لادىي گاگانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
لادىي گاگا1986(Lady Gaga) يىلى3-ئاينىڭ 28-كۈنى نيۇيوروكنىڭ يوۋكېرىس شەھرىدە تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئىتالىيەلىك. كىچىك ۋاقتىدا theSacredHeartدەپ ئاتىلىدىغان كاتولىك دىنى مەكتىپىدە ئوقۇغان، داڭلىق مودىل قىز پارىس خېلتۇن ۋە كارلون كېندىي ئۇنىڭ مەكتەپدىشى. لادىي گاگا ئىقتىدارلىق مۇزىكا ، تېكىست ئىجادىيەتچىسى، پىئاننىنو ، ئېلېكتىرونلۇق چالغۇ ۋە ئىسكىرىپكا ماھىرى. ئۇ ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىلا بىرىتتي سىپىرىس (Britney Spears)ۋە فېرگىينىڭ يىڭى پىلاستىنكىسى ئۈچۈن ناخشا يىزىپ بېرىپ بىر مەزگىللىك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لادىي گاگانىڭ نامى تارقىلىشقا باشلىغان.
لادىت گاگا كىچىكىدىن مادوننا ناخشىلىرىنى ۋە مايكول جېكسوننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولۇپ، 4يېشىدىن باشلاپ پىئاننىو ۋە ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن ، 13 يېشىدا تۇنجى ئاھڭنى ئىجاد قىلغان. ۋە كېيىنكى يىلى مىكتىپ سەھنىسىدە ئورۇنلاپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 17 يېشىدا سىنىپ ئاتلاپ ئىمتىھان بېرىپ نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مۇزىكا ئىنىستوتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە كېچىلىك كۇلۇبلارا ناخشا ئېيتىپ بارا-بارا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. مەكتەپتە ئۇ بىرىتنىي سىپارىس ۋە 2006-يىلى، گاگا نيۇيوركتىكى ئۇنۋېرسىتتىن توختاپ قالغاندىن كىيىن ،Interscope Records پىلاستىنكا شېركىتىنىڭ ئاھاڭ ئىجادىيەتچىسى بولدى. ئۇ ئىلگىرى بىرىتتي، فىرگى، ياۋا مۈشۈك گۇرۇپپىسى، ئاكېن قاتارلىق ناخشىچىلارغا ناخشا ئىجاد قىلىپ بەرگەن. ئاكون گاگانىڭ ئۆزىگە خاس ناخشا ئېيتىش ئەمەلىي كۈچىنى بايقىغاندىن كىيىن،گاگا بىلەن توختام تۈزگەن ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇتۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسىنى تەييارلاشقا باشلىغان .
شەخسىي ماتىرىيالى:
ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئۇسلۇبى :Teen-Pop،
ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكارلىرى: Madonna، Beyonce، Michael Jackson، Michael Bolton
ياخشى كۆرىدىغان رەڭ :ئاق رەڭ، قارا رەڭ.
ئالاھىدىلىكى: ئەدەبى ئىجادىيەت، مۇزىكا ئىجادىيىتى، پىئانىنو ، ئېلېكتىرونلۇق چالغۇ چىلىش.
ئالاھىدىلىكى: سولخاي.
لەقىمى: ئابرويلۇق سەنئەت ساھەسىدىكىلەر قويغان لەقەم-يۇقۇملۇق كېسەل، ئۆزى قويغان لەقەم-ئىبلىس
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7
>