1.ئەستە تۇتۇش ئادىتى
ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن، ئەستە تۇتۇش بىلەن ۋاقىتنى بىرلەشتۇرۇڭ ،ۋاقىت ئېنىق بولغاندىلا دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلەيسىز .
2.نۇتۇق سۆزلەش ئادىتى
پىكرىڭىزنى ئېنىق ئىپادىلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . نۇتۇق سۆزلەش ھازىرقى زامان كىشىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلارنىڭ بىرى .
3.كىتاپ ئوقۇش ئادىتى
جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى ياكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇپ ، ئىلغار ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىڭ ، ھەر كۈنى ئىككى مىنۇت ئوقۇسىڭىز ، ئاستا- ئاستا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز .
4.كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتى
مەيلى ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ .
5.پىلان تۈزەش ئادىتى
پىلانلىق ئىش بۇزۇلماس . دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە پىلانلىق ئىش قىلالمىغانلىقىدا ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى ، ئۇلار ئۆزىنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ .
6.ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئادىتى
ئالدىن تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ، ئۈگىنىش ، ئىزدىنىش ۋە ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇش خوشاللىقىنى ھېس قىلالايسىز .
7.مۇئەللىمگە ماسلىشىش ئادىتى
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھەر خىل ئۇسۇلدا ماسلىشىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ .
8.كىچىك ئىشتىن باشلاش ئادىتى
قىيىن سۇئاللارغا قارغۇلارچە ئېسىلىۋالماي ، ئاسان سۇئاللارنى ئاۋۋال ئىشلەڭ . ھاياتلىقتىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئىش شۇكى ، چوڭ ئىشلارنى قىلالماسلىق ، كىچىك ئىشلارنى قىلماسلىقتۇر .
9.ئۆز - ئۆزىگە تاپشۇرۇق بېرىش
مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقنىڭ ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىشى ناتايىن . شۇڭا ، ئۆز - ئۆزىڭىزگە تاپشۇرۇق بېرىڭ .
10.خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى توپلاش ئادىتى
ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندىن كېيىن ، خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى توپلاپ ، قايتا ئىشلەپ بېقىش نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئېتىراپ قىلغان ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىدۇر .
11.ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش ئادىتى
ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش ئۇنچە قىيىن ئىشمۇ ئەمەس . ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش دەرۋەقە دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى پىششىقلاش ۋە ئىگىلەش دەرىجىڭىزنى سىنايدۇ .
12.ماتېريال تاللاش ۋە خۇلاسىلەش ئادىتى
ئەمىلىي ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن ، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ماتىرياللارنى تاللاشنى ئۈگىنىۋېلىڭ