ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پادىشاھ مىداس 

فرىگيانىڭ پادىشاھى مىداس ھەققىدە قىسسە

 

   قولى تەگكەنلىكى نەرسىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش بىلەن شۆھرەت قازانغان پادىشاھ مىداسنىڭ ئەپسانىسى مۇنداق ئاڭلىتىلىدۇ؛
   ئەپسانىگە كۆرە، دالا تەڭرىسى پان بىر كۈنى دالادا ئايلىنىۋاتقاندا تەڭرى ئاتھېنىا ئىجاد قىلغان، بىراق چالغان چاغدا يۈزىنى كۆرۈمسىز قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تاشلىۋەتكەن نەينى تېپىۋالىدۇ. بىر تەڭرىنىڭ ئەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاۋازى ياڭراق بۇ نەينى چېلىشقا باشلايدۇ ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلاپ، ئۆزىنى ئاپوللوننىڭ رەقىبى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاپوللون غەلىبە قىلغۇچىنىڭ مەغلۇب بولغۇچىغا قارىتا خالىغىنىنى قىلىش شەرتى بىلەن دالا تەڭرىسى پان بىلەن مۇسابىقىلىشىشكە قارار بېرىدۇ. ئاپوللوننىڭ دوستلىرى بولغان مۇسالار بىلەن فرىگيا پادىشاھى مىداس مۇسابىقىدا رېپىرىلىق قىلىدۇ. ئاپوللون گىتارى بىلەن ناھايىتى ياڭراق ناخشىلارنى ئېيتىپ تاماشىبىنلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. دالا تەڭرىسى پانمۇ نەيى ئارقىلىق ناھايىتى يېقىملىق نەي ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىدۇ. بۇنى كۆرۈپ رېپېرىلار نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئاپوللون شۇنداق يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىدۇكى، ھەتتا تاغ-داۋانلارمۇ ھاياجاندىن تىترەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دالا تەڭرىسى پان ئۆزىنىڭ ئاپوللونغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاپوللون كېلىشىمگە ئاساسەن دالا تەڭرىسىنى ئۆلۈم بىلەن جازالاندۇرىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا دالا تەڭرىسى پان تەرەپدارى بولۇپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى چالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىداسقا بېرىدىغان جازانىمۇ قىلچە كېچىكتۈرمەيدۇ.

   دالا تەڭرىسى ئاپوللون قاتتىق غەزەپلىنىپ، «ياخشى مۇزىكىنى پەرق قىلالمايدىغان قۇلاق ئىنسان قۇلىقى بولۇشى ناتايىن، ساڭا ئېشەكنىڭ قۇلىقى يارىشىدۇ» دەپ مىداسنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مىداس بىردىنلا ئۇزىراپ كەتكەن قۇلاقلىرىدىن شۇنداق خىجىل بولۇپ كېتىدۇكى، ئۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەمىشە بېشىغا كۇلاھ كىيىپ يۈرۈشكە باشلايدۇ. بىراق بىر كۈنى چېچىنى ياساتقىلى ساتىراشخانىغا كىرگەندە ساتىراش بۇنى بىلىپ قالىدۇ. مىداس ھېچكىمگە دېمەسلىك شەرتى بىلەن ئۇنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىدۇ. بىراق ساتىراش بۇ سىرنى ساقلاشتا تولىمۇ قىينىلىدۇ. بىراۋغا دېمىسە يېرىلىپ كېتىدىغاندەك بولۇپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بىراۋغا دېگەن تەقدىردە پادىشاھنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىدۇ. ئاخىرىدا، چىداپ تۇرالماي سىرنى بىر قۇدۇققا دېيىشكە قارار قىلىدۇ. قۇدۇققا بېشىنى تىقىپ تۇرۇپ «مىداسنىڭ قۇلاقلىرى ئېشەكنىڭ قۇلاقلىرىغا ئوخشايدىكەن» دەپ توۋلايدۇ. بۇ سىرنى قۇدۇقتىكى سۇلار سازلارغا، سازلار شاماللارنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇ سىر شامال ئارقىلىق يېيىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىداسنىڭ سىرىنى ھەممە ئادەم بىلىپ كېتىدۇ. ئەپسانىنىڭ قىسسىدىكى ئۇقۇمى مۇنداق: «ئىككى كىشى بىلىدىغان ئىش سىر ئەمەس».

   تەڭرى ئاپوللون تەرىپىدىن ئېشەك قۇلاقلىرى بىلەن جازالاندۇرۇلغان پادىشاھ مىداسقا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئەپسانە بولسا تۆۋەندىكىچە؛
   ئەپسانىگە كۆرە؛ شاراپ تەڭرىسى ساتىروسنىڭ ياشىنىپ قالغان ھەمراھى سىلېنوس فرىگيادا ئايلىنىۋېتىپ مىداسنىڭ گۈل باغچىسىدا ئۇخلاپ قالىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساتىروس، يېرىمى ئىنسان شەكىللىك، يېرىمى ھايۋان شەكىللىك بىر مەخلۇق بولۇپ، سىلېنوسمۇ ئەنە شۇنداق مەخلۇقلاردىن ئىكەن. مىداسنىڭ خىزمەتچىلىرى سىلېنوسنى گۈل باغچىسىدا كۆرۈپ، باشتىن ئاياق گۈللەر بىلەن بېزەپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ. مىداس ساتىروسنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئون كېچە-كۈندۈز مېھمان قىلىدۇ. ئونىنچى كۈننىڭ ئاخىرىدا فرىگيا پادىشاھى مىداس، سىلېنوسنى قولىدىن يېتىلەپ دىئونىسوسنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىدۇ. دىئونىسوس سىلېنوسنى قايتا كۆرەلىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق سۆيۈنۈپ كېتىپ، «مىداس، قانداق تىلىكىڭ بولسا تارتىنماي سورىغىن، مەن دەرھال مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن» دەيدۇ. پادىشاھ ھېچ ئويلانماستىنلا: «قولۇم تەگكەنلىكى نەرسىنىڭ ئالتۇنغا ئايلىنىشىنى خالايمەن، بۇندىن باشقا تىلىكىم يوق» دەيدۇ. تەڭرى ئۇنىڭ بۇ تىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بىراق كەچ بولغاندا تاماقتا بېشىغا قانداق ئىشلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىغان ھامان مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ. بىچارە مىداس، تىلىكىنىڭ قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قورسىقى ئېچىپ تاماققا ئولتۇرغان ھامان ئاندىن تولۇق تونۇپ يېتىدۇ. قولى تەككەن، ئاغزىغا ئاپارغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ئالتۇنغا ئايلىنىپ كېتەتتى. نانغا، ئالمىغا قولىنى ئۇزاتقان ھامان ئالتۇنغا ئايلىنىپ كېتەتتى. گۈل باغچىسىغا كىرسە قولى تېگىپ كەتكەنلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى دەرھال ئالتۇنغا ئايلىنىپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇ دىئونىسوسنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ بېرىپ يېلىنىدۇ ۋە يىغلاپ تۇرۇپ: «ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ سېھىرنى يېشىڭ، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، بىراق ھېچنەرسە يېيەلمەيۋاتىمەن» دەيدۇ. دىئونىسوس «پاكتولوس دەرياسىغا بېرىپ سۇغا چۆمۈلگىن، شۇ چاغدا سېھىر يېشىلىپ كېتىدۇ» دەيدۇ. پادىشاھ مىداس پاكتولوس دەرياسىغا بېرىپ سۇغا چۆمۈلىدۇ. ئاندىن سارىيىغا قايتىپ خالىغانچە يەپ - ئىچىشكە باشلايدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بەختنىڭ سىرىنىڭ بايلىقتا ئەمەسلىكى ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ ئىنساننى بەختلىك قىلالمايدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان بۇ ئەپسانە مىداسقا ئائىت ئىكەن.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 600 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-03