ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

 گوردىئون 

  گوردىئون

 

   ئارخېئولوگىيەلىك ھۆججەتلەرگە كۆرە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1360-يىلى ئانادولۇ ۋە گىرېتسىيەدە ناھايىتى قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان شەھەرلەر ۋەيران بولغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئاتلانتىس قىتئەسىمۇ شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يوق بولۇپ، سۇ ئاستىدا قالغان ئىكەن. ئەنە شۇ پالاكەتتىن كېيىن قەدىمكى گىرېتسىيە ۋە ماكېدونىيەدىكى تراك قەۋملىرى ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ يېڭى يۇرت ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ قەۋملەرنىڭ بىر قىسمى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسمىغا كۆچىدۇ. ئىران قەۋمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گۇرۇپپا قىرىم ئارىلىدىن ھالقىپ كاۋكاز رايونىغا، ئۇ يەردىن ھازىرقى ئىران تېررىتورېيەسىگە يېتىپ بېرىپ ماكانلىشىدۇ. يەنە بىر قىسمى بولسا دېڭىز ئارقىلىق مىسىرغا يېتىپ بارىدۇ. بىراق 3-فىرئەۋىن رامسېس ئۇلارنى مىسرغا كىرگۈزمەيدۇ.

   شۇ دەۋردە ئانادولۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھىتىت خاندانلىقى بولسا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يامراپ كەتكەن ۋابا كېسەللىكى ۋە ئىسيان كۆتۈرگەن يەرلىك قەۋملەرگە قارشى كۈرەشتە چارچاپ مادارىدىن كېتىدۇ. تراكيادىن كۆچكەن باشقا بىر گۇرۇپپا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1200-يىللىرى ئىستانبۇل دېڭىز بوغۇزلىرىنى كېچىپ ئانادولۇغا كېلىدۇ ۋە ئانادولۇدا ھىتىت خاندانلىقىنى مۇنقەرز قىلىدۇ. فرىگلارنىڭ ئانادولۇدىكى مەۋجۇدىيىتى ئەنە شۇنداق باشلىنىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 738-يىلى قۇرۇلۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 696-يىلغىچە ئانادولۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ خاندانلىق تەدرىجىي قۇدرەت تېپىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئانادولۇنى بويسۇندۇرىدۇ. ئۇلار ھىندى-ياۋروپا نەسىللىك بولۇشىغا قارىماي قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئانادولۇنىڭ يەرلىك خەلقىگە ئايلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن ھېلېن، يەنە بىر تەرەپتىن كېيىنكى ھىتىتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزىگە خاس ئانادولۇ مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. خاندانلىقنىڭ پايتەختىنىڭ نامى فرىگلارنىڭ تۇنجى پادىشاھى گوردىئوننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ. گوردىئون ھازىرقى ئەنقەرە ۋىلايىتىنىڭ پولاتلى ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىخشۇناس ئالىم ئارىئانوسقا كۆرە، فرىگيا ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ قۇدرەت تاپقۇزغان تۇنجى پادىشاھ گوردىئاس، فەتھىيەلىك بىر ئايالغا ئۆيلەنگەن ۋە بۇ ئايالدىن بىر ئوغلى دۇنياغا كەلگەن. مىداس فرىگلارنىڭ يېگانە پادىشاھى بولۇپ، تەتقىقاتچىلارغا كۆرە، فرىگ پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى مىداس دەپ ئاتالغان. تۆۋەندە، ھەم تارىخىي سالاھىيىتى ھەم ئەپسانىلىرى بىلەن دۇنياغا داڭ چىقارغان مەشھۇر پادىشاھ مىداس ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.


   مىداس، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر پادىشاھلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاسۇر مىخ يازما ھۆججەتلىرىدە «مىتا» دەپ ئاتىلىدۇ.

   پادىشاھ مىداسنىڭ قانداق پادىشاھ بولغانلىقى، ھايات مۇساپىسى ۋە ئۆلۈمى توغرۇلۇق نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر بار. ئەپسانىگە كۆرە، قەدىمكى تېلمېسوستا باشلىنىپ ئەنقەرەدە ئاخىرلاشقان تەقدىر سىزىقىنىڭ مەشھۇر يولۇچىسى مىداسنىڭ پادىشاھ بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ھايات ھېكايىسى بىر ھارۋىدا سەپەر قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. ھارۋا ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ياشنىڭ ئانىسى تۇغۇلغان تېلمېسوستىن يەنى ھازىرقى فەتھىيە ۋە پورت شەھىرى پاتارادىن ئايرىلغىلى بىرقانچە كۈن بولغانىدى. بەي تاغلىرى ۋە غەربىي توروس ئېگىزلىكلىرىدىن ھالقىپ شىمالغا فرىگ دۆلىتىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. دەل شۇ كۈنلەردە فرىگ پادىشاھى گوردىئوس ئۆلگەن بولۇپ، خەلق ماتەم تۇتۇۋاتاتتى. تەختكە ۋارىسلىق قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن دۆلەت ئەركانلىرى يىغىلىپ، مۇنەججىملەردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. مۇنەججىملەر پال ئېچىپ «ھازىردىن باشلاپ گوردىئوسقا ھارۋىسى بىلەن بىرىنچى بولۇپ كىرگەن كىشى پادىشاھ بولىدۇ» دېيىشىدۇ. ئۆزىنى پادىشاھلىققا ئېلىپ بارغان يولنىڭ ئاخىرىدا مىداس ئەنە شۇنداق پادىشاھ بولىدۇ. ناھايىتى ئاز تارىخىي ھۆججەتكە ئاساسەن پايتەخت گوردىئوننىڭ پادىشاھ گوردىئوس تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى، مىداسنىڭ بولسا ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پادىشاھ بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

   پادىشاھ مىداسنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك مازىرى ۋە ئۇنىڭ باش سۆڭىكى، نۆۋەتتە پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئانادولۇ مەدەنىيەتلىرى مۇزېيىدا ساقلانماقتا. مىداسنىڭ پادىشاھ بولۇشى قانچىلىك ئەپسانىلەشكەن بولسا، ئۇنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىشىمۇ شۇنچىلىك ئەپسانىلەشكەن. ئالايلۇق: پادىشاھ مىداس ئۆزىنى تولىمۇ كۆركەم ۋە قولغا كەلتۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان بىر پايتەختكە ئىگە بىر خاندانلىقنىڭ پادىشاھى ھېسابلايدۇ. بىراق، ھازىرمۇ سېپىللىرى ۋە قەلئە دەرۋازىسى بىلەن زىيارەت قىلغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان مىداس خاندانلىقى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 695-يىلى ئىراندىن كەلگەن ۋە ئانادولۇنى ئىستىلا قىلغان كىممېرلەرنىڭ ھۇجۇمىدا يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ. گەرچە مىداس كىممېرلەرنىڭ ھۇجۇمىدا ساق قالغان بولسىمۇ، بىراق شۇندىن كېيىن ناھايىتى مۇشەققەتلىك ھايات كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. مىداس بىر كۈنى بىر چاغلاردا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ دەۋران سۈرگەن، بىراق كېيىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان گوردىئون خاندانلىقىنىڭ خارابىلىكلىرى ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، بۇغا قېنى ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

  ئۇنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن قانداق ۋىدالاشقانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان رىۋايەتلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىدى. بىراق پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇتەخەسسىسلەر پادىشاھ مىداسنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ كومپيۇتېرلىق توموگرافىيەسىنى تارتىپ تەكشۈرۈپ چىقتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مىداسنىڭ ئۆلۈمىنىڭ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغىنىدەك بۇغا قېنىنى ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولماستىن، ئەكسىچە بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قاتتىق ئۇرۇلۇش نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقىلىدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن بار ئىكەنلىكى ئېيتىلغان مىداسقا ئائىت ئىسكىلىتنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

   1992-يىلدىن باشلاپ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تەكشۈرۈلگەن مىداسنىڭ باش سۆڭىكى بولسا نۆۋەتتە ئۆز جايىدا، يەنى ئانادولۇ مەدەنىيەتلەر مۇزېيىدا ساقلانماقتا.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 522 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-03