ئامېرىكىلىقلارنىڭ مال-دۇنيا قارىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
    ئامېرىكىدا بايلارنىڭ شەخسىي ئىستېمالى ئۈچۈن پۇلنى سۇدەك بۇزۇپ - چېچىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇلار پۇلنى كۆپىنچە خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىدۇ. مەلۇم بىر ژورنال ئېلان قىلغان «خەير- ساخاۋەت مۇنبىرى» دىكى سانلىق مالۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، يېقىنقى 10 يىلدا ئامېرىكىدىكى بايلارنىڭ تۈرلۈك خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ئىئانە قىلغان تۈرلۈك ئىئانىسى 200 مىليارد دوللاردىن ئاشقان.
    ئامېرىكا سىملىق ئاخبارات تورىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرنېرنى ئامېرىكىدىكى خەير- ساخاۋەت ئەلچىلىرىنىڭ يولباشچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ 1997 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات خاراكتېرلىك قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئۈچۈن 1 مىليارد دوللار ئىئانە قىلغان بولۇپ، بۇ پۇل ئۇنىڭ بارلىق مال- مۈلكىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان.
    12يىلدىن بۇيان « دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى» سانىلىپ كېلىۋاتقان بىل. گايتىسنىڭ نۆۋەتتىكى بىساتى تەخمىنەن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، ئايالىنىڭ نامىدىكى «مېلىندا فوند جەمىيىتى» گە بەرگەن پۇلىمۇ 50مىلىيارد دوللاردىن ئاشىدۇ . ئامېرىكىدىكى يەنە بىر كاتتا باي ۋارىن باففېتمۇ ئۆزىنىڭ 50مىلىيارد دوللاردىن ئاشىدىغان مال-مالكىنى پۈتۈنلەي  «مېلىندا فوند جەمىيىتى»گە مىراس قالدۇردى.
     بېل گايتىس ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىنۇتىغا 6 مىڭ 659 دوللار تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئۇدا بىر نەچچە يىل دۇنياۋى بايلارنى خەيرى-ساخاۋەتكە ئۈندەپ جاھان كېزىپ يۈردى. ئۇنىڭ «دۇنيادا ئالتۇن-كۆمۈشنىڭ ئارىسىدا ئۆلۈشتىنمۇ نومۇس ئىش يوق» دىگەن مەشھۇر سۆزى ھازىر ئۇنىڭ  دۇنيا بويىچە «ئەڭ مەرد كىشى» دېگەن نامنىڭ شاھىدى بولۇپ كەلمەكتە.
     ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدە گەرچە سورىسنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بىساتىنىڭ %50 دىن كۆپرەكىنى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتىۋەتكەن. ئۆي-زىمىن تەرەققىيات سودىگىرى كلاۋىنسكى جەمەتىدىن قالغان بارلىق مال -دۇنياسىنى خەير -ساخاۋەت ئاپپارتلىرىغا ئىئانە قىلغاندىن سىرت، ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر تال بۆرىكىنىمۇ ئىئانىگە ئاتىۋەتكەن.
   بەزىلەر «ئامېرىكىلىق بايلار پۇلنى كۈندۈزى تېپىپ، كېچىسى ئىئانە قىلىۋېتىدۇ» دەپ چاقچاق قىلىشىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز. مەيلى نىمە سەۋەبتىن بولسۇن، بۇ خىل ئەھۋالنى باشقا دۆلەتلەردىكى بايلارنىڭ ھەرىكىتىگە ھەقىقەتەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
     «جامائەتتىن ئېلىپ جامائەتكە قايتۇرۇش» تەك مەدەنىيەت ئىدىيىسىنى ئۆزىگە چوڭقۇر سىڭدۈرگەن ئامېرىكىلىق نېفىت پادىشاھى روكفېللېر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بىر ئۆمۈر يىغقان مال دۇنياسىنىڭ ھەممىسىنى جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىۋەتكەن.1859 - يىلى ئامېرىكىدا بىرىنچى نېفىت قۇدۇقى قېزىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نېفىت ئېچىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. روكفېللېر ئامېرىكا ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېلىدىغان پايدىسىغا مۇناسىپ خەۋپ- خەتىرىمۇ بولغان بۇ ساھەگە دادىل كىرىپ كەلگەن. « نېفىت ئىمپېرىيىسى» نىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ۋەيران بولغان، نۇرغۇن كىشى تاپقان- تەرگىنىنىدىن ئايرىلىپ، قاقسەنەم بوپكەتكەن. ھالبۇكى روكفېللېر سودىسى تازا روناق تاپقان مەزگىللەردە، مال - دۇنياغا بولغان كۈچلۈك ھېرىسمەنلىك ۋەجىدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ خوشاللىقىنى پۇل- دۇنيادىن تاپماقچى بولغان، لېكىن دۇنيادا بارماق بىلەن سانىلىدىغان بۇ زەردار دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن نىمىشقىدۇ ھاياتنىڭ شادلىق پەيزىنى بىراقلا يىتتۈرۈپ قويغاندەك ھىس قىلغان. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى پۇل تېپىش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
     شۇنداق قىلىپ ئۇ « مال - دۇنيا بىلەن شادلىقنى ھەرگىزمۇ تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىكەن» دېگەن ھەقىقەتنى يەكۈنلەپ چىققان. شۇڭا ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا بولغان مەدەتكارلىقىنى ئۆزىنىڭ تىجارەتتىكى ئاخىرقى نىشانى قىلغان. ئىگىلىنىشىچە دۇنيا بويىچە روكفېللېرنىڭ ئىئانىسى بىلەن قۇرۇلغان دوختۇرخانا 80 دىن ئاشىدىكەن، بېيجىڭدىكى «شېخې دوختۇرخانىسى» مۇ دەل روكفېللېرنىڭ ئىئانىسى بىلەن بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن.
 ئامېرىكىدا نۆۋەتتە مەيدانغا چىقىۋاتقان بايلار ئارىسىدىكى مىكروسوفتنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىسى بېل. گايتىس داڭلىق چولپان ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، ئۇنىڭ پۇلىغا 30 نەچچە ئالەم ئايروپىلانى ياكى 344 « بويىن- 747» بەلگىلىك ئايروپىلان ۋە ياكى 156 مىڭ ئەڭ ئېسىل پىكاپ سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
    لېكىن گايتىس ئەر – خوتۇن تۇرمۇشىنى تولىمۇ ئاددىي - ساددا ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇ ئىلگىرى: مەن ھەر بىر سىنىتنىمۇ ئەھمىيەتلىك جايغا خەجلىشىم كېرەك، بىر سىنىتنىمۇ ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەن ئىكەن. بېل. گايتىسنىڭ شەخسىي شوپۇرى يوق ئىكەن، سەپەرگە چىققاندا ئايروپىلاننىڭ ئالاھىدە بۆلۈمچىسىدىمۇ ئولتۇرمايدىكەن. كېيىم - كېچەكتىمۇ داڭلىق ماركا قوغلاشمايدىكەن؛ تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۇ باھاسى چۈشكەن ماللارغا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن. ئادەتتىكى چاغلاردا بېل. گايتىس ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئاددىي ئاشخانىلاردا غىزالىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ھەشەمەتلىك مۈلكى- شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان 53 مىليون دوللارلىق داچىسى بولۇپ، بىراق داچىنىڭ ئىچى ناھايىتى ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بېل. گايتىسنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇنچىۋالا تارىتىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى بولغانلىقىدىلا بولماستىن، مۇھىمى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ئوتتەك قىزغىن ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدا، خالاس. بېل. گايتىس بىر باياناتىدا: بۇ بايلىقلارنى جەمئىيەتكە قايتۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. چۈنكى قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇش- جەمئىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. شۇڭا مەن بارلىق تەئەللۇقاتىمنى ئۈچ بالامغا مىراس قالدۇرماي، ئەكسىچە جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىمەن، دىگەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 268 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01