇنلىغان كەنىتلەر ۋەيران قىلىندى. نۇرغۇنلىغان ئائىلىرى توزۇپ كەتتى، ئەمما، مۇستەملىكىچىلەر كارامەت بىيىپ كەتتى. چۈنكى، ئافرىقىدا قۇلنى 70فرانىكتىن 100فرانككىچە«سېتىۋالغان»بولسا، دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەن ھامانلا 50مىڭ فرانكتىن 200مىڭ فرانككىچە سېتىپ، يۈزدە مىڭ پىرسەنتتىن يۈزدە 3000پىرسەنتكىچە پايدا ئالغىلى بولاتتى. 
ئامېرىكا قىتئەسى قۇرۇقلىقىنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ ، نېگىر قۇللارغا يەنە «بازار»چىقتى. ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى زور كۆلەمدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئىندىئانلارنى ئالاھەزەل قىرىپ تۈگەتكەچكە، ئۇلارغا بايلىق يارىتىپ بېرىدىغان ئەمگەك كۈچلىرى تېپىلمىدى . بۇنىڭ بىلەن ئافرىقىنىڭ نېگىرلىرىنى كەڭ تۈردە سىتىش، يېڭى سودىغا  ئايلاندى.
 تۇلۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يالغۇز غەربىي ھىندىي تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكە رايونلىرىغىلا 1680-يىلدىن 1786-يىلغىچە ئىككى مىليون 130مىڭ ئافرىقىلىق كىرگۈزۈلگەن. كىچىككىنە يامايكىغا 1700-يىلدىن 1789-يىلغىچە 600مىڭ نېگىر يۆتكەپ كىلىنگەن.  شۇنىڭدىن باشلاپ ئېلىپ-سىتىش سودىسى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ كەينىدىن ئىسپانىيىلىكلەر ، فىرانسىيىلىكلەر، گوللاندىيىلىكلەر، ئاخىردا ئەنگىلىيىلىكلەرمۇ خىل سودىگەرلىككە كىرىشىپ كەتتى‪. ‬
16-، 17، 18-ئەسىرلەردە نېگىرلىرىدىن قانچە-قانچىلاپ كىشىلەرنىڭ ئۆلۇپ كەتكەنلىگىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ! “ئوۋلىنىش»تىن تارتىپ قۇللۇققا سېتىۋىتىلگىچە نېگىرلار ئەڭ پاجىئەلىك باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى. بۇ ھەقتە جوھىنىستون دېگەن ئېنگىلىز ھەقىقىي ئەھۋالنى مۇنداق دەپ خاتىرلىىگەن: “توپ-توپ نېگىرلار دېڭىز قىرغىقىغا ھەيدىلەتتى. قىرغاققا بارغىچە ئارىلىقتا بىرسىنىڭ بوينىغا ئېغىر تۈمۈر بويۇنتۇرۇق سېلىناتتى قۇلى باغلىناتتى. قول-پۇتلىرىغا كويزا-كىشەن سېلىناتتى. تۆمۈر كويزا-كىشەنلەر قول-پۇتلىرىنى يېغىر قىلىۋىتەتتى. بۇ جاراھەتلەر بارغانسىرى يامانلىشىپ، يىرىڭلاپ كېتەتتى. ئۇلار ئاچ قوساق قىلىپلا قالماي، ھەتتا داغ سۇمۇ ئىچەلمەيتتى. . ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەددىدىن زىيادە قوغلاشلار قۇشۇلۇپ، ھەمىشە ئۇلارنىڭ جىنىغا زامىن بولاتتى. ناۋادا ئۇلار ئۇھ!دەپ تاشلىسا ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلسا ئېتىپ تاشلىناتتى،  ئۇزۇن نەيزە بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا ئىبرەت ئۈچۈن ئۆلتۈرلەتتى ياكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىزلىك بوغۇزلىناتتى، ئانىلىرى يۈدۈپ ياكى قۇشۇنغا يېتىشىپ ماڭالمىغان بالىلارنىڭ بىردەك مىڭىسىنىڭ قېتىغى چۇۋۇلاتتى. نۇرغۇن نېگىرلارھەسرەت-نادامەت ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالاتتى.
  قاراڭلار، ئۆزلىرىنى«يۈكسەك مەدەنىيەتلىك»دەۋالغان ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قىلغان مەدىنىيەتسىزلىگىنى؟! قىرغىقىدىكى يۇرتقا بارغاندىن كىيىن، قۇللار خېرىدارلارنى كۈتەتتى. قۇلدارلار ئوۋلاپ كەلگەن نېگىرلارنى قاتار قىلىپ قويۇپ، قۇللارنى ئېلىپ-ساتىدىغان قەللاپقا«مال»نى كۆرسىتەتتى. خېرىدارلار نېگىرلارنىڭ بەدەنلىرىنى، جۈملىدىن كۆز، چىش، قول، پۇت قاتارلىق ئەزالىرىنى بىرلەپ تەكشۈرەتتى. قۇللارنىڭ كۈچتۇڭگۈرلىرىگە يۇقىرى ، ئاجىزلىرىغاتۆۋەن باھا؛ئەرگە يۇقۇرى ئايالغا تۆۋەن باھا؛قابىل ياشلارغا يۇقۇرى، ئۇششاق بالىلارغا تۆۋەن باھا قۇيۇلاتتى. بىر ھازا سودىلاشقاندىن كىين، قەللاپ خېرىدار باھادا كىلىشەلىگەن ئىسىملىگى تۇرغۇزىلاتتى. خېرىدار شۇ ئىسمىيەت بويىچە ئوۋلىغۇچىغا پۇلنى بېرەتتى. ئوۋلىغۇچى تىلخەت يېزىپ بەرگەندىن كىيىن ، خېرىدار قۇلنىڭ باساتتى-دە، رەسمىيەت ئاياقلىشاتتى.  سودا ئاياقلاشقاندىن كىيىنلا، بىر نەچچە ئون، ھەتتا يۈزلەرچە كېمىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى دىمىق ھەم قاراڭغۇ بۆلۈمچىلەرگە قامىلاتتى-دە، قىمىر-سىمىر قىلالماي قېلىشاتتى. بۇنداق قاماقخانىدا بولماي نىمە بولىدۇ دەيسىلەر؟تەبىئىكى، كىسەل بولسا داۋالىمايتتى، شۇنىڭ كىچىك كىسەل چوڭىيىپ كېتەتتى، خەللاپلار ئېغىرراق كېسەللەرنى دېڭىزغا تاشلاپلا ئىشنى تۈگىتەتتى. ئۇ چاغلاردا يەلكەنلىك كېمە ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئادەتتە، 3-2ئاي سەپەر توغرا كىلەتتى. قەللاپلارنىڭ  تەجربىسىگە ئاساسەن، سەپەر ئۈستىدە تەخمىنەن يېرىمى ئۆلۈپ كىتەتتى. چۈنكى، خەللاپلارنىڭ پايدىسى يۈز مىڭدىن 3000غىچە بولغاچقا، «تاۋار»نىڭ يېرىمىنى زىيان تارتسىمۇ يەنىلە چوڭ پايدا ئالالايتتى. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈش-تىرىلىشى زادىلا ھېساپلاشمايتتى.
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ يەنە بىر قىرغىقىغا بارغاندا، 2-قىتىملىق«خېرىدار»كۈتۈش بولاتتى. ئامىركا قىتئەسىدە مۇستەملىكچىلەر ئاچقان دېخانچىلىق مەيدانلىرىغا كۆپلەپ ئەمگەك كۈچى كەتكەچكە، ئۇلار پورتقا بېرىپ«مال»سېتىۋالاتتى. بۇ يەردىكى ئېلىم-سېتىمنىڭ ئەھۋالىمۇ ئافرىقا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بەدەنلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، باھا تالىشىش، قۇللارنىڭ بەدىنىگە 2-قىتىم قىزىتىلغان تۆمۈر تامغا بىسىش، قۇل سېتىۋالغانلار ئۆزلىرى خالىغانچە قۇللارغا ئىسىم قويۇش ئىشلىرى بېجىرلەتتى. قۇللار نىڭ فامىلىسى يوق بولۇپ خوجايىنلىرىنىڭ فامىلىسى بويىچە ئاتىلاتتى.
ئىسىم قويۇلۇپ دىخانىچىلىق مەيدانلىرىغا كىرىش قۇللارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئاياقلاشماستىن، بەلكى يېڭى ئىچىنىشلىق ھايات باشلىناتتى. ئۇلار يەنىلا كىشەن-كويزىلار بىلەن تۇمۇز ئىسسىقلاردا جان تالىشىپ ئىشلەيتتى، قوللىرىغا قامچا ئالغان كۈزەتچىلەر ئۇلارغا دىۋەيلەپ يۈرۈشەتتى.  تەبىئيكى، بۇ ھالغا قالغان ئادەملەر قارشىلىق كۆرسىتەتتى. مۇستەملىكچىلەرنىڭ قارشىلىقلارنى تىنجىتىشتىكى بىردىن ۋاستىسى، دىن تارقىتىش ئىدى. قۇل ئاپىرىپ ساتىدىغان بارلىق كېمە ۋە ئامىركا قىتئەسىدىكى قۇللار ئىشلەيدىغان ھەر بىر مەيداندا دىگۈدەك خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلىرى بار ئىدى. ئۇلار قۇللارغا دۇنيادا جاپا تارتقانلار ئۇ دۇنياغا بارغاندا جەننەتكە كىرىدۇ دىگەن«ئىنجىل»نى ئوقۇپ، قۇللارنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ تۇراتتى.  «خىرىستىيان مۇخلىسلىرىنى ئىزلەش» تىن نېگىرلارنى خىرىستان بولۇشقا مەجبۇرلاشقا ئۆتۈش، ئاخىر بېرىپ قۇللارنى«خىرىستىيان مۇخلىسلىرى»غا ئايلاندۇرۇش، مانا بۇ قۇللارنى ئېلىپ-سىتىشنىڭ ھەقىقى تارىخى!


 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 420 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01