خورما يېغى


 
خورما يىغى ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى



 

     خورما يىغى ھەققىدە

    كىلاسسىك تىببىي ئەسەرلەردە بايان قىلىنىشىچە خورما يىغى ئەتىۋارلىق دورا ماتىريالى سۈپىتىدە تونۇلغان بولۇپ، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى پۈتۈن ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم يىيىشكە مۇيەسسەر بولالىغان ئىكەن.

    خورما- پالما ئائىلىسىدىكى ئىسسىق بەلباغدا ئۆسىدىغان ئالقانسىمان كەڭ يوپۇرماقلىق، كۆپ يوپۇرماق غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تىروپىك بەلباغ مىۋە تۈرلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا شېكەر قومۇشى، قىزىلچا بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئۈچ مۇھىم شېكەر ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى. خورما يېغى بولسا زەيتۇن يېغى، باقلا يېغى(دادۇر مېيى)، خاسىڭ يېغى ۋە دانلىق زىرائەت مايلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئاساسلىق يىمەكلىك مايلىرىنىڭ بىرى.

   خورما مىۋىسى:



خورما مىۋىسىخورما مىۋىسى



خورما دەرىخى:

خورما دەرىخىخورما دەرىخى





    سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى خانىش، توقال ۋە كىنزەكلەر قەسىرىدىن كىلەلمەي جومۇد(قىتىۋىلىشچان بىھۇشلۇق) كىسلىگە گىرىپتار بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغاندا، ئوردا ھۆكۈما ھازىقلىرى ئىلاج قىلالماي ئامالسىز قالغاندا، ئوردا مەسلىھەتچىلىگىدىن خوشنا دۆلەتلەرگە ئېلان بىرىپ نۇرغۇن ھۆكۈما ھازىقلارنى تەكلىپ قىلغان ئىكەن. بۇلاردىن ئەرەب ھۆكۈماسى مىسرلىق ئەبۇلقاسىم ئىستىداتلىق دانىشمەن، كۆپ پەنگە ئالىم بولۇپ، شۇ دەۋر خىمىيىگەرلىكنىڭ كۈچى بىلەن خورما يىغى تەييارلاپ، تۇنجى تەييارلىغان خورما يىغى بىلەن سولتاننى ئالتە ئاي ئىچىدە تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سەلتەنەتنىڭ داۋام قىلىشغا تۆھپە قوشقان ئىكەن. سولتاننىڭ جومود كىسىلى ساقايغاندىن كىيىن، يەنە بىر قىتىم يىيىشكە نائىل بولالىغان بولۇپ، كىيىن قېرىلىق كېسىلى تەگكەندە ئۆمرى ئاخىرغىچە يىيىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىكەن. شۇندىن بىرى خورما يىغى مەخپىي رېتسىپ دەپ بىكىتىلىپ، ئوردا ئىچىدە شاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ ئالاھىدە ئۇزۇقى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. تارىخىي دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خورما يىغى كۆلەملىشىپ، تەبىب ھازىقلارنىڭ مۇرەككەپ دورا راسلاش تېخنىكىسىدىكى ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش سەنئىتىنى قوبۇل قىلىپ، دورىگەرلىك سېپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە داۋالاش سىپىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان.


    تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ھۆللۈكى 1-دەرىجە، ئىسسىقلىقى 2-دەرىجىدۇر.

    خورما يىغىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بولۇپ، خۇسوسىيىتى خۇشاللاندۇرغۇچى ھەم قۇۋۋەتلىگۈچىدۇر.

   خۇسۇسىيىتى: قان پىلازمىلىرىنى جانلاندۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنى پەيدا قىلىش، نىرىپ ۋە ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەش، يۈرەككە خوشلۇق يەتكۈزۈش، تىتىكلەشتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئىچىش، قۇرۇقلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورۇقلاپ كېتىش ۋە پەي-مۇسكۇل تارتىشىپ قىلىش،  قان-تومۇر قېتىش، مېڭىگە قۇرۇقلۇق يىتىش، يىڭى قان پەيدا قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

   ئىشلىتىلىشى: مېڭىگە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، كۆپ چارچاش، مېڭە ئاجىزلىق، بۆرەك ۋە ئۇرۇقدان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەدەن ئورۇقلاپ كېتىش، تۇتقاقلىق، بەدەن ئېنىرگىيىسى تۆۋەن بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇق، پۇت-قول سىقىراش، كۆپ ئۇيقۇ ۋە قۇرۇقلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك تىترەش، باش قېيىش، ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇق سۈپىتى ناچار بولۇش، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان ئاجىزلىشىش، بالىياتقۇنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننىڭ ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش. زىيادە ھۆللۈك ۋە قۇرۇقلۇقتىن بولغان قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، سوغوقلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن  كېلىپ چىققان بۆرەك ئاجىزلىشىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل ئاغرىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. بولۇپمۇ سەۋدا مىزاج كىشىلەرگە، بالىلارغا، ياشانغانلارغا، ئاياللارغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

  خۇرما يىغىنى ئىشلىتىپ ھازىرقى كىسەللىرىڭىزنى داۋالاڭ. كېيىن پەيدا بولىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

  ئۇلۇغ ئالىم ئىبى سىنا كېسەلنى داۋالىغاندىن ئالدىنى ئالغان ياخشىراق،-دەپ توغرا ئېيتقان. ساغلاملىق پادىشاھلىقتۇر. ساغلام ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەن ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداڭ. كەلگۈسىگە ئۇل سالماقچى بولسىڭىز، ساغلاملىق ۋە پاكىزلىقتىن باشلاڭ.


   پايدىلىنغان مەنبەلەر:

   ئەتتىبۇ ۋەلھايات، ھەدائىقۇل ئەتتىبا، كەنزۇل مۇفرىدات، خەزائىنۇل ئەدۋىيە، تۆھفەتۇل ھۆكەما قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئېلىندى.

   نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ كۈنسايىن ئىلگىرلەپ مېڭىشى بىلەن شىنجاڭ ئىقتىسادىدىمۇ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. جۈملدىن تۇرمۇشىمىز رەڭدارلىشىپ، يىمەك-ئىچمەك سەۋىيىلىرىمىز ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىلگىرلىمەكتە. شۇنداقلا قورساق تويغۇزۇش ئەمەس ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابى باشلانماقتا. مۇشۇ خىل نازۇك ئىلگىرلەش ئاساسىدا خەلقىمىز خىلمۇ-خىل يىمەك-ئىچمەك تۈرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ نېمىنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن ھەقىقىي پايدىسى بار، نىمىنىڭ زىيىنى دىگەن مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلماقتا ۋە ئىزدەنمەكتە. مۇشۇ خۇسۇستا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تونۇش كۆرىنىدىغان ناتونۇش نەرسىلەرنى بىلمەستىن ئىستىمال قىلماقتا ھەم شۇنداقلا ساختا تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە ئالداشلارغا كۆنۈپ قېلىپ، پايدا-زىياننى ئايرىيالماس بولۇپ قالماقتا. بۇ ئەھۋاللار سەھىيە تارماقلىرىنىڭ يۈكىنى ھەسسىلەپ ئېغىرلىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى پالەچلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سوتسىيالىستىك تەرەققىيات قەدىمىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولماقتا. يۇقارقى سەۋەبلەرنى ھەر بىر جۇڭخۇا پۇقراسى بولغۇچى ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىم دەپ ،مەن شۇ ئەسنادا بازار ئارىلاپ، نىمىنڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىستىمال قىلىندىغانلىقىنى، پايدا زىيىننىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاز-تولا ئويلىنىپ، توساتتىن يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان خورما يىغىغا كۆزۈم چۈشتى-دە، دەرھال قولۇمغا ئالدىم. ئالىقانداقتۇر بۇ ئالدىنىشلار ئىچىدە ئالدىنىپ قېلىش خەۋپى گۇمانسىراتتى. سۇلياۋ قۇتىنى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ كۆرۈپ نىمىدۇر نازۇك ئىبارىلەرگە كۆزۈم چۈشتى. ئەرەپچىدىن خەۋىرىم بولغاچقا ماي ئىستىمال قىلىش خەۋپى كەلتۈرۋاتقان «خىلۇسترون ئايرىۋىتىلگەن» دىگەن ئىبارە مېنى سۆيۈندۈردى. شۇندىمۇ ساختا تەشۋىقاتلاردىن قورقۇپ كەتكىنىمدىن، سېتىۋىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتىم. چۈنكى ساغلاملىق پاك ۋە تەبىئىي نەرسىلەردىن كېلىدۇ ئەمەسمۇ.

    ئۆيگە قايتىپ كەسپىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە تىببىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆرىۋېتىپ، ھېلىقى خورما يىغى ئىسىمگە كىلىۋالدى. مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ۋاراقلاپ كۆردۈم. ھەقىقەتەن خورما يىغىنىڭ تارىخى«ياغ بولۇش تارىخى»، «يېمەك-ئىچمەك سىپىگە قوشۇلۇش تارىخى»،«دورىلىق ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى»، خۇسۇسىي ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلاردىن يېتەرلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. ئاندىن ئۆزەمنى توختىتىپ بىر قۇتا سېتىۋىلىپ كۆرۈپ بېقىش پىلانىدا بولدۇم. سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىپ ھەقىقەتەن ياخشى تەسىرىنى بايقاپ، چوڭلارغا ئاپىرىپ بەردىم. ئۇلاردىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى تەسىرىنى كۆرۈپ ، يىقىنلىرىمغا تەۋسىيە قىلدىم. مۇشۇ تەۋسىيە ئاساسىدا سۇئال سورىغىچىلارمۇ بولدى. كىتاپ كۆرۈپ ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرنى بەردىم ۋە بۇ ياغنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كىرگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ، ھەر مىللەت خەلقىگە تەۋسىيە قىلىش يولىدا ئىزدىنىپ، بەزى كىلاسسىك مەنبەلەرنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ، رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى، تۇرمۇش ئەنئەنىسى ۋە ئىستىمال سەۋىيىسىگە تولىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىكەن دەپ ئويلاپ، تۆۋەندىكى خورما يىغى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلەر ۋە ئىستىمالچى ئاممىغا سۇندۇم. ماقالىنى ئوقۇپ كۆرۈش بىلەن خورما يىغىنى تېتىپ كۆرگەيسىز.


   ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك بەرمان ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى  پەن-تىخنىكا  چەكلىك شىركىتىدىن ئابدۇسەمەت داۋۇت.

   2010- يىلى 7-ئاينىڭ13-كۈنى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 13

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1749 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-01