گوتىك (Gothic) ئەسلى ئوتتۇرا-غەربى ياۋروپادىكى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئاتالغۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى غەربىي ياۋروپادىكى گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ ئاتالغۇسىدىن كەلگەن. 18-19-ئەسىرلەردىكى ئىمارەت مەدىنىيتى ۋە مەتبۇئاتلاردىكى «گوتىكنىڭ گۈللىنىشى»(Gothic Revival) ئاساسىدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇدھىش كەيپىياتلار بىلەن قاراڭغۇ گۆرلەردىن قېزىۋېلىنغان ئسارە ئەتىقە ۋە رىم دەۋرىدىكى رېتسارلىق مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان. گوتىكلار گېرمانلارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا كەڭ تارقالغان. مىلادى بىرىنچى ئەسىردىن باشلاپ رىملىقلار ئۇلارنىڭ دوناي دەرياسى بويىدا ياشايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھونلار غەرىپكە توشۇلغان ۋاقىتلاردا گوتىكلار بېسىمغا ئۇچىراش سەۋەبىدىن تارقىلىپ كەتكەن. ئۇلار غەرىپكە قاراپ كۆچۈپ، دوناي دەرياسىدىن تەدرىجىي يىراقلاشقان. رىملىقلار زاۋال تاپقاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى گوتىكلار باشقا ئۆكتەم مىللەتلەردىن رىم ئىمپىريىسىدىن قالغان زىمىننى تالاشقان(تارتىۋالغان). بىزنىڭ بىردىنبىر بىلىدىغىنىمىز گوتىكلارنىڭ ئەسلى ماكان مەنبەسى بولغان بالتىق دېڭىزىدىكى گېران ئارىلىدۇر. ئۇ جەنۇبىي كېچىك (يۇگۇسلاۋىيە) تىن ئوتتۇرا ياۋروپا بارغاندا ئىككى توپقا بۆلۈنگەن. جەنۇبىي گوتىكلار مىلادىن 2-ئەسىردىن باشلاپ ھازىرقى رومىنىيەدە ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي گوتىكلار داۋاملىق شىمالغا يۆتكىلىپ قارادېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدا ئولتۇراقلاشقان. 367-يىلى غەربىي گوتىكلار ھونلارنىڭ بېسىمى بىلەن دوناي دەرياسى ئەتراپىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ كەلگەن كېيىن ئىتالىيە تەرەپكە يۆتكەلگەن. 409-يىلى، شىمالىي گوتىكلار پادىشاھ ئارالىنىڭ يول باشلىشى بىلەن رىم شەھىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. كېيىن شىمالغا ئىلگىرلەپ گاللومانغا كەلگەن. شىمالىي گوتىكلار ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تارقىتىۋېتىلگەن ۋە مىللەتداشلىرى (غەربىي گوتىكلار) ماڭغان يولدا مېڭىش پىرىنسىپىنى باشلىغان ھەم بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيەگە كىرگەن. 493-يىلى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان. 552-يىلى شىمالىي گوتىكلار ئىتالىيە تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 6-ئەسىردىن كېيىن ئىتالىيە يېڭى تاجاۋۇزچى-رۇباتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ چاغدا شىمالىي گوتىكلار پۈتۈنلەي يوقۇتۇلۇپ پەقەت ئۇششاق توپلىرىلا قالغان. غەربىي گوتىكلارنىڭ ئىسپانىيەگە قىلغان يۈرۈشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن 711-يىلى ئەڭ ئاخىرقى گوتىك پادىشاھلىقى زاۋال تاپقان. گوتىكلار جاھاننى بىر مەزگىل قالايمىغان قىلغانلىقتىن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان. ھازىرقى ئىتالىيانچە، ئىسپانچە، پورتىگال ۋە رومىنىيەدىكى تىللارنىڭ ئەسلى مەنبەسى لاتىن تىلى بۇ ئۆزگىرىشلەر كېيىنكى گېرمانلارنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىغا سەۋەپ بولغان. گوتىك ئەدەبىيات ئېقىمى 18-ئەسىرلەرگە كەلگەندە بىرقىسىم «گوتىك ھېكايىلىرى» بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ۋولپۇلنىڭ(Walpole) «ئوترانتو قورغىنى» (The Castle of Otranto)، ئەن رادىكىلفنىڭ (Ann Radcliff)«ئودولفونىڭ سىرى»(The Mysteries of Udolpho)، لېۋىسنىڭ (Lewis)«راھىب»(The Monk) دېگەندەك 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە پانك (Punk)گوتىك ئېقىمىغا سىڭىپ كىردى. ئەسلىدىكى پانكىرلار زوراۋان ۋە كۈچلۈك ئاغدۇرمىچى خارەكتىرگە ئىگە ئىدى. "ۋارشاۋا"نىڭ (Warsaw)«كۆڭۈللۈك بۆلىنىش»(Joy Division)نىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى شەك-شۈبھسىز ھالدا بۇزغۇنچىلىق نەپىسى ۋە ئانارخىزم(ھۆكۈمەتسىزلىك) قاپلاپ، كېيىنكى دەۋىر پانكلار (Post-Punk) نىڭ دەۋرى بولدى. گوتىك مۇزىكا ئېقىمى ئەڭ دەسلەپكى گوتىكچە مۇزىكىلارنىڭ ۋەكىلى «سىئوكسي ۋە ئايال جىن»(Siouxsie and the Banshees)،«بوۋخاس»(Bauhaus) قاتارلىقلار. ئۇلاردا غەمكىنلىك،تەركىي دۇنيالىق ھېسياتى تولۇپ تاشقان. مۇزىكىللىرى سوغۇق، ئەمما ناھايتى زىل گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە. ئەمما ئاۋاز دائىرىسىدە نۇرغۇنلىغان چەتنەش خارەكتىرلىك ئاۋازلارنى ئىشلىتىدۇ. ناخشا تېكىستى ۋە ئورۇنلاش ئۇقۇمىدا ھاياتلىق، ئىشقى-ھەۋەس جىمجىت نامايەن بولىدۇ. رىئاللىقتىن بىزار بولۇش ئۇلارنىڭ مودا پىسخىكىسى.
گوتىكلارنى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز؟ خارەكتىرى: تارتىنچاق، بېرىش-كېلىش بىلەن خوشى يوق. قاندىغى گوتىك ئۇسلۇبى بولىدۇ؟ |
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2
>